مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 1818 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • قاراقۇرۇم 4 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    زىمىندا ئەسلى يول يوق ئىدى، كىشىلەر ماڭغاندىن كىيىن يول ھاسىل بۇلغان.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشقا تولۇق ئىشەنچى بار كىشىلەر تۈنۈگۈنىدىن ئەپسۇسلانمايدۇ، بۈگۈنىنى قەدىرلەيدۇ، ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزە ...

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ئۈمىدسىز تۇرمۇش بولمايدۇ، ئۈمىدسىز ئادەملا بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    پۇل بولماسلىق بىچارىلىك، پۇل ئۈچۈنلا ياشاش رەزىللىكتۇر، پۇللا بولغان تۇرمۇش ئەپسۇسلۇق ئىچىدىكى تۇرمۇشتۇر.

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ،مەن كەلدىم .

  • قەسىر 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبىرىمىزنىڭ بەت يۈزى جەلپكار ھەم چىرايلىق ،قالتىس بېزىلىپتۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىگە تۇنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل،ئۇ ئىنسانىيەت مەدىنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمى ...

  • قاراقۇرۇم 17 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەرنىڭ يۈزى چىرايلىق بىزىلىپتۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇش ئاچچىق–چۈچۈك بولىدۇ، ئەمما ئۇ ھەرگىز بەتتام بولمايدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىجاد–ئىختىرا بولمىغان تۇرمۇش ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس، بەلكى ئۇ كۈن ئۆتكۈزۈشتۇر.

  • abdihnijan ئۈلۈشكۈن 03:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹‹مۇقام ››جاھانداتاڭىنىڭ ساداسى،جاھانغاجانكى ئۇنىڭ ناۋاسى،ھېچ تەڭ كېلەلمەس بولبۇل ناۋاسى،ئالەمدە ي....

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئېغىنىغان ئاتنىڭ قىلى قالىدۇ، كۆيگەن ئوتنىڭ كۈلى قالىدۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش بىز مۇئارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

  • كۆلەڭگە 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەنمۇ مۇنبەر گە تما يوللىماقچىتم  قانداق يوللاشنى بىلمىدىم

  • دىلرۇس 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاشنىڭ بۇ رەڭلىرى، بايقاشقا باشقىچە قۇلا قوشۇپتۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور بەختسىزلىك — تۇرمۇشقا قۇللارچە ئىتائەت قىلىشتۇر.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەقىدىسىز تۇرمۇش قاقاسلىشىپ كەتكەن باغ، ئىشەنچ بولمىغان تۇرمۇش يولى ئېگىز تاغ–داۋانلار بىلەن تولغان يولدۇر. ...

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردە ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن بەك كۆپقۇ؟

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قەدىمى جايدىن ئارىلما چەت بولسىمۇ، سويگىنىڭدىن ئايرىلما سەت بولسىمۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ھەممىدىن تاتلىق نەرسە قېرىنداشلىق مېھرى

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەندىن ئاجىز دۈشمىنىڭنى، قۇدرەتلىك ساناپ، تەييارلىق قىلساڭ، نوسرەت ساڭا مەنسۇپ بولىدۇ.

كۆرۈش: 103|ئىنكاس: 0

قاسىم پالاكەتنىڭ ھېكايسى{2}

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

38

تېما

0

دوست

601

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
140 سەر
تىللا
31 دانە
تۆھپە
116 سەر
شۆھرەت
139 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 22:37:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئالىمجان نەسىرىدىن ئۆزقۇت
قاسىم پالاكەتنىڭ ھېكايسى{2}
  ھېكايە
  مەھەللىمىزدىكى قاسىم پالاكەت بىر قانچە يېقىن دوستلىرى  بىلەن ‹‹قەددىناسلار شاتلىقى›› رستوراننىڭ ئايرىخانسىغا يەنە يىغلىدى.كۆرۈشمگىلى يېرىم يىل بولغان يېقىن ئاغىنلەر ئۆز ئارا قىزغىن سالام سائەت قىلشىپ ئولتۇرۇشاتتى.
  -قاسىم ئاداش يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى ‹ئالتىنچى ئاينىڭ پاقسىدەك› كۆرۈنمەس بولۇپ كەتتىڭغۇ،توي ئېغىر كەلدىمۇ نېمە؟-دېدى كىرىم تاتۇق قاسىم پالاكەتنىڭ شۇمشيىپ قالغان تەقى-تۇرقغا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن.
  -نەدىكى گەپلەرنى دەيدىكەنسەن ئاداش،ئانچە ئالدىراش ئەمەس،ئۆتكەن ئايدا ئايالىم قازا قىلىپ كېتىپ،مۇسبەتتە بولۇپ قالدىم،-دېدى قاسىم پالاكەت غەمىكىن تەلەپپۇزدا.
  -نېمە؟ئايالىم قازا قىلىپ كەتتى دېدىڭىمۇ ؟ ئەجەپ بىز بىلمەپتۇقۇ،_دېدى ئەخەت توڭكاي جىددىي تەلەپپۇزدا.
  _مەن توي قىلغاندىن كېيىن ئانام،ئېنىم ۋە ئايالىمنى ئېلىپ شەھەرگە كىرىپ كەتكەن ئىدىم.شەھەردە تۇرۇپ قالغاچقا بىلمىگەن ئوخشايىسلەر.
  -مۇنداق دە ئاداش،يامان بوپتۇ،قايغۇرۇپ يۈرمە بولىدى،يەنە تويىڭنى قىلىپ قويىمىزغۇ؟_دېدى كېرىم تاتۇق چاقچاق ئارىلاش.
  قاسىم پالاكەت ئارتۇقچە گەپ قىلىشنى راۋا كۆرمىدى بولغاي قولىدىكى تاماكىنى ئاچچىق شۇراپ ئولتۇردى.ئەخەت توڭكاي جىمىپ كەتكەن ئۈلپەتداش ئاغىنىلەرگە بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن بىر رومكا ھاراقنى قولغا ئېلىپ:
  _قېنى دوستلار بۈگۈن قاسىم ئاداشنىڭ كۆڭلىنى بىر كۆتۈرۈپ قويايلى،ھەممىزنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن خوشە،_دېدى.
  _قېنى خوشە،سېڭسۇن...كۆپچلىك تەڭلا خوشەگە قولغا كۆتۈردى.
  _قاسىم ئاداش ئاشۇ قايغۇلىرىڭغا ھەممىز تەڭ جۈر بولايلى،نېمە قسمەت،پالاكەتلەر كەلىدى سۆزلەپ بەرگىن،ئىچىڭ بوشاپ قالار،_دېدى ئەخەت توڭكاي بىر رومكا ھاراقنى قاسىم پالاكەتكە تەڭلەپ.
  قاسىم پالاكەت بىر ھاراققا،بىر ئەخەت توڭكاينىڭ كۆزگە قاراپ تەسلكتە قولغا ھاراقنى ئالدى-دە،گەپ باشلىدى.
  _ئەسلى مەن ھاراق ئېچمەسمەن دەپتىم،ئاغىنىلەرنىڭ كۆڭلۈمنى ئىزدەپ قىلغان ھىممىتىگە كۆڭلۈم ئۇنمىدى،ئۇنداق بولسا قولۇمدىكى ھاراقنى ئېچىۋىتىپ،بېشمىدىن ئۆتكەن ئاچچىق كەچمىشمىنى سۆزلەپ بېرەي.
  قاسىم پالاكەت قولىدىكى ھاراقنى تەسلكتە ئېچىپ،بىر چوكا سەي يەپ گەپ باشلىدى.
  بۇنىڭىدىن بىر ئاي بۇرۇن بىر قانچە شەھەرلىك تونۇشلىرىم بىلەن ئازىراق ئېچشكەندىن كېيىن ئۆيگە قاراپ مېڭپتىمەن.قانچلىك ماڭغانلىقمنى بىلمەيمەن بىر چاغدا زىبۇ-زىننەت بازىرىغا كىرىپ قاپتىمەن.شۇنىڭ  زىبۇ_زىننەت رەستىلىرىنى ئارىلاپ نەچچە مىڭ يۈەنگە بىر تال ئالتۇن زەنجىر سېتۋالدىم_دە،خۇشال ھالدا ئاللقانداق خىياللار بىلەن ئۆيگە يېتىپ كەلىدىم.
  بۇ چاغدا ئايالىم پەزىلەت ئۆينى بىر قۇر تازىلاپ بولغاندىن كېيىن مېنىڭ ئامراق تامىقمنى ئېتىپ ئولتۇرۇپتۇ.ئايالىم ئىشچان،كۆيۇمچان ۋە ئاقكۆڭۈل ئايال ئىدى.مەھەللىدىكى قېرى_ياش ھەممەيلەن  ئۇنىڭ ئاياللىق لاتاپتى،ماڭا بولغان سەمىمىي مۇئاملسى ۋە ۋاپادارلقىغا چىن كۆڭلىدىن قايىل ئىدى.
  مەن ھارغىن ھالدا ئۆيگە كىرىپ، چارچاپ كەتكەنلكىمىدىن كېرسلوغا ئۆزۈمنى تاشلىدىم. كۆڭۈلىمدە بۈگۈنكى بىر كۈنلۈك ئشلىرىمنى ئەسىلەپ چىقىپ،ئۆز_ئۆزۈمگە:‹‹بۈگۈن ئەجەپ ھېرىپ كەتتىم.لېكىن ھەرھالدا ياخشى سوۋغاتدىن بىرنى سېتۋالىدىم››دېگەنلەرنى پىچىرلدىم.راسىت،بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئايالمىدىن كۆڭۈلۈم تازا سۇ ئېچمەي كېلۋاتاتتى.يوقلاڭ ئشلارنى باھانە قىلىپ ئايالىمنى ئۇرۇپ_تىللاپ،دۇمبالايتم.ھە دېسە ‹‹خېتىڭنى ئال!كۆزۈمدىن يوقال!››دېگەندەك گەپلەرنى تولا قىلدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.
  مەن ئازىراق دېمنى ئىۋالغاندىن كېيىن ئايالىمغا ۋاقىراپ:
  _ھەي،قېرى تۇغماس جەددال خوتۇن!تېخىچە تاماق ئەتمىدىڭمۇ؟_دېدىم تەرىمنى تۈرۈپ زەردە بىلەن.
  _تاماق ھازىرلا پىشىدۇ،چاي ئېچكەچ ئولتۇرۇپ تۇرسىلا،_دېدى پەزىلەت ئىتائەتمەنلىك بىلەن.
  _نېمە ئش قىلدىڭ شۇ تاپقىچە تاماق ئەتمەي، ‹‹ھورۇننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس، قېرى خوتۇننىڭ پەتىسى تۈگىمەس›› دەپ لالما ئىتتەك خوشنىلارنىڭ ئۆيىدە  سۆڭەك غاجىلاپ يۈردۈڭمۇ؟_ دېدىم قوللىرىمنى شىلتاپ تۇرۇپ.
  پەزىلەت زەردىلىك گەپلىرىمنى ئاڭلاپ خۇما كۆزلىرىدىن مۇنچاق-مۇنچاق ياشلار مەڭىزىنى بويلاپ سىرغىپ چۈشتى. ئۇ ياش يۇقى كۆزلىرىنى سۈرتكەچ ئارتۇق گەپ قىلىشقا رايى بارماي قازان بېشىغا ئۆتتى.
  ئۇ مېنىڭ بۇنداق تىل-ھاقارەتلىرىمگە كۆنۈپ كەتكەن بولغاچقا يەنە تاكاللاشسا ئۆزىگە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ، يەنە جاۋابلاشسا جىدەلنىڭ چوڭىيىپ كېتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.
  مەن ئوخشىتىپ ئېتىلگەن لەغمەندىن بىر يېرىم تەخسە سوقىۋەتكەندىن كېيىن ئورنۈمىدىن ئاستا قوپتۇم_دە، سوۋغات قاچلانغان قۇتىنى يانچۇقىمغا سېلىپ، سىرتقا ماڭدىم.
  ئايالىم مېنىڭ ئالدىراش سىرىتقا چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ:
  _ سىزگە دەيدىغان مۇھىم گېپىم بار ئىدى،_ دېدى.
  _ قانداق گېپىڭ بولسا مەن كەلگەندىن كېيىن دە، ئالدىراش كېتىۋاتقانلىقىمنى كۆرمىدىڭمۇ؟!_ دېدىم ئاچچىقلانغان ھالدا كۆزۈمنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ.
  _ سىز كېلىشتىن بىر سائەت بۇرۇن ئىنىڭىز كەپتىكەن. ئانىڭىز ئاغرىپ قېلىپ جىددىي قۇتقۇزۇشتا ئىكەن، بايام دەي دەپ بولغىچە تىللاپ كەتتىڭىز،_ دېدى پەزىلەت قاپساپ كېلىۋاتقان ئاچچىغىنى بوغۇزىدىن ئۆتكۈزمەي.
  مەن ئايالىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ سەل جىددىيلىشىپ قالدىم.
  _ ئۇنداق بولسا دەرھال تەييارلان، بىللە بېرىپ كېلەيلى!
  _ ماقۇل سومكامنى ئېلىۋالساملا بولىدۇ.
  _ ئانام قايسى دوختۇرخانىدا ئىكەن؟
  _ مېھىر شەپقەت دوختۇرخانىسىدا.
  مەن گادىرماش خىياللار بىلەن كوچا ئاپتۇبوسىغا چىقتىم. ئۇزۇن يىللاردىن بىرى پىلانلاپ كەلگەن ئىشىم بۈگۈن ئەمەلگە ئاشاتتى. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئانام ئاغرىپ قېلىپ چاتاق بولغان ئىدى.
  كوچا ئاپتۇبوسىدا ئادەملەر مىغىلدايتتى. ئولتۇرغۇدەك ئورۇنمۇ تاپقىلى بولمايتتى. ئايالىم قىستىلىپ ئاپتوبوسنىڭ بېشىغا بېرىپ قالغان بولۇپ مىڭ تەسلىكتە بىر بوش ئورۇن تېپىپ ئولتۇرۋالدى.
  مەن ئاپتۇبۇسنىڭ كەينى چۈشۈش ئىشكى تەرىپىدە ئۆرە تۇراتتىم. مەن ئاللقانداق ھېسلار بىلەن ئاپتوبوس ئىچىدىكى يولۇچىلارغا قاراشقا باشلىدىم.تويۇقىسز كۆزۈمگە  بىر نازىنىننىڭ لاتاپەتلىك رۇخسارى زاھىر بولدى.
  سۇمبۇل چاچلىق، قايرىما كىرپىك، زىلۋا بويلۇق بۇ نازىنىن مەن كۆرۈشمەكچى بولغان جانان شۇ ئىدى. يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى. ئاھ، يۈگەنسىز ھېسيات. مېنىڭ قەلىبم ھاياجاندىن دولقۇنلاپ كېتىۋاتاتتى. كائىناتىكى بارلىق مەۋجۇدات ھەرىكەتتى توختىغان ئىدى.
  مەن تۇيۇقسىز ئەندىككەن ھالدا ئايالىمغا قارىدىم.ئايالىم ھېچ ئىشتىن بىخەۋەر ئالدىغا قاراپ ئولتۇراتتى.
  ئۇزۇن ئۆتمەي يولۇچىلار ئارىسىدىن نازۇككىنە بىر قول سوزۇلۇپ چىقىپ، قولۇمنى يېنىككىنە تۇتتى. مەن نازىنىننىڭ قولۇمنى تۇتقانلىقىنى سەزدىم_ دە، پۈتۈن بەدەنىمنى بىر خىل تەسۋىرلىگۈسىز شېرىن ھېسيات چىرماپ، ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويغىلى تاس-تاس قىلۋاتاتتىم. دېرىزىگە قاراپ تۇرغان كۆزلىرىمنى نازىنىننىڭ لاتاپىتىگە تىكىشكە پېتىنالمىدىم. شۇنداقتىمۇ داۋالغۇپ كېلىۋاتقان نازۇك ھېسياتىمنى ئىپادىلىگۈم كېلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن نازىنىننىڭ قولىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتتۇم.
  ۋاقىت تولىمۇ تىز ئۆتمەكتە ئىدى.بىر چاغ بولغاندا كوچا ئاپتۇبوسى دوختۇرخانا ئالدىدىكى بېكەتكە كېلىپ توختىدى. لېكىن مېنىڭ بۇ نازۇك قولنى قويۇپ بەرگۈم يوق ئىدى. ئەمما قويىۋەتمەي بولمايتتى. مەن چاققانلىق بىلەن يانچۇقىمىدىن بازاردىن ئالغان سوۋغاتنى ئالدىم_دە، نازۇك قولغا تۇتقۇزۇپ قويدۇم.
  مەن ئىنتايىن خۇشال ھالدا ماشىنىدىن چۈشتۇم. قەلبىم تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجانغا تولغان ئىدى. ئايالىم پەزىلەت مېنىڭ كەينىمدىن چۈشۈپ كېلىۋاتاتتى.
  تۇيۇقسىز بىر يۈك ماشىنىسى ماڭا ئېتىلىپ شىددەت بىلەن  كەلىدى. ئۆلۈم قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارلىقىدا قالغان ئىدى. بۇ چاغدا قەددىناس ئايالىم ئەجەل ئوقىنىڭ ماڭا قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىككىلەنمەستىن مېنى چاققانلىق بىلەن نىرىغا ئىتتىرۋەتتى. ئەمما ئۆزى قان ئىچىدە يەرگە يىقىلدى.
  ئۇنىڭ ئاغزى-بۇرنىدىن قان بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتاتتى. مەن قان ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان ئايالىمغا قاراپ ئېتىلدىم. ئايالىمنىڭ بېشىنى قۇچاقلاپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتىم.پەزىلەت يۇمۇلۇپ كېتىۋاتقان كۆزلىرىنى مىڭ تەسلىكتە ئېچىپ:
  _ قاسىم، سىزنىڭ ماڭا بەرگەن نەچچە يىللاردىن بۇيانقى بۇ تۇنجى سوۋغىتىڭىزغا رەھمەت! _ دېدى.
  مەن ئايالىمنىڭ قولىدا باياتىن ئۆزۈم بەرگەن سوۋغات بويۇمىنى كۆرۈپ، ئۇنى تېخىمۇ قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتىم.ئەتراپتا تۇرغان كشلەر دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىگە تېلېفۇن قىلدى.
  پەزىلەتنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغاندىن كېيىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ھاياتنى ساقلاپ قالالمىدى.
  _شۇنداق قىلىپ مۇشۇ ھاراقنىڭ كاساپتىدىن بىر ئوبدان خوتۇندىنمۇ ئايرىلىپ قالدىم،لېكىن بۇ شەيتاننىڭ سۈيدىكىدىن ئايرلالمدىم ئەمەسىمۇ،_دېدى قاسىم پالاكەت كۆزگە ياش ئېلىپ.
  كۆپچلىك قاسىم پالاكەتنىڭ ھاراقنىڭ كاساپتىدىن يەنە بىر قېتىم پالاكەتكە يولۇققانلىقنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كېتشتى.
  
  
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-8-1 16:14, Processed in 0.181838 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش