مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان 9 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر 22 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش تۈنۈگۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 18:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 18:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن 23 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر ئۈلۈشكۈن 23:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 18:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 17:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 62|ئىنكاس: 6

جاسارەتلىك قىز‹چۆچەك›ئا.ن.ئۆزقۇت

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

43

تېما

1

دوست

651

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
150 سەر
تىللا
41 دانە
تۆھپە
121 سەر
شۆھرەت
149 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-1 21:27:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت
                                                                  جاسارەتلىك قىز
                                                                ئىجادىي چۆچەك
ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى ئىللىق قوياشنىڭ سېخىي نۇرى زېمىندىكى دەريا-ئېقىن ۋە ئوت-چۆپ،گۈل-گىياھ،دەل-دەرەخلەرگە ھاياتى كۈچ ئاتا قىلغانىكەن.تەبىئەتنىڭ مۇل نېمەتلىرىدىن ئادەم ۋە ھايۋاناتلار ئورتاق بەھىر ئېلىپ ناھايتى خۇشال-خۇرام ياشايدىكەن.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىردە، تەڭرىتاغىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر يۇرتتا ۋابا كېسلى تارقىلىپ نۇرغۇنلغان ئادەم ۋە ھايۋاناتلار جانلىرىدىن ئايرىلىپ قاپتۇ.
شۇ يۇرتتا بۇخلچەم ئاتلىق بىر دىھقان ئايال بولۇپ ئۇنىڭ پەخرىيە ئسملىك بىر قىزى بار ئىكەن. پەخرىيە ئۆزى ئىنتايىن ئەقىللىق،ئشچان ۋە چېچەن قىز بولۇپ ئۆسۈپ يېتلىپتۇ.ئانسىنىڭ تەربيلىشى بىلەن ئىلىمىدە كامالەتكە يېتىپتۇ.تەڭتۇشلىرمۇ ئۇنىڭغا بەك ئامراق ئىكەن. ئۇ بىكار بولسىلا ئانسىغا ياردەملىشىپ،ئائىلە ئشلىرىنى قىلشىپ بىرىدىكەن.ئۇ قوي باققاچ كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن بولغاچقا كىتابلاردىن نۇرغۇنلغان مول بىلملەرگە ئىگە ئېتىشقا ئۇستا ئادەم بولغاچقا كەچقۇرۇنلىرى قىزغا نۇرغۇنلغان قىزىقارلىق چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرىدىكەن.
يۇرتتا تارقالغان ۋابا كېسلىنىڭ دەستىدىن ئانسى ئاغىرىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ.مىدىرلىماي ياتقان ئانىسغا قاراپ پەخرىيەنىڭ قارا كۆزلىرىدىن ياشلار يېپى ئۆزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلشىكە باشلاپتۇ.پەخرىيە قانداق قىلىش توغرسىدا ئۇزاق باش قاتتۇرۈپ،ئاخىرى يىراقلارغا بېرىپ ۋابا كېسلىنى داۋالايدىغان دورا تېپىپ كېلىپ ئانىسى ۋە يۇرت خەلقنى قۇتقۇزماقچى بولۇپتۇ.ھەمدە ئانسىىدىن رازىلىق ئېلىپ،خورجۇنغا ئۇزۇق-تۈلۈك قاچىلاپ ئۇزاق سەپەرگە ئاتلىنپتۇ.
پەخرىيە يول يۇرۇپتۇ،يول يۇرگەندىمۇ مول يۇرۇپتۇ.نۇرغۇنلغان چۆل-جەزىر،دەشىت-باياۋانلاردىن،كەڭ كەتكەن قۇملۇق-بارخانلاردىن ئېشپتۇ.خۇرجۇندىكى ئاشلىقمۇ تۈگەپتۇ. يولنى مىڭ تەسلكتە داۋاملاشتۇرۇپ مېڭشقا باشلاپتۇ.ئاشۇنداق مېڭىپ ھېچ يەردىن سۇ ۋە ئۇزۇقلۇق تاپالماي،ئۇسۇزلۇق ۋە ئاچلىق دەردىدىن ھالسزلىنىپ،يىقىلىپ قاپتۇ ۋە كۆزى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ.چۈشدە ئاپئاق ساقاللىرى مەيدىسىگە چۈشكەن دادسى زاھىر بولۇپتۇ.دادىسى قوللىرىنى كەڭ ئېچىپ:
-يۈرەك پارەم،دەرھال ئۇرنىڭىزدىن تۇرۇڭ!ئانىڭىز جان سەكىراتتا سىزنىڭ دورىنى ئېلىپ كېلشىڭىزنى ساقلاپ جان تالشىپ ياتماقتا.مەغرۇپقا تەرەپكە قاراپ ماڭسىڭىز،ئالدىڭىزغا كەڭرى كەتكەن بىر دەريا ئۇچىرايدۇ.ئېڭسڭدە بولسۇن ھەرگىز دەريا سۆينى ئېچمەڭ! دەريانىڭ سۈيى ئەجدىھارنىڭ ئۆتكۈر زەھىرى بىلەن زەھەرلەنگەن.ئېچىڭىسزلا ئۆلۈپ كېتىسز.سز دەريادىن بىر ئامال قىلىپ ئۆتۈپ،ئالدىڭىزغا قاراپ ئىككى كۈن ماڭسىڭىز چەكىسز كەتكەن قۇملۇق ئۇچىرايدۇ.قۇملۇقغا كىرسىڭىز بىر يۇغان گۈمبەزنى ئۈچىرتىسز.شۇ گۈمبەزگە كىرسىڭىز نىجاتلىق يولىنى تاپالايسىز.دېگەن گەپلىرىمنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ،-دەپتۇ.
پەخرىيە چۆچۈپ ئويغىنىپ ئورنىدىن تەستە تۇرۇپتۇ-دە،ئانىسنى ۋە يۇرت خەلقنى ئېسىگە ئاپتۇ. ماغدۇرسىز تېنىنى سۆرەپ،مەغرۇپ تەرەپكە قاراپ يول ئاپتۇ.پەخرىيە  نۇرغۇن يوللارنى بېسىپ،دادىسى چۈشىدە دېگەن دەريا بويغا كەپتۇ.پەخرىيە دەريادا ئېقىۋاتقان سۇنى كۈرۈپ ھاياجلىنىپ كېتپتۇ.قانغۇدەك سۇ ئىچكۈسى،سۇغا چۆلۈمۈپ ئوينغۇسى،راھەتلەنگۈسى كەپتۇ.پەخرىيە بىر ئۇچۇم سۇنى قولغا ئېلىپ ئېچەي دەپ تۇرىشىغا كاللىسغا دەرھال دادىسىنىڭ دېگەن گەپلىرى كەپتۇ-دە،سۇنى ئېچمەپتۇ.
پەخرىيە ئۆتكۈر كۆزلىرىنى يېراق-يېرقلارغا تىكىپ،دەريادىن ئۆتۈشنىڭ ئامالىنى ئېزدەپتۇ.سەلكىن شامالدا يەلپۇنۇپ تۇرغان يىكەنلەرنى كۆرۈپ كاللسىغا بىر ئەقىل كەپتۇ-دە،يىكەنلەرنى ئورۇپ سال ياساپتۇ. بىر مىڭبىر جاپادا دەريادىن ئۆتۈپ،چەكىسز كەتكەن قۇملۇقغا قەدەم قويۇپتۇ.پەخرىيە نۇرغۇن چۆل-باياۋان،قۇم بارخانلىرىنى ئارقسىدا قالدۇرۇپ،دادىسى ئېيتقان ھېلىقى گۈمبەزىنى تېپتۇ.
گۈمبەز ئىچىدە چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان،بەللىرى مۇكچەيگەن بىر ئەمچى بوۋاي ياشايدىكەن. بۇ ئەمچى بوۋاينىڭ داڭقى پۈتۈن ئالەمگە مەشھۇر ئىكەن.ئۇنىڭ شىپاللىق قولىدىن ھەر قانداق بىمار ساقيىپ كېتىدىكەن.ئەمچى بوۋاي پەخرىيەنىڭ ئەدەبلىك سالام بىلەن ئۆز ھوزۇرغا كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن سۆيۈنۇپ كېتپتۇ ۋە تۆرىگە باشلاپ،غېزا-تاملارنى داستخانغا تېزىپ، مىھمان قىلپتۇ.
پەخرىيە ئەمچى بوۋاينىڭ ئۆزىنى قىزغىن قارشى ئالغانلىقغا چەكىسز مىنەتدارلىقنى بىلدۇرۇپ،كېلىش سەۋەبىنى ئەمچى بوۋايغا ئېتپتۇ.ئەمچى بوۋاي پەخرىيەنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ،بىر ھازا تۇرۇپ كېتپتۇ.
-قىزىم،-دەپتۇ ئەمچى بوۋاي ئويچان كۆزلىرىنى پەخرىيەگە تىكىپ،-ۋابا كېسلىنىڭ داۋاينى قىلماق بەسىي مۇشكۈل.كېسەلىنىڭ داۋايى دورىنىڭ رېتسپنى تېپىش ئۈچۈن كۆپ رىيازەت چېكىشكە توغرا كېلىدۇ. سىز قىز بالا تۇرسىڭىز بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىمىقىڭىز تەس،-دەپتۇ.
-خاتىرجەم بولۇڭ بۇۋا،ھەر قانداق جاپا-مۇشەققەت بولسىمۇ مەن يېڭيالايمەن.ئانام ۋە يۇرتتىكى ئادەملەر ۋابا كېسىلىنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلىدىغانلا ئىش بولسا،ئوت-دېڭىزغا كىرشىكىمۇ رازى،-دەپتۇ پەخرىيە  قەتئىلىك بىلەن.
-جاسارتىڭىزگە ئاپىرىن قىزىم.ياشاپ كېتىڭ. لېكىن داۋايى دورىنىڭ رېتسىپنى ئەكىلىش ئۈچۈن مۇشۇ جايدىن توپتۇغرا مەشرىق تەرەپكە بىرشىكە توغرا كېلىدۇ.ئۇ يەرگە بارماق بەك قېيىن.ھازىغىچە بارغان ئادەم يۇق،-دەپتۇ ئەمچى بوۋاي پەخرىيەنىڭ ئىرادىسنى سىناش نەزىردە.
-مەن چۇقۇم بارالايمەن بۇۋا،ماڭا يولنى كۆرستىپ قويۇڭ؟!-دەپتۇ پەخرىيە ئورۇندىن تۇرۇپ ئىگىلىپ سالام قىلىپ.
-ئۇنداق بولسا مەيلى قىزىم،سىناپ بىقىڭ.لېكىن ھايات قايتىپ كەلمىڭىز مۇشكۈل ئىش. شۇنداق بولسىمۇ سىزگە قانداق قىلىش توغرسىدا مەسلھەت بېرەي،-دەپتۇ ئەمچى بوۋاي.
ئەمچى بوۋاي پەخرىيەگە يوللارنى قانداق بېسىش ،يولدا قانداق ۋەقەلەرنىڭ يۇز بېرىدىغانلقى ۋە ئەجدىھار غارغا كېرىپ داۋايى دورىنىڭ رېتسپنى قانداق ئېلىشنى سۆزلەپ بېرىپ،ئاق تۇلپارغا مىندۇرۇپ،خۇدادىن ئاسانلىق تىلەپ،مەشرىققە يولغا سېلىپ قويۇپتۇ.
پەخرىيە ئاق تۇلپارغا مىنىپ ئۇزۇن سەپەرىنى باشلاپتۇ.ئاق تۇلپار ئالتە ئايلىق يولىنى بىر كۈندە باسىدىكەن.ئاق تۇلپار شۇنداق تېز چىپىپ كۆزلىگەن مەنزىلىگە يېتىپ كەپتۇ.پەخىرىيە ئاتنى بىر قوزۇققا باغلاپ قويۇپ،ئەجدىھار غارغا قاراپ يول ئاپتۇ.
ئەجدىھار غارى جايلاشقان تاغىنىڭ ئەتراپىنى قويۇق چاتقال،ئورمانلار قاپلاپ كەتكەن بولۇپ يول يۇرۇش تەس ئىكەن.پەخرىيە ئاتىسىدىن مىراس قالغان پىچاق بىلەن چاتقاللارنى كېىسپ تاشلاپ،مڭبىرجاپادا يولىنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلاپتۇ.
پەخرىيە شۇنداق جاپادا كېتۋاتسا يولدا نىمجان بولۇپ ياتقان بىر بوغما يىلان ئۇچراپتۇ. بوغما يىلان ئاچلىق ۋە ئۇسۇزلۇق ئازابىدىن ئاران-ئاران تىنۋاتقانىكەن.پەخرىيە بوغما يىلاننىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغانلقنى كۆرۈپ،ئۇنى تاشلاپ قويۇشقا كۆڭلى ئۇنىماي،يېنىغا سېلىۋالغان يېمەكلەرنى بېرىپ،قولىنى كېسىپ،ئۇسۇزۇلۇقغا قان ئېچۈرۈپتۇ.بوغما يىلانغا شۇئان ماغدۇر كېرىپ پەخرىيەگە:
-ئەي شەپقەتچىم،ساڭا نېمىدەپ رەھمەت ئېيتىشمنى بىلمەيۋاتمەن.مەن ئەسىلىدە يىلانلار پادىشاھى ئىدىم.شىكارغا چىقىپ يولدىن ئېزىپ مۇشۇ يەرگە كېلىپ يىقىلىپ قالغاندىم.سەن مېنى قۇتقۇزۇپ قالغانلقىڭ ئۈچۈن مەن ساڭا بىر ياخشلىق قىلاي،ئەگەر بېشىڭغا كۈن چۈشسىە مۇشۇ قاسرىقىمنى كۆيدۇرسەڭ،مەن ئالدىڭدا ھازىر بولىمەن،-دەپ قاسرىقىدىن نەچچە تال يۇلۇپ بېرىپ كېتىپ قاپتۇ.
پەخرىيە يولىنى يەنە مېڭبىر جاپادا بېىسىپ كېتۋاتسا ئۇنىڭغا قسماقغا چۈشۈپ قالغان بىر يولۋاس بالسى ئۇچراپ قاپتۇ.پەخرىيە ئۇنىڭىغمۇ ياخشلىق قىلىپ پۇتنى قسىماقتىن چىقىرىپ قويۇپتۇ ۋە پۇتنى تېڭىپ قويۇپتۇ.يولۋاس بالسى پەخرىيەنىڭ ئۆزگە قىلغان ياخشلقغا رەھمەت ئېيتىپ:
-مېنى قۇتقۇزۇپ قالغىنىڭغا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر ئېتىمەن.
سېنىڭ بۇ ياخشلقىڭغا جاۋابەن بىر ئۆمۈر خىزمتىڭنى قىلساممۇ ئازلىق قىلىدۇ.مەن يولۋاسىلار شاھزادىسى بارىس بولمەن.قانداق قېيىچلىقىڭ بولسا ئېيىت!مەن تەلپىڭنى بەجانىدىل ئورۇندايمەن،دەپتۇ.
پەخرىيە:
-مېنىڭ ھېچقانداق قېينچلىقىم يوق،-دەپ يولغا ماڭماقچى بولغانىكەن،بارىس شاھزادە ئۇنىڭغا شۇنداق دەپتۇ:
بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە مېنى ئۈچ قېتىم >بارس شاھزادە <دەپ تولساڭ،مەن شۇئان يېنىڭىدا ھازىر بولىمەن،دەپتۇ.
پەخرىيە ئانىسى ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ جان تالشىپ ياتقانلىقنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ يولىنى تېز بېسىپ ئەجدىھار غارنىڭ ئشىك ئالدىغا كەپتۇ. ئەجدىھار بۇ چاغدا قاتتىق ئۇخلاپ ياتقانىكەن.پەخرىيە دەرھال پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەجدىھارنىڭ ئاستدىكى قۇتا ئىچىگە سېلىپ قويغان ‹‹شىپايى رىسالىلەر قامۇسى›› دېگەن كىتابنى ئېلىپ،ئاق تۇلپارغا مىنىپ قېچىپتۇ.
ئاق تۇلپار شۇنداق تېز چېپىتىكى شاماللارمۇ ئۇنىڭغا يېتشەلمەپتۇ.ئەمدى گەپنى ئۇخلاپ ياتقان ئەجدىھاردىن ئاڭلايلى.
خىلى ئۇزۇن ئۆتكەندىن كېيىن ئەجدىھار قاتتىق بىرىنى نەرە تارتىپ ئۇرۇندىن تۇرۇپتۇ.كىتاب ساقلايدىغان قۇتىغا قارىسا گۆھەر كىتابنىڭ  يۇقلىقىنى كۆرۈپ دەر غەزەپكە كەپتۇ.كىتابنى ئوغرلاپ قاچقان پەخرىيەنى دەرھال قوغلاشقا باشلاپتۇ.
پەخرىيە ئاق تۇلپار چاپتۇرۇپ كېتۋاتسا ئەجدىھار قوغلاپ كەپتۇ. پەخرىيە بىلەن ئەجدىھار قاتتىق  ئېلشىپتۇ.ئۇلار شۇنداق جەڭ قىلشپتۇكى،ئاستىدىن چىققان توپا-چاڭىدىن كۈن نۇرىمۇ زىمىنغا چۈشەلمەپتۇ.ئەجدىھارغا كۈچى يەتىمگەن پەخرىيەنىڭ يادىغا دەرھال بوغما يىلان كەپتۇ-دە،ئۇ بەرگەن قاسىراقنى كۆيىدۇرگەنىكەن،بوغما يىلان شۇئان پەيدا بوپتۇ.پەخرىيە بولغان ئەھۋالىنى ئېيتقانىكەن،بوغىما يىلان:
-سەن خاتىرجەم بولۇپ يولۇڭغا كېتۋەر،ئەجدىھارىنىڭ ئەدىۋىنى ئۆزۈم بېرىمەن،-دەپتۇ.ۇ ئاق تۇلپارىنى تېخىمۇ تېز چاپتۇرۇپ مېڭپتۇ.
بۇغىما يىلان بولسا مەملىكتىدىكى بارلىق يىلانلارغا يېغىلىش توغرىسدا شۇنداق ئەمىر قىلغانىكەن،ھەممە يىلانلار ئەجدىھارنىڭ يولدا ھازىر بولۇپ،ئەجدىھار بىلەن قاتتىق جەڭ قىپتۇ.ئەجدىھارمۇ بوش كەلمەي يىلانلار بىر-بىرلەپ ئۆلتۈرۈشكە باشلاپتۇ. ئەجدىھار يىلانلارنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن پەخرىيەنى يەنە قوغلاشقا باشلاپتۇ.پەخرىيە ئەجدىھارنىڭ ئۆزىنى قوغلاپ كېلۋاتقانلقنى كۆرۈپتۇ- دە،دەرھال شاھزادە بارىسنى ياردەمگە چاقىرىپتۇ.
شاھزادە بارىس بىلەن مەريەم بىرلكتە ئەجدىھار بىلەن قانلىق جەڭ قىلپتۇ.جەڭ يەتتە كۈن داۋاملىشىپ،يەر-جاھاننى توپا-چاڭ بېسىپ كېتپتۇ.بارىس شاھزادە بىلەن مەريەم ئاخىردا ئەجدىھارىنى مەغلۇب قىلىپتۇ ۋە پەخرىيە بىخەتەرئەمچى بوۋاينىڭ ھوزۇرغا كەپتۇ.
پەخرىيە ئەمچى بوۋاينىڭ يېنغا بېرىپ،‹‹شىپايى رىسالىلەر قامۇسى›› دېگەن كتابنى بېرىپتۇ.ئەمچى بوۋاي پەخرىيەنىڭ قەيسەرلكىگە ئاپىرىن ئوقۇپتۇ ھەمدە ۋابا كېسلىنى داۋالاشىنىڭ دورىسنى تەييارلاپ پەخرىيەنى يۇرتىغا يولغا سېلىپ قويۇپتۇ.
پەخرىيە تاغۇ-تاغ،باغمۇ-باغ يوللارنى بېرسىپ مېڭبىر مۇشەققەتتە ئاخىرى يۇرتىغا يېتىپ كەپتۇ.
پەخرىيە يۇرتىغا كەلسە يۇرت خەلقى ۋابا كېسلى تۇپەيلى ئۆلۈپ كەتكەنلىكنى ئاڭلاپتۇ. ئۇ بۇ شۇم خەۋەرىنى ئاڭلاپ،كۆڭۈلى ئېغىپتۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن ئانىسىدىن ئەنىسرەپ ئۆيىگە ئۇچقاندەك ئۆيگە كىرىپ قارىسا،ئانىسى نىمجان ھالەتتە جان تالىشىپ سەكراتتا ياتقانلقنى كۆرۈپتۇ. ئۇ دەرھال ئەمچى بوۋاي بەرگەن دورىنى ئېچكۈزۈپتۇ. دورىنىڭ كارامتى بىلەن ئانىسى شۇئان سەلىمازا ساقيپتۇ.پەخرىيە ئەمچى بەرگەن دورىنى يۇرتتىكى ۋابا كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بارلىق ئادەملەرگە بېرىپتۇ.شۇنىڭ ئەمچى بەرگەن دورا ئارقىلىق يۇرت خەلقنى ۋابا كېسلىدىن قۇتقۇزۇپ قاپتۇ.
شۇنىڭدىن باشلاپ پەخرىيەنىڭ يۇرتنى ۋە ئانسىىنى قۇتقۇزۇش جەرياندىكى باتۇرلۇقى تىللاردا داستان بولۇپ ئەتراپقا تارقلىپتۇ.
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
بەختىيار(بايقاش + 5 + 3 + 5 + 3بارىكاللا تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 3 تۆھپە + 5 شۆھرەت + 3  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

200

تېما

96

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6953 سەر
تىللا
1441 دانە
تۆھپە
7466 سەر
شۆھرەت
5474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-1 21:58:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن رەھمەت
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 00:07:21يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۆچەكتىكى قىزنىڭ ئىش -ئىزلىرى ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇرمەدە  چوڭقۇر تەسىر قالدۇرسا .سىزنىڭ يېزىقچىلىق بولۇپمۇ ھېكايە -چۆچەك يېزىشتىكى سەۋىيىڭىزگە قايىل بولمۈاقتا , بۇ چۆچەكنى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز رەھمەت سىگە . مۇشۇندھق تەربىيىۋى -ئەھمىيىتى يوقۇرى ئەسەرلەرنى مۇنبەرداشلار ھۆزورىغا ئۈزۈپ قويماي سۈنۈپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز .ېەھمەت ھارمىغايسىز
来自: Android客户端
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 00:11:29يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاسنى تېلفۇندا يازغاچقا ئىملا خاتالىقى يۈز بېرىپتۇ .كومپىيۇتىردا تورغا چىققاندا تەھرىرلەپ قوياي .
来自: Android客户端
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 15:03:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنىبرىمىزدە سىزگە ئوخشاش مول ھوسۇللۇق يازغۇچى،شائىرلىرىمىزنىڭ بولغانلىقى مۇنبەرگە زور ھاياتى كۈچ ئاتا قىلىپ،مىڭلىغان ئەزالارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلماقتا.بۇ ئىجادىي چۆچەكنى ئوقۇپ،بەكمۇ تەسىرلەندىم ھەم سىزنىڭ قەلەم كۈچىڭىزگە چىن دىلمىدىن قايىل بولدۇم،بۇنىڭىدىن كېيىن نادىر يازمىلىرىڭىزنى مۇنبەر ئەھلىگە تەقدىم قىلىپ تۇرغايسىز!!!رەھمەت سىزگە...
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 22:07:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل سوۋغىڭىزغا بارىكاللا قېرىندىشىم!
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم

22

تېما

15

دوست

2667

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
533 سەر
تىللا
357 دانە
تۆھپە
501 سەر
شۆھرەت
567 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 15:10:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىلغان چۆچەك ئىكەن.سىزنىڭ ئۆزگىچە تەسەۋۇرىڭىزدىن بەكمۇ سۇيۇندۇم.قەلەم دۇلدۇلىغا مىنىپ ھارماي تىرىشىۋاتقان قەدىمىڭىزگە مۇۋاپىقىيەتلەر تىلەيمەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-10 23:43, Processed in 0.453046 second(s), 42 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش