ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ نىزامنامىسى 1. باپ : ئومومى پىرىنسىپ 1- ماددا: دۆلەتىنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئومومىيۇزلۇك ئىزچىللاشتۇرۇش، ساپا مائارىپىنى زور كۇچ بىلەن ئىلگىرى سۇرۇش، مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلىشىنى ئومومىيۇزلۇك يولغا قۇيۇش،تەلىم-تەربىيە ئوقوتۇش سۈپىتىنى ئومومىيۇزلۇك يۇقىرى كۆتىرىش، دىموكىراتىك ۋە قانۇن- تۇزۇمقۇرلۇش سۈئىتىنى تېزلىتىش، ئالدىنقى قاتاردىكى ئەسلىھە، ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقوتقۇچىلار مەنبەسى، ئالدىنقى قاتاردىكى سۈپەتلىك مەكتەپ بەرپا قىلىش ئۇچۇن «مائارىپ قانۇنى»، « ئوتتورا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش نىزامى» ۋە ئالاقىدار قانۇن نىزاملارگە ئاساسەن مەزكۇر نىزامنامە تۇزۇپ چىقىلدى. 2-ماددا: مەكتىۋىمىز ھۆكۈمەت باشقۇرشىدىكى مەكتەپ بۇلۇپ، 9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى مەكتەپتۇر. 3-ماددا: مەكتىۋىمىز «ئىتتىپاق بۇلۇش،ئەستايىدىل بۇلۇش، ھەقىقەتچىل بۇلۇش، كۆرەشقىلىش» نى مەكتەپ ئىستىلى قىلغان بولۇپ، «تىرىشچان، ساغلام يېڭىلىق يارتىش»ئۆگىنىشئىستىلى قىلغان. 4-ماددا: مەكتەپ باشقۇرۇش نىشانىمىز: «ئادەمىنى ئاساس قىلىپ، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرۇش»ئىدىيىدە چىڭ تۇرۇش، «ئىلمى باشقۇرۇش، لاياقەتلىك ھەم تۇس ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مەكتەپ بەرپا قىلىش، تىرىشىپ ساپاسىنى ئۆستۇرۇپ،لاياقەتلىك ھەم ئارتۇقچىلىققا ئىگە ئوقوتقۇچىلارنى تەربىيلەش، بەش قاراش تەربىيسىنى بىللە ئېلىپ بېرىش، لاياقەتلىك ھەم ئارتۇقچىلىققا ئىگە ئوقوغۇچىلارنى تەربىيەلشىنى مەكتەپ باشقۇرۇش نىشانى قىلغان، تىرىشىپ يېزا دەرىجىلىك ئۈلگىلىك مەكتەپ بەرپا قىلىمىز».
2. باپ : مەمۇرى باشقۇرۇش 5-ماددا: مەكتىۋىمىز يېزىلىق مائارىپ پارتىيە باش ياچىيكىسى، ۋە مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىلمى بۆلۇم،ئوقۇتۇش تەتقىقات ،ئەخلاق –تەربىيە ، ئىتتىپاق پىئونىرلار ئەترىتى، ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسى ، ئاياللار تەشكىلى ، ئىشچىلار ئويۇشمىسى ، قاتارلىقلارنى تەسىسى قىلىغان بولۇپ «دەرىجىمۇ دەرىجە باشقۇرۇش،ئىش تەقسىماتى بۇيىچە مەسئۇل بۇلۇش»پىرىنسىپىغا ئاساسەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ يىتەكچىلىگىدە ئۆز مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى كادىرلارنى باشقۇرۇش ھوقوق دائىرىسى بۇيىچە ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ۋە ئېلىپ تاشلايدۇ. 6-ماددا: مەكتىۋىمىز پارتىيە ياچىيكىسى يىتەكچىلىگىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بۇلۇش تۇزۇمى،ئوقوتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش تۇزۇمى، ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۇزۇمى ، جازالاش تۇزۇمىنى يولغا قويىدۇ. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ھوقوقلىرى بولىدۇ. 1) دىموكىراتىك باشقۇرۇش ئاساسىدا ياچىيكا بىلەن ئۆز- ئارا كېڭىشىپ زور مەسىللەرنى بەلگىلەش ھوقوقى بولىدۇ. يەنى ھەر تەرەپىنىڭ پىكىرىنى ئوموملاشتۇرۇش ئاساسىدا مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپىنىڭ زور مەمۇرى ئىشلىرىنىڭ ئاخىرىقى بەلگىلەش ھوقوقىنى يۇرگۈزىدۇ. 2)كادىرلارنى ۋەزىپىگە قۇيۇش، ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاشتا پارتىيە ياچىيكىسى بىلەن كېڭىشىپ، قارار چىقىرىش ھوقوقى بولىدۇ. يەنى بەلگىلمىدىكى تەرتىپ بۇيىچە ئوتتورا قاتلام كادىرلىرىنى تەيىنلەش،ئېلىپ تاشلاش ھوقوقىغا، ئوقوتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشىنى بەلگىلەش ھوقوقىغا ئىگە بولىدۇ. 3)مالىيە ئول مۇئەسىسە قۇرلۇشىغا قاراپ چىقىپ تەستىقلاش ھوقوقىغا ئىگە. مەكتەپ مالىيىسى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ رەھبەرلىگىدە تەستىقلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. چوڭ ئول مۇئەسىسە قۇرۇلۇش تۇرلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك ئاساسى باشقۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ تەستىقلىشىغا ئىلتىماس سۈنغاندىن سىرىت ئادەتتىكى قۇرۇلۇش تۇرلىرىنى بىكىتىش ۋە يولغا قۇيۇش ھوقوقىغا ئىگە. 4)مۇناسىۋەتلىك ئوقوغۇچى قۇبۇل قىلىش بەلگىلىمىسىگەئاساسەن ئوقوش رايۇنىدىكى ئوقوش يېشىدىكى بارلىق ئۆسمۇر بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. 7-ماددا: مەكتەپ مۇدىرى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ. مەكتەپىنىڭ تەرەققىيات لاھىيەسى، زور ئىسلاھات لاھىيسى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بېكىتىدىغان يۆلىنىش،سىياسەت، ئومومىيەتكە تاقىلىدىغان زور مەسىلىلەرنى ئەستايىدىلمۇزاكىرە قىلىنىدۇ قارار چىقىرىشقا قاتنىشىدۇ. 8-ماددا: ئوقوتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر يىغىنى يۇرگۇزىدىغان ھوقوق 1) مەكتەپ مۇدىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلايدۇ. مەكتەپىنىڭ باشقۇرۇش ئىدىيسى، تەرەققىياتلاھىيسى، ئىسلاھات لاھىيسى، مالىيە خامچوت قاتارلىق زور مەسىللەرنى مۇزاكىرە قىلىپ تەكلىپ بىرىدۇ. 2) مەكتەپ رەھبىرى كادىرلارنى باھالاپ نازارەت قىلىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئاساسى باشقۇرغۇچى تارماقلارغا ئوقوتقۇچى، ئوقوتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قارىتا تەكلىپ بىرىش ھوقوقىغا ئىگە. يېزىلىق مائارىپ پارتىيە باش ياچىيكىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئادەم ئىشلىتىش تۇزۇمى ئىسلاھاتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىدۇ. 3)مەكتەپىنىڭ ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت لاھىيسى، باھالاش لايىھەسى، مۇكاپاتلاش جازالاش نىزامى قاتارلىق تۇرلۇك تۇزۇملەرگە قاراپ چىقىدۇ. 9-ماددا: مەكتەپ ئوقوتقۇچى، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەرز قىلىش تۇزۇمىنى، ئاممىۋى خاراكتىرلىنى رايىنى سىناش گۇرۇپپىسى تۇرغۇزىدۇ. 10-ماددا: مەكتەپ مال باھا رىۋىزىيە تارماقلارنىڭ تەكشۇرۇپ نازارەت قىلىشىنى قۇبۇل قىلىدۇ. جەمىئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قۇبۇل قىلىدۇ.
3. باپ : ئوقوتۇش، تەلىم- تەربىيە باشقۇرۇش 11- ماددا: «ئوتتورا- باشلانغۇچ مەكتەپ باشقۇرۇش نىزامى »غا ئاساسەن ئوقوتۇش تەلىم -تەربىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇنلىنىدۇ. 12-ماددا: مەكتەپ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇپ ئوقوتۇش، تەلىم- تەربىيەگەئالقىدار قانۇن-نىزام، ھۆججەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاقى تەربىيە ئاپراتلىرىنى ۋە خىزمەت تۈرىنى يەنىمۇ ياخشى قۇرۇپ، ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىدە پىلان، نىشان، تەدبىر ئەمىلى ئۈنۇم بۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ. 1) ساپا مائارىپىنى ئومومىيۇزلۇك يولغا قۇيۇپ، «ئادەم تەربىيلەشىنى ئاساس قىلىش» تا چىڭ تۇتۇپ «ئوتتورا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى يولغا قۇيۇش توغىرىسىكى پىكىرى»دىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرىدۇ. 2) ھەر قايسى پەن ئوقوتۇشىغا ئەخلاقى تەربىيەنى ئورگانىك ھالدا سىڭدۇرۇپ ماڭىدۇ. سىنىپ كوللىكتىۋى قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىپ، ئىتتتىپاق تەشكلى پىئونىرلار ئەتىرىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ. 3) «ئوتتورا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلار قائىدىسى»، «ئوتتورا- باشلانغۇچ مەكتەپ كۈندىلىك ھەرىكەت ئۆلچىمى»نى ئەستايىدىل يولغا قۇيۇپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ياخشى كۈندىلىك ھەرىكەت ئۆلچىمىنى يىتىلدۇرىدۇ.يۇرۇش- تۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش، ئەدەپلىك بۇلۇش، ئۆگۈنۇشتە تىرىشچان بۇلۇش، مەكتەپ ئىچىدە ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ، ساغلام، پائال بولغان بىر پۈتۇن ئوبراز يارىتىش ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ. 4) مەكتەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن، جەمىئىيەت، ئائىلە بىلەن ئاكتىپ ماسلىشىدۇ. ئاتا - ئانىلار مەكتىۋىنى ياخشى باشقۇرۇپ، يىللىقلارنىڭ نوقتا قىلغان، ئائىلىنى ئوبىكىتىپ قىلغان،جەمىئىيەتىنى بىرلىك قىلىغان ئوقوتۇش ئەندىزىسىنى قۇرىدۇ. 13-ماددا: «دۆلەت بايرىقى قانۇن » نى ئەستايىدىل يولغا قۇيۇپ ھەر ھەپىتىنىڭ بىرىنجى كۇنى بارلىق ئوقوتقۇچى- ئوقوغۇچىلارنى يغىپ، ئۆلچەملىك بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۇۇزپ،ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەنى ئېلىپ بارىدۇ. 14-ماددا: مەكتەپ ئورتاق تىلىنى ئومومىيۇزلۇك كېڭەيتىپ، ئۆلچەملىك تىل ئىشلىتىدۇ. 15-ماددا: ئوقوغۇچىلارنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ پائال تۇردە ئوقوتۇش، تەلىم- تەربىيە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ ئۈزلۇكسىز تۇردە مائارىپ قارىشىنى يېڭىلاپ، ھازىرىقى زامان ئوقوتۇش ۋاستىسىدىن پايدىلىنپ، ئوقوتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ. 16-ماددا: «دەرىسلىك پىلان » غا ئاساسەن، ئوقوتۇش پائالىيتى يولغا قۇيۇلىدۇ. دەرىس ئۆلچىمى ۋە ئوقوتۇش پىلانى قاتتىق يولغا قۇيۇلۇپ، دەرىسلىك جەدىۋىلىنىڭ ئىشلىتىلىشى قوغدۇلىدۇ. ھەر قانداق يىللقلارنىڭ ئۆز مەيلىچە دەرىس ئۆتۇشىگە يول قۇيۇلمايدۇ. بىر كۇن ئىچىدە دەرىس توختۇتۇشقا توغرا كەلسە ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى تەستىقلايدۇ. بىر كۇندىن يۇقىرى دەرىس توختۇتۇشقا توغرا كەلسە، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇش كېرەك. 17-ماددا: ئوقوتۇش ماتىرىياللىرى، ئۆگۇنۇش ماتىرىياللىرىغا زاكاس بۇلۇش بىر تۇتاش باشقۇرىلىدۇ. ھەر قانداق ئادەمىنىڭ ئوقوغۇچىلارغا ئوقوتۇش ياردەمچى ماتىرىياللىرىنى سېتىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ. 18-ماددا: ئوقوتۇش خىزمىتى ۋە ئوقوتۇش تەتقىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ دەرىسخانا ئوقۇتۇشى ئەلالاشتۇرۇلىدۇ. ئوقوتقۇچىلار پائال تۇردە ئوقوتۇش ئىسلاھاتى ۋە ئوقوتۇش تەتقىقاتىغا تەشكىللىنىدۇ. ھەر بىر ئوقوتقۇچى بىردىن ئەلا دەرىس تەييارلىغىنى تەييارلاپ بىر سائەتلىك ئەلا دەرىس يېزىش، بىر ياخشى ئىلىمى ماقالە يېزىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 19-ماددا: ئىمتاھان تۇزۇمى ئىسلاھ قىلىنىدۇ. ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ھەر قايسى پەنلەر ئىمتاھانى تەشكىنلەش، تەكشۇرۇش خىزمىتى تەشكىلىنىدۇ. 20-ماددا: ئوقوغۇچىلارنى 100 نۇمۇرلۇق تۇزۇم بۇيىچە باھالاش ۋە ئۈلارنىڭ ئۈنۋىرىسال تەرەققىياتىنى كۈزىتىپ دەرىجە بۇيىنچە نۇمۇر قۇيۇش ئومومىيۇزلۇك يولغا قۇيۇلىدۇ. «ئوتتورا- باشلانغۇچ مەكتەپ ساپا مائارىپى تەرەققىيات دوكلاتى » نى ياخشى قوللۇنىدۇ. 21-ماددا: مۇناسىۋەتلىك نىزاملارغا ئاساسەن مەكتەپىنىڭ تەنتەربىيە، سەھىيە خىزمىتىنى نورمال ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئوقوغۇچىلارغا قەرەللىك ھالدا ئەمگەك تەربىيە، ئىجتىمائى ئەمگەك ۋە دەرىستىن سىرتقى پائالىيەتكە تەشكىنلەپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ جىسمانى، پىسخىكا ساغلاملىغى تەرەقىقى قىلدۇرۇلىدۇ. 22-ماددا: سىنىپ مەسئۇلى، دەرىس ئوقوتقۇچىللىرى ئۆز ئالدىغا قىشلىق، يازلىق تەتىل، ھېيىت- بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كوللكىتىپ دەرىس تۇلۇقلاش ئېلىپ بېرىشقا، ئارقىدا قالغان ئوقوغۇچىلارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ. 23-ماددا: ئوقوش تەۋەلىگىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ئوقوتۇش ئارخىپلىرى مۈكەممەللەشتۇرۇلۇپ، مەكتەپ ئالماشتۇرغان، ئوقوش ئاشقان، قاتناپ ئوقويدىغان، قايتا ئوقويدىغانلارغا قارىتا رەسمىيەت تەرتىۋىنى چىڭىتىپ، ئوقوغۇچى قۇبۇل قىلىش، ئوقوش پۈتتۇرۇش گۇۋاھنامىسى تارقىتىش، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئارخىبىنى باشقۇرۇش قاتارلىق تۇزۇملەردىكى ئىنتىزام كۈچەيتىلىدۇ. 24-ماددا: ئىلمى بۆلۇم ئوقوتۇش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىشىنى كۈچەيتىدۇ.مەدىنى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى، كىتاپ- ژورناللار بۇلۇپمۇ ھازىرىقى زامان ئوقوتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىشلىتىش ئۈنىمىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. شۈنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇرلۇك ئوقوتۇش، تەلىم- تەربىيە ماتىرىياللىرىنى يغىپ ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ.
4. باپ خوجۇلۇق ئارقا سەپ باشقۇرۇش 25-ماددا: خوجۇلۇق بۆلۇمىنىڭ خىزمىتىدە چۇقۇم جان دىل بىلەن ئوقوتۇش خىزمىتى ئۇچۇن مۇلازىمەت قىلىش، ئوقوتقۇچى، ئوقوغۇچىلار ئۇچۇن خىزمەت قىلىش قارىشىنىتىكلىشى كېرەك. تۇرلۇك قائىدە تۇزۇملەر تۇزۇلۇپ، خىزمەت تۇزۇمى چىڭىتىلىپ، پاك- دىيانەتلىك بۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 26-ماددا: يۇقىرنىڭ ئالاقىدار ھۆججىتى ۋە «مالىيە تۇزۇمى باشقۇرۇش قارارى» غا ئاساسەن مالىيە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەستايىدىل ئۆلچەملىك بۇلۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ،كىرىمىنى ئېنىق خاتىرلەش چىقىمى مۇۋاپىق بۇلۇشى كېرەك. مەكتەپ قانۇن بۇيىنچە يۇقۇرى دەرىجىلىك ئالاقىدار ئورگانلارغا خىراجەت ئورۇنلاشتۇرۇش پىكىرى بېرىپ، خىراجەت چىقىم قىلىشىنى ئىلىتىماس قىلىدۇ. 27-ماددا: مەكتەپ يۇقۇرى دەرىجىلىك مائارىپ، مال باھا، مالىيە ئورۇنلىرى بىكىتكەن ھەق ئېلىش تۇرلىرى ۋە ھەق ئېلىش ئۆلچىمىگە ئاساسىەن ئوقوغۇچىلاردىن قانۇن بۇيىنچە ھەق يىغىدۇ.، ئالدى بىلەن تەكشۇرۇپ تەستىقلاش، ئاندىن ھەق يىغىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. 28-ماددا: خوجۇلۇق بۆلىمى مەكتەپ ئۆي ئىماەرتلىرى، مەكتەپ مۈلىكىگە بولغان باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، مال- مۇلۇكىنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە ئىسراپ بۇلۇشىنى توسىدۇ.مەكتەپ مۈلىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بۇيىنچە باشقۇرۇلىدۇ. خەتەرلىك ئۆيلەر بايقالغان ھامان تېزدىن تەدبىر قوللۇنۇش ۋە يۇقۇرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى ئورۇنلارغا يازما دوكلات بېرىش كېرەك. 29-ماددا: نورمال ئوقوتۇش تەلىم- تەربىيە خىزمىتىگە تەسىر كۆرسەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا قانۇن بۇيىچە تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش پائالىيەتلېرىنى قانات يايدۇرسامەكتەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق تەدبىرلەرنى تېپىپ چىقىپ مالىيەنى كۈچەيتسە بۇلىدۇ. پايدىنى ئاساسلىقى مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاش ئوقوتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىش لازىم. 30-ماددا: مالىيە تۇزۇمى مۈكەممەللەشتۇرۇلىدۇ. خىراجەت چىقىم قىلىشتا دىموكىراتىك باشقۇرۇش يولغا قۇيۇلۇپ، مالىيە ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىنىدۇ ھەمدە مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارلاش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ جەمىئىيەت ۋە ئاممىنىڭ نازارىتى قۇبۇل قىلىنىدۇ.
5.باپ : مۇھىيت باشقۇرۇش 31-ماددا: بارلىق ئوقوتقۇچىلار بىر نىيەت بىر مەخسەتتە مەدىنيەتلىك ساغلام، ئالغا ئىنتىلىدىغان ئىناق ئادەم تەربىيلەش مۇھىيتى بەرپا قىلىشى ئۇچۇن تىرىشىشى لازىم. 32-ماددا: مەكتەپ قوروسى مۇھىيتىنى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، پائال ئالغا ئىنتىلىدىغان ساغلام مەكتەپ قوروسى مەدىنىيتى كەيپىياتىنى شەكىللەندۇرۇش، شەكلى كۆپ خىل ، مەزمۇنى مول بۇلۇش، سىنىپ ئىچىدىكى تام گېزىتى ۋە مەكتەپ قوروسى ئىچىدىكى كۆزنەكلەرنى ۋاختىدا ئىشلەپ، قەرەللىك ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش لازىم. 33-ماددا: بارلىق ئوقوتقۇچىلار ئەخلاقى تەربىيەنى كۈچەيتىپ ئىناق بولغان ئاممىۋى مۇناسىۋەتىنى ۋە ئىتتىپاق،ئالغا ئىنتىلىگەن، مەدىنى ماس قەدەملىك خىزمەت، تۇرمۇش مۇھىيتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش لازىم. ئائىلىدىكى مۇناسىۋەتىنى ئەستايىدىل تەڭشەپ، ئاتا- ئانىغا كۆيۇنۇپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، پەرزەنتىلەرگە بولغان تەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىش، خوشنىلار ئارا ئۆز- ئارا چۇشۇنۇش، ئۆز- ئارا ياردەم بېرىش، ئىناق ئۆم ئۆتۇش،ھەر تەرەپتىنئوقوغۇچىلار ئۇچۇن ئۈلەە بۇلۇش لازىم. 34-ماددا: مەكتەپ ئەمىلىيەتىنى چىقىش قىلىپ، مەكتەپ قوروسى قۇرۇلۇشىغا ئومومى لاھىيە تۇزۇپ، مەكتەپ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان پاكىزلەشكەن، كۆكەرتىلگەن، گۈزەللەشكەن،مەدەنىيى مەكتەپ قورۇشىنى قۇۇرپ چىقىش لازىم. 35-ماددا: تازلىقىنى ھۆددىگە ئېلىش ۋە نازارەت قىلىپ باھالاش تۇزۇمىنى تۇرغۇزۇپ ۋە مۈكەممەللەشتۇرۇپ، زۆرۇر ئەسلىھەلەرنى سەپلەپ، تىرىشىپ پاكىزە، رەتلىك بولغان ئۆگۇنۇش مۇھىيتىنى بەرپا قىلىپ، مەكتەپ ئىچىدە قالايمىقان ئوت - چۆپلەپ بولماسلىق، تاملاردا پاسكىنائىزلار بولماسلىق، يەرلەردە مىۋە شۆپىكى، قەغەز پارچىللىرى، تاماكا قالدۇقى تۇكرۇك بولماسلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 36-ماددا: سىنىپ، ئىشخانا، يىغىن زالى، ھەر خىل خانىلارنىڭ ئەينەكلىرى تۇلۇق، ئۈستەل ئورۇندۇقلىرىنىڭ تىزىلىشى رەتلىك، دېرىزە پاكىزە سۈرتۇلگەن. نەرسە- كېرەكلەر رەتلىك تىزىلغان بۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 37-ماددا: مەكتەپ ئىچىدىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ ۋېلىسىپىتى بەلگىلەنگەم ئورۇنغا رەتلەپ توختۇتۇلغان بۇلۇش، سىىرتتىن ماشىنلار مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرگەندە ۋە توختاتقاندا چۇقۇم مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىملەرنى ئىجىرا قىلغان بۇلۇش لازىم. ئاقما تىجارەتچىلەرنىڭ مەكتەپ ئىچىگە كىرىشى قەتئى مەنئى قىلىنىدۇ. ھەر قانداق ئادەمىنىڭ ھەر قانداق شەكىلىدە مەكتەپ ئىچىگە يايما ئېچىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ. 38-ماددا: خوجۇلۇق بۆلۇم بىخەتەرلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئوتتىن ، ئوغىرىدىن، توكتىن،زەھەرلىنىشتىن ساقلىنىپ يۇشۇرۇن خەۋىپىنى ۋاختىدا بايقاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش، ئوقوغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
6.باپ : ئوقوغۇچىلارنى باشقۇرۇش 39-ماددا: ئوقوغۇچىلار قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باراۋەر تەربىيەگە ئىگە بۇلۇش ھوقوقىغا ئىگە ئوقوغۇچى كادىرلىرىغا قەرەللىك ئالمىشىش ئېلىپ بېرىلىپ ھەر بىر ئوقوغۇچىنىڭ تەشكىنلەش قابىلىيتى چېنىقىتۇرىلىدۇ ۋە يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. 40-ماددا: ئەلا نەتىنجىگە ئېرىشكەن ياكى مەكتەپكە زور تۆھپە قوشقان ئوقوغۇچىلار تەقدىرلىنىپ مۇكاپاتلىنىدۇ. 41-ماددا: مەكتەپ ئوقوشقا كىرىش شەرتىگە توشقان لېكىن ئائىلە ئىقتىزادى قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقوغۇچىلارغا قارىتا «قولغا قولىنى تۇتۇشۇش، مىھىر- شەپقەت يەتكۇزۇش» قاتارلىق پائالىيەت شەكلى ئارقىلىق خىراجەت بىلەن تەمىنلەيدۇ ياكى كېمەيتىپ، كەچۇرۇم قىلىدۇ. 42-ماددا: ئوقوغۇچىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ھوقوقلىرى بولىدۇ. 1) مەكتەپ باشقۇرۇشقا قاتنىشىش، مەكتەپ خىزمىتىنى، ئوقوغۇچىلار خىزمىتىنى مۈزاكىرە قىلىش. 2) باراۋەر تەربىيەنى قۇبۇل قىلىش، ئۆگەنگۇچىلەرنى مۇكاپاتلاش، جازالاش ئادىل بولمىسا مەكتەپكە پىكىر قىلىش ھوقوقىغا ئىگە. 3) مەكتەپ ئۈيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش، ئوقوتۇش ئەسلىھەلىرىنى، كىتاپ - ماتىرياللىرىنى ئىشلىتىش 4) ئۆگۇنۇش نەتىجىسى ۋە ئەخلاق باھالاشتا ئادىل باھاغا ئېرىشىش ھوقوقىغا ئىگە. بەلگىلەنگەن ئوقوشىنى تاماملىغاندىن كىيىن مۇناسىپ دىپلومغا ئېرىشىش ھوقوقىغا ئىگە. 5) قانۇن نىزام ۋە مەكتەپ تۇزىمى بەلگىلەنگەن باشقا ھوقوقلارغا ئىگە. 43- ماددا: ئوقوغۇچى ئادا قىلىشقا تىگىشلىك مەجبۇرىيەتلەر 1) قانۇنغا بويسۇنۇش مەكتەپىنىڭ قائىدە- تۇزۇملىرىگە بويسۇنۇش 2) ھەركىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، ياخشى بولغان ئىدىيە- ئەخلاق شەكىللەندۇرش 3) تىرىشىپ قېتىرقىنىش، بەلگىلەنگەن ئۆگۇنۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ ياراملىق ئادەم بۇلۇشقا بەل باغلاش 4) مەدىنى ئىنتىزامچان بۇلۇش، ئوتتورا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىللىرىنىڭ ئەدەپ -ئەخلاق قائىدىللىرىگە رىئايەقىلىش 5) مەكتەپىنىڭ شان- شۆھرىتىنى ساقلاش، مەكتەپ ئۇچۇن شان- شەرەپ كەلتۇرۇش.
7.باپ : قۇشۇمچە پىرىنسىپ 44-ماددا: مەزكۇر نىزامنامە ئوقوتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىشىدىن ئۆتكەندىن كىيىن يېزىلىق مائارىپ پارتيە باش ياچىيكىسىنىڭ تەستىقلىشىغا سۈنىلىدۇ. 45-ماددا: مەكتەپ مەزكۇر نىزامنامىگە ظاساسەن تۇرلۇك قائىدە- تۇزۇملەرنى تۇزىدۇ ۋە مۈكەممەللەشتۇرىدۇ. 46-ماددا: مەزكۇر نىزامنامىنىڭ قانۇن، نىزام، تۇزۇملەر ۋە يۇقىرنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسىتىگە مۇخالىپ كېلىدىغان جايلىرى بۇلۇپ قالسا بىردەك قانۇن، نىزام، تۇزۇم ۋە سىياسەت ئۆلچەم قىلىنىدۇ. 47-ماددا: مەزكۇر نىزامنامە تەستىقلانغان كۈندىن ئېتىبارەن ئىجىرا قىلىنىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-16 01:49
|