پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3620 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 阿布都艾尼江  24 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرباشقۇرغۇچى ئۇستازلارمەن باياتتىن ئادەتتكى 6-يىللىقنىڭ ئەدەبىيات دەرسنى چۇشۇ...

  • زەپەر تۈنۈگۈن 18:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىما يوللىسىڭىز تىللا قۇشۇلىدۇ. ئىجادىي تىما يوللىسىڭىز ، باھالاپ تىللا بەرسەك بۇلىدۇ

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 肉孜买买提 تۈنۈگۈن 17:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېپىشماق  : 12 دۆلەتنى 3 ساقچى باشقۇرىدۇ ؟ جاۋابى نىمە ؟  

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق تۈنۈگۈن 12:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • 阿布都艾尼江  1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش مائارىپ توردىكى بارلىق دوسلارنىڭ تىنىڭىگە سالامەتلىك تىلەيمەن،ھەم تۇرمۇشنىڭ كۆڭۇللۇك بولۇشنى...

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    3-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە تۇرمۇش تەييارلىقى بار پۇلۇم يەتمىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق،تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا،شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • yadikar0998 تۈنۈگۈن 15:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق تۇزنى ئاشقا سالغىلى بولمايدۇ؟

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم

  • كەشپى تۈنۈگۈن 10:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى قېرىنداشلار ياخشىمىسىلەر.

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • 买提库尔班 تۈنۈگۈن 23:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆرگىنىڭدىن كوپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كورمىگەننى كورىسەن .

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تەڭگىسنى قانداق ئالىمىز . 3-يللىق ئەخلاق تەييارلىق بەك جىددى ئىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. چۈنكى توردا بىلىم  تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 买买提艾力,吐 تۈنۈگۈن 13:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:31 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:26 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

كۆرۈش: 125|ئىنكاس: 6

سەرخىل ئەسەرلەردىن جەۋھەرلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

1

دوست

1870

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
720 سەر
تىللا
30 دانە
تۆھپە
387 سەر
شۆھرەت
13 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 15:21:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇغداي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-16 15:23  

                       << تۈركىي تىللار دىۋانى ›› دىن ھېكمەتلەر      



ئۆزۈڭنىڭ ئېغىر يۈكىنى باشقىلارغا يۈدكۈزمە،  ئىپارقاچىلغان تۈلۈمدىن ئىپارنى ئېلۋەتسىمۇ پۇرىقى قالىدۇ.

بەخىتنىڭ بەلگىسى بىلىم .بىلىملىك كىشلەرنى ھۆرمەتلەپ ،سۆزىنى ئاڭلاپ ،پەزىلىتىنى ئۈگۈنۈپ ،ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇر .

ئالدامغا چۈشۈش بىرلا قېتىم بولىدۇ،بىر قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرساڭ،بىر ئەقىل تاپسەن.

ئۇرۇق -تۇققان ،خوشنا-قۇلۇملارغا ياخشىلىق قىل ،ئۇلارنى ھۆرمەتلە،ئۇلاردىن سوۋغا ئالساڭ ،تېخىمۇ قىممەتلىكرەكسوۋغا تەييارلىغىن.

كۆزدىن يىراقلاشسا ،كۆڭۈلدىنمۇ يىراقلىشىدۇ.

ئىلىم ھېكمەت ئىزدە ،ئۈگنىشتىن چېكىنمە، غادايما ،بىرەر نەرسىنى ئۈگەنمەيلا ئۆزىنى بىلىمدان كۆرسىتىپ ماختىنىدىغان  كىشى سىناقتا ھۇدۇقۇپ قالىدۇ.

ياشلىقتا تىرىشمىسا ،قېرغاندا قايغۇردۇ.

ئوۋچى قانچىلىك ھىلە بىلسە ، ئىيىقمۇ قېچىش ئۇچۇن شۇنچە يول بىلىدۇ.

تېزەك قاردا ياتماس ،ياخشى يامانغا قىتلماس .

كۆركەم چىرايلىق تونۇڭنى ئۆزۇڭ كەي، تاتلىق ئېشىڭنى باشقىلارغا بەر .

مېھماننى ھۆرمەتلە ، ئۇ شۆھرىتىڭنى ھەممىگە يايسۇن.

دۇشمەن ھەر قانچە كىچىك ،ئاجىز بولسىمۇ ،ئۇنى مەنسىتمەسلىك توغرا ئەمەس. ئېھتىياتسىزلىق قىلىپ ،ئۇنى نەزەرگە ئالمىساڭ ،ئۇ ئەلنى سەندىن تارتىۋالىدۇ .

تىلىڭدىن ھەرۋاقىت خەلىق سەندىن خۇشال بولىدىغان چىرايلىق سۆزلەرنى چىقارغىن .

ھەددىدىن ئارتۇق خۇشال بولسا (ئارقىدىن )، قاتتىق قايغۇ - ئەلەم كېلىدۇ.


ئاتا - ئاناڭنىڭ نەسھەتلىرنى ئاڭلا ،ئۇنى قايتۇرما، مال- دۇنيا ۋە بەخىتكە ئېرىشكەن تەقتىردىمۇ تەكەپپۇرلىشىپ ، قۇتىرىما.ئەگەر ساڭا ئېغىر كۇنلەر كەلسە ،بۇمۇ ئۆتۇپ كېتەر دەپ سەۋىر قىلغىن ، دۇنيانىڭ ئىشلىرى شۇنداق بولدىغانلىقىنى چۈشەن، ھەر بىر جاپا - مۇشەقەتكە ھەسرەت چېكىپ ئۆزۇڭنى ئالدۇرۇپ قويما .


          ‹‹ ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە ›› دىن ھېكمەتلەر

ھىممەتسىزلىك مېۋىسىز دەرەخكە ئوخشاش!

ھىممەتسىز موللا يىپەك قۇسمىغان قۇرت بىلەن باراۋەر!

خەلق بەرىبىر ئويغىنىدۇ، مەرىپەت چىراغلىرى يۇلتۇزدەك چاقنايدۇ، دىللار يورۇپ، كۆزلەر ئېچىلىدۇ. ئويغانغان خەلق ئىسلاھات يۈرگۈزۈپ، ئىلىم-پەن بىلەن ئۆزلىرىنى قۇراللاندۇرۇپ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىدۇ، قويۇق چاتقانلىقلاردىن يوللار ئېچىلىدۇ.

ھەممە ئىش ئۆز يولى بىلەن - سۇنىڭ ئېقىشى، تۈكنىڭ يېتىشى بىلەن ماڭىدۇ.

بايلارنىڭ غېمى تولا، بېيىش ئارزۇسى چەكسىز، خاتىرجەم ياتالمايدۇ، ۋاھالەنكى، يوقسۇلنىڭ بىر قېتىم قورسىقى تويسىلا خاتىرجەم ئۇخلىيالايدۇ.

مەيلى ئۇ مەدىكار، ھاممال، تامچى، ياغاچچى، موزدۇز، تىكمىچى بولسۇن ،نورمال ئىجتىمائىي ئەخلاق دائىرىسى ئىچىدە ئىشلىگەن كۈندىلىك ئىشقا يارىشا تاپقان كىرىمى بىلەن شۇ كۈنلۈك تۇرمۇشىنى تەمىن ئەتكىنى ئۇنىڭ پادشاھتىن ئارتۇق راھەت كۆرگىنى ! ئۇلار شۇ كۈنى شۇنداق خاتىرجەم ئۇخلايدۇكى، ئەتىگەننىڭ غېمى ئۇلارنىڭ ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمەيدۇ.

ئامىتىڭ كەلسە ئەگەر ئون شاپتۇلۇڭ ئون قاق بولۇر،
ئامىتىڭ كەتسە ئەگەر ئون شاپتۇلۇڭ بىر قاق بولۇر .
ئوتتۇرىسىنى ھەرە يەپ چۆرىسى قاسقان بولۇر....

بىخىللىق، نامەردلىك ، ھىممەتسىزلىك ، ساخاۋەتسىزلىكلەر ئاللاتائالانىڭ مەزكۈر بېخىل بايغا بەرگەن ئالىي جازاسى!

تارىخ قاراڭغۇلىقتىن- يورۇقلۇققا، بەدەۋىيەتتىن -مەدەنىيەتكە ، قالاقلىقتىن -تەرەققىياتقا، قاباھەتتىن -گۈزەللىككە قاراپ راۋاج تاپقان.

خەلق ئۈچۈن، ۋەتەن -مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان ئىلىمنىڭ يەنە قانداق پەزىلىتى ۋە ئەھمىيتى بولسۇن!

چاقچاققا ۋاقىت زايادۇر !


           ‹‹ يېگانە ئارال ›› رومانىدىن ھېكمەتلەر

يۇرتنى كۆڭلىدە تۇتۇش ئۇلۇغ ئىسلام دىنىمىزنىڭ ، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ مۇقەددەس پەرىزىدۇر

جاھاندا ئىنسان تۆرىلىپ بىر ئىنساننىڭ يەنە بىر ئىنساندا ھەققى قالغىنى يوق. قىساس ھامان ئالىمەن دېسەڭمۇ ، ئالمايمەن دېسەڭمۇ ، ۋاقتى-سائىتى كېلىپ پەيمانى توشقاندا ئۆزى كېلىپ تۇتىدۇ، سېنى ئالغۇزىدۇ، بەرگۈزىدۇ، سەن ئالمىساڭ نەۋرەڭ ئالىدۇ، بولمىسا چەۋرەڭگە قالىدۇ. پەقەت ۋاقتى-سائىتى ،پەيمانى ئوخشاش بولمايدۇ...

جاھاندىكى ھەممە كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىز ۋاقتىنى كۆرسەتمىگەن ئەمەس. سۇنماس ئەر، چېقلماس تاش بولغان ئەمەس.

خۇدا بىزگە بايلىق، كۈچ بەرگەندىن باشقا يەنە ئەقلمۇ بەرگەن، ئۇنى ئىشلەتمىسەك، ئىشلىتەلەيدىغانلارغا ئېلىپ بېرىدۇ.

نامەرد جاھانغا ئارلاشسا، نامەردلىك ئادەمنىڭ خۇي-پەيلىگە ئورناپ كېتىدىغان گەپكەن.....

جاھاندا بۇزۇلماس ماكان ، چۇۋۇلماس قوۋم، يۆتكەلمەس تام بولماس.

ئاشىقنىڭ ئالدىدا قەسەمنىڭ نېمە كېرىكى.

          ‹‹بېكون كىشىلىك ھايات ھەققىدە›› دىن ھېكمەتلەر

ئىنسان ئاق كۆڭۈللۈك تۈپەيلىدىن بەزىدە سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپمۇ قويىدۇ.

مۇغەمبەرلەر بىلىمنى كۆزگە ئىلمايدۇ.

تارىخ ئوقۇش كىشىنى ئاقىلانە قىلىدۇ، شېئىر ئوقۇش كىشىنى زېرەك قىلىدۇ. ماتېماتىكا ئۆگىنىش كىشىنى پۇختا قىلىدۇ، پەلسەپە كىشىنى يۈزە كۆز قاراشتىن خالىي قىلىدۇ، ئېتىكا كىشىنى ئەدەپلىك قىلىدۇ، لوگىكا كىشىنى مۇنازىرىگە ئۇستا قىلىدۇ.

كۆنۇپ قالغان ئادەت ياخشى بولمىسىمۇ ئەمما ئادەم ئۇنىڭغا ماسلىشىپ قالىدۇ.

ئەگەر كىشى غەيرەتكە كېلىپ يامان ئادەتنى بىراقلا تاشلىۋەتسە ، ئۇ كىشىلەرنىڭ قايىللىقى ۋە ھۆرمىتىگە نائىل بولىدۇ.

ئادەمنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى شەخسى تۇرمۇشتا ئاسان ئاشكارىلىنىدۇ.

خۇددى يامان خۇي تەلەي كەلگەن ۋاقىتلاردىمۇ باش كۆتۇرگەنگە ئوخشاش، ئەڭ گۈزەل پەزىلەتمۇ كۈلپەتلىك تەقدىرگە دۇچ كەلگەندە نامايان بولىدۇ.

ئەڭ ئەرزان پەزىلەت ئەڭ ئاسانلا ماختاشقا سازاۋەر بولالايدۇ.

مۇھەببەتكە زىيادە بىرىلىش چوقۇم ئىنساننىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ.

ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتى ئىنساننى كۆپەيتىدۇ، دوسلۇق مۇھەببىتى بىر- بىرىگە يارىدەم بېرىدۇ، لېكىن شەھۋانىي مۇھەببەت ئادەمنى چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ، ۋەيران قىلىدۇ.

دوستنىڭ ياخشى نەسھىتى ئەڭ ئوبدان دورىدۇر.

بەزىلەر سۆزنىڭ ئۇچىنى چىقىرىپ قويۇپلا ئاخىرىنى يۈتىۋالىدۇ. چۇنكى ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى شۇنچىلىكلا، قالغىنىنى بىلمەيدۇ.

گۇمانخورلۇق كۆڭۈلدە ئەمەس، كاللىدا پەيدا بولىدۇ. ناھايىتى كەسكىن ئادەممۇ بەزىدە بۇ خىل تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ.

ئادەمگەرچىلىكنى بىلىش بىلەن ئادەمنىڭ تەبىئىيتىنى چۈشىنىش ھەرگىز بىر ئىش ئەمەس.

ئەمەلىيەتتە ، قوۋ ئادەم ئۇششاق-چۈششەكنى ئېلىپ ساتىدىغان ھۆپىگەرگە ئوخشايدۇ.

بەزىلەر پاراڭ سالغاندا قەستەن ئۆزى سوراپ، ئۆزى جاۋاپ بىرىدۇ، بۇنىمۇ بىر خىل قۇۋلۇق دېيىشكە بولىدۇ.

            ‹‹ ئانا يۇرت ›› رومانىدىن ھېكمەتلەر

پەقەت ئەلنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى ئۈچۈن ئېلىنغان ئۆچلا  ھەققانىيدۇر         ‹‹ ئانا يۇرت ›› رومانىدىن ھېكمەتلەر
شەك كەلتۇرۇش كۇپۇرلۇق بولىدۇ.

ئوغرىنىڭ ئەدەپ كېتىشى يۇرتنىڭ ياخشى باشقۇرۇلمىغانلىقىدىن.

خاتا سۆزلەش مەدەنىيەتسىزلىك، مەدەنىيەتسىزلىك بولسا بىر خىل ياۋايىلىق.

تۇنجى مۇھەببىتىم بىلەن دۇنيادىن ئۆتىمەن : نيۇتون، نوبىل،نەۋائىيدەك.

كۈلكە بىلەن يىغا،راھەت بىلەن ئازاپ دائىم بىللە، ئۇلار قىرىنداش.

ئىنساپ بىلەن مۇز كۆڭۈلنى ئىللىتقىلى بولىدۇ. سوغۇق گەپ، سوغۇق چىراي ئىللىق كۆڭۇلنىمۇ مۇزلىتىدۇ.

تەبىئەت تىلسىز، لېكىن ئۇ ھەممىنى ئىشارەت بىلەن ئۇقتۇرالايدۇ.

ھەممىلا جان ھاياتلىق ئۈچۈن توغرا قەدەم بېسىشى كىرەك.

ئويمان بايتوقاي سازى،
ئۆردەكتىن تولا غازى.
بايتوقايدا يايرىم بار،
ئۆلتۈردى ئۇنىڭ نازى!...

خەلق دېگەن دەريا.

ئىنسان ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەشكۈچى.

بالام ،ئىنساننىڭ قەدىر- قىممىتى ھەقىقەت ئىزدەشتە، ھەقىقەت ئىزدە ،ئۇنى تاپ ،ئۇنى قۇرال قىلىپ ئىشلەت.

بالىلار كۈلكىسى ئاڭلانغان يەرئەڭ گۈزەل، بالىلار شادلىقى ھايات شادلىقى، بالىلار بەختى ئىنسان ئارزۇسى...

بۇ جاھاندا نېمە تولا، كەمبەغەل تولا، ئۇلارنى باي قىلىپ بولغىلى بولامدۇ.

ۋابالچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالمىسا خەلق نەپرىتى كەلكۈندەك يىمىرىلىپ كېلىدۇ.

خەلقنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش توختىمىسا يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.

يالغۇز نەپرەت بىلەنلا بىر ۋەھشىي ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرىۋەتكىلى بولمايدۇ.

غەم -قايغۇنى ئۇنتۇيالىغان يىگىت كەلگۈسىگە دادىل قەدەم باسالايدۇ.

ئۇنتۇش،  بۇمۇ بىر قەيسەرلىك.

تاماكا تاشلاش مۈشكۈل بولسىمۇ ئىرادىلىكلەرگە ھېچ گەپ ئەمەس.

تولىمۇ ئاقكۆڭۈل بولۇپ كېتىش كەسپىي ئىنقىلاپچىغا زىيانلىق.

سانسىزلىغان ئادەملەر بۇ دۇنياغا يىغا بىلەن كۆز ئاچىدۇ،دەرت-ئەلەم، ئازاپ -ئوقۇبەت بىلەن ياشاپ ئۇ دۇنياغا كېتىدۇ.

خىيال بىلەن خوش بولغىلى بولمايدۇ.

خەسىس قېرىسا مەردلىشىدۇ.

ھەممىگىلا ئېرىشىپ قەلبىدە نازۇك خاتىرلەردىن ئىزنا قالمىغان ئادەملەر باشقىلارنىڭ ھالىغا يەتمەيدۇ.

قىز قەلبى ئەۋرىشىم تال چىۋىقى ،يىگىتلەر ئۇنى خالىغان تەرەپكە ئىگەلەيدۇ.

قاراملىق خۇشاللىقنىڭ قېرىندىشى ، يەنە پۇشايمانغا ھامىلدار بىر قىلىق.

ئارا - گۈرجەك بايلىق ئەمەس.

ئىنسان ھايۋانغا ئايلانسا خاپىلىق،غەم- غۇسسە بولمايدىغان ئوخشايدۇ.

ۋەھشىيلىك جەمئىيەتتە ،گۈزەللىك تەبىئەتتە، ئىنسان قالتىس نەرسىلەرنى ئىجاد قىلىش جەريانىدا ئۆمرنى قىسقارتىدىكەن.

دەردلىك ئادەمگە جەننەت بولمىسا كىرەك.

دەرد بار يەردە خۇشاللىق نېمە قىلسۇن.

خەلقنىڭ كۆز يېشى مۇقام بولغان.ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلماسلىق جىنايەت، زۇلۇمغا قارشى تۇرماسلىق خىيانەت.

تۇرمۇش ھېچكىمنى رازى قىلغان ئەمەس، گەرچە چوڭ ئۆزگۈرىشلەر بولۇپ،بىرلىرىگە تاج، بىرلىرىگە كىشەن-كويزا ھەدىيە بولۇپ تۇرسىمۇ ،ھايات ھامان قېلىپىدىن چىقالمايدۇ.

ئەڭ چوڭ ئادىللىق بىر مىللەتنىڭ  ئۆزىگە ئۆزى خوجايىن بولالىشى .

ئادىللىق پۇقرالارنىڭ بەخىت-سائادىتىدە كۆرۈلسە بولىدۇ.

تارىخ دۆلەتنى پەيدا قىلالايدۇ ھەم يوقىتالايدۇ.

باتۇرلۇق بولسىلا يىتەرلىك بولمايدۇ. نەپرەت يىتەرلىك بولىشى كېرەك.

لەززەت بىر خىل بىھۇشلۇقنىڭ بەلگىسى. ئۇ ئەقىل ۋە جاسارەتنى رەت قىلغۇچى ئاپەت، ئۇنىڭغا مەستانە بولغۇچىلار ياراتقۇچىلار قاتارىدىن ئۆزىنى قاچۇرغۇچىلار. بىر ئىنسان لەززەت بىلەن مەست بولىۋاتقان شۇ پەيتتە ، يەنە بىر ئىنسان قەلبىدە نەپرەت يالقۇنى ئۆرلىگەن بولىدۇ.

قۇربان بېرىشكە ئۆزىنى ئاتىغان مىڭلىغان ئوغلانى بولمىغان مىللەت مەڭگۈلۈك قۇل.

زۇلۇم ۋە بالايىئاپەت مەنبەسىنى يۇقىتىش، ئۆز يېرىنى زالىملارنىڭ چاڭگىلىدىن  قۇتۇلدۇرۇش ئۇلۇغ ئىش.

خۇشاللىق بار يەردە  قايغۇ- كۆز يېشى ھەم بىللە بولىدۇ.

قىز كۆڭلى يىپەك ياغلىق، داغ چۈشمىكى تولىمۇ ئاسان.

ئاسان چۈشكەن داغ ئاسان چىقىپ كېتىدۇ.


  ‹‹ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر رۇبائىيلىرى

مەجنۇنتال قەددىنى ئېگىپ مۇلايىم،
سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تەزىم.
سۈت بېرىپ ئۆستۇرگەن ئانا ئالدىدا
بۇرچىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم.

ھەر قانچە ئېگىزدە قۇش پەرۋاز قىلار،
ئوزۇقى، ئۇۋىسى يەر ئۇزرە بولار.
يەتتىنچى ئاسمانغا يەتسىمۇ بىشىڭ،
پۇتلىرىڭ يەنە شۇ تۇپراقتا تۇرار.

تاھىرغا ئۆزىنىڭ زۆھراسى ياخشى،
مەجنۇنغا ھۆردىنمۇ لەيلاسى ياخشى.
مېنىڭ بۇ سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمغا،
ۋەتەن گۈلزارىنىڭ رەناسى ياخشى.

چىۋىننىڭ قانىتى ئاينى ياپالماس،
چۈمۈلە ھارۋىنى يولدىن توسالماس.
ئالىقانچەيەردىكى قۇياش نۇرىنى،
مىڭ ھارۋا توپىمۇ ھەرگىز كومەلمەس.

بىراۋلار ئەلگە قىلدى جاننى قۇربان،
بىراۋلار تەر بىلەن گۈللەتتى بوستان.
ئالار قۇش تۈلكىنى ئۈنسىز_تاۋۇشسىز،
قاقاقلار بىر تۇخۇم تۇغقانغا  مېكىيان.

بۇلبۇل ئېيتۇر: گۈلزارىمدىن ئايرىما،
لېچىن ئېيتۇر: قاناتىمنى قايرىما.
مەن ئېيتۇرمەن: بېلىق سۇسىز نە قىلسۇن،
مېنى خەلقىم قۇچاغىدىن ئايرىما.

شادلىق بىلەن قايغۇ قوشكېزەك ئىمىش،
مۆلدۇرگە باھارۇ كۈز بىردەك ئىمىش.
ئۇتۇقتا يوق دېمەئوڭۇشسىزلىقنى،
كىشىلىك ھاياتى شۇ دېمەك ئىمىش.

ئالتۇن جام ئىچىرە مەي قوزغاتسا ھەۋەس،
گۈزەلنىڭ كۆزلىرى سېنى قىلسا مەس.
كۈنۈڭ ئۆتسە ئالقىش_ماختاشلار ئارا،
ئاگاھ بول، ھاياتنىڭ بۇ ئۆزى ئەمەس.

شۆھرەت كەمىرىگە ئۇزاتقىچە قول،
ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئارغامچىسى بول.
تاجىدارلار تاجىنىڭ كۆزى بولغۇچە،
كۆكلەم يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى بول.

بىلىم_ ئۇ يۈگەنسىز بىر ئۇچقۇر تۇلپار،
مىنەلىگەن كىشى مۇرادقا يىتەر.
ئۇ شۇنداق ئاجايىپ مۆجىزىدۇركى،
قارا تاش ئۈستىگە تېرىساڭ ئۈنەر.

كىشى ھەر نەرسىنى بىلمەككە ماھىر،
بىلىپ بولماققا لېكىن ئۇ ئەمەس قادىر.
ئارسىتودەك ھېكىممۇ ئېيتقانىدىكى،
بىلگەنسېرى بىلدىم بىلمەسلىكنى ئاخىر.

ئالدىڭدا يېقىقلىق شام چىراغقا باق،
كېچىنى قىلىدۇ كۈندۈزدەك ئاپئاق.
تەپەككۇر كۆزلە ئۇنى بىر كۆزەت،
ئۆزىچۈن يانامدۇ ئۇشبۇ شام_چىراق.

كۆڭۈل بوستانىغا جاھان سىغىدۇ،
جاھان تۇرماق ھەتتا ئاسمان سىغىدۇ.
مۇبادا رەشىك _ھەسەت قاپلىسا ئۇنى ،
تېرىقنىڭ قاسرىقىمۇ  ئاران سىغىدۇ.

ئالتۇن ھەل يالاتساڭ، كېسەكتۇر كېسەك،
گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ، تېزەكلەر ئېشەك.
كۆرۇمسىز شۇ پىلە قۇرتىغا باق،
يەپ ئاددى يوپۇرماق،بېرىدۇ يىپەك.

جاراڭلىق ھەر سادا بولمايدۇ ناخشا،
مۇھاببەت_نەپرەتسىز چىقمايدۇ ناخشا.
ئېشەكمۇ بەزىدە ھاڭرايدۇ قاتتىق،
ئۇنى ئەل ھېچقاچان دېمەيدۇ ناخشا.

                                 

ھەر قانچە ئېگىزدە قۇش پەرۋاز قىلار،
ئوزۇقى، ئۇۋىسى يەر ئۇزرە بولار.
يەتتىنچى ئاسمانغا يەتسىمۇ بىشىڭ،
پۇتلىرىڭ يەنە شۇ تۇپراقتا تۇرار.

تاھىرغا ئۆزىنىڭ زۆھراسى ياخشى،
مەجنۇنغا ھۆردىنمۇ لەيلاسى ياخشى.
مېنىڭ بۇ سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمغا،
ۋەتەن گۈلزارىنىڭ رەناسى ياخشى.

چىۋىننىڭ قانىتى ئاينى ياپالماس،
چۈمۈلە ھارۋىنى يولدىن توسالماس.
ئالىقانچەيەردىكى قۇياش نۇرىنى،
مىڭ ھارۋا توپىمۇ ھەرگىز كومەلمەس.

بىراۋلار ئەلگە قىلدى جاننى قۇربان،
بىراۋلار تەر بىلەن گۈللەتتى بوستان.
ئالار قۇش تۈلكىنى ئۈنسىز_تاۋۇشسىز،
قاقاقلار بىر تۇخۇم تۇغقانغا  مېكىيان.

بۇلبۇل ئېيتۇر: گۈلزارىمدىن ئايرىما،
لېچىن ئېيتۇر: قاناتىمنى قايرىما.
مەن ئېيتۇرمەن: بېلىق سۇسىز نە قىلسۇن،
مېنى خەلقىم قۇچاغىدىن ئايرىما.

شادلىق بىلەن قايغۇ قوشكېزەك ئىمىش،
مۆلدۇرگە باھارۇ كۈز بىردەك ئىمىش.
ئۇتۇقتا يوق دېمەئوڭۇشسىزلىقنى،
كىشىلىك ھاياتى شۇ دېمەك ئىمىش.

ئالتۇن جام ئىچىرە مەي قوزغاتسا ھەۋەس،
گۈزەلنىڭ كۆزلىرى سېنى قىلسا مەس.
كۈنۈڭ ئۆتسە ئالقىش_ماختاشلار ئارا،
ئاگاھ بول، ھاياتنىڭ بۇ ئۆزى ئەمەس.

شۆھرەت كەمىرىگە ئۇزاتقىچە قول،
ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئارغامچىسى بول.
تاجىدارلار تاجىنىڭ كۆزى بولغۇچە،
كۆكلەم يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى بول.

بىلىم_ ئۇ يۈگەنسىز بىر ئۇچقۇر تۇلپار،
مىنەلىگەن كىشى مۇرادقا يىتەر.
ئۇ شۇنداق ئاجايىپ مۆجىزىدۇركى،
قارا تاش ئۈستىگە تېرىساڭ ئۈنەر.

كىشى ھەر نەرسىنى بىلمەككە ماھىر،
بىلىپ بولماققا لېكىن ئۇ ئەمەس قادىر.
ئارسىتودەك ھېكىممۇ ئېيتقانىدىكى،
بىلگەنسېرى بىلدىم بىلمەسلىكنى ئاخىر.

ئالدىڭدا يېقىقلىق شام چىراغقا باق،
كېچىنى قىلىدۇ كۈندۈزدەك ئاپئاق.
تەپەككۇر كۆزلە ئۇنى بىر كۆزەت،
ئۆزىچۈن يانامدۇ ئۇشبۇ شام_چىراق.

كۆڭۈل بوستانىغا جاھان سىغىدۇ،
جاھان تۇرماق ھەتتا ئاسمان سىغىدۇ.
مۇبادا رەشىك _ھەسەت قاپلىسا ئۇنى ،
تېرىقنىڭ قاسرىقىمۇ  ئاران سىغىدۇ.

ئالتۇن ھەل يالاتساڭ، كېسەكتۇر كېسەك،
گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ، تېزەكلەر ئېشەك.
كۆرۇمسىز شۇ پىلە قۇرتىغا باق،
يەپ ئاددى يوپۇرماق،بېرىدۇ يىپەك.

جاراڭلىق ھەر سادا بولمايدۇ ناخشا،
مۇھاببەت_نەپرەتسىز چىقمايدۇ ناخشا.
ئېشەكمۇ بەزىدە ھاڭرايدۇ قاتتىق،
ئۇنى ئەل ھېچقاچان دېمەيدۇ ناخشا.

.............
مەن مۇشۇ يەرگىچە يازاي ... .... مەنبە: ‹‹سەرخىل ئەسەرلەردىن جەۋھەرلەر›› دىن .
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5096 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9307 سەر
شۆھرەت
4214 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 16:58:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلىڭدىن ھەرۋاقىت خەلىق سەندىن خۇشال بولىدىغان چىرايلىق سۆزلەرنى چىقارغىن .
ئەڭ چوڭ ئادىللىق بىر مىللەتنىڭ  ئۆزىگە ئۆزى خوجايىن بولالىشى .
تارىخ دۆلەتنى پەيدا قىلالايدۇ ھەم يوقىتالايدۇ.
قۇربان بېرىشكە ئۆزىنى ئاتىغان مىڭلىغان ئوغلانى بولمىغان مىللەت مەڭگۈلۈك قۇل.
ئۇرۇق -تۇققان ،خوشنا-قۇلۇملارغا ياخشىلىق قىل ،ئۇلارنى ھۆرمەتلە،ئۇلاردىن سوۋغا ئالساڭ ،تېخىمۇ قىممەتلىكرەكسوۋغا تەييارلىغىن.
كىشى ھەر نەرسىنى بىلمەككە ماھىر،
بىلىپ بولماققا لېكىن ئۇ ئەمەس قادىر.
ئارسىتودەك ھېكىممۇ ئېيتقانىدىكى،
بىلگەنسېرى بىلدىم بىلمەسلىكنى ئاخىر.



يوقۇرقى قۇرلارنى بەكمۇ ياقتۇردۇم . رەھمەت سىزگە

145

تېما

69

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5466 سەر
تىللا
734 دانە
تۆھپە
6110 سەر
شۆھرەت
4017 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 18:02:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ◤pari◥ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-16 19:22  

ھەر قانچە ئېگىزدە قۇش پەرۋاز قىلار،
ئوزۇقى، ئۇۋىسى يەر ئۇزرە بولار.
يەتتىنچى ئاسمانغا يەتسىمۇ بىشىڭ،
پۇتلىرىڭ يەنە شۇ تۇپراقتا تۇرار.

بۇ مىسرالارنى بەك ياقتۇردۇم . رەھمەت
بۈگۈنكى ئارام كۈنىڭلار مۇنبەردە مەنىلىك ئۆتكەي!

1

تېما

4

دوست

280

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
41 سەر
تىللا
29 دانە
تۆھپە
101 سەر
شۆھرەت
41 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 19:18:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
◤pari◥ يوللىغان ۋاقتى  2012-12-16 18:02
ھەر قانچە ئېگىزدە قۇش پەرۋاز قىلار،
ئوزۇقى، ئۇۋىسى يەر ...

بۇ مىسرالارنى بەك ياكتۇردۇم . رەھمەت   ياقتۇردۇم
ھەمىمىز ھايۋاندىن يۇقىرى ئورۇندكى ئادەملەر شۇڭا ئانا  ...

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5665 سەر
تىللا
1771 دانە
تۆھپە
6472 سەر
شۆھرەت
4273 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 00:07:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركى تىللار دىۋانىنى ھەرقانداق بىر ئادەم ياقتۇرۇپ ئۇقۇيدۇدە
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 14:33:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  ھىكمەتلەر ئىكەن
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

29

تېما

3

دوست

2653

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
666 سەر
تىللا
172 دانە
تۆھپە
477 سەر
شۆھرەت
454 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 01:13:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىدا ياقتۇرمىغىدەك بىرەرمۇ ئۇشۇق سۆز-جۈملە يوقمۇ-قانداق؟ ھەقىقەتەن بىلىۋالسا بولغىدەك جەۋھەرلەركەن. رەھمەت.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-12 01:59, Processed in 0.648984 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش