مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2067 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 2 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 4 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • ئامان 2 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 28 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

كۆرۈش: 54|ئىنكاس: 4

ئانا،مېنى بىر قېتىم سۆيۈپ قوي ‹ھېكايە›

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

43

تېما

1

دوست

651

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
150 سەر
تىللا
41 دانە
تۆھپە
121 سەر
شۆھرەت
149 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 19:46:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت
                                                     ئانا،مېنى بىر قېتىم سۆيۈپ قوي
                                                                   ھېكايە
-قىزىم،ناشتا قىلىپ مېڭىڭ؟-دېدى مايسخان ئانا قىزىنىڭ ئالدىراش ئۆيىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولغانلىقنى كۆرۈپ.
-رەھمەت ئانا،بۈگۈن بالدۇراق ئشقا بارمسام بولمايتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرسقۇممۇ توق ،-دېدى نۇرىمان قەدەملىرىنى توختىپ.
-شۇنداق بولسىمۇ ناشتا قىلىپ مېڭىڭ قىزىم،ئەتىگەندە ناشتا قىلماي ئۆيىدىن چىقىش ياخشى ئەمەس،-دېدى مايسخان ئانا قىزىغا كۆيۈنگەن ھالدا.
-بۈگۈن يۇقىردىن باھالاش ئۆمكى كېلەتتى.شۇڭا،ئالدىراپ قالدىم،ئانا؟ئەتە بىللە ئولتۇرۇپ ناشتا قىلايلى،-دېدى نۇرىمان.
-مەيلى،ئۇنداق بولسا ئشقا بالدۇراق بېرىڭ قىزىم،-دېدى مايسخان ئانا.
- كەچتە بالدۇراق قايىتىپ كېلىمەن.تاماق ئەتمەي تۇرۇڭ،ئۆزۈم كېلىپ ئېتىپ بېرىمەن،خۇش ئانا،-دېدى نۇرىمان ئانسنى قۇچاقلاپ قويۇپ.
نۇرىمان ئانىسى بىلەن خۇشلىشىپ ئىتىك قەدەملىرى بىلەن ئۆيىدىن چىقىپ كەتتى.
باياتتىن دېگەندەك ئۇ ئشقا بالدۇراق بارمىسا بولمايىتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن كېلىدىغان باھالاشقا ياخشى تەييارلىق قىلىش،باھالاشتا ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۈنۈگۈن ئىدارە رەھبەرلىكى قايتا-قايتا ئشلەيدىغان خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى تەكىتلىگەنىدى.
ئۇ ئاللىقانداق خىياللار بىلەن كېتىپ باراتتى. تۇيۇقسىز تېلېفۇنى ئەنىسز سايراپ كەتتى.تېلېفۇن ناتونۇش بىر ئادەمدىن كەلگەنىدى.
-ۋەي،ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم...
_ئانا،مەن سىنى بەكلا سېغىندىم ،تىزراق كەلسەڭچۇ،ئانا!
تېلېفۇندىن ناتونۇش بىر قىزچاقنىڭ زائىپ ئاۋازى ئاڭلاندى.نۇرىمان قىزچاقنىڭ دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ:
_خاتا ئورۇپ قاپسىز،قىزىم!مەن سىزنىڭ ئانىڭىز ئەمەس،-دېدى نۇرىمان سىلىق تەلەپپۇزدا.
-خاتا ئۇرۇپ قاپسىز،ئۇنداق دېمەڭ جېنىم ئانا؟مەن قىزىڭىز ئايپەرى...
-ئايپەرى...
-نەچچە كۈندىن بۇيان سىزنى بەك سېغىنىدىم،يېنىمغا قاچان كېلىسز،جېنىم ئانا؟
-قىزىم،تېلېفۇننى خاتا ئۇرۇپ قاپسىز،خۇش...
نۇرىمان ئارتۇق گەپ قىلىشنىڭ ئورۇنغا تېلېفۇنى ئۇزۇۋەتتى.دېمىسىمۇ بۇ خاتا ئۇرۇلغان تېلېفۇنىدى.چۈنكى ئۇ تېخى توي قىلمغان،ئائىلە قۇرمىغانىدى. بىر قانچە يىلدىن بۇيان نۇرىماننىڭ ئائىلىسىگە نەچچە يەردىن ئەلچى كەلگەن بولسىمۇ ھەممسىنى چىرايلىق رەت قىلىپ يولغا سالغانىدى.چۈنكى نۇرىماننىڭ پۈتۈشۇپ قويغان ئادىمى تېخى ئاسپرانتلىق ئوقۇشنى تۈگەتمىگەنىدى.
بىر كۈنلۈك ئالدىراش خىزمەتنى تۈگەتكەن نۇرىمان ئۆيگە قايىتىپ كەلدى-دە، سومكىسىنى شىرە ئۈستگە تاشلاپ قويۇپ كىرسلوغا يۆلىنىپ چۇڭقۇر خىياللارغا غەرق بولۇپ كەتتى.ئۇنىڭغا بۈگۈنكىدەك ھاردۇق يەتمىگەنىدى.بىر كۈنلۈك باھالاشنىڭ جىددىي ھالىتى ئۇنى ئوبدانلا چارچىتىپ قويغانىدى.
تويۇقىسز ئەتىگەن ئۇرۇلغان نۇمۇردىن يەنە تېلېفۇن كەلدى.نۇرىمان بۇ قېتىم سالماقلىق بىلەن تېلېفۇننى قوبۇل قىلدى.
-ۋەي...
-ئانا،قاچان قايىتىپ كېلىسز؟يولىڭىزغا ئېنىتىزار بولۇپ كۆزۈم تېشلەي دېدى،سىزنى بەك سېغىنىدىم؟
بۇ قېتىم نۇرىمان قاتتىق گەپ قىلىپ تېلېفۇننى قويۋىتىشنى ئويلغان بولسىمۇ،لېكىن بۇ نارىسدە بالىنىڭ زەئىپ چىقىۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ:
_ئوبدان قىزىم،تېلېفۇننى يەنە خاتا ئۇرۇپ قۇيۇپسىز ! _دىدى –دە،تېلېفۇننى بېسىۋەتتى.
شۇنىڭدىن تارتىپ نۇرىمانغا بۇ نۇمۇردىن كەينى-كەينىدىن تېلېفۇن كېلىدىغان،بالىنىڭ سېغىنىشلىق نالىسى پات-پات ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى. نۇرىمان بەزىدە جىلە بولۇپ ئاچچقىلىنىپمۇ قالاتتى.ئۇزۇن ئۆتمەي ئاچچىقى يېنىپ:‹‹بولدىلا كىچىك بالىكەنغۇ›› دەپ نۇمۇرغا قاراپ تېلېفۇننى ئالمايدىغان بولىۋالدى .
بىر كۈنى ئۇ ئشىانىسدا ئالدىراش ئشلەۋاتاتتى.ئۇنىڭ تېلېفۇنى يەنە ئەنىسز سايراپ قالدى. قارىسا يەنە شۇ تونۇش ناتونۇش نۇمۇردىن تېلېفۇن كەلگەنىدى.ئۇ تېلېفۇننى بېسىۋەتتىپ يېنىك تېىنىپ قويدى-دە،ئۆز ھەللەكىچلىكى بىلەن بولۇپ كەتتى.بىراق تېلېفۇننى قايتا –قايتا سايراۋەرىدى.ئۇ ئاچچىقىنى تەستە بىسىۋىلىپ تېلېفۇننى ئالدى .بىراق بۇ قىتىم ھېلىقى قىزنىڭ ئاۋازى ناھايىتى بوش چىقىۋاتاتتى.
_ئانا،مەن سىنى بەك سىغىندىم ،تېزراق قايتىپ كەلگىن . دادامنىڭ ئېيىتىپ بېرىشچە،بۇ سېنىڭ تېلېفۇن نۇمۇرۇڭ ئىكەن. ھەرگىز خاتا ئەمەس دەيدۇ.ئانا،مەن بەكلا قىينىلىپ كەتتىم.سىنى بەكلا سىغىندىم.دادام سېنى بەك ئالدىراش دەيدۇ،دادام ماڭا كېچە-كۈندۈز قاراپ بەك ھېرىپ كەتتى. دادامىدىن ئاڭلسام باشقا شەھەرگە ئوقۇشقا كېتىپسەن.ئەگەر مېنى كۆرگىلى كېلەلمىسەڭ،مېنى تېلېفۇندا بولسىمۇ بىر قېتىم سۆيۈپ قويساڭلا بولدى،ئانا.بۇلامدۇ؟_ قىزنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى پەسلەپ كېتىپ باراتتى .
نۇرىمان قىزنىڭ سەبىي سۆزلىرىنى ئاڭلاپ نېمە قىلىشىنى،نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ كەتتى.
-جېنىم ئانا،ئاخىرىقى قېتىم بولسىمۇ مېنى بىر قېتىم سۆيۈپ قوي...
قىزنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كېتۋاتاتتى. تېلېفۇنىدىن بۈغلۇپ-بۇغلۇپ يىغىلاۋاتقان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
-جېنم قىزىم،نېمە بولدى سىزگە؟گەپ قىلىڭ...
ـ ئانا،سىزنى شۇنداق كۆرگۈم كەلدى...مېنى...بىر...قېتىم...سۆيۈپ...قوي...
نۇرىمان قىزچاقنىڭ ئۇزۇلۇپ-ئۇزۇلۇپ ئېيتىۋاتقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ تەلىۋىنى رەت قىلىشقا كۆڭلى قويمىدى .شۇنداق قىلىپ ئۇ تېلېفۇننى ئاغزىغا يېقىن ئېلىپ كېلىپ قىزنى ئارقا-ئارقىدىن نەچچىنى چوكلتىتىپ سىۆيۈپ قويدى.
تېلېفۇندىن قىزنىڭ :
_رەخمەت ...ئانا ،مەن بەك...خوش...بولدۇم ...مەن بەك ...بە...ختلىك ..._دېگەن گەپلىرى ئاڭلاندى. شۇ چاغدا نۇرىماننىڭ تېلېفۇنى ئۈزۈلۈپ كەتتى .
ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭغا يەنە شۇ نۇمۇردىن تېلېفۇن كەلدى. بىراق بۇ قېتىم تېلېفۇن ئۇرغان ئادەم ھېلىقى قىزچاق بولماستىن،بەلكى بىر ئەر ئىدى.
-ۋەي،قىزىم بۇ سىزمۇ؟
_كەچۈرۈڭ خانىم، بۇ كۈنلەردە سىزگە كۆپ ئاۋارىچىلىكلەرنى سىلىپ قويدۇم.مېنى راستىنلا كەچۈرۈڭ! ئەسلىدە مەن بالدۇراق تېلېفۇن ئۇرۇپ سىزدىن كەچۈرۈم سۇراي دېگەنىدىم. بىراق قىزىمنىڭ ئىشى بىلەن ۋاقىت چىقىرالماي قالدىم.سزنى ‹‹ئانام›› دەپ تولا تېلېفۇن قىلغان قىزىم بەش ياشقا كىرگەندە ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانىدى.ئانىسى بولسا قىزىمنى توغۇش جەرياندا بەختكە قارىشى ئۆلۈپ كەتكەنىدى.بالا ئانام قېنى دەپ بەكلا يىغىلاپ تۇرۋالدى.قانداق قىلاي،ئانىسنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋەرنى قىزىمغا دىيىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم. چۈنكى قىزىم نەچچە قىتىملىق خىمىيىلىك داۋالاشقا چۈشتى،تۇلىمۇ قىينالدى.ئازاپ ئۈستىگە ئازاپ سېلىپ ئۇنى تېخمۇ ئازاپلىغىم كەلمىدى.ئۇ دائىم ئاغرىق ئازابى دەستىدىن ئېڭىراپ ئانىسىنى چاقىراتتى.ئاخىرى قىزىمنىڭ زارىغا چىدىماي خالىغانچىلا بىر تېلېفۇن نۇمۇرنى دەپ بەرگەنىدىم.كىم ئويلسۇن دەپ بەرگەن نۇمۇر سىزنىڭ تېلېفۇن نۇمۇرىڭىزكەن ئەمەسىمۇ؟! ئەرنىڭ ئاۋازى تۇلىمۇ بوش ھەم ئازاپلىق ئاڭلىنىۋاتاتتى.
_قىزىڭىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداقراق؟_دىدى نۇرىمان قىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ بىقىش ئۈچۈن.
_ئۇ كەتتى خانىم، مىنى بۇ دۇنياغا تىكەندەك يالغۇز تاشلاپ،ئانىسنىڭ يىنىغا بارسا كەلمەسكە كەتتى. ئۇنى تېلېفۇندا سۆيۈپ قويغىنىڭىزدىن كېيىن ‹‹ئانا››سىنىڭ ئاۋازى چىققان تېلېفۇننى كىچىك قوللىرى بىلەن مەھكەم تۇتقۇنىچە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ كېتىپ قالدى.
ئەرنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ نېمە دېيشنى بىلەلمەي قالغان نۇرىماننىڭ كۆزلىرىدىن ياش تامچلىرى تاراملاپ ئېقشىقا باشلىدى.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 21:47:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ تەسىرلىك ھېكايە ئىكەن،تۇرمۇشتىكى تاسادىىي يۈز بەرگەن ئىشلارمۇ ھاياتنىڭ چوڭقۇر ھىكىمەتلىرىگە تويۇنغان بولىدۇ.ئانا بىلەن پەرزەنىت ئوتتۇرسىدىكى مېھر-مۇھەببەت جانلىق تەسۋىرلەنگەن،تەربىيىۋى قىممىتى يۇقىرى ئەسەر ئىكەن،رەھمەت سىزگە!!!بۇنىڭىدىن كېينىكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن...
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

200

تېما

96

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6953 سەر
تىللا
1441 دانە
تۆھپە
7466 سەر
شۆھرەت
5474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 00:09:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ، رەھمەت داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى

75

تېما

32

دوست

9608

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2238 سەر
تىللا
391 دانە
تۆھپە
1799 سەر
شۆھرەت
1683 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 13:18:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەسىرلىك ھىكايىكەن  .
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !

23

تېما

15

دوست

2677

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
535 سەر
تىللا
359 دانە
تۆھپە
502 سەر
شۆھرەت
569 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 14:35:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىڭىزنى ئۇقۇپ ئۆزۇمنى تۇتۇۋالالماي يىغلىۋەتكىلى تاس قالدىم بەك تەسىرلىك ئىكەن.بىچارە قىزغا بەكمۇ ئىچىم ئاغرىدى.ئانا-بالا ئوتتۇرسىدىكى چوڭقۇر مىھىر- مۇھەببەتنى  شۇنچىلىك ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەپ بىرىپسىز.توغرا ئانا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان.شۇ ڭا بىز يىقلساقمۇ ئانا دەيمىز،چۇچۇپ ئويغانساقمۇ ئانا دەيمىز.خۇشال بولغاندىمۇ‹‹ۋاي ئانامەي››بۇنداقمۇ ئىشلار بولدىكەن ھە!دەپ ھاياجانلىنىمىز.غەم -قايغۇ ئازاپلىرىمىزنى  خىيالەنئانىمىز بىلەن ئورتاقلىشىمىز.ئانا ئائىلىنىڭ بەختى.بەرزەتنىڭ خۇشاللىقى،تاخى-تەختىدۇر.ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان پەرزەنىت كەچ  كۇزدىكى يىگانە ياپراقتۇر.ئۇلارنىڭ ھالى شۇنچىلىك خاراپ.بەك ياخشى يېزىپسىز !يېقىندىن بۇيان نادىر ئەسەرلىرىڭىز بىلەن مۇنبەرنى باشقىچە بىزاۋاتىسىز .سىزگە چىن كۆڭلۇمدىن ھۆرمىتىمنى بىلدۇرىمەن.رەھمەت سىزگە!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:55, Processed in 0.443659 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش