مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 79|ئىنكاس: 5

تىلەمچى موماي ‹ھېكايە›ئا.ن.ئۆزقۇت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

43

تېما

1

دوست

651

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
150 سەر
تىللا
41 دانە
تۆھپە
121 سەر
شۆھرەت
149 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 22:07:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت
                                                                تىلەمچى موماي
                                                                  ‹ھېكايە›

قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى.كاينات ئاقلىباستىن تون كېيىپ،قشقا تەنتەنە قېلۋاتاتتى. مەن خىزمەت ئورنۇمغا ئالدىراپ كېتىپ باراتتىم.توساتتىن يولىنىڭ يان تەرىپىدە تىتىرەپ تۇرۇپ،تىلەمچلىك قېلۋاتقان بىر موماينىڭ زەئىپ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز تۇرۇپ قالدىم. چۈنكى،تىلەمچى موماينىڭ چىرايىدىن تولمۇ بىچارىلىك چېقىپ تۇراتتى.تارشىتەك بولۇپ كەتكەن قوللىرى ئاچچىق سوغۇقتىن قاتتىق تىترەيتى،ئۈمىدلىك كۆزلىرى جانىسز پىللدايتى.
تىلەمچى موماي ئالدىغا سېلىۋالغان كونىراپ كەتكەن سولياۋ خالتىغا يۇكۇنۇپ گۇناھكارلادەك ئولتۇرۇپ،ئۆتكەن-كەچكەنلەردىن سەدىغە تىلەپ ئولتۇراتتى. قار ئۇنىڭ سوغۇقتىن تاتىرىپ كەتكەن يۈزى، كونا يىلىڭ چاپىنى ۋە ئالدىدىكى مۇچەنلىك رەتىسز تاشلىنىپ تۇرغان پۇللار ئۈستىگە توختىماي چۈشەتتى. مەن بىچارە مومايغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئازىراق سەدىغە-ئېسان قىلىش نىيىتىدە ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدىم.
- ئاللاھ ھەممە ئشلىرىڭىزنى جايدا قىلار،ماڭا بەرگەنىڭىز مىڭ بولۇپ يانار،ماڭغان يولىڭىزدىن قىزىل گۈل ئۇنەر ئىلايىم!!!
ئۇنىڭ ئالدىغا كېلشىمىگلا تىلەمچى موماي كۆزلىرىگە سوغۇق ياش ئېلىپ شۇنداق دەۋاتاتتى.مەن خىلى بىر ھازاغىچە يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ پارچە-پۇرات قەغەزدىن باشقا نەرىسە تاپالىمىدىم.
- خىزمەتلىرىڭىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغاي خۇدايىم،سالامەت قىلاي خۇدايىم!!! تىلەمچى موماينىڭ ئاۋازلىرى بارغانچە ئاجىز چىقىۋاتاتتى.بەلىكىم سوغۇقتىن ئاۋازلىرى بوغۇلۇپ كېتۋاتقان بولسا كېرەك.
‹‹پورتىمالىنى ئەتىگەن كېيىم ئالماشتۇرغاندا ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن ئەمەسىمۇ؟›› دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ،قانداق قىلىشمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم.ئالدىراش كېتىپ بارغانلار كەينىمىدىن ئۆتۈپ كېتىپ باراتتى.
تىلەمچى موماي قوللىرىنى تېخمۇ بەكرەك سوزۇپ:
-ئاللاھ بارلىق گۇناھلىرىنى مەخىپرەت قىلاي،ئالتۇن بويلىرىنى ئامان قىلغاي بالام !!!-دەپ يىغلامسىراپ سۆزلەۋاتاتتى. ئۇنىڭ جاندىن ئۆتكۈدەك سۇغۇقتىن توڭۇپ قولاشمايۋاتقان قوللىرى تېخمۇ تىترەپ كېتۋاتاتتى.
مەن يانچۇقلىرىمىنى يەنە ئاختۇرۇشقا باشلىدىم.قويۇن يانچۇقۇم،ئشتان يانچۇقۇم...ھەممە يانچۇقۇملىرىمنى ئالاقويماي ئاىتۇرۇپ چېقتىم.لېكىن پۇلىنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتى.مەن قانداق قىلىشمنى بىلەلمەي:
-موما،قورساقلىرى ئاچمۇ – دەپ سوردۇم.كۆڭىلۈمدە: ‹‹ مەن دائىم كېرىدىغان ئاشخانغا باشلاپ بېرىپ بىر ۋاخ نېسىگە تاماق ئېلىپ بېرەيچۇ ›› دەپ ئويلغان ئىدىم.تىلەمچى موماي مېنىڭ سەدىغە بېرىشنىڭ ئوينىغا تاماق ئېلىپ بېرىشنى دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ،بىردەم ئويلىنىپ:
- قورسقىم توق ئاپئاق بالام،ئازىراق بىر نەرسە بەرسىڭىز،خۇدايىمىنىڭ ھىممىتى بىلەن كېسەل ياتقان ئېرىمنى داۋالتىۋالسام بولدى،-دەپ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويدى-دە تۈرۈم-تۈرۈم قورۇقلار قورشاپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ماڭا سېنچلاپ بىر قۇر قاراپ قويدى.مەن تىلەمچى موماينىڭ دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ،نېمە دېيشمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم.
     تىلەمچى موماينىڭ قاداق باسقان قوللىرى توختىماي تىترەيتتى. روشەنكى، بۇ قوللار تالاي جاپا-مۇشەقەتنىڭ ،چوڭ ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققانلىقىنىڭ گۇۋاھچىسى ئىدى. ئىچىمدە ئۇنىڭ غەيرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇم ھەم تەقدىرىگە ئاچچىق ئېچىندىم.
-بالىلىرىڭىز يوقمۇ؟ -دېدىم مەن تىلەمچى موماينىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن.
-ئۈچ ئوغلۇم بار ئىدى، ئاتىسنىڭ ئېغىر كېسىلى سەۋەبىدىن بىزنى تاشلاپ باشقا يۇرتلارغا كېتىپ قالدى. بالىلارنىڭ ئاتىسى بالىلارنىڭ قىلغىنغا چىدىماي، كېسلى تېخمۇ ئېغىرلاپ كەتتى... — تىلەمچى موماي مايلىشىپ پارقىراپ كەتكەن يېڭى بىلەن مۇنچاق-مۇنچاق كۆز يېشىنى سۈرتتى...
-ھەي قېرى، دەرھال بۇ يەردىن يوقال،سەندەك گادايلارنىڭ سەۋەبدىن شەھىرىمىزنىڭ ئوبرازى كۈندىن كۈنگە خۇنۇكشلىپ كېتۋاتىدۇ؟ ! – دېگەن قوپال ئاۋاز تىلەمچى موماي بىلەن ئىككىمىزنىڭ سۆھبىتىنى ئۈزۈۋەتتى.
- ھە مانا، مەن ھازىرلا كېتەي باشلىق بالام...، – تىلەمچى موماي شۇنداق دەپ تىتىرەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن يەرنى تىرەپ ئورۇندىن ئاستا تۇردى. شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسنىڭ خىزمەت فورمىسنى كېيۋالغان يىگىت تىلەمچى مومايغا گەجەىسىدىن تۇتۇپ: - بۇنىڭىدىن كېيىن بۇ يەردە تىلەمچلىك قىلماي، ئاشخاندا يۇندا تۆك،قوسقىڭ ئاچ قالمايدۇ، – دەپلا ئىتترىپ ئېلىپ ماڭدى.
- ئاللا رەھىمەت قىلسۇن بالام بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز بۇ يەردە ئولتۇرۋالمايمەن،خۇدايىم بەختىڭىزنى ...
تىلەمچى موماينىڭ چىرايى تېخىمۇ تۈرۈلۈپ، كۆزلىرى غەلىتە قىسىلغانىدى،سولياۋ خالتىنى تۇتۇپ تۇرغان قولى بەكلا تىترەپ كەتتى. تىلەمچى موماينىڭ گېپنى ئاڭلاپ فورملىلىق يىگىتنىڭ تازا ئاچچىقى كەلدى بولغاي:
-تولا سۆزلمەي ماڭا ئۆلمەي قالغان قېرى،-دېگنچە تىلەمچى موماينى سۆرۈپ دېگۈدەك ئېلىپ كېتىپ باراتتى.
مەن تىلەمچى موماينىڭ كەينىدىن خىلى بىر ھازاغىچە قاراپ قالدىم.تىلەمچى موماي فورمىلىلىق يىگىتىكە ھەدەپ يالۋۇرۇپ كېتىپ باراتتى.بۇ چاغدا قار تېخمۇ كۈچيىپ چۈشۋاتاتتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

30

تېما

16

دوست

1422

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
273 سەر
تىللا
159 دانە
تۆھپە
250 سەر
شۆھرەت
333 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 12:16:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ھەممە بەندىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن !كىشىلەر ئارىسىدىكى رەھىم -شەپقەت ،ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدىكى مىھىر مۇھەببەت ھەقىقەتەن سۇسلىشىپ كىتىۋاتىدۇ، كىشىنى ئويغا سالىدىغان تەربىۋى ئەھمىيىتى چوڭقۇر تېمىكەن.ھارمىغايسىز !
گۈل پۇرىقى بىلەن، ئادەم پەزىلىتى بىلەن قەدىرلىنىدۇ!

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 19:53:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى يوقۇرى ھېكايە ئىكەن . رەھمەت سىزگە .
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

200

تېما

96

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6953 سەر
تىللا
1441 دانە
تۆھپە
7466 سەر
شۆھرەت
5474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 20:03:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تەربىيەۋى ئەھمىيىتى يۇقۇرى بولغان تېمىلارنى يوللاپ تۇرغايسىز !
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 22:58:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا- ئانىلارنى تاشلىۋېتىش، ئىككى دۇنيالىق قار يۈزلۈكتۇر. ئادەملەر ئارىسىدىكى رەھىمدىللىك يوقالمىسۇن ئىلاھىم! ئەشۇ بىر جۈپ قەدىردانلىرمىزنىڭ ئاخىرىقى ئۆمرى بەخىتلىك ئۆتكەي...
ھېكھيىڭىزنى ئوقۇپ ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي قالدىم، بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ، رەھمەت سىزگە بەرىكەتلىك قەلىمىڭىزگە ئۇتۇقلار يار بولغاي.
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم

23

تېما

15

دوست

2677

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
535 سەر
تىللا
359 دانە
تۆھپە
502 سەر
شۆھرەت
569 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 01:22:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپىمىزدا ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئانىلار بار.تۇلۇقسىزدا ئۇقۇۋاتقان چېغىمدا ئۇلۇغ ئانا ھەققىدىكى داستاننى ئۇقۇپ ناھايىتى تەسىرلەنگەن ئىدىم.بۈگۈن ھېكايىڭىزنى ئۇقۇپ يۈرۈگۇم ئازاپتىم مۇجىلدى.كۆزلىرىمگە يىغا ئۇلاشتى.بەكمۇ تەسىرلەندىم.رەھمەت سىزگە!  
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 00:48, Processed in 0.458033 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش