پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 8 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 91|ئىنكاس: 3

بەك ئېسىل ئەينەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

1

دوست

1870

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
720 سەر
تىللا
30 دانە
تۆھپە
387 سەر
شۆھرەت
13 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-3 20:06:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇسۇپ خاس ھاجىپ مۇنداق دەيدۇ


ئى ئالىم قاراپ كۆر، بۈگۈنكى زامان-
ئۆزگەردى، ئىش ھالەت پۈتۈنلەي بۇ ئان.

بىلىملىك خار بولدى،چەتلەتتى ئۆزىنى،
ئەقىللىق گاچا بولدى، ئاچماس تىلىنى.

كۆپەيدى ئەل ئىچىرە يامان-پەس كىشى،
ياۋاش بولدى دەپسەندە، چۈشتى بېشى.

يۇزىنى ھاراقتا يۇغان بىناماز -
ئاتالدى يىگىت-ئەر تېپىپ ئىمتىياز.

ھالال يۈتتى ئەمدى، ھارام غولدىدى،
ھارام يىگەن كۆڭۈلنى قارا قاپلىدى.

ھالالنىڭ ئىتىلا قالدى، ئۆزى يوق،
ھارام بولدى قاراقچى،تۇيغۇچى يوق.

قېنى بۇ ھارامنى ھارام دېگۈچى،
ھارامنى قويۇپ بىر ھالال يېگۈچى.

ھارام بىلەن كۆڭلۈم قارا بولدى كىر،
بىلىمگە ئەمەل قىلمىدىم يۈزدە بىر.

جاھان پەيلى پۇتكۈل بۆلەك بولدى، كۆر،
كىشى كۆڭلى تىلدىن بۆلەك بولدى،كۆر.

ۋاپا كەتتى كىشىدىن، جاپا غولدىدى،
ئىشەنچ قىلغۇدەك يا بىر كىشى قالمىدى.

كىچىكتە ئەدەپ يوق،ئۇلۇغدا بىلىك،
قوپاللار كۆپەيدى، يوقالدى سىلىق.

يېقىنلىق بولدى، پۇل-دۇنيا ئۈچۈن،
قېنى ئىش قىلغۇچى خالىس، ھەق ئۈچۈن؟

ئامانەت ئېتى بار، قېنى قىلغۇچى،
نەسىھەت سۆزى بار،قېنى تۇتقۇچى.

بىلىملىك قىلالماس دۇرۇس سۆزىنى،
ئۇيات كەتتى، ياپماس ئايال يۈزىنى.

كىشى بارچە يارماق قۇلى بولدىلەر،
كۆمۈش كىمدە بولسا بويۇن ئەگدىلەر.

قېنى بىر دۇرۇسلۇق قىلغۇچى قېنى؟
خۇدالىق ئۈچۈن ئىش قىلغۇچى قېنى؟

جاھان باشتىن- ئاخىر بۇزۇلدى پۈتۈن،
كۆرۈپ تاڭ قالغۇچى ئەر بارمۇ بۇنى؟

كۆڭۈللەر قېتىشتى، تىللار يۇمشىدى،
دۇرۇسلۇق ئۆزى كەتتى، قالدى ھىدى.

ئېغىرلاشتى تۇرمۇش،كۆپەيدى تەشۋىش،
ئېشىپ كەتتى ھېرىسلىق، ئازلاپ سۆيۈنۈش.

بۇ ھەممە قىيامەت نىشانى ئېرۇر،
نىشانى كۆرۈنسە كېلۇچى كېلۇر.
=    =      =      =      =

گۇناھكار قۇلۇڭمەن،قىلغىنىم جاپا،
ۋاپالىق ئىگەمسەن، ماڭا قىل ۋاپا.

كەچۈرسەن ئۆزۈڭ بارچە مۆمىننى،
ئۇلار ھۆرمىتى ئۈچۈن ئەپۇ قىل مېنى.

مەنبە:‹‹قۇتادغۇ بىلىك››. مىللەتلەر نەشىرياتى.
   1984-يىل نەشىرى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

12

تېما

1

دوست

1870

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
720 سەر
تىللا
30 دانە
تۆھپە
387 سەر
شۆھرەت
13 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-3 20:07:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹قۇتادغۇ بىلىك››ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەت قوبۇلىدىن كېيىنكى يازما ئەدبىياتىدىن ھازىرچە زامانىمىزغا يىتىپ كەلگەن تۇنجى بەدئى ئەسەر؛11-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدىبىي تىلنىڭ ئەڭ ياخشى نەمۇنىسى، بۇ داستان پۇتۇن ئۇيغۇر مەدەنىيتى تارىخىدىكى پارلاق نامايەندە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيتى تارىخىدىمۇ زور قىممەتكە ئىگە.
چەتئەللىك ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشى  :‹‹قۇتادغۇ بىلىك ›› ئۇيغۇرلارنىڭ يىزىلغان يىلى مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمقى ئىسلام دىداكتىك مەزمۇندىكى يادىكارلىغىدۇر.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەخمىنەن 1019-يىلى قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ پايتەختى ئوردۇ كەنت قەشقەر يىنىدىكى قۇز ئوردۇ-بالاساغۇندا دۇنياغا كىلىپ ،1085-يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان.

بۇ يادىكارلقنى ئىلمى تەتقىق قىلىپ ،تولۇق پايدىلىنىپ ،ھازىرمۇ شۇنداق ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كىلىشى ئۇچۇن توختىماي تىرشىپ ئۇگۈنىشىمىز كىرەك.


       

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5660 سەر
تىللا
1765 دانە
تۆھپە
6466 سەر
شۆھرەت
4266 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-3 22:40:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيتى ناھايتى زوركەن . رەخمەت سىزگە
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 00:20:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز  مۇشۇنداق تىمىلاردىن بەھىرلەندۈرگىنىڭىز ئۈچۈن رەھمھەت.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 08:45, Processed in 0.353310 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش