پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 8 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 87|ئىنكاس: 0

ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلئۇقمىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

1

دوست

1870

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
720 سەر
تىللا
30 دانە
تۆھپە
387 سەر
شۆھرەت
13 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-3 20:03:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلئۇقمىش


    كىشىلەر ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن دېڭىزچىلىرىنى تىلغا ئالغاندا، ئالدى بىلەن مىڭ سۇلالىسى دەۋرى(1368-1644)دە ئۆتكەن. غەربىي ئوكيانغا يەتتە قېتىم سەپەر قىلغان خۇيزۇ دېڭىزچى جېڭ خېنى تىلغا ئېلشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن 130 نەچچە يىل ئىلگىرى-يۈەن سۇلالىسى دەۋردە (1206-1368) ئۆتكەن ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلئۇقمىش بولسا ھىندى ئوكيانغا سەپەر قىلىپ زور ئاتاق قازانغان ئىدى.يازما تارىخى مەلۇماتلاردا ئەلئۇقمىشنىڭ شىنجاڭدا تۇغۇلغانلىقى، يۈەن سۇلالىسىنىڭ تۇنجى خانى قۇبلاينىڭ(مىلادى 1265-يىلى)ئوردا نۆكىرى بولغانلىغى قەيت قىلىنغان.
    ئەلئۇقمىش مىلادى1272-يىلى قۇبلايخاننىڭ يارلىقىغا بىنائەن كېمە ئەتىرتىگە باشچىلىق قىلىپ، جەنۇبى دېڭىزغا تۇنجى قىتىم سەپەر قىلغان. ئۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە جەنۇبى دېڭىزدىكى بىر مۇنچە دۆلەت ۋە رايۇنلارغا بارغان. ئاخىرىدا فىلىپپىن ئارلىدىكى بارۇپ دۆلىتى ئارقىلىق چۇەنجۇ پورتىغا قايتىپ كەلگەن.
    مىلادى 1275-يىلى ئۇ كېمە ئەتىرتىنى باشلاپ بارۇپ دۆلىتىگە يەنە بىر قېتىم بارغان. ئۇ دۆلىتىگە قايتقاندا، ئۇلار‹‹ دۆلەت ئۇستازى››نى شۇ يەرنىڭ داڭلىق دورا-دەرمەكلىرىنى ئېلىپ جۇڭگونى زىيارەت قىلىپ كېلىشكە قوشۇپ قويغان. مىلادى1284-يىلى، ئۇ كېمە ئەتىرتىنى باشلاپ زانگاس دۆلىتى(بۈگۈنكى سىرلانكا) گە سەپەر قىلغان. بۇ قېتىم ھىندىچىنى يېرىم ئارىلى، مالاي يېرىم ئارىلىدىن ئۆتۇپ، ھىندى ئوكيان ئارقىلىق زانگاس دۆلىتىگە يېتىپ كەلگەن.بۇ قېتىمقى بىرىپ -كېلىش سەپىرىدە ئۇ جەمئي 14مىڭ چاقىرىم يول يۈرگەن.
    ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۇ يەنە قۇبلايخاننىڭ يارلىغى بويىچە ھىندى يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى مابار(بۈگۈنكى ھىدىستاننىڭ شەرقى جەنۇبى قىسمى) دۆلىتىگە سەپەر قىلغان.سەپەر داۋامىدا دەھشەتلىك بوران-چاپقۇنلارغا ئۇچىراپ كۆپ زىيارەت چەككەن بولسىمۇ،ئاخىرى بىر يىل سەرىپ قىلىپ مابار دۆلىتىگە يېتىپ بىرىپ تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاپ، قىممەتلىك دورا ماتېرياللىرى ۋە ياغاچ ماتېرياللىرىنى ئېلىپ غەلبىلىك قايتىپ كەلگەن.
    ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلئۇقمىش يۇقىرقى تۆت قېتىملىق دېڭىز سەپىرىدە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۆز تالانتىنى نامايان قىلغانلىغى ئۈچۈن، قۇبلايخان ئۇنىڭغا مەرۋايىت كۆزلۈك كەمەر ئىنئام قىلغان ھەمدە دىيانەتلىك بەگ، جىياڭخۇەي دىۋان ۋازارىتىنىڭ سول قول ۋەزىرى،خىڭچۈەن مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ تۆرىسى قاتارلىق مەرتىۋىلەرنى بەرگەن.
    1287-يىلى ئەلئۇقمىش يۈەن سۇلالىسىنىڭ  ھەربى كېمە ئەترىتىگە قوماندانلىق قىلىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ماسلىششى بىلەن جەنچىڭ شەھىرى (بۈگۈنكى ۋېيتنامنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا) نى ئىشغال قىلغان. 1292-يۈەن سۇلالىسىنىڭ 1000ھەربى كېمىدىن تەركىپ تاپقان 200مىڭ كىشلىك دېڭىز ئەسكەرلىرى ياۋا ئارىلى(بۈگۈنكى ھىندونېزىيە)غا يۈرۈش قىلغاندا، ئەلئۇقمىشنى قوشۇننى يېتەكلەش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلغان. گەرچە بۇ قېتىمقى  يۈرۈش مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەلئۇقمىش چېكىنگەن قوشۇننى ئامان-ئېسەن ۋەتىنىمىز قۇرۇقلىقىغا قايتۇرۇپ كەلگەن. ئەلئۇقمىش ئۆمرىدە يەنە سورۇنچى، ئامبال، دىۋان مۇئەككىلى، ئاقىل-ئۆلىمالار مەھكىمىسىنىڭ ئەلچى بېگى قاتارلىق مەنسەپلەردە بولغان. يۈەن سۇلالىسىنىڭ رېن زۇڭ خانى ئۇنىڭ يىراق جايلارغا كۆپ قېتىم ئەلچىلىككە بېرىپ كۆپ  رىيازەت چەككەنلىگىنى نەزەرگە ئېلىپ ۋۇگوگۇڭ دېگەن ئۇنۋاننى بەرگەن. ئۇ تەخمىنەن مىلادى 1314-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.
    ئەلئۇقمىش ئۆز ئۆمرىدە گەرچە يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىگە قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تۆت قېتىملىق دېڭىز سەپىرى يۈەن سۇلالىسىنىڭ تېنچ ئوكيان،ھىندى ئوكيان رايونلىرىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. جۇڭگو بىلەن دېڭىز قىرغىقىدىكى ئەللەرنىڭ سودا ۋە باردى- كەلدى ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرگەن شۇنداقلا مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن جېڭ خېنىڭ تېخىمۇ يىراق دېڭىز سەپىرى ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبە توپلاپ بەرگەن. ئەلئۇقمىش ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى تۇنجى دېڭىزچى شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرى تارىخىدىكى ئاتاقلىق شەخىس بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى››دىن ئىلىندى.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 09:21, Processed in 0.141196 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش