پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3609 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 买买提艾力,吐 10 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 麦提图尔荪 يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • تۇرپان_س تۈنۈگۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

كۆرۈش: 51|ئىنكاس: 0

ئارتۇق يولۇچى ‹ھېكايە› ئۆزقۇت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

0

دوست

211

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
55 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
56 سەر
شۆھرەت
38 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 22:27:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت
ئارتۇق يولۇچى
   ھېكايە
   _ئارقا رەتتە ئولتۇرغانلاردىن ئىككىڭلار دەرھال چۈشۈپ كېتىڭلار!_دېدى مەخمۇت ئۇستام جىددىي تەلەپپۇزدا ئارقا ئورۇندۇقلارغا سىغدىلىپ ئولتۇرغان يولۇچىلارغا قاراپ.
   بۈگۈن ئاقتام يېزسىنىڭ بازار كۈنى بولغاچقا،مەخمۇت ئۇستام بېكەتكە كىرىپ كېلىشى بىلەن تەڭلا بازارغا ئالدىراپ تۇرغان يولۇچىلار بىر-بىرىنى قستىشىپ،ئىتتىرىشىپ ئاپتۇبۇستىن ئورۇن ئېلىشىتى.ئارقا رەتتىكى ئورۇندا ئىككى ئادەم ئارتۇق ئىدى.بۇنداق ئەھۋالدا يول يۈرۈش شۇپۇرغا نسىبەتەن ئاۋارچىلىق ئېلىپ كېلەتتى.
   مەخمۇت ئۇستام ئارقا رەتتىكى يولۇچىلارنىڭ مىت قىلماي ئولتۇرغانلقنى كۆرۈپ ئاچچىقلانغان ھالدا:
   _ئارقا رەتتە ئولتۇرغانلاردىن ئىككىڭلار دەرھال چۈشۈپ كېتىڭلار! يولدا قاتناش ساقچىلىرى بار.بىكاردىن_بىكار ھەممەيلەن ئاۋارچلىقغا قالىمىز،_دېدى.
   ئارقا رەتتە ئولتۇرغان يولۇچىلار يەنە شۇپۇر ئۇستامنىڭ گېپنى ئاڭلمغاندەك مىت قىلماي ئولتۇراشاتتى.ئۇلار بارىدىغان جايلىرىغا كېچكىپ قىلشنى خالمسىا كېرەك.بىر-بىرگە سوغۇق قارشىپ قويشاتتى.يولۇچىلارنىڭ يولسىزلقىدىن تازا ئاچچىقى كەلگەن مەخمۇت ئۇستام:
   _ئارتۇق ئىككىڭلار دەرھال چۈشۈپ كېتڭلار!ۋاقتنى ئالماڭلار!_دېدى تەنە ئارىلاش تەرىزدە.
   ئارقا رەتتە قستىلىشىپ ئولتۇرۇشقان يولۇچىلارنىڭ بىرى نۇمۇس قىلىپ ئاستا چۈشۈپ كەتتى.ئاپتۇبۇس ئىچىدە يەنە بىر ئارتۇق يولۇچى بار ئىدى.
   _ئاڭلىق بولۇڭلار يولۇچىلار!ئارتۇق ئادەم سېلىپ يول يۇرۇش قاتناش قائىدىسگە خىلاپ.شۇڭا،بېرىڭلار ئۆزىڭلارنى سوراپ چۈشۈپ كېتىڭلار!_دېدى مەخمۇت ئۇستام چېكە چاچلىرىنىڭ ئاراشلىرىدىن ئېقىۋاتقان تەرلەرنى سۇرتكەچ.
   ئارقا رەتتە ئولتۇرغان يولۇچىلار لايدىن ياسالغان ھەيكەلدەك ھەرىكەتسىز ھالدا كىم چۇشۇپ كېتەركىن دەپ بىر-بىرگە قارىشىپ ئولتۇرشاتتى.
   ۋاقىت ئۆتمەكتە.يولۇچىلار ئاپتۇبۇسىنىڭ تىزىراق مېڭشنى تىلەپ شوپۇرغا ئىلتجالىق كۆزلىرىنى تىكمەكتە ئىدى.مەخمۇت ئۇستام تونۇش ئادەملەر ئىچىدىن ئارتۇق بىر ئادەمنى چۇشۇرۋىتەلمەي جىلە بولۇپ تۇراتتى.ئۇدۇللا بىر ئادەمنى چۇشۇپ كەت دېيشىكە تېخى تىلى بارمايۋاتاتتى.
   _سىلەر غەرەز ئۇقامسىلەر يوق.بىر ئادەم ئارتۇق دەۋاتمەن.بېرىڭلار دەرھال چۇشۇپ كەتمسىڭلار ئاپتۇبۇس ماڭالمايدۇ.
   ئاپتۇبۇس ماڭمغانسىرى يولۇچىلارمۇ جىلە بولۇشقا باشلدى.
   _بېرىڭلار چۇشۇپ كەتسىڭلار بولمامدۇ؟
   _سىز ياش بولغاندىكىن چۈشۈپ كېتىڭ!
   _مەن سىزدىن بۇرۇن ماشىنغا چىققان.شۇڭا،سىز چۈشۈپ كېتىڭ!
   ئارقسىدا ئولتۇرغان يولۇچىلار بىر_بىرى بىلەن ئۇرۇشاتتى.تەنە قىلشاتتى.تەرلەپ_پېشىپ بىر-بىرگە چۇشۇپ كېتىش توغرسىدا شۇنداق ۋەز-نەسھەتلەرنى قىلشاتتى.لېكىن ھېچكىمنىڭ چۇشۇپ كەتكۈسى يوق ئىدى.
   _ماڭا يول بېرىڭلار.مەن چۈشۈپ كېتەي!
   توساتتىن ئالدىنقى رەتتكى ياش بالىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان مۇماينىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ھەممىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىتى . يولۇچىلار ئاۋاز چىققان تەرەپكە تەڭلا قاراشتى.ئۇزۇن ئۆتمەي يولۇچىلار ئارسىدىن بىر پۇتى يوق مۇماي ئورۇندىن تەسلكتە قوزغلىپ،قولتۇق تايىقىغا تاينىپ،ئاپتۇبۇستىن چۈشتى.
   مۇماينىڭ چېكە چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان،بەللىرى يادەك ئىگىلگەن بولۇپ،ئادەملەرگە تىكلىگەن كۆزلىرىدىن ئۈمىدىسىزلىك،تېنقلىرىدىن مۇڭ-ھەسىرەت تۆكۈلۈپ تۇراتتى.
   ئاپتۇبۇس ئىچىنى ئادەمنىڭ تېنى شۇركۇنگىدەك جىمجتلىق باسىتى.ئاپتۇبۇس قالغان يولۇچىلارنى ئېلىپ،ئېغىر گەۋدسنى تەسلكتە سۆرەپ مەنزىلگە قاراپ يۇرۇپ كەتتى.

  
  (مەزكۇر ھېكايە ‹‹ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى››نىڭ 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈندىكى ساندا ئېلان قىلنغان)
  
  
  
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 13:18, Processed in 0.178449 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش