پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3604 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 10 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 74|ئىنكاس: 0

قاسىم پالاكەتنىڭ ھېكايسى{1}

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

0

دوست

211

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
55 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
56 سەر
شۆھرەت
38 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 22:34:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت
قاسىم پالاكەتنىڭ ھېكايسى{1}
   ھېكايە
      مەھەللىمىزدىكى قاسىم پالاكەتنى تونۇمايدىغان چوڭ-كىچىك يوق دىيەرلىك بولۇپ ئەگەر ئۇنى ئىزدەپ ‹‹ئۆيى قەيەردە›› دەپ سورسىڭىز ھەممسى ئىگىز توپلۇق مەھەللسىدىكى كۈنگەي تەرەپنى كۆرستىپ قويىشىدۇ.راسىت،ئۇنىڭ ئۆيى مەھەللىدىكى ئىگىز تۆپىلۈك ئۈستىگە سېلىنغان ئىشك ئالدى كۈنگەي تەرەپكە قارايدىغان ئۈچ ئېغىز ئۆي ئىدى.ئىگىزتوپلۇق مەھەللىسىدىكى ھەممەيلەن ئۇنىڭغا ناھايتى ئامراق بولغاچقا ئاندا-ساندا ئۆيلەردە ئولتۇرۇش،بەزمە-باراۋەت بولۇپ قالسا ھەمداستخانلىشىپ،قىزىق-قىزىق پاراڭلارنى ئاڭلاپ ئولتۇرشاتتى.ئۇنىڭ ئۈستگە قاسىم پالاكەت ھاراقغا ئامراق ئادەم بولۇپ ئوبدانلا كۆتۈرۈپ قوياتتى.بەزى چاغلاردا مەھەللىدە سورۇن بولمسا بىر قانچە يېقىن ئاغىنلىرى بىلەن شەھەرگە كىرىپ ھاراق ئېچشكەچ پاراڭلىشىپ چىقشاتتى.
      يېقىنىدىن بۇيان قاسىم پالاكەت ھاراقتىن ئۆزىنى تارتىپ،سورۇنلارغا ئانچە بارمايدىغان بولۇپ قالىدى.چۈنكى،ھاراق زورلاشنىڭ كاساپتىدىن ئاغىنىسى مەمەت چاپاق ھاراقتىن زەھەرلىنىپ ئۆلىدى ھەمدە شۇ قېتملىق ئولتۇرۇشتا ئۇ ئاتسىنىڭ تەرەت ئالىدىغان ئېۋىرىقىغا سېيىپ قويۇپ ئاتسىدىن تىل-ئاھانەت ئاڭلىغانىدى.ھېسابتا شۇ ئىش سەۋەبلىك ئۇ  بىر مەزگىل ھاراق تاشلىغان بولدى.لېكىن ‹‹ئۆگەنگەن خۇي ئۈجمە پشىقىغچە››دېگەندەك،ھاراق دېگەن بۇ شەيتان سۈيدىكى،پۇشايمان سۈيى ئۇنى ئۆزىگە تارتىپ تۇراتتى.
     بۈگۈن ئۇنى يېقىن دۇستى كېرىم تاتۇق ياشلار بايرىمغا توغرلاپ ئۆتكۈزگەن ئولتۇرۇشقا چاقىرىپ قالدى.
     بۈگۈنكى سورۇن دۇستلار داۋاملىق بارىدىغان ‹‹قەددىناسلار شاتلقى››رېستورانىڭ ئايرىمخانسغا ئورۇنلاشتۇرلغان ئىدى.قاسىم پالاكەت بېرىش-بارماسلىق توغرسىدا ئىككلىنىپ تۇرغان شۇ پەيتتە كېرىم تاتۇق يەنە تېلېفۇن بېرىپ توختاتمىدى.ئۇ دوستلىرى  بىلەن ئۈلپەتلەشمگىلى خىلى كۈنلەر بولغانلقى ۋە ھاراقنى سېغىنىپ قالغانلىقىدىن بىرىش نىيەتىگە كېلىپ، ئېرنچەكلىك بىلەن كېينىپ،يولغا چىقتى.
      شەھەرنىڭ كەچلىك مەنزىرىسى كشىگە بىر خىل سوغۇق تۇيغۇ بېرەتتى.كوچىدا ئادەملەر شالاڭ بولۇپ،ئاندا-ساندا ماگىزىنلارنىڭ ئشكى ئوچۇق تۇراتتى.
      قاسىم پالاكەت شەھەرنىڭ مەنزىرسىنى تاماشا قىلغاچ كېتىپ باراتتى.خىل ھازا ماڭغاندىن كېيىن ئېچى پۇشتى بولغاي تاماك چەكمەچى بولۇپ يانچۇقغا قول سېلىۋىدى،تاماكسىنىڭ تۈكگەنلىكنى ھېس قىلىدى-دە، تاماكا سېتۋېلش ئۈچۈن دوككانغا كىرىپ نەچچە يىلىدىن بېرى كۆرۇشمىگەن بىر دۇستى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.ئۇلار قىزغىن ئەھۋاللىشىپ، سورۇنغا بىللە كەلدى.
  ــ بەللى،قاسىم ئاداش،سورۇنغا كېچىكىپ كېلىدىغان ئىشنى ئەزەلدىن قىلمايتىڭ،بۈگۈن ئەجەپ كېچكىپ قاپسەنغۇ؟ ئۇنداق بولسا كونا قائىدە ئۆزگەرمەيدۇ جۇمۇ،ئۈچ رۇمكا جازا ھارىقى ئېچسەن؟-دېدى كېرىم تاتۇق قاسىم پالاكەت كېرىپ بولغىچە گەپتە چىقىپ.
  _ يولدا ماۋۇ دۇستۇم بىلەن ئۇچرىشپ قىلىپ ئازىراق ھايال بولۇپ قالدىم،ئەپۇ قىلىڭلار،جازا ھارىقى ئېچسەممۇ ئېچەي،_دېدى قاسىم پالاكەت كۆپچىلكتىن ئەپۇ سوراپ.
  _ قېنى دۇستلار،قاسىم ئاغىنمىز ھاراق ئېچمگىلى خىلى كۈنلەر بولغان،ئۈچ رۇمكا ئېچىپ قىزىق پاراڭلارنى قىلىپ بەرسۇن،_دېدى ئەخەت توڭكاي گەپ قستۇرۇپ.
  _ ياخشى گەپ بولدى،قاسىم پالاكەتنىڭ قىزىق گەپلىرىنى ئاڭلمغلى ئۇزۇن بولۇپتىكەن،بۈگۈن راسا بىر پەيزى قىلىپ بەرسۇن،_دېدى كېرىم تاتۇق قولىدىكى رۇمكىنى قاسىم پالاكەتكە تەڭلەپ.
       قاسىم پالاكەت سورۇنغا بىر سائەتتىن ئارتۇق كېچكىپ كەلگەچكە ئاغىنلەر تولا ساقلاپ،تاقتى تاق بولۇپ ئېچىشىكەچ ئولتۇرشقان ئىدى. شۇڭا قاسىم پالاكەت دۇستلىرىنىڭ كەيپنى بۇزۇماسلىق ئۈچۈن ئارتۇق گەپ قىلشنىڭ ئورۇنغا جازا ھاراقنى كەينى كەينىدىن ئېچىۋەتتى.كۆپچىلىك ئىككى-ئۈچ نۆۋەت ئايلاندۇرۇپ ئېچكەندىن كېيىن قاسىم پالاكەت گەپ باشلدى.
  _ ئۇنداق بولسىا مەن دوستلارنىڭ تەلپى بويىچە بېشىمىدىن ئۆتكەن بىر ئشنى سۆزلەپ بېرەي ،_دېدى قاسىم پالاكەت كۆپچىلككە تەكشى بىر قاراپ چىقىپ، _ شۇ كۈنى ئۇ ئشتىن ناھايتى كەچ چۇشتى.مەن ئىدارە دەرۋازسى ئالىدىدا ئۇنىڭ چىقشنى ساقلاپ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق تۇردۇم.بىر ۋاقىتتا ئۇ سومكسىنى كۆتۈرۈپ،چېكىپ دەسەپ،دەرۋازدىن مەغرۇر قىياپەتتە چىقىپ كەلدى.ئۇ مېنىڭ ‹‹گۈلنار››دەپ چاقىرىغان ئاۋازىمنىڭ ئاڭلاپ،چۆچۈپ ئەتراپقا ئەنسىزلىك بىلەن قارىدى.مېنى كۆرۈپ،ئاچچقلانغان ھالدا:
  _ نېمە گېپىڭىز بار قاسىم،_دېدى. ئۇنىڭ سوغۇق مۇئاملسىدىن غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ ئۆزۇمنى بىسۋىلىپ،يالۋۇرغان تەلەپپۇزدا:
  _ ئۇنداق تاش يۈرەكلىك قىلماڭ گۈلنار!مېنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قىلشىم گۇناھ ئەمەس،كشدە ياخشى كۈرۈش ئەركىنلىكى بۇلىدىغۇ،سىزنىڭ مۇھەببەت ئوتىڭىزدا يۈرىكىم كۈل بولۇپ كېتۋاتىدۇ،توي قىلشقا ماقۇل بولسىڭىز،سىزنى مەڭگۈ بەختلىك قىلغان بولاتتىم،_دېدىم.ئۇ مېنىڭ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ، بىزار بولغان قىياپەتتە چىراينى بىر قسىما قىلىپ،زەردە بىلەن:
  _ مەن نەچچە قېتىم دېدىم،مېنىڭ توي قىلدىغان لايىقىم بار،مېنى كەچۈرۈڭ قاسىم،سىز بىلەن توي قىلالمايمەن،سىز ئەڭ ياخشسى ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان قىز بالىدىن بىرەرسى بىلەن توي قىلىڭ!_دېدى.ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ پۈتۈن بەدىنم ئازاپتىن تتىرەپ كېتۋاتاتتى.
  _ ئۇنداق قىلماڭ جېنىم گۈلىنار!بۇ گېپىڭىزنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىسام جېنىم تېنمىدىن چىقىپ كېتشى مۇمكىن،ماقۇل دېسىڭىز، سىزنى بىر ئۆمۈر بەختلىك قىلغان بولاتتىم،_دېدىم مەن قاپساپ كېلۋاتقان ئاچچىقنى ئىچىمگە يۇتۇپ.ئۇنىڭ ئاچچىقى تازا كەلدى بولغاي،ئاچچىقلاپ:
  _ بولدى بەس سۆزلمەڭ!سىز ئۇخلماي چۈش كۆرۈپسىز، بۇ گەپلىرىڭىزنى مۇشۇنىڭ بىلەن نەچچە قىزغا دېگەنسىز؟!خوش،ئەمدى مېنى ئاۋارە قىلماڭ،_دەپ كېتىشكە تەمشەلدى.
      قاسىم پالاكەتنىڭ گېپنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان ھەمسورۇنداشلاردىن ئەخەت توڭكاي گەپكە لوقما سېلىپ:
  _سەن قانداق قىلىدىڭ؟بەلكىم كەينىدىن كېلىپ،كاپلا قىلىپ قۇچاقلىۋالغانسەن؟ _دېدى قوللىرىدا بىر قىسىما ھەرىكەتلەرنى قىلىپ.قاسىم زابوي ئەخەت توڭكايغا قاتتىق بىرىنى ئاليىپ قويۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرىدى.
       گۈلنار راستىنلا مېڭشقا تەمشەلدى،مەن شۇئان ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ،ماڭغلى قويمىدىم.ئۇ مېنىڭ بۇ قىلقىمىدىن ھەم ئاچچىقلاندى ھەم كۆڭلى بىر شۇملۇقنى سەزدى بولغاي پۇزتسيسى يۇمشاپ،يالۋۇرغان ھالدا:
  _ سەت قىلق قىلماڭ قاسىم،مېنى ماڭغلى قويۇڭ.باشقلار كۆرۈپ قالسىا سەت تۇرىدۇ،_دېدى.مەن ئۇنىڭ يالۋۇرشلىرىغا قارىماي،قاراڭغۇلۇقتىن پايدىلنىپ ئۇنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇرۇپ بىرنى سۆيۈۋالدىم.ئۇ بۆرىنىڭ چاڭگىلغا چۈشۈپ قالغان قۇزىدەك قولۇمدىن يۇلقۇنۇشقا ئۇرناتتى:
  _مېنى قويۋەت!يۇزى قېلىن،نۇمۇسىز ئەبلەخ!_دېدى_دە،كېلشتۇرۇپ كاچتىمغا بىر تەستەك سالدى.ئۇنىڭ زەردە بىلەن سالغان بىر تەستەكنىڭ قاتتىق زەربسىدىن كۆزلىرىمىدىن ئوت چاقناپ كەتتى.مەن ئاغىرىق ئازابدىن خىلىغچە خۇدۇمنى بىلەلمدىم.ئەسىلمگە كەلگەندە بولسا ئۇ ئاللبۇرۇن قولۇمدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ،قۇيۇندەك تىز يۇگىرەپ،ئاللقاياقلارغا غايىب بولغان ئىدى.مەن ئەتراپقا شۇنچە قاراپمۇ ئۇنىڭ قايسى تەرەپكە كەتكەنلكنى ئىلغا قىلالمدىم.
      ‹‹خەپ توختاپتۇر!ساڭا ئۆزۈمنىڭ كىملكمنى بىلىدۇرۇپ قويمسام،ئوغۇل بالا بولماي كېتەي›› دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە پىچىرلاپ تۇرۇپ يوق ساقلمنى سىيلاپ قويىدۇم-دە،ئاغىنەم قادىر بورانغا تېلېفۇن قىلىپ چاقىرىدىم.قادىر بوران ماڭا بىرەر ئىش بولغان ئوخشايدۇ،دەپ ئويلاپ كېچىنى كېچە دېمەي يېتىپ كەلدى.
  _قانداق بىرەر ئىش بولدىمۇ؟_دەپ سورىدى قادىر بوران مېنىڭ ئۈستى بېشمغا بىر قۇر قاراپ چىقىپ.
  _ماڭا ھېچقانداق ئىش بولمدى،سەن بىلەن بىردەم پاراڭلشىپ ئولتۇرساق،دەپ تېلېفۇن قىلغان ئىدىم،_دېدىم مەن بىر خىل مەيۈسلەنگەن ھالدا.ئۇ مېنىڭ تاتىرپ كەتكەن چىرايمغا بىر قاراپ قويۇپ:
  _قەيەرگە بارىمىز،_دېدى جاۋابەن.مەن‹‹ئىككىمىز دائىم بارىدىغان قاۋاقغا بارايلى›› دەپ يولغا چۇشتۇق. ‹‹ئۈلپەتداشلار ئارامگاھى››غا كېرىپ،بۇلۇڭدىكى بىكار ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇرىدۇق.تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئىككى پوتۇلكا ‹‹قەھىرىماننىڭ جاسارىتى›› قۇرۇقداپ بولۇپتۇق.ئاچچىق ھاراق قەلىبمىدىكى ئاچچىق ئازاپقا ئارىلشىپ تېخمۇ مەس بولۇپ كېتىپتىمەن.
     قاسىم پالاكەت بىر يۇتۇم ‹‹قىزىل چاي››دىن ئېچىپ سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدى.ئاغىنلىرى ئۇنىڭ ھېكايسىنى بىرىلىپ ئاڭلاۋاتاتتى.
     بىز ئىككىمىز ئېچىپ راسا تەڭشەلگەندە چوڭ يولغا چىقتۇق.چوڭ يولدا ئادەملەرنىڭ ئايغى ئۆزۈلگەن ئىدى.ئىككىمىز ئەلەس-مەلەس دەسەپ كېتىپ باراتتۇق.توساتتىن قارشى تەرەپتىن بىرسىنىڭ كېلۋاتقانلقنى غۇۋا ئىلغا قىلدىم.راسىت دېگەندەك بىر ئايال زاتى كېلۋاتاتتى.ئۇ ئايال ئاستا-ئاستا يېىمنغا يېتىپ كەلدى.مەن ئۇيقۇ بېسىپ كېتۋاتقان كۆزۈمنى تەسلكتە ئېچىپ،ئايالغا قارىدىم.ئۇ كۆزۈمگە گۈلناردەك كۆرنۈپ كەتتى.ئۇ يېنمىدىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولۇپ تۇرشىغا مەن دەرھال ئالدىنى توسۇپ:
  _ جېنىم گۈلنار!خۇدا ھەققى،مېنى بۇنچە قينماڭ!خالىي بىر جايغا بېرىپ بىردەم پاراڭلاشساق بولاتتى،_دېدىم مەسلكمنى چاندۇرماسلقغا تىرشىپ. ئۇ ئايال گەپلىرىمنى ئاڭلاپ مۇلايملىق بىلەن:
  _ مېنى خاتا تونۇپ قالغان ئوخشايسىز،يولۇمنى توسۇۋالماڭ،_دېدى.مەن ئايالىنىڭ دېگەن گەپلىرىدىن سەل ئاچچىقىم كەلدى بولغاي،ئۆزۈمنى تۇتىۋالغان ھالدا:
  _ مەن قاسىمغۇ،بىردەمدىلا ئۇنتۇلۇپ قالغان ئوخشىمامسىز؟_دېدىم.ئۇ مېنىڭ مەسىلكمنى بىلىپ،ئاغىزىنى يۇگەپ تۇرۇپ:
  _ سىز مېنى راستىنلا خاتا تونۇپ قاپسىز،مەن گۈلنار ئەمەس،_دەپ كەتمەكچى  بولدى.مەن شۇئان ئۇنىڭ بىلكىگە ئېسلىدىم.ئۇ مېنىڭ بۇ قىلقسىزلقمىدىم قاتتىق غەزەپلىنىپ، كېلشتۇرۇپ كاچتىمغا بىرىنى سالدى.كاچاتنىڭ زەربسىدىن كۆزۈمدىن ئوت چاقناپ كەتتى.جۇدۇنۇم تازا تۇتۇپ:
  _ پاسىكنا قانجۇق!تويە مانا!_دېگنىمچە ئايالىنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يەرلىرىگە ئۇرۇشقا باشلدىم.ئۇ ئايال تاياق زەربسدىن يېقلىپ چۈشتى.مەن ئەمدى ئۇنى تېپشكە باشلدىم.دەل شۇ ۋاقىتتا قاياقتىن كەلدى بىر ئەر كشى پەيدا بولۇپ مېنى دۇمبالاشقا باشلىدى.مىڭ تەسلكتە يۇمۇلۇپ كېتۋاتقان كۆزۈمنى ئېچىپ،مېنى ئۇرۋاتقان كشىگە قارىدىم.ئۇ يولدا تەرەت قىلىۋالاي،دەپ قالغان ئاغىنەم قادىر بوران ئىكەن.ماۋۇ كېلشمەسلكنى كۆرۈڭ.
  _خوتۇنۇمنى ئۇرغانغا تويە-ھە!-دېگىنىچە قادىر بوران مېنى راسىا ئۇرغاندىن كېيىن يەردە ۋايجانلاپ ياتقان ئايالنى يۆلەپ،كېتىپ قالدى.
  ئەسىلدە قادىر بوران ئۆيىدىن جىددىيلەشكەن ھالدا چىقىپ،يېرىم كېچىگىچە پەيدا بولمغاندىن كېيىن ئايالى ئۇنى ئىزدەپ كېتۋىتىپ ماڭا ئۇچراپ قالغان ئىكەن،ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە گۈلنار سۈرىتىدە كۆرنۈپ كېتىپ،ھېلقى ئىش بولۇپتۇ.
  _ساڭا شۇ چاغدا قېرى ئايالمۇ قىز كۆرۈنۈپ كېتىپتۇ_دە،_دېدى كېرەم تاتۇق چاقچاق قىلىپ.
  _ئۇنى بىر دېمەڭلار ئاغىنىلەر،مۇشۇ ھاراقنىڭ كاساپتىدىن بىر ئوبدان خىزمتىمىدىن، دۇستلىرىمىدىن ۋە سۈيگەن يارىمدىن ئايرىلىپ قالدىم،لېكىن بۇ شەيتاننىڭ سۈيدىكىدىن ئايرلالمدىم ئەمەسىمۇ،_دېدى قاسىم پالاكەت مەيسۈنلەنگەن ھالدا ئېغىر خۇرسىنىپ.
  كۆپچلىك قاسىم پالاكەتنىڭ ھاراقنىڭ كاساپتىدىن پالاكەتكە يولۇققانلىقنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كېتشتى.
  
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 11:22, Processed in 0.178222 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش