پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3609 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 买买提艾力,吐 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر 13 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 麦提图尔荪 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 13 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • تۇرپان_س تۈنۈگۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

كۆرۈش: 58|ئىنكاس: 0

قورقۇنۇشلۇق چۈش ‹ھېكايە› ئۆزقۇت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

0

دوست

211

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
55 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
56 سەر
شۆھرەت
38 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 22:26:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت 
قورقۇنۇشلۇق چۈش
  ھېكايە
  تۇرسۇن جۈجاڭ ھاسىراپ_ھۆمدىگىنىچە،بپايان قۇملۇقغا چىقىپ قالدى.ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان قۇم ئۈستىدە ئەتراپقا ئالاقزادىلىك بىلەن قاراپ،تولغىنىپ_تولغىنىپ يولنى داۋاملاشتۇردى.ئوغرتىكەن ۋە يانتاقنىڭ ئۇچلۇق تىكەنلىرى پۇتلىرىغا سانجىلىپ،جېنىغا ئارام بەرمەيۋاتاتتى.قانداقتۇر بىر نەرسىنىڭ تېۋىشنى ئاڭلغان قۇملۇقتكى جانۋالار كامالىرىدىن باشلىرىنى چىقىرىپ تۇرسۇن جۈجاڭغا ۋەھىمە بىلەن قارايتى.
  چەكسىز كەتكەن قۇملۇق تۇرسۇن جۈجاڭغا قانچە ماڭسىمۇ تۈگمەيدىغاندەك،چېكى يوقتەك تۇيۇلۇپ پۇت_قوللىرى كالۋالىشىپ،بېشى قېيشقا باشلىدى.ئۇنىڭغا كەينىدىن قوغلاپ كېلۋاتقان غەلىتە مەخلۇق ھازىرلا يېتشىۋىلىپ جېنىنى ئالىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كېتۋاتاتتى.
  تۇرسۇن جۈجاڭ بۇنداقلا ئۆلۈپ كەتسە بولمايتى.تېخى قىلىدىغان ئشلىرى،خەجلەيدىغان پۇللىرى ۋە ئولتۇرىدىغان ئەمەلدارلىق تەختى بار ئىدى.ئۇ ئەنە شۇنداق خىياللار بىلەن غەيرىتنى يېغىپ،بىر قۇم دۆۋسىگە مىڭ تەسلكتە چىقتى.ئۇئەتراپقا ئۈمىد بىلەن نەزەر تاشلاپ،يىراق بىر يەردىن ئىس_تۈتەك كۆتۈرلۈۋاتقانلقنى كۆرۈپ يۈرىكى سەل جايغا چۈشكەندەك بولىدى.
  ‹‹خۇداغا شۈكۈر!ئادەم بار جايغا كەلگەن ئوخشايمەن››دېگەنلەرنى كاللسىدىن ئۆتكۈزگەن تۇرسۇن جۈجاڭ ئىس_تۈتەك كۆتۈرلۈۋاتقان تەرەپكە قاراپ ماڭدى.كۆيدۈرگۈچ قۇم،ئوغرىتىكەن ۋە كۆك يانتاقنىڭ ئاچچىق نەشتىرى ئۇنىڭ يۇمشاق پۇتلىرىغا ئارام بەرمەيۋاتقان بولسىمۇ،يەنلا ھايات قىلىش،غەلىتە مەخلۇقنىڭ قولغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ئاغرىقنى سەزمەي تېخىمۇ تېز يۈگۈرەيتتى.ئۇ گاھ يېقىلىپ،گاھ ئۆمىلەپ يۇرۇپ،ئىگىز_ئىگىز قۇم بارخانلىرىنى ئارقسىدا قالدۇرۇپ ھېلقى ئىس_تۈتەك چىقىۋاتقان جايغا مىڭ بىر مۇشەققەتتە يېتىپ باردى.تۇرسۇن جۈجاڭ بۇ يەردىكى ئادەملەرنى كۆرۈپ ھەيرانلقتىن داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى.
  چاچلىرى ئۆسۈپ ئالۋاستىغا ئوخشاپ قالغان،يۇز_كۆزلىرىنى قاسىماق باسقان،تىرناقلىرى ئۆسۈپ كەتكەن بىر توپ يېرىم يالىڭاچ ئادەملەر قۇم ئۈستىدە تاماق يەپ ئولتۇراتتى.
  ئاپتاپتا كۆسەيدەك قارىداپ كەتكەن،چىرايدا قان دىدارى يوق بىر بالا تۇرسۇن جۈجاڭنىڭ كەلگەنلكنى كۆرۈپ دادىسىغا:
  _دادا،دادا، قارا ئاۋۇ ئادەم بىزگە قاراپ تۇرىدۇ،_دېدى.
  چۆل ئادەملىرى بالا كۆرسەتكەن تەرەپكە تەڭلا قارىدى ۋە تۇرسۇن جۈجاڭنىڭ ئۆزلىرىگە قاراپ تۇرغانلقنى كۆرۈپ،ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ،ئۇنىڭ يېنىغا ئولاشتى.
  ئۆمرىدە بۇنداق ئادەملەرنى كۆرۈپ باقمىغان تۇرسۇن جۈجاڭنىڭ سېمىز تېنىگە تىترەك ئولشىپ،بەزگەك ئادەمدەك تىترەشكە باشلىدى.
  _ياخشى تۇردىلىمۇ تۇرسۇن جۈجاڭ؟_ساقلى ئۇچتەك ئاقارغان بىر مۇيسىپىت كشى قولنى تەڭلەپ تۇرسۇن جۈجاڭنىڭ ئالدىغا كەلدى.تۇرسۇن جۈجاڭ مۇشۇنداق چەكسىز كەتكەن قۇملۇقتا ئۆزىنى تونۇيدىغان ئادەمنىڭ بارلقنى بىلىپ ھەيران قالدى ھەم نېمە دېيشنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ قالدى.
  _مېنى تونۇماي قالغان ئوخشايلا جۈجاڭ جانابلىرى!سىلە مېنىڭ قىزىمنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئەمەسىمۇ،قىزىمۇ يېنىمدا تۇرۇپتۇ مانا،_دېدى ۋە قىزىنى كۆرسەتتى.
  ‹‹راسىت!مەن بۇ قىزنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەن.ھېلقى تۆۋەنگە چۈچۈش مودا بولۇۋاتقان چاغلاردا قايسبىر مەكتەپ ئۇزۇتۇش زىياپتى بەرگەندە مەن ئۇ قىز بىلەن تانسىا ئوينىغان ۋە ...››دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى تۇرسۇن جۈجاڭ.
  _توغرا،توغرا،ئەمدى ئېسىمگە كەلدى.بۇ قىز ئەسىلىدە سىزنىڭ قىزىڭىز ئىكەن_دە!نېمانداق بىر يەرگە كېلىپ ياشاۋاتسىلەر؟_تۇرسۇن جۈجاڭ ئۇلارنىڭ تەقى_تۇرقىغا تازا بىرقارىۋېتىپ خاتىرجەم ھالدا شۇنداق سورىدى.
  _سىلە بىلمەيلا جۈجاڭ،قىزىم خىزمەتكە چۈشۈپ،ئۇزاق ئۆتمەي خىزمەتنىڭ ھۆددسىدىن چىقالمدى.شۇنىڭ بىلەن خىزمەتتىن توختاپ قالدى.يۇرتتا جان باقالماي،بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلدۇق،_دېدى مويسىپىت كشى.
  _بۇ بولماپتۇ!دەرھال يۇرتىڭلارغا قايتىڭلار،مەن خىزمتنى ئەسىلىگە كەلتۈرۈپ بېرەي!_تۇرسۇن جۈجاڭدا ئەمدى قورقۇشتىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى.
  _ھىممەتلىرىگە ھەشقاللا!_دېدى مويسىپىت كشى ھۆرمەت نەزىرىدە قاراپ.
  _مەن بەك ئۇسساپ كەتتىم.ماڭا ئازىراق سۇ بەرسەڭلار،_دېدى تۇرسۇن جۈجاڭ بۇيرۇق تەلەپپۇزدا.
  چاچلىرى قاردەك ئاقارغان قېرى بىر موماي بىر چىنە سۇ ئېلىپ كېلىپ تۇرسۇن جۈجاڭغا تەڭلقدق.
  تۇرسۇن جۈجاڭ سۇنى ئىچمەكچى بولۇپ ئاغزىغا ئاپىرىپ تۇرشىغا ئارىدىن كىمدۇر بىرى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭ قولدىكى قاچىنىئۆرۈۋەتتى.
  _سەن بۇ سۇنى ئېچىشكە مۇناسىپ ئەمەسسەن!
  تۇرسۇن جۈجاڭ تۇيۇقسىز كۆرۈلگەن بۇ ئشتىن چۆچۈپ كەتتى ۋە يۈرىكى بىر شۇملۇقنى تۇيغاندەك بولدى.تۇرسۇن جۈجاڭ ئۇ كشنى تونۇيتى.ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن قېتىم ھەمداستىخان بولۇپ ئولتۇرغانىدى.
  _كۆپچىلىك،سىلەر بۇ كشىنىڭ ھەقىقىي ئەپىت_بەشىرسىنى بىلمەيسىلەر.بۇ كشى باشلىق بولغاندىن بۇيان،قىلمىغان ئەسكلىكى،ئالمىغان پارىلىرى ۋە ئاياغ ئاستى قىلمىغان قىزلىرى قالمىغان تۇرسۇن تويماس دېگەن كشى شۇ!
  تۇرسۇن جۈجاڭ ئۆزى خىلى ئشەنچلىك،دەپ قارىغان ئادەم تەرىپدىن رەسۋا بولىدىغانلقنى ئويلاپ باقمىغاچقىمۇ،ئشقىلىپ ئەمدىلا جايغا چۈشكەن يۈرىكى يەنە ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى.
  تەرەپ_تەرەپتىن كشلەرنىڭ چۇقان_سۈرەنلىرى ئاڭلىنشقا باشلىدى.
  _ئۆتكەندە ئۇ مېنىڭ ئوغلۇمنى ئشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويمەن،دەپ يىگىرمە مىڭ يۈەن ئالغانتى.ھازىرغىچە ئوغلۇم ئشقا چۈشمىدى.
  _مېنىڭ يۆتكلىش رەسميتىمىنى بېجىرىپ بېرىمەن،دەپ ئوتتۇز مىڭ يۈەن ئالغانتى.ھازىرغىچە يۆتكلەلمىدىم.
  _ئايالڭنى رەسىميلەشتۈرۈپ قويمەن،دەپ ئوتتۇز مىڭ يۈەن ئالغان،ئايالىم يەنلا رەسميلەشمىدى.
  تەرەپ_تەرەپتىن كېلىۋاتقان نارازىلىق سادالىرى تۇرسۇن جۈجاڭنىڭ قۇرقۇنچ ئىچىدە قالغان يۈرىكنى تېخىمۇ مۇجۇشقا باشلىدى.ئۇ شۇ دەقىقىدە قانداق قىلش كېرەكلىكى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپمۇ ئامال تاپالمايۋاتاتتى.ئۇ چاغقىچە كشلەر يوپۇرلۇپ كېلىپ ئۇنىڭغا ئېتلىدى.تۇرسۇن جۈجاڭ بىردەمنىڭ ئىچىدىلا ئۆتكۈر تىرناق،قاتتىق تېپىك ئاستىدا قالدى.
  _قېرىنداشلار،مېنى كەچۈرۈڭلار.مەن ھەممە نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ بېرەي،_تۇرسۇن جۈجاڭ قانچە يالۋۇرغانسېرى كشلەر ئۇنى شۇنچە قاتتىق ئۇرۇشقا باشلىدى.
  تۇرسۇن جۈجاڭ ‹‹ۋايجان››دېگىنچە كارۋاتىدىن چاچىراپ تۇرۇپ كەتتى.ئۇ ئۆزىنى قارا بېسىپ قالغانلقنى ھېس قىلىدى.ئۇ كۆرگەن چۈشنى ئويلىغانسېرى تېنىنى تېخىمۇ تىترەك بېسۋاتاتتى.يېنىدا پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان سېمىز ئايالى ئۇنىڭغا چۈشىدە ئۆزىنى قوغلىغان غەلىتە مەخلۇقتەك كۆرۈنۈپ،تېنى تېخىمۇ شۈركىنىپ كەتتى.(مەزكۇر ھېكايە ‹‹شىنجاڭ مائارىپ››ژۇزنلىنىڭ 2008-يىللىق 5-ساندا ئېلان قىلنغان)
  
  
  
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 14:12, Processed in 0.144001 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش