كۆرۈش: 705|ئىنكاس: 2

بارماق دىسكىدىن ياردەم...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سوئال: ئەسسىلاممۇئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار! ئەزىز تېنىڭلارغا سالامەتلىك، ماڭغان ھەر بىر قەدەملىرىڭىلارغا بەرىكەت- ئۇتۇق، بارچە كۈنلىرىڭلارغا خاتىرجەملىك، تۇرمىشىڭلارغا بەخت- خوشالللىق.... يار بولسۇن!

ھەر قايسى كەسپ ئەھلى قېرىنداشلىرىمنىڭ ياردىمىگە ھاجىتىم چۈشكەچ سەمىمىيەت بىلەن ياردەم سوراش يۈزىسىدىن ئۇشبۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. بۇلتۇر ئىشخانىدىكى كومپىيوتىرغا ساقلاپ قويغان بىر قىسىم مۇھىم دەپ قارىغان ماتىرىياللىرىمنى پىرىتسىلىماستىنلا بارماق دېسكامغا ساقلاپ قويغان ئىدىم.«كەسپ ئالمىشىپ كەتمەكچى بولغاندا ئالدىراپ شۇنداق قىلىپتىكەنمەن» ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ كېرەك بولغاندا قارىسام بىر ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى بارلىق ماتىرىياللار باشقا ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە كۆپەيتىلمە ھالىتدە پەيدا بولۇپ قاپتۇ، ئەسلى ھۆججەتلەر يوق. تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم، بەكلا مۇھىم ھۆججەتلەر بولغاچ ھەر قېتىم كېرەك بولغاندا بىر قېتىم بارماق دېسكام بىلەن ھەپىلىشىپ بېقىۋاتىمەن ئەمما ئۈنىمى بولمىدى... بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىرەر ئۇسۇلى بارمىدۇ؟ قىممەتلىك پىكىرىڭلارنى بەرسەڭلار...

جاۋاپ: بۇ ئالدىنقى يېلى كەڭ تارقالغان بىر ۋىرۇس سەۋەبلىك بولغاندەك قىلىدۇ، ئادەتتە ئەسلى ھۆججەتنى يوشۇرۇن قىلىپ قويۇپ، شۇ ھۆججەتكە ئوخشاش قىلىپ ھۆججەت قىسقۇچتىن بىرنى قۇرۇپ قويىدۇ، ھۆججەت قىسقۇچنىڭ كىڭەيتىلگەن نامى exe ، كومپيۇتېر مەشغۇلاتىغا سەل چولتا بولغانلار كىڭەيتىلگەن نامىغا قارىماستىن، بۇ بىر ھۆججەت قىسقۇچكەنغۇ دەپلا، قوش چېكىپ ئاچماقچى بولىدۇ، نەتىجىدە ۋىرۇس تېخىمۇ كەڭ يامىرايدۇ، ھۆججەت قىسقۇچنىڭ سانى بارغانسېرى يوغىناپ، ئاخىرى دېسكا توشىدۇ.

ئەگەر مۇشۇ ۋىرۇس بولسا ھەل قىلىش ئۇسۇلى: 工具---文件夹选项---查看 بويىچە كىرگەندىن كېيىن، سەس ئاستىغىراق سۈرسەك 显示隐藏文件,文件夹和驱动 دەپ بىر تۈر بار، شۇنىڭ ئالدىغا بەلگە ئۇرۇمىز. ئاندىن كېيىن، سەل ئۈستىدە 隐藏受保护的系统文件 دەپ بىر تۈر بار، بۇنىڭ ئالدىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋېتىمىز، بۇ ۋاقىتتا بىر ئەسكەرتىش كۆزنىكى چىقىدۇ، جەزملەشتۈرىمىز.

يۇقارقىلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بارماق دېسكىمىزنى ئاچساق، بىرمۇنچە يوشۇرۇن بولۇپ قالغان ھۆججەتلەرنى كۆرىمىز، بۇ ھۆججەتلەرنى ئوڭ چېكىپ، خاسلىقىغا قارىساق، يوشۇرۇش دېگەن تۈرنىڭ ئالدىغا بەلگە قويۇلغانلىقىنى ۋە بۇ بەلگىنى ئېلىۋەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقايمىز.  بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىنى كومپيۇتېرغا كۆچۈرۈپ ئېلىۋېلىپ (دېققەت، چوقۇم كۆچۈرۋالغانلىقىڭىزنى جەزىملەشتۈرۈڭ، كېيىنكى قەدەمدە، بارماق دېسكىنى فورماتلايمىز، ئەگەر كۆچۈرۋېلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان بولسا، ھۆججەتلەردىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالىسىز)، خاسلىقىنى ئېچىپ قارىساق (كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكىسىنىڭ) يوشۇرۇش دېگەن تۈرنىڭ ئالدىدىكى بەلگىلەرنى ئېلىۋېتكىلى بولىدىغانلىقىنى بايقايمىز. مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە بارلىق ھۆججەتلىرىمىزنىڭ خاسلىقىدىكى يوشۇرۇش خاسلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ھۆججەتلەرنى ياخشى زاپاسىۋالغاندىن كېيىن، بىر ئۇھ... دېۋىتىپ، ۋىرۇسنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش ئۈچۈن، بارماق دېسكىنى فورماتلايمىز. شۇنداق قىلىپ بۇ ۋىرۇستىن قۇتۇلىمىز.(ئالدىراپ خوش بولۇپ كەتمەيلى، ئاۋال بىز مەشخۇلات قىلىۋاتقان كومپيۇتېر يۇقۇملانمغان بولىشى كېرەك بولمىسا، قاباھەتلىك چۈش يەنە داۋاملىشىدۇ). ئەگەر يۇقۇملانغان بولسا، بۇ كومپيۇتېرنىمۇ تازلىشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە. كومپيۇتېرغا قارىتا تازلاش ئېلىپ بارغاندا فورماتلاش بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش، بۇنىڭ ئۈچۈن، بارلىق يوشۇرۇن ھۆججەتلەرنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ھۆججەت قىسقۇچ بەلگىسىنى ئىشلەتكەن، لېكىن كىڭەيتىلگەن نامى exe بولغان بارلىق ھۆججەتلەرنى قىلچە رەھىم قىلماستىن ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز(نورمال بولغان exe ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋەتسىڭىز ئەقىۋېتىگە ئۆزىڭىز مەسئۇل، مەزكۈر شەخىس مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ).

شۇنداق قىلىپ بۇ ۋىرۇستىن قۇتۇلىمىز، ئەگەر بارماق دېسكا مەن پەرەز قىلغان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانمىغان بولسا، يۇقاردىكى ئۇسۇل ئاقمايدۇ ئەلۋەتتە.



baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2011-6-26 18:10:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى گۇمپاكەن... تورداشلارغا چۇقۇم ياردىمى تىگىدۇ....
ۋاقتى: 2011-6-26 21:26:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالدۇق يەنە .
بۇندىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنى بىزلەردىن ئايىمىغايسىز.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش