پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 62|ئىنكاس: 3

‹روھى›ئەرىشكە چىققان ئىت ‹ھېكايە›

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

0

دوست

211

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
55 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
56 سەر
شۆھرەت
38 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 08:12:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت

‹روھى›ئەرىشكە چىققان ئىت
‹ھېكايە›

بۈگۈن مەھەللىدىكى تۇرسۇن زابوي،ئەخمەت مەنتەڭ،ساتتار چاقچاق،غوپۇر سۇيۇق ۋە مەمەت دارازا قاتارلىق بەش –ئالتە چېكەرمەن بەڭگە ئەمەت  ئىتۋازنىڭ ئۆيگە جەم بولۇپ ئولتۇرۇشتى.
ئەمەت ئىتۋاز ئوتتۇرا بوي،قوي كۆز،يۇزلىرىگە مەزگىلسىز قورۇق چۈشكەن،ئۇزۇن بۇرۇتلۇق ئادەم بولۇپ ئىتقا ئامراق بولغاچقا مەھەللىدىكى چوڭلار ئۇنىڭغا ‹‹ئىتۋاز›› دەپ لەقەم قويۇپ قويغاندى.راست! ئەمەت ئىتۋازنىڭ ئىتقا ئاجايىپ ھىرىسلىكى كشنى ھەيران قالدۇراتتى.قەيەردە ئىت تالاشتۇرۇش مۇسابقسى بولۇپتۇ دېسە،شۇئان شۇ يەردە پەيدا بولاتتى. قەيەردە نەسىلىك ياخشى ئىت بار بولسىا،دەرھال شۇ يەردە ھازىر بولاتتى.قولىدا ئاجايىپ_ئاجايىپ ياخشى ئىتلار بېقلاتتى.ھازىر ئۇنىڭ ئۆيىدە ئالاھىدە نەسىلىك ئىت_قارا ئاپشاركا بار ئېدى.
قارا ئاپشاركا ئىتلار ئارسىدا نامدار پالۋان بولۇپ، ھەر قانداق يامان ئىتلارمۇ ئۇنى كۆرسىە جىننى كۆرگەندەك قورقاتتى.ئەمەت ئىتۋاز مۇشۇنداق ياخشى ئىتىنىڭ بارلىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلنەتتى.
ئۇنىڭ يەنە نەشە چېكىپ قويىدىغان بىر يامان ئادىتى بار بولغاچقا ، پات_پات بۈگۈنكىدەك ئەل_ئاغىنلەر جەملشىپ بەزمە_باراۋەتلەر بولۇپ تۇراتتى.
مېھمانلار كۆرپە ئۈستىگە جايلاشقاندىن كېيىن تۇرسۇن زابوي دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ،ئۆز ئارا تېچ_ئامانلىق سوراشتى.ئەمەت ئىتۋازنىڭ ئايالى سېلمىخان داستىخان تەييارلاپ مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى.
_قېنى قەددىناس دوستلار داستىخانغا مەرھەممەت قىلىپ،ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن يېگەچ ئولتۇرۇڭلار._دېدى ئەمەت ئىتۋاز مېھمانلارنى مەزەگە تەكلىپ قىلىپ.
مېھمانلار ئاسا_باقسا بىلەن پاراڭلشىپ،ئۇنى-بۇنى يېگەچ ئولتۇردى.ئۇزۇن ئۆتمەي ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان بىر لېگەن جۈسەي مانتسى كۆتۈرۈپ سېلمىخان كىرىپ كەلدى.
_ھەر بىرلىرىنىڭ كېلشلىردىن بىخەۋەر مانتا ئېتىپ ئولتۇرۇپتمەن،قېنى ئاز بولسىمۇ يېگەچ ئولتۇرۇشسىلا،_دېگەچ قولىدىكى لېگەننى داستىخانغا قويدى.
_بەلەن ئوخشاپتۇ يەڭگە،قوللىرىغا خۇدايىم دەرت كەلمسۇن،_دېدى غوپۇر سۇيۇق بىر مانتنى يەپ بولۇپ.
_ئالامەت ئوخشاپتۇ مانتا،قوللىرى ھەقىقەتەن تاتلىقكەن،_دېدى ئەخمەت مەنتەڭ تىللىرىنى چاكلدىتىپ.
مېھمانلار بىر لېگەن مانتنى ھايالدا كاشال يوق سوقۇۋەتكەندىن كېيىن يەنە بارمۇ دېگەندەك ئەتراپقا قاراپ قويۇپ،قېنق دەملەنگەن چايلارنى ئېچىشكەچ پاراڭلشىپ ئولتۇرۇشتى.
_ئاغىنلەر،_دەپ گەپ باشلدى تۇرسۇن زابوي،_ماۋۇ مەھەللمزدىكى رەجەپ توپاق يىقندىن بۇيان ئىچىكىرگە نەچچە كىرىپ چىقىپ،جاھانغا پاتماي يۈرىۋاتاتتى.مانا ئەمدى مال ئسكلاتغا ئوت كېتىپ،ھەممە دۇنياسدىن ئايرىلىپ قاپتۇدەك.
_راسىت دەيمەن!ئۇ گۇي تېرسىگە پاتماي يۇرەتتى.ئەجەپ ئوبدان بولاپتۇ.ئاڭلسام ئىچكىردە ئاق سېتىپ يۇردىكەن ھارامتاماق خۇمسى،_دېدى مەمەت دارازا تۇرسۇن زابوينىڭ دېگەنلىرىنى تەستىقلاپ.
مېھمانلارنىڭ پاراڭلىرىغا قۇلاق سالغاچ،ئۇلارنىڭ بىكار بولغان پىياللىرىگە چاي قويۇپ ئولتۇرغان ئەمەت ئىتۋاز تۇيۇقسىز قارا ئاپشاركىنىڭ ئاجىز ھاۋشىغان ئاۋازدىن كۆڭلى بىر ئشنى سەزدى_دە،ئورۇندىن تۇرشىغا ئشكدىن بىرسى كېرىپ كەلدى.
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم دوستلار ياخشى تۇردۇڭلارمۇ؟            
كۆپچىلىك كىچىكىپ كىرگەن بۇ مېھىماننىڭ سالامنى ئىجازەت ئىلىپ ئورۇنلىردىن تۇرشتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن قول ئېلشىپ كۆرۈشتى.
كېچىكىپ كىرگەن بۇ يىگىتنىڭ ئسىمى توختى رەندە بولۇپ ياغاچچى غولامنىڭ چوڭ ئوغلى ئىدى.ئۇنىڭغا قاچانلاردىن تارتىپ ‹‹رەندە››دېگەن لەقەمنىڭ قويۇلۇپ قالغانلقنى ھېچكىم بىلمەيتى.بەلكىم ئۇ ياغاچچىلىق قىلغاندا رەندىنى ھەم تىز ھەم توغرا تارتالايدىغانلقى سەۋەبدىن قويۇلۇپ قالغاندۇ.
توختى رەندە مېھىمانلار بىلەن بىر_بىرلەپ كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن كۆپچلكتىن ئەپۇ سوراپ،كۆرپىگە جايلاشتى.
ئەمەت ئىتۋاز ساقندى مېھىمانغا چاي قۇيۇپ،مەزەگە تەكلىپ قىلدى.ئۈلپەتداشلار ئەمدى تولۇق جەم بولغان ئىدى.ئۆي ئىچىدىن كۈلكە چاقچاق كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى.بىرنىڭ كەيندىن بېرى يۇمۇر-لەتىپلەرنى ئوقۇپ تۇراتتى.
_بۇرادەرلەر،_دېدى ساتتار چاقچاق قولىدىكى پىيالنى داستخانغا قويۇپ،_ئاقيار يېزسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىت تالاشتۇرۇش مۇسابقسىدا ئارا مەھەللىدىكى نورۇل توكانىڭ دىڭ قۇلاق ئىتى ھەممە ئىتلارنىڭ كۈلنى كۆككە سورۇپ،ئاللا_توۋسىنى چىقىرىپ تاشلدى.ئۇنىڭ ئىتنى ئالالىغۇدەك بىرەر ئىت مەيدانغا چىقمىدى.
بۇ گەپنى ئاڭلغان ئەخمەت مەنتەڭ ئەمەت ئىتۋازغا تەنە ئارلاش:
_ئەمەتئاخۇن قارا ئاپشاركاڭلارنى نېمشقا ئېلىپ بارمدىڭلار؟ ئىتڭلار ئاغرىپ قالغانمۇ- يە؟_دېدى.
_مېنى ئوبدان چۇشنىسىلەر ئاغىنلەر،ئىت ئاغرىپ قالمغان بولسىا مەن ئاشۇنداق يەردىن قالاتتىمۇ،بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئىت تازا بىر نەرسە يېگلى ئۇنمايۋاتىدۇ،_دېدى ئەمەت ئىتۋاز مەيۈسلەنگەن ھالدا ئولۇغ-كىچىك تېنىپ.
مېھمانلار ئىتنىڭ ئاغرىپ قالغانلقنى ئاڭلاپ بەس-بەس بىلەن قانداق قىلش توغرسىدا مەسلھەت بېرىشكە باشلدى.
_قوي گۆشنى توخۇمنىڭ ئىقى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ بەرسىەڭ،تىز ساقيدۇ.
_قوناقنىڭ ئۇنىدىن زاڭ چېلىپ بەرسىەڭ،ئشتھاسى ئېچلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ئەمەت ئىتۋاز كۆپچلكنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلكىگە رەھىمەت ئېيتىپ:
_مېنى ئۇنداق قىلمدى دەپ ئويلماڭلار،جاھاندىكى بارلىق ئامال-سەۋەبلەرنى قىلىپ باقتىم.لېكىن ئىتقا داۋا بولمىدى.قانداق قىلسام بولاركىن تاڭ؟!_دېدى بېشنى چايقاپ.
_مەن يېقىنىدا بىر ئىش بىلەن شەھەرگە كىرگەن ئىدىم،_دېدى تۇرسۇن زابوي جىددىي تەلەپپۇزدا،_بىر ئادەمنىڭ ئون مىڭ يۈەنلىك ئاپشاركا نەسىلىك ئىتى سىلىنىڭ ئىتڭلارغا ئوخشاش غىزا يېمەس بولۇپ قالغان ئىكەن،ئېگىسى قەيەردىن ئاڭلغان، ئىتقا نەشە چەكتۈرۈپتۇ.شۇنىڭ بىلەن نەشە چەككەن ئىتنىڭ ئشتھاسى ئېچلىپ،بىر نەرسىە يەپتۇمىش.
تۇرسۇن زابوينىڭ گېپنى ئاڭلغان كۆپچلىك تازا كۈلۈشتى.
_جاھاندا نەدىمۇ ئىت نەشە چىكىدىغان ئش بولسۇن،تازا قاملاشمغان بىر گەپ بولدى_دە،_دېدى ساتتار چاقچاق كۈلكسىنى تەستە توختىپ.
_بۇ گەپنىڭ ئىلمي ئاساسى بار بولۇشى مۇمكىن ئاغىنلەر،_دېدى غوپۇر سۇيۇق ئېتىراز بىلدۈرۈپ،_ئەجىبا،ئادەملەر نەشە چەكسە قورسىقى ئېچىپ،ئون يىل ئاچ قالغان بۆرىدەك ئالدىغا نېمە كەلسىە تويغىننى بىلمەي يەيدۇ،ئىت نەشە چەكسە ئۇنداق بولماسمۇ؟!
كۆپچىلكنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئەمەت ئىتۋازنىڭ كۆڭلىدىن ئاللقانداق خىياللار ئۆتتى.ئۇ شۇنداق بولسمۇ دەرھال بىر ئىپادە بىلدۇرمەي جىم ئولتۇردى.
_ئاغىنلەر قۇرۇق گەپنى قويۇپ بىرەر قاپاقتىن تارتمايلمۇ؟_دېدى كىرگەندىن بۇيان خۇمارى تۇتۇپ ئولتۇرغان مەمەت دارازا.
مەمەت دارازىنىڭ گېپنى ئاڭلغان كۆپچىلىك تەڭلا ‹‹قانداق قىلمىز؟›› دېگەنچىلاپ ئەمەت ئىتۋازغا قارىدى.
ئەمەت ئىتۋاز كۆپچىلكىنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن دەرھال ئورۇندىن تۇرۇپ،سىرتقا ماڭدى.ئۇ ئاۋۋال چوڭ دەرۋازنى چىڭ تاقاپ،قازناق ئۆيگە كىردى_دە،ئۆينىڭ بولۇڭغا كۆمۇپ قويغان چېلىم بىلەن سۇلياۋ خالتغا ئوراپ قويغان بىر مۇنەك نەشنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە كىردى.
ئەمەت ئىتۋاز چېلىمنىڭ سەيخاسىغا كۆك تاماكىنىڭ ئىقنى ئىلغاپ ئېلىۋىتپ،كۆكنى چڭىداپ سالدى_دە،ئۈستىگە شەرقى شمالىنىڭ سورتلۇق نەشسنى ئۇۋاق قىلىپ باستى.مەمەت دەرازا تارشا ياغاچقا ئوت يېقىپ،ئەمەت ئىتۋازغا تەڭلدى.
شۇنداق قىلىپ ئۈلپەتداش بەڭگىلەر ئىككى نۆۋەتتىن چەككەندىن كېيىن باشلىرى قېيىپ،ئاشقازانلىرى تارتىشىشقا باشلدى.باياتندىن بېرى يېيلمىگەن قاتتىق نانلارنى بەڭگىلەر سۆڭەڭ غاجلىغاندەك قاساپ يەۋاتاتتى.سېلىمخان بىر نەچچە رەت خوشنىلارنىڭ ئۆيگە چىقىپ نان سوراپ ئەكىردى.
ئەمەت ئىتۋاز ئايالغا ئوخشتىپ بىر لەغمەن ئېتشنى تاپلاپ،ئۈلپەتداشلارغا بىر قاراپ چىققاندىن كېيىن:
_ئاغىنلەر،تاماق پېشقىچە بىردەم پاراڭلشىپ ئولتۇرايلى،_دېدى.
_بۇرادەرلەر،_دەپ گەپ باشلدى تۇرسۇن زابوي قاتتىق بىرىنى ئەسنەپ قويۇپ،_ساغۇن يېزسىغا كەلكۈن كېلىپ،پۈتۈن يۇرتنى سۇ بېسىپ كېتىپتۇدەك دەيدۇ.
_راسىت دەيسەن ئاداش،يۇرتنى سۇ بېسىپ كەتكەندىن كېيىن ئادەملەر سۇ ئۇستىدە لەيلەپ قاپتىمىش،_دېدى مەمەت دارازا چاقچاقغا پاس چىقىرىپ.
   بۇ گەپنى ئاڭلغان ساتتار چاقچاق لەقمىگە يارشا:
_ئاڭلسام،ئادەملەر لەيلەپ يۇرگەندىن كۆرە دەپ،سۇ ئۈستىگە ئۆي سېلۋالغانمىش،_دېدى.
ئۈلپەتداش دۇستلار ساتتار چاقچاقنىڭ كەلتۈرگەن چاقچقىدىن راسا كۈلۈشتى.ئارىدا بىر قانچىسى قورسقنى تۇتقۇنچە كىگىز ئۈستىدە يۇملاپمۇ كېتشتى.
توختى رەندىگە نەشە ئەمدى كۈچنى كۆرسەتكەن بولسىا كېرەك،زۇۋانى ئېچلىپ،تۇرغايغا ئوخشاش سايرىغلى تۇردى.
_مۇشۇ نەشنى چەكسە كشنى ئەرشىكە چىقامش دەپ ئاڭلدىم.لېكىن ھازىرغىچە ھەر سورتلۇق نەشىلەرنى چېكىپ بىقپتىمەن،بىرەر قېتىم ئەرشىكە چىقىپ باقمىدىم.شۇنڭىدىن قارىغاندا بۇگەپ يالغان ئوخشايدۇ،_دېدى مەمەت دارازا كۆپچىلككە سوئال نەزىردە قاراپ.
_راستنلا ئادەمنىڭ روھى ئەرشىكە چىقىدىكەن،_دېدى ساتتار چاقچاق،_ئۆتكەن يىلى بىر تام خوشنامنىڭ كەنجى ئوغلى مۇشۇ كاساپەتنى چىكىپ،روھى ئەرشىكە چىقىپ كېتىپ.ھازىرغىچە قايتىپ كەلمدى.
كۆپچىلىك ئەنە شۇنداق پاراڭلار بىلەن يېرىم كېچە بولۇپ قالغانلقنى سەزمەي قىلشتى.ئەمەت ئىتۋاز ئىتنىڭ غىڭشىغان زەئىپ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھويلىغا چىقتى.ھويلىنىڭ بىر بولۇڭىدا قارا ئاپشارىكا بېشنى كۆتەرمەي ياتاتتى.ئىگىسنى كۆرگەن بىچارە جانۋار تەسلكتە بېشنى كۆتۈرۈپ،قويرۇقنى شىپپاڭشتىپ،ئىگسىنىڭ پۇتغا بېشنى سۇركىدى.بۇنى كۆرۈپ كۆڭلى غەش بولغان ئەمەت ئىتۋاز ئىتنىڭ بېشنى يىرىك قوللىرى بىلەن سىيلاپ قويۇپ،ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
ئۈلپەتداشلار سېلىمخان ئېتىپ كىرگەن لەغمەندىن ئىككى تەخسىدىن يەپ بولۇپ ئۆيلىرىگە تارقاپ كېتشتى.مېھمانلارنى ئۇزتۇپ كىرگەن ئەمەت ئىتۋاز ئامراق ئىتنى قانداق ساقايتىش توغرسىدا يەنە ئويلنىشقا باشلدى.كاللسىغا توساتتىن باياتىن تۇرسۇن زابوي دېگەن گەپلەر كەلدى-دە،سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن لەغمەندىن ئىشپ قالغان خېمىردىن كىچىككنە بىر مۇنەكنى مەنتەڭگە سېلىپ پۇشۇرغاندىن كېيىن ئىچىگە نوقۇتتەك نەشنى سېلىپ قارا ئاپشاركىغا تەسلكتە يېگۈزۋەتتى.بىچارە ئىت گىلىغا تۇرۇپ قالغان خېمىرىنى يۇتۇۋەتكەندىن كېيىن ئاستا-ئاستا قورسقى ئېچىپ،روھى_ھالتى ياخشلىنقا باشلدى.
ئامراق ئىتنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىشلەرنى كۆرگەن ئەمەت ئىتۋازنىڭ خۇشاللقىدىن گۈلقەقەلىرى ئېچلىپ كەتتى.ئۇ كانارغا ئېسىپ قويغان يېرىم جىڭ كالا گۆشنى ئۇششاق پارچىلاپ،ئىتقا تاشلاپ بەردى.
قارا ئاپشاركا گۆشنى ئشتھا بىلەن يەپ بولغاندىن كېيىن نەشىنىڭ تەسىردە ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا غەرق بولدى.ئەمەت ئىتۋازىمۇ خۇشال ھالدا ئۆيگە كىرىپ ئۇخلاپ قالدى.
يېرىم كېچە.ئەتراپ تىمتاس بولۇپ تولمۇ سۈرلۈك بىلنەتتى.بىر قارا كۆلڭگە ئەمەت ئىتۋازنىڭ ھويلسىدا پەيدا بولدى.
قارا كۆلڭگە ئىت ۋە ئەمەت ئىتۋازنىڭ ئۇخلاپ سەي بۇخارغا كەتكەنلكنى جەزملەشتۈرپ،ئۆز-ئۆزىگە: ‹‹بۇ ئامالمۇ بولىدىكەن››دەپ پىچىرلاپ قويدى.مانا ئەمدى قارا كۆلڭگە تىمسىقلاپ يۇرۇپ،ھويلىدىن بىر نەرسىە ئىزدەۋاتاتتى.
قويلارنىڭ ئەنسىز مەرەشلىرىدىن ئويغۇنۇپ كەتكەن سېلىمخان مىڭ تەسىلكتە ئەمەت ئىتۋازنى ئويغاتتى.
ئەمەت ئىتۋاز ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورۇندىن تۇرۇپ،كېيمنى ئاستا كېيىپ،ھويلغا چىقتى.ئۇنىڭ كاللسىغا: ‹‹ قارا ئاپشاركا باغلاقتىن بوشناپ كېتىپ،قويلارنى بوغۇپ قويمغىدى›› دېگەن خىياللار كېلىپ،ئامراق ئىتى ياتىدىغان جايغا كەلدى. ئىتنىڭ بىخرامان ئۇخلاۋاتقانلقنى كۆرۈپ،كاللسىدىن چاقماق تېزلكىدە بىر شۇم خىيال كەچتى_دە، ئوقتەك ئېتلىپ قويلار بار ئېغلغا كىردى.ئەپسۇس،قويلار يوق تۇراتتى.چوڭ دەرۋاز بولىسا ھاڭغرقاي ئوچۇق تۇراتتى.
ئەمەت ئىتۋاز سىرتقا چىقىپ،تۆت ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئايسىز بۇ كېچىدە ھېچنەرسىنى ئىلغا قىلالماي ھويلغا يېنىپ كىردى.
شۇ دەققىلەردە ئۇنىڭ ئاچچقى تازا كەلگەچكە كۆزىگە ھېچ نەرسىە كۆرۇنمەيۋاتاتتى.ئشكىنىڭ يېنىغا يۆلەپ قويغان يوغان كالتەكنى قولغا ئالدى_دە، ھېچ ئشتىن بىخەۋەر خاتىرجەم ئۇخلاۋاتقان قارا ئاشكارسىنى قاتتىق دۇمبالاشقا باشلدى.
بىچارە گۇناھىسز قارا ئاپشارىكا ئاخشامقى نەشىنىڭ تەسىردە لايدەك ئۇخلاۋاتاتتى.بۇ پاجئەدىن خەۋەرسىز روھى بولسىا ئەرشتە ساياھەت قىلىۋاتاتتى.

(مەزكۇر ھېكايە ‹‹قىزىلسۇ ئەدەبياتى››نىڭ 2004-يىللىق ساندا ئېلان قىلنغان)







ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

29

تېما

3

دوست

2630

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
661 سەر
تىللا
170 دانە
تۆھپە
472 سەر
شۆھرەت
449 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 15:29:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن ياخشى يېزىلغان ھىكايە بۇ. بەڭ چەككۈچىلەرگە كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش بوپتۇ. تىما ئىگىسىگە رەھمەت.

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 18:15:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربيىۋى ئەھمىيىتى  يۇقۇرى  ھىكايىكەن  بۇ   تىما ئىگىسىگە رەھمەت.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 18:16:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەربيىۋى ئەھمىيىتى  يۇقۇرى  ھىكايىكەن  بۇ   تىما ئىگىسىگە رەھمەت.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 02:18, Processed in 0.389398 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش