مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2063 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • چىركىن 14 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

كۆرۈش: 50|ئىنكاس: 5

پۇشايمان يېشى ‹بالىلار ھېكايىسى› ئا.ن.ئۆزقۇت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

43

تېما

1

دوست

651

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
150 سەر
تىللا
41 دانە
تۆھپە
121 سەر
شۆھرەت
149 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 22:03:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت
                                                                پۇشايمان يېشى
                                                              بالىلار ھېكايىسى
دەرىستىن چۈشۈش قوڭغۇرقى چىلىندى .بالىلار خۇشال- خۇرام ھالدا سىنىپلىردىن چىقىشىپ ئويناشقا باشلىدى .6-سىنىپتا ئوقۇيدىغان ئەخمەت كىتاپنى قولتۇقلىغىنىچە مەكتەپ ئالدىدا چوكا مۇز ساتىدىغان بوۋاينىڭ ئالدىغا كەلدى –دە،بالىلار چوكا مۇز ئېلىپ بىرىۋاتقان بوۋايغا :
-ماڭا بىر تال چوكا مۇز بىرىڭە،-دېدى بىر يۈەن پۇلنى تەڭلەپ .بوۋاي ئۇنىڭغا چوكا مۇز ئىلىپ بىرىپ قولدىكى پۇلنى ئالدى.ئەخمەت چوكا مۇزنى قەغىزىدىن چىقىرىپ تۇرشىغا ،بوۋاي ئاشقان پۇلنى ئۇنىڭ يانچۇقىغا سىلىپ قويدى.
ئەخمەت چوكا مۇزنى ئىشتىھا بىلەن شورىغاچ سىنىپقا قاراپ ماڭدى .ئۇزاق ئۆتمەي دەرسكە كىرىش قوڭغىرىقى چېلىندى –دە،ئادىل مۇئەللىم سىنىپقا كىرىپ كەلدى.ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا تەكشى قارۋەتكەندىن كېيىن سالماق ئاھاڭدا :
-ساۋاقداشلار دىققەت قىلىڭلار ،دەرسنى باشلاشتىن بۇرۇن مەن سىلەرگە بىر ئىشنى ئېيتماقچى،مەكتىىپىمىزنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان بەختىگۇل ئاق قان كېسىلى بىلەن دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقىنىغا ئۇزاق بولغاچقا ،داۋالىتىشقا ئامالسىز قاپتۇ.ھەممىمىز ئۇنىڭغا ياردەم قولىمىزنى سۇنساق!- دېدى. ساۋاقداشلار مۇئەللىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ،بەس-بەستە پۇل ئىئانە قىلىشقا باشلىدى .بەزىلىرى ئىككى يۈەن ئىئانە قىلسا ،بەزىلىرى بەش يۈەن ئىئانە قىلىشتى .ئەخمەتمۇ ئىككى يۈەن ئىئانە قىلىشنى ئويلاپ يانچۇقىغا قولنى سالدى –دە، چۆچۈپ كەتتى .چۈنكى يانچۇقىدا جىقلا پۇل تۇراتتى . ئۇ:‹‹بۇ پۇللار نەدىن كەلگەندۇ ؟ھېلىقى چوكا مۇز ساتقۇچى بوۋاي ئارتۇق قايتۇرۇپ بەردىمۇ نىمە ؟››دېگەنلەرنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزدى . ئارقىدىن بۇ پۇللارنىڭ ئىچىدىن ئىككى يۈەننى ئايرىپ ئىئانە قىلدى .پۇل ئىئانە قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇئەللىم دەرىس سۆزلىدى .ئەخمەت ئارلىقتا پۇلنى ساناپ كۆرۈۋىدى.توپتوغرا تۆت يۈەن چىقتى .دېمەك،چوكا مۇز ساتقۇچى بوۋاي ئەخمەتكە ئارتۇق قايتۇرۇپ بىرىپتۇ .مانا ئەمدى ئەخمەتنىڭ كاللىسىدا ئارتۇق پۇللارنى قايتۇرۇپ بېرىش- بەرمەسلىك خىيالى ھۆكۈم سۇرۇشكە باشلىدى .مۇئەللىمنىڭ سۆزلىگەن دەرسلىرى بولسا ئۇنىڭ كاللىسىغا زادىلا چۈشمىدى.پۈتۈن ئوي-خىيالى بۇ پۇللارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا ئىدى .
مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن ئەخمەت دوستى سەمەت بىلەن بىللە ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن سىنىپتىن چىقتى .مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە ،ئالدىراش ھالدا چوكا مۇز سېتىۋاتقان بوۋاي ئەخمەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى .ئۇلار پاراڭلىشىپ كېىتىۋېتىپ  ،سەمەت بۇ دۇكانغا كىرىپ ماروژنىدىن بىرنى ئېلىپ ،ئىشتىھا بىلەن يىگەچ ئەخمەتكە :
-ئاداش ،سەنمۇ ئېلىپ يېسەڭ بولمامدۇ؟-دېدى.
نەچچە پۇلغا ئالدىڭ ؟-دىدى ئەخمەت ئاغزىغا كەلگەن سىرىقسۇنى يۇتۇۋىتىپ.
ئىككى يۈەن ،-دېدى سەمەت پەرۋاسىز ھالدا .ئەخمەت بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەنمۇ بىرنى ئىلىپ يەيچۇ ،دىگەن ئويغا كەلدى –دە:
بىردەم ساقلاپ تۇرغىن ،مەنمۇ بىرنى ئاچىقاي ،-دەپ دۇكانغا يۈگۈردى .
ھايال ئۆتمەي ئەخمەتمۇ بىر تال مارۇژنا تۇتقان ھالدا سەمەتنىڭ يىنىدا پەيدا بولدى .ئىككى دوست مارۇژنا يىگەچ پاراڭلىشىپ يەنە يولنى داۋاملاشتۇردى .سەمەت ئۆيگە كەلگەندە ئەخمەتكە :
-ئاداش تىل –ئەدەبىيات كىتابىڭىنى بىرىپ تۇرغىنە ،كەچتە تاپشۇرۇق ئىشلىۋالاي ؟ كىتابىمنى پارتىدا ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن،-دېدى سومكىسىنى بىر قۇر ئاختۇرۇپ چىققاندىن كېيىن ئۆتۇنگەن ھالدا .
-مەنمۇ كەچتە تاپشۇرۇق ئىشلەيتتىم .بولمىسا ھازىرلا تاپشۇرۇقنىڭ سۇئالىنى يېزىۋالغىن ،-دېدى ئەخمەت سومكىسىنى ئاچقاچ .ئۇ سومكىسىنى خىلى ئۇزاق ئاختۇرۇپمۇ كىتابنى تاپالمىدى .
-نېمە بولدى ،ئاداش،چىرايىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەتتىغۇ؟-دېدى سەمەت ئەخمەتنىڭ چىرايىغا قاراپ .
-كىتابىم يوق تۇرىدۇ ؟-دېدى ئەخمەت جىددىيلەشكەن ھالدا .
-سىنىپتا ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ- يە؟-دېدى سەمەت سۇئال نەزىردە .
-سىنىپتىن ھەممە ماتېريالىمنى ئىلىپ چىققانتىم ،-دېدى ئەخمەت ئويلىنىپ تۇرۇپ .
-بىرەر يەردە ئۇنتۇلۇپ قالمىغانسەن –ھە،ياخشى ئويلىنىپ باققىن ،-دېدى سەمەت .
ئەخمەت ئەتىگەندىن بۇيان ماڭغان –تۇرغان يەرلىرىنى بىر قۇر ئەسلەپ چىقتى- دە،كىتابنى چوكا مۇز ساتقۇچى بوۋاينىڭ قېشىدا ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى .
‹‹ئەمدى قانداق قېلىشىم كېرەك ؟چوكا مۇز ساتقۇچى بوۋاينىڭ يېنىغا بارسام،ئارتۇق پۇلنى قايتۇرساڭ كىتابىڭنى بېرىمەن دېسە ،قانداق قىلارمەن .تىل-ئەدەبىيات مۇئەللىمنىڭ ئاچچىقى بەك يامان .كىتابىڭ قېنى؟ دەپ سوراپ قالسا نېمە دەرمەن ؟›› دېگەنلەرنى ئويلىغان ئەخمەت جايىدا بىر ھازاغىچە تۇرۇپ قالدى .ئۇ ئۇيان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ ئاخىرى بوۋاينىڭ يېنىغا بىرىشنى قارار قىلدى .
ئەخمەت ئېغىر قەدەملەر بىلەن بىر بېسىپ –ئىككى بېسىپ مەكتەپ ئالدىغا كەلدى .بوۋاي مەكتەپ ئالدىدا تۆت ئەتراپقا نەزەر تاشلاپ يالغۇز تۇراتتى .بوۋاينىڭ يالغۇز تۇرغانلىقىدىن بىر نەرسىنى ھېس قىلغان ئەخمەتنىڭ يۈرەكلىرى ئەنسىز سوقۇپ،پۇت-قوللىردا جان قىلمىدى .
ئەخمەتنىڭ قۇرقۇنچ ئىچىدە ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقى كۆرگەن بوۋاي بىر ئىشنى پەمىلەپ ئۇنى چاقىردى .
-بۇياققا كەل،ئوغلۇم،مەن سېنى ساقلاپ تۇرۋاتاتتىم،-دېدى بوۋاي ئەخمەتنى شەرەتلەپ .بوۋاينىڭ ئۆزنى چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئەخمەتنى تېخىمۇ قورقۇنچ باستى . شۇئان كاللىسىغا :‹‹بوۋاي پۇلنى ئارتۇق قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلىپ قاپتۇ››دېگەننى ئويلىدى .ئەخمەت بىشىنى تۆۋەن سىلىپ بوۋاينىڭ يېنىغا كەلدى .
-باياتىن قارسام بۇ كىتاب تۇرىدۇ ،سېنىڭغۇ دەيمەن ؟ ئىشلەيدىغان بىر مۇنچە تاپشۇرۇقلىرىڭ باردۇ ،كىتابنى يۇتتۇرۇپ قويۇش ئۆزنى يىتتۇرۇپ قويۇشقا باراۋەر،ئوغلۇم بۇنىڭدىن كېيىن ئىلىم دەستىسنى چىڭ تۇتۇپ ،تىرىشىپ ئوقۇ؟ ئالە،كىتابىڭنى چىڭ ساقلا! –دېدى بوۋاي ئەخمەتنىڭ بېشىنى مېھرىبانلىق بىلەن سىلاپ تۇرۇپ .
ئەخمەت بوۋاينىڭ ئېيتقان سەمىمىي گەپلىردىن بەكمۇ تەسىرلەندى.ئۇنىڭ كۆزلىردە ياش ئەگدى .ئۇ ياشاڭغىرىغان كۆزلىرىنى بوۋايغا تىكىپ تۇرۇپ ئۆزنىڭ خاتا ئىش قىلغانلىقىنى ئاقكۆڭۈل بوۋايغا ئىيتتى .

(مەزكۇر ئەسەر ‹‹تارىم غۇنچلىرى››ژۇرنلىنىڭ 2010-يىللىق 4-ساندا ئېلان قىلنغان)
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 08:56:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز خاتالىقىنى باشقىلار ئالدىدا جۈرئەتلىك بىلەن بوينىغا ئېلىشنىڭ ئۆزىمۇ ياخشى بولغان خىسلەتتۇر،بالىلار ئۈچۈن،شۇنداقلا بىر قسىم چوڭلىرىمىز ئۈچۈن ئىبىرەت ئالغۇدەك ھېكايە يېزىپسىز،رەھمەت سىزگە!
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 20:00:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلىرىمىز ئۈچۈن ياخشى سوۋغات ئېلىپ كېلىپسىز ، بۇ ئىبرەتلىك ھېكايىڭىزنى ئوقۇغۇچىلىرىمىز ھەم بالىلىرىمىزغا ئوقۇپ بېرىشكە ئەرزىگۈدەك رەھمەت سىزگە .
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

200

تېما

96

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6953 سەر
تىللا
1441 دانە
تۆھپە
7466 سەر
شۆھرەت
5474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 20:05:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز ،رەھمەت .
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 22:40:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستچىللىق- ئادىمىيلىكنىڭ ئەڭ يارقىن جۇلاسى، ئەخلاقىمىزنىڭ قېنى. بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ راستچىل ئادەم قىلىپ تەربىيلەش ھەممە ئاتا- ئانىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بۇرۇچ. مانا مۇشۇنداق بالىلار ھېكايىلىرىنىڭ رولى بالىلارنى تەربىيلەشتە ئىنتايىن چوڭ. ئۇستاز ئۆزقۇتنىڭ بۇ ھېكايىسىنى بالىلىرىمىزغا دائىم ئېيتىپ بەرسەك، بالىلىرىمىز ئۇنىڭدىن كاتتا تەربىيىنى قوبۇل قىلىدۇ.
رەھمەت ئۇستاز!
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم

23

تېما

15

دوست

2677

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
535 سەر
تىللا
359 دانە
تۆھپە
502 سەر
شۆھرەت
569 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 20:11:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ بالىلار ئۈچۈن باسقان قەدىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.بالىلار بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز،بەختىمىز.ياخشى ئەسەر ئىكەن.مىنىڭچە دەرسلىك كىتاپقا كىرگۈزسىمۇ بولغىدەك!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:42, Processed in 0.440140 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش