- تىزىملاتقان
- 2012-7-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 1945
- نادىر
- 0
- تېما
- 5
- يازما
- 85

قىزغىنلىق- 830 سەر
تىللا- 9 دانە
تۆھپە- 92 سەر
شۆھرەت- 99 سەر
| بەزىلەر سەمىرىپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ ياكى ئادەت تۈپەيلىدىن ھەمىشە ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىش ھالىتىدەتۇرىدۇ. ئۇسسۇغانلىقىنى ھېس قىلىش بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدا سۇسىراش بولغانلىقىنى چۇشەندۇرىدۇ. ۋاھالەنكى تېببي مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىپ كېتىۋەرگەندە، ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىش مۇساپىسىنى تېزلەشتۈرۈۋېتىدىكەن. بىرىنچىدىن، تېرە قۇرغاقلىشىپ، سوزۇلۇشچانلىغى كېمىيىپ كېتىپ قورۇق پەيدا بولىدۇ ۋە قورۇق بارغانسېرى چوڭىيىپ كېتىدۇ. ئىككىنچىدىن، چوڭ مېڭە سۇسىراپ كېتىپ، چوڭ مېڭىنىڭ قېرىپ كېتىشى تېزلىشىدۇ، ئېغىرلىغى تۆۋەنلەيدۇ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى بارا_بارا ئاجىزلىشىدۇ. ئۈچىنچىدىن، قان تومۇر كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ. ئۇسساپ تۇرسىمۇ سۇ ئېستىمال قىلمىسا، قان ئۇيۇپ قېلىش ئەھۋالى پەيدا بولۇپ، قاننىڭ شىلىمشىقلىغى ئېشىپ، ئاسانلا يۈرەك موسكۇللىرى توسۇلۇپ قېلىش ۋە مېڭىگە قان چۈشۈش قاتارلىق قېرىلىق كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ.
مەنبە:‹‹ سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۇش››دىن. |
|