- تىزىملاتقان
- 2012-7-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-20
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 1925
- نادىر
- 0
- تېما
- 5
- يازما
- 85

- يوقلىما
- 96
قىزغىنلىق- 820 سەر
تىللا- 9 دانە
تۆھپە- 92 سەر
شۆھرەت- 99 سەر
| مىكرو ھىكايە ئۇ ئاخىرى ئەمەلدار بولدى. ئۇ مەخسۇس ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ بېرىپ مۇئەللىمنى كۆرۇپ كەلمەكچى بولدى. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسى ناھايىتى ناچار ئىدى. مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن بۈگۈنكى كۈنگە كېلىپ چوڭ ئەمەلدار بولۇپ قېلىشىنى كىممۇ ئويلىغان؟ ئۇ ئەينى چاغدىكى ئوقۇتقۇچىسىنى بىر ھەيران قالدۇرماقچى بولدى. كۆرۇشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ مۇئەللىمى كاللىسى قېيىپ قالغاندەك ئۇنىڭ قانداق ھوقۇق تۇتۇۋاتقانلىغىنى باشتىن-ئاخىر سوراپمۇ قويمىدى. ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۇنى ناھايىتى ئۈمۈدسىزلەندۇرۇپ قويدى. ئۇ ئاخىرى تاقەت قىلالماي بۇنىڭ چارىسىنى قىلدى: مۇئەللىم ، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئىشقا ھاجىتىڭىز چۈشسە ماڭا ئېيتىڭ، سىزنىڭ تەلپىڭىزنى قاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمەن،-دېدى ئۇ ئوقۇتقۇچىسىغا. ئۇنىڭ سۆزلىرنىڭ ئورامىدىن ئۇنىڭ ھوقۇقىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى چوڭلۇقىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى. راستما؟-دەپ سورىدى مۇئەللىم ئۇنىڭغا قىززىققاندەك. ئەلۋەتتە راس!-دېدى ئۇ ئاۋالقىدىكلا كەسكىن مۇئەييەنلەشتۇرۇپ. ناھايىتى ياخشى،-دېدى مۇئەللىم ئۇنىڭغا لاپپىدە بىر قاراپ. ئاندىن قەلىمىنى ئېلىپ بىر پارچە قەغەزگە بىر نەچچە خەت يازدى-دە، ئۇنى قاتلاپ ئۇنىڭغا ئۇزاتتى ۋە: بۇنى قايتىپ بارغاندىن كېيىن كۆرگىن.- دېدى. ئۇلار خوشلاشتى. ئۇ كۆڭلىدە:‹‹زىيالى دېگەنمۇزە، مۇشۇنداق ئۆلۇك تۈزۈت قىلىپ كېتىدۇ. ئۆزىنىڭ ھاجىتىنىمۇ ئۇدۇل دەۋېرىشكە ئۇنمىغىنىنى قارا›› دەپ ئويلىدى. ئۇ يولدا ماشىنىدا كېلىۋىتىپ بۇ خەتنى ئېچىپ كۆرۇپ بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. خەتتە مۇنداق دەپ يېزىلغان ئىدى:‹‹مېنىڭ تەلىپىم شۇكى، سەن يەنىلا ئادەم بولۇشنى ئۆگەن››.
مەنبە:‹‹شىنجاڭ مائارىپى››1997-يىلى 3-سان.دىن |
|