مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 71|ئىنكاس: 5

تەدبىركار باشلىق ‹ھېكايە› ئا.ن.ئۆزقۇت

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

43

تېما

1

دوست

651

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
150 سەر
تىللا
41 دانە
تۆھپە
121 سەر
شۆھرەت
149 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 22:05:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت
                                                                تەدبىركار باشلىق
                                                                   ‹ھېكايە›
قاراساي يېزىسدا ئولتۇرۇشلۇق تۇل خوتۇن مەسۇمخان موماي ئەللىك ياشلارنىڭ قارىسنى ئالماي تۇرۇپ،چاچلىرىغا ۋاقتىسز ئاق كىرگەن،بەللىرى تۇرمۇشنىڭ ئېسق-سوغۇقى بىلەن يادەك ئىگىللگەن،ھاسىغا تايىنىپ تەستە ماڭىدىغان،ئۆزى پاكىز ئايال ئىدى.
موماينىڭ بۇ دۇنيالىقتا يالغۇز قىزىدىن باشقا ھېچقانداق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يوق ئىدى. ئائىلىسنىڭ ئىقىتسادىي ياخشى بولمسمۇ بىچارە موماي قىش-ياز بازاردا تەنزە ئېچىپ تاپقان ئازغىنە پۇلى بىلەن قىزى ئاسىيەنى ئالىي مەكتەپتە تەسلكتە ئوقۇتقان ئىدى.قىزى ئاسىيەمۇ ئانسىنىڭ تارتىۋاتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىنى بىلىپ تۇرغاچقا ئالىي مەكتەپتە تىرىشپ ياخشى ئوقۇپ،ھەر يىلى دۆلەتنىڭ ئوقۇش موكاپاتنى ئېلىپ ئوقۇغان،ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش ئىمتھانسىدىنمۇ بىرىنچى بولۇپ ئۆتكەن ئىدى.لېكىن تەقدىر بۇ ئائىلە بىلەن قىرىشقاندەك ئاسىيە باشقا بىر يېزىغا خىزمەتكە تەخسىم قىلىنىپ قالغانىدى.موماي قىزىنىنىڭ خىزمتنى ئۆزى يۇرتىغا_قاراساي يېزىسغا يۆتكەش ئۈچۈن تالاي قېتىم ئىدارىدىكى چوڭ-كىچىك رەھبەرلەرگە دېگەن بولسىمۇ ھەل بولماي ئاۋارە بولۇپ يۈرەتتى.خوشىنىلىرىنىڭ بالىلىرىنى يۆتكەپ كەلگەنلىك خەۋەرىنى ئاڭلغان ھامان ئولتۇرالماي قالاتتى.
ئۇ بۈگۈن سەھەردە قىزى ئاسىيەنىڭ ئىشى بىلەن ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسىگە يەنە كەلدى.موماي ئىدارە ئالىدىغا كەلگەن ۋاقتىدا ئشچى-خىزمەتچىلەر ئەمدى ئشقا چۈشكەنىدى. ئۇ ئىلىگىرى ھەر قېتىم كەلگەندە قاپىقى يامان دەرۋازىۋەن بىر مۇنىچىنى ۋاتىلىداپ تەسلىكتە ئىدارىگە كىرگىن قوياتتى. تەلىيگە بۈگۈن باشقا بىر ئادەم ئىشك تۇۋىدە ئولتۇراتتى.
-ياخشى تۇردىڭىمىز چوڭ ئانا،يەنە ئۆتكەنكى ئىش ئۈچۈن كەپسىزدە؟-دېدى دەرۋازۋەن خۇش تەبەسۇم بىلەن.
-شۇنداق بالام،بۈگۈن يەنە كېلىشىم.ئالدىنقى قېتىم كەلسەم باشلىقنى ئىچىكىرى ئۆلىكىگە ساھايەتكە كەتكەنىكەن.ئاڭلىسام قايىتىپ كەپتىمىش،-دېدى مەسۇمخان موماي دەرۋازىۋەننىڭ ئىللىق چىقىپ تۇرغان چىرايغا خۇشچىرايلىق بىلەن قاراپ.
-ئىدارە باشلىقى ئىككى كۈن ئاۋۋال كەلگەن.ئشخانسدا بار.قېنى كېرۋەرسلە.
دېمسمۇ مەسۇمخان موماينى ئىدارىدىكى ھەممسى تونۇيتى.چۈنكى موماي ئىدارىگە بىر يىلىنىڭياقى تولا كېلىپ ھەممىسگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن ئىدى. بەزى ۋاقتىلاردا بىچارە موماينىڭ ياش يۇقى كۆزلىرىنى رومىلىنىڭ پىشىدا سۈرۈتۇپ چىقىۋاتقانلىقنى كۆرگەن بەزى ئىشىچى-خىزمەتچلەر ئىچ ئاغرتىپ تەسەللىي بېرىپ قوياتتى.
مەسۇمخان موماي دەرۋازېۋەن بىلەن خوشلىشىپ، مۇكچەيگەن بەللىرىنى سەل رۇسلاپ،ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ،قولىدىكى ھاىسىسنى تېخمۇ مەھكەم تۇتۇپ ئىككىنچى قەۋەتتىكى تونۇش بولۇپ كەتكەن ئىدارە باشلىقنىڭ ئشخانسىغا قاراپ ماڭدى.
ئىدارە باشلىقى سەمەت مائارىپ ئىدارىسىغا باشلىق بولغىلى ئىككى يىل بولغان،تۆۋەندىن تېز ئۆسۈپ چىققان ئوتتۇز بەشلەرنىڭ قارىسىنى ئالغان ياش باشلىق ئىدى.ئۇنىڭ ئوقۇش تارىخى يۇقىرى،خىزمەت تارىخىي قسقا تۇرۇپ بۇنداق تېز ئۆسۈپ ئىدارىگە بىرىنچى قول باشلىق بولغانلىقى ئىدارىدىكلەرگە بىر تىلسمات ئىدى.ئۇنى تونۇيدىغان بەزى ئادەملەرنىڭ دېيشىچە، ئۇ كشلىك مۇناسۋەتكە ماھىرمىش،ھەر تەرەپلمە ئىقىتدارغا ئىگىمىش.ئۇنىڭ ھەل قىلالمايدىغان ئىشى يوقىمىش،ھەر قانداق قېيىن ئىش بولىسمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسانمىش.شۇنداق،سەمەت جۈيجاڭ بىرگە ماھىر،كۆپكە قادىر باشلىق ئىدى.ئىداردىكى ئىشچى-خىزمەتچلەر ئۇنى ‹‹تەدبركار جى شياۋلەن››دەپ قوياتتى.
ئاللقانداق خىياللار بىلەن باشلىقنىڭ ئشخانسىنىڭ ئالىدىغا كەلگەن مەسۇمخان موماي ئشىك ئالدىدا بىردەم تۇرۋېلىپ،ئشكنى يەڭگىل چەكتى.
-تاك،تاك،تاك.
-كىرىڭ،ئىشىك ئوچۇق،دېدى سەمەت جۈيجاڭ قولغا ئەمىدى ئېلىپ تۇرغان گېزىتنى شېرە ئۈسىتگە قويۇپ.
مەسۇمخان موماي ئەمدى ئايغى چىققان بالىدەك تەمترەپ،ھودۇقغان ھالدا كىرىپ كەلدى.
-ياخشى تۇردىڭىزمۇ بالام،-دېدى مەسۇمخان موماي چىرايغا خۇش تەبەسۇم بېرىپ.
سەمەت جۈيجاڭ مەسۇمخان موماينى كۆرۈپ،ئەرۋاھى مىڭ گەز ئۇچىتى.بىر يىلىدىن بېرى بېشنى تولا ئاغرتقان بۇ موماينى كۆرگەن ھامان قويۇق چاچلىرى تىك تۇراتتى.
-كەلسە،مېنى چۈشەپ قالغان ئوخشايلا!قېنى ئولتۇرسىلا،-دېدى قاپاقلىرىدىن مۇز ياغدۇرغان ھالدا.
مەسۇمخان موماي جۈيجاڭنىڭ قوپال مۇئاملىسىدىن كۆڭلى شېكەستە بولۇپ تۇرسىمۇ ئۆزىنى بېسۋىلىپ،تارتىنىپ دېگۈدەك مىڭ تەسلىكتە كىرسلوغا يەڭگلگىنە ئولتۇردى.
-ھە،ئەتىگەندە ‹ئىت پوق يېمەستە› كېلىپ قاپتۇققۇ،يەنە ھەقىچان يالغۇز قىزلىرىنىڭ ئشى ئۈچۈن كەلگەن ئوخشماملا؟-دېدى سەمەت جۈيجاڭ تەنە ئارىلاش.
مەسۇمخان موماي بىلىنى بىلنەر-بىلىنمەس ئۆزىنى رۇسلاپ:
-شۇنداق بالام،دۇنيالىقتا شۇ بىرلا بالام بار ئىدى،دادىسى رەھمەتلىك ئش ئۈستدە يارىلىنىپ،داۋالىنىش ئۇنۇم بەرمەي ئۆلۈپ كېتىپ، تەسلىكتە ئوقۇتقان ئىدىم،لېكىن قېيىشقاندەك ...
-بولىدى،بولىدى،-دېدى سەمەت جۈيجاڭ موماينىڭ گىپىنىڭ بىلىگە تېپىپ ،- مەن سىلىگە تولا دەپ كەتتىم، كادىرلارنىڭ خىزمتنى تەڭشەش خالغانچە بولىدىغان ئىش ئەمەس دەپ،كادىر يۆتكەشتە ئىدارىنىڭ قاتتىق تۈزۈمى بار،-دېدى سەمەت جۈيجاڭ باش بارمىقنى شىرەنىڭ ئۈستىگە چېكىپ تۇرۇپ.
-جېنىم بالام،شۇ بالامنى بىر ئۆزىمىزنىڭ يۇرتىغا يۆتكەپ قويغان بولسىڭىز،سىزدىن ئۇ دۇنيا-بۇ دۇنيا رازى بولار ئىدىم.ئۆيۈمدە مەندىن باشقا ئادەم بولمغاچقا تۇرمۇشتا بەك قېينىلىپ قالدىم،-دېدى مەسۇمخان موماي كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا.
-يۆتكەپ قويۇش قولۇمدىن كەلگەن بولسا ئاللبۇرۇن قىزىڭىزنى مەھەللىڭىزگە يۆتكەپ قوياتتىم. بۇ ئىشقا ئامال يوق،قايىتىپ كېتىڭ،-دېدى سەمەت جۈيجاڭ قوللىرىنى شلتاپ.
_دېگىنىڭىزغۇ بەرھەق بالام،لېكىن يېقىن خۇشىنىمىزنىڭ بىر بالىسى تېخى تونۇگۈن مەھەللسىگە خىزمتنى يۆتكەپ كەپتۇ،شۇڭا مەن سىزنى بىر ئامال قىلىپ ...
-سىز گەپ چۈشنەمسىز يوق،بالىڭىزنى يۆتكەپ قويۇش قولۇمدىن كەلمەيدۇ.مېنىڭ ۋاقتىمنى تولا ئالماي ئشخانىدىن چىقىپ كەتسىلە،بالىلىرىنى يۆتكەيمەن دەپ ئاۋارە بولمسا،-دېدى سەمەت جۈيجاڭ گەپنى كېسىپ.ئۇنىڭ گەپلىرىدىن تەھدىت،زەردە چىقىپ تۇراتتى.
-بالام بىر ئامال ...
-مەن سىلىنى مېنى ئاۋارە قىلماي چىقىپ كەتسلە دەۋاتمەن،-دېدى سەمەت جۈيجاڭ ئاغىزىدىن تۈرۈكلىرىنى چاچىرتىپ.
-بالام شۇ قىزىمنى...
مەسۇمخان موماي قاپساپ كېلۋاتقان يىغىسنى تەسلىكتە بېسىپ زور ئۈمىد بىلەن ئاخىرقى گەپلىرىنى دەۋاتاتتى.لېكىن بۇ بىچارە موماينىڭ گەپلىرى ۋە بىزىرىپ ئولتۇرشىدىن جاق تويغان سەمەت جۈيجاڭ ئورندىن چاچىراپ تۇرۇپ:
-يوقال،تولا بېشمنى ئاغرتىماي چىقىپ كەت!!!-دېدى.
جۈيجاڭنىڭ ئاچچىقلاپ دېگەن گەپلىرىدىن مەسۇمخان موماينىڭ يۈرىكى ئىغىپ، پۈتۈن بەدىنى ھەسىرەت،ئەلەم،ئاچچىقتىن جاقلداپ تىترەشكە بباشلىدى.ئارقىدىنلا ئورۇندىن تۇرۇشغا كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ،يىقىلىپ چۈشتى.موماينىڭ ئايىلىنىپ كەتكەنلىكنى كۆرۈگەن سەمەت جۈيجاڭ دەرھال باشقا ئشخاندىكى خىزمەتچلەرنى چاقىرغاچ،جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلېفۇن بەردى.ئايال ئۆتمەي جىددىي قۇتقۇزۇشنىڭ ماشنى كېلىپ مەسۇمخان موماينىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى.بۇ كۆتۈلىمگەن ۋەقەدىن ئىدارە ئىچى پاتپاراق بولۇپ كەتتى.سەمەت جۈيجاڭ شوپۇرىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئەۋەتىپ موماينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى تاپلىدى.
مەسۇمخان موماي ئاغىزىغا ئوكسىگىن نەيچىسى سېلنغان ھالدا دوختۇرخانىدا كۆزنى ئاچماي ياتاتتى .بۇ جەرياندا سەمەت جۈيجاڭ بىر قانچە قېتىم كېلىپ موماينى يوقلاپ كەتتى ھەمدە ناھىيدىن نەچچە يۇز كېلومېتر يىراقتتا ئشلەيدىغان قىزىنى شۇ كۈنلا مەكتەپ مۇدىرى ئارقىلىق دوختۇرخانىغا ئەكەلدۇرۇپ ئانىسنى ياخشى بېقىشىنى تاپىلاپ كەتتى.تەتۇر پىشانە قىز ئانىسنىڭ بېشىغا نېمە كۈلپەتلەر كەلگەنلىكىدىن بىخەۋەر ئانىسغا قاراپ ئۇنسىز ياش تۆكۈپ ئولتۇراتتى.
مەسۇمخان موماي ئىككى كۈن ئۆتمەي قىزىنى تىكەندەك يالغۇز تاشلاپ،بۇ دۇنيادىن مەڭگۈللۈككە كۆز يۈمدى. قىزى ئاسىيە زار-زار يىغىلاپ قالىدى.سەمەت جۈيجاڭ مەسۇمخان موماي ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆلۈم ئشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدى.ھەمدە ئاسىيەنى ئۆز يۇرتغا يۆتكەپ قويىدى.
ئىدارىدىكىى ئشچى-خىزمەتچلەر ئىدارە باشلىقنىڭ خالس خىزمەتلىرى،ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن قىلغان ياخشلقلىرىنى كۆرۈپ بىر ئېغىزدىن ماختاپ كەتتى.
ئىدارە باشلىقنىڭ ئشلىرىدىن تەپسلى خەۋەر تاپقان ناھيلىك رادىئو-تېلېۋېزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇخبرلىرىمۇ ئۇنى بىر قانچە قېتىم زىيارەت قىلىپ،ئۇنىڭ ئامما ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ياخشى ئشلىرىنى ئۇچۇرۇپ-ماختاپ خەۋەر بەردى.
يىل ئاخىردا ئىدارە باشلىقى سەمەت ۋالايەتلىك مائارىپ ئىدارسىگە مۇئاۋىن باشلىق بولۇپ يۆتكلىپ كەتتى.
ئىدارىدىكى ئشچى-خىزمەتچلەر ئىدارە باشلىقنىڭ تېز ئۆسۈشتىكى تەدبىركارلىقنى ئەمدى چۈشەنگەندەك قىلاتتى.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 08:47:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ھېكايە ئىكەن،قەلەم كۈچىڭىزگە بارىكاللا!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 19:56:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرلىرىڭىز بىر -  بىرىدن ئېسىل  ئىكەن . اللا قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ، رەھمەت سىزگە
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

200

تېما

96

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6953 سەر
تىللا
1441 دانە
تۆھپە
7466 سەر
شۆھرەت
5474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 20:04:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم قۇۋىتىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن ، رەھمەت  داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ .
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 22:52:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ يۇرتلاردىكى ئىشلارنى يېزىپسىز. راست، ھازىر ئىستىل ئۆزگەرتىش جىدىي تەكىتلىنىۋاتقان رىئاللىقتا «سەمەت جۈيجىئاڭ» نىڭ بۇ تەدبىرىمۇ كارغا كەپتۇ. ئېسىت، قىزىنىڭ يۆتكەنگەنلىكىنى ئاشۇ بىچارە ئانا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولسا، قانچىلىك خوشال بولار ئىدى- ھە!؟...
قەلىمىڭىزگە ئاپىرىن ئۇستاز!
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم

23

تېما

15

دوست

2677

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
535 سەر
تىللا
359 دانە
تۆھپە
502 سەر
شۆھرەت
569 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 01:30:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇرسۇناژلارنىڭ قىياپىتى،روھى-ھالىتى ۋە كەچۇرمىشلىرىنى ئەينەن سۈرەتلەپ بىرىپسىز .بۇ ۋەقەنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەندەك بولدۇم.بەك ياخشى ھېكايىكەن. سىزگە ئاپىرىن!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 02:56, Processed in 0.447969 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش