پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3604 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 10 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 78|ئىنكاس: 0

جەرىمانە خاتىرىسى ‹ھېكايە› ئۆزقۇت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

0

دوست

211

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
55 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
56 سەر
شۆھرەت
38 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 22:31:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت
جەرىمانە خاتىرىسى
   ھېكايە
   يېڭى ئوقۇش ماۋسۈمى باشلانغان كۈنى ئوقۇتقۇچىلار سەھەردە كېلىپ،يىغىن زالىغا يېغلىدى.يىغىندا مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىن بىر قاتار خىزمەتلەرنى جىددىي ئشلەش توغرىسدا مارافۇنچە سۆز قىلىپ،ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى.ئوقۇتقۇچىلار تەتىلىك جەرياندا كۆرگەن-ئاڭلغانلىرى توغرىسدا سۆزلىشىپ ئولتۇرۇپ، مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇمىلىرى قۇلىقىغا كىرمەيۋاتاتتى.
   تويۇقسىز زالىنىڭ ئاخىردا ئولتۇرغان پشقەدەم ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى نۇردۇن مۇئەللىم ئويقۇچلىقتا ئۇندەرەپ شېرەگە  ئۇسۇپ سالدى. كۆپچىلىك شۇئان ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراشتى. مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىنمۇ سۆزلەۋاتقان گېپنى دەرھال توختىپ،بويۇنلىرىنى غازىدەك سوزغىنچە زالىنىڭ ئاخىرىغا قارىدى. نۇردۇن مۇئەللىم ئۇخلاپ شېرەگە ئۇسۇپ سالغانلىقىدىن ئوڭايسىزلغان ھالدا پشانسىنى سىلاپ ئولتۇراتتى.
   - يولداشلار،يىغىن ۋاقتىدا ئوخلاشقا بولمايدۇ،-دېدى مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىن قاپاقلىرىنى تۈرگەن قىياپەتتە،- يىغىن ۋاقتىدا ئۇخلاش مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى،ئشچى-خىزمەتچلەرنى قېلپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمگە خىلاپ.شۇڭا،يولداش نۇردۇن مۇئەللىم تۈزۈم بويىچە جەرىمانە تۆلەيدۇ. مەمەت جۈرىن خاتىرلەپ قويۇڭ.
   مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىننىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن تەڭلا يىغىن زالىدا نارازلىق سادالىرى كۆتۈرۈلىدى.
   -جەرىمانە تۆلەش يەنە باشلاندى.ھەممە ئىشقا جەرىمانە تۆلەيدىغان بولۇپتۇق-دە.
   -راسىت،نېمە دېگەن كۆپ جەرىمانە بۇ.جەرىمانە ئالمىغان ئوسۇرۇقلا قالدىغۇ؟!
   -شۇنداق،مائاشىمىز ئۇ ئايدىن-بۇ ئايغا يەتمەيۋاتىسا،ئەمدى جەرىمانلەرنى قانداق تۆلەپ بولارمىز.
   ئوقۇتقۇچىلار ئۆز ئارا ئاشۇنداق كۇسۇرۇلىشىپ،مەكتەپنىڭ چېكىدىن ئاشقان بۇ قائىدە-تۈزۈملەرگە بولغان نارازلىقىنى ئىپادىلەشتى.
   -خەپ شۈك يولداشلار،ھازىر مەمەت جۈرىن ئالدىنقى ئوقۇش ماۋسۈمدا مەكتەپ تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ،جەرىمانە قويۇلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تېزىملىكىنى ئوقۇيدۇ ،-دېدى مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىن زالىغا تەكشى بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن،- دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭلار!
      مەكتەپ مەمۇرىيىتى تەرىپىدىن ئشخانا مۇدىرلىقغا قويۇلغان مەمەت جۈرىن سۈر-ھەيۋە بىلەن رەئىس سەھىنىگە چىقىپ،مەكتەپ مۇدىرنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالدى-دە،يېنىك بىرنى تېنىپ قويۇپ:
   -يولداشلار، مەن ئالدىنقى بىر ماۋسۈم جەرياندا مەكتەپنىڭ تۈرلۈك قائىدە-تۈزۈملىرنى كۆزگە ئىلىماي،ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىپ،جەرىمانە قويۇلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئسىملىكىنى ئوقۇپ ئۆتىمەن.دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭلار.جەرىمانىگە قايىل بولمايدىغان ئوقۇتقۇچىلار بولسا يىغىنىدىن كېيىن مەن بىلەن كۆرۈشسەڭلار بولىدۇ،-دېدى ۋە مەكتەپ مۇدىر جالالىدىننىڭ رازىمەنلىك چىقىپ تۇرغان چىرايغا مەنلىك قاراپ قويدى.
   مەمەت جۈرىن يۇزلىرى ياغاقتەك، ئورا كۆز،بوي-بەستى ۋىجىك كەلگەن ئادەم بولۇپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەينىدە سايدەكلا ئەگىپ يۇرەتتى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ قائىدە-تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلغان  ئشلىرىنى كۆزگە چىلىقتۇرغان ھامان يانچۇقغا سېلىپ يۇرىدىغان جەرىمانە خاتىرسىگە يېزۋالاتتى-دە، چوڭ يىغىنلاردا بىر-بىرلەپ ئوتتۇرىغا قوياتتى. شۇڭلاشقىمىكىن ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭغا ‹‹جەرىمانە ››دەپ لەقەم قويۇپ قويغان ئىدى.
   -ئەخەت قاسىم،-دەپ ئوقۇشقا باشلىدى مەمەت جۈرىن گېلىنى قىرىپ،- دەرىسى يوق ۋاقىتتا ئشخاندا ئولتۇرماي،مەيداندا خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغانلىقى ئۈچۈن تۈزۈم بويىچە بىر سائەت مەشغۇلاتقا قاتناشمىغان ھېسابلىنىپ 45يۈەن جەرىمانە تۆلەيدۇ. مەمەت جۈرىننىڭ گېپى ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭلا ئەخەت قاسىم دېگەن ئوقۇتقۇچى ئورۇندىن چاچراپ قوپۇپ:
   -مەن مەيداندا بىكارغا ئولتۇرىمىغان.مىجەزىم يوق،كۆڭۈلۈم ئېلشىپ ئولتۇرغان ئىدىم،-دېدى.
   -گەپ بولسا يىغىندىن كېيىن دەڭلار،-دېدى مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىن قاپاقلىرىنى مۇشتەك تۈرۈپ.-قېنى داۋاملاشتۇرۇڭ مەمەت جۈرىن.
   -ئىبراھىم سەمەت تەنەپپۇس ۋاقتىدا ھاجەتخاندا تاماكا چېكىپ،قالدۇقىنى ھاجاتخانا ئالدىغا تاشلىغانلىقى ئۈچۈن 20يۈەن جەرىمانە تۆلەيدۇ. ئابدۇللا مەمەت قاتاردا ھەرىكەتنى جانلىق ئوينمىغانلىقى ئۈچۈن 20يۈەن جەرىمانە تۆلەيدۇ.ئايتۇنەم يىغىن ۋاقتىدا مەكتەپ رەھبەرلىككە گەپ ياندۇرغانلىقى ئۈچۈن 50يۈەن جەرىمانە تۆلەيدۇ.گۈلىنىسا مەكتەپكە بالىسنى ئېلىپ كىرگەنلىكى ئۈچۈن 30يۈەن جەرىمانە تۆلەيدۇ.مەخمۇتجان ئۈلگىلىك دەرىس ئۆتۈش جەرياندا ئوقۇغۇچىلارنى سەنلەپ گەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن 10يۈەن جەرىمانە تۆلەيدۇ...
   مەمەت جۈرىننىڭ گېپى تۈگىمەيلا زال ئىچىنى يەنە غۇلغۇلا قاپلىدى. مەكتەپ مۇدىرى ئۈستەلنى مۇشلاپ ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى ئۆزگە تارتتى.
   - مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئوقۇتۇشنى ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئوقۇتۇشقا زىت تۈرلۈك ئىشلارنى چەكلەش تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىقىدىن ھەممىڭلارنىڭ خەۋىرى بار. خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئىكەنمىز، جەرىماننى تۆلىشىمىز كېرەك.شۇڭا،قائىدە-تۈزۈملەرگە خىلاپ ئشلارنى ئاز قىلىپ،خىزمەتنى جانلىق ئشلەڭلار.
   مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىننىڭ گېپنى ئاڭلاپ، مەمەت جۈرىن بويى ئىككى مېتر ئۆسۈپ قالغاندەك ئەتراپقا غالىبلارچە نەزەر سېلىپ چىقىتى.
   بىر قاتار جەرىمانلار  ئوقۇپ ئۆتۈلۈپ يىغىن سوغۇقلا ئاخىرلاشتى.ئوقۇتقۇچىلار يىغىن زالىدىن مەيۈسلەنگەن ھالدا چۈشتى. بەزىلىرى ئشخانسىغا ماڭسا،يەنە بەزىلىرى سىنپقا قاراپ يول ئالدى.
   يېڭى ئوقۇش ماۋسۈمى شۇنداق قىلىپ باشلاندى.ئوقۇتقۇچىلار ئۆز خىزمەتلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى . مەمەت جۈرىن ئشخاننىڭ ئشلىرىنى بىر قاتار قىلىپ تۈگەتكەندىن كېيىن سىرتىقا قاراپ ماڭدى.ئۇ پەشتاقتىن چۈشۋىتىپ ئشخانا بىناسى ئالدىدا مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىن بىلەن بىر قسىم بەنزە ئەزالىرىنىڭ پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.
   -مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمنتى كۈچەيتىش كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ،ياخشى يېتەكلەپ مېڭىش زۆرۈر.بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈزۈم قارشنى كۈچەيتىپ،رەھبەرلىكىنىڭ خىزمەت ئۇنۇمنى ئاشۇرۇش كېرەك،-دېدى مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىن ئەتراپىدا ئۆزگە قاراپ تۇرغان بەنزە ئەزالىرىغا نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ.
   -راسىت مۇدىر،ھازىر بىر قسىم گەندەنكەش ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ تەشكلىنى كۆزگە ئىلمايدىغان،رەھبەرلىك ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا ئىجىرا قىلمايدىغان بولۇپ قالدى.بۇنداقلارنىڭ ئەدىپنى ۋاقتىدا بېرىپ،ھەيۋىسنى يەرگە ئۇرۇش كېرەك.-دېدى ئىلىمىي مۇدىر بارات مەكتەپ مۇدىرنىڭ سۆزگە ئۇلاپلا.
   ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پاراڭلىرى بىلەن تۇرغان مۇشۇ ۋاقىتتا مەمەت جۈرىن يېتىپ كەلىدى.
   -كېلىڭ ،-دېدى مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىن مەمەت جۈرىننىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ،-سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ خىزمتنى ياخشى ئشلەڭ.ئېنتىزامسىزلىق قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى دەل ۋاقتىدا خاتىرلەپ مېڭىڭ.
   -ماقۇل مۇدىر،مەن بۇنىڭىدىن كېيىن ھوشيارلقىمىنى ئۆستۈرۈپ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۇرۇش-تۇرۇشىغا يېقىنىدىن دىققەت قىلىمەن،-دېدى مەمەت جۈرىن.
   ئۇلار قىزغىن پاراڭلىرى بىلەن تۇرغان ۋاقىتتا خەنزۇتلى ئوقۇتقۇچىسى قادىر مۇئەللىم ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالدى. ئۇ ئاللىقانداق خىياللار بىلەن كېتىپ باراتتى. مەمەت جۈرىن قادىر مۇئەللىمىنىڭ ئشخانسىدا ئولتۇرماي،مېڭىپ يۇرگەنلىكىنى كۆرۈپ،سەل ئاچچىقى كېلىپ قالىدى.‹‹خەپ ئەدىپىنىڭىنى بىر بەرمەيدىغان بولسام›› دېگەنلەرنى خىيالدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرشىغا،قادىر مۇئەللىم قېقىلىپ يۈتۈلۈپ قان تۈكۈرۈپ سالدى . بۇنى ياخشى پۇرسەت دەپ بىلگەن مەمەت جۈرىن يانچۇق خاتىرىسىنى چىقىرىپ بىر نېملەرنى يېزۋالدى.
   
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 11:18, Processed in 0.148872 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش