پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 57|ئىنكاس: 1

بەرداشلىق بېرىش روھىڭىز كۈچلۈك بولسۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

0

دوست

211

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
55 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
56 سەر
شۆھرەت
38 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 08:30:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت


بەرداشلىق بېرىش روھىڭىز كۈچلۈك بولسۇن


ـ ئادەمنىڭ بەرداشلىق بېرش روھى قانچە كۈچلۈك بولسا مۇۋاپپەقيەتكە شۇنچە يېقىنلىشىدۇ.يېرىم يولدا بەل قوۋەتسە مەڭگۈ كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمەيدۇ.
ـ خاتىرەمدىن
ھەر قانداق بىر ئشنى ۋۇجۇدقا چېقىرش مۇئەييەن بىر جاپالىق جەرياننى بېسىپ ئۆتۈپ رۇياپقا چىقىدۇ.بەخت-خۇشاللىق ئاسان قولغا كېلىدىغان نەرسە ئەمەس.مۇۋاپپەقيەت بىر قاتار ئەگىرى-توقاي مۇساپىلەرنى،قېنچلىق-جاپالارنى قان-تەر ئارقىلىق يېڭىش بەدىلگە قولغا كېلىدۇ.
مۇۋاپپەقيەت قازنىشتىن ئىلگىرى ھەر قانداق ئادەم ئۇزاق مەزگىلىك ئوڭۇشىسزلىقلارغا،ھەتتا ئېغىر مەغلۇبيەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. قېينچلىق،توسالغۇ مۇئەييەن بىر ئشنى قىلىۋاتقان ئادەمنىڭ ئالدىغا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان ئىش.بۇنداق چاغدا مەغلۇب بولغان ئادەمنىڭ ئەڭ ئاسان ۋە ئەڭ ئەقلىگە مۇۋاپىق تاللىشى ۋاز كېچشتۇر.لېكىن،‹‹مەغلۇبيەت غەلىبنىڭ ئانسى›› دېگەندەك  مەغلۇبىيەت ئىرادىنى تاۋلايدىغان پىچتۇر.ئادەم ئۆزى تاللىغان نىشاندا قانچىكى مەزمۇت تۇرغانسېرى مەغلۇبيەت يېقىتالمايدۇ.قېينچلىق،مەغلۇبيەت ئالدىدا ئاغىرغىچە بەرداشلىق بەرگەندىلا،مۇۋاپپەقيەتكە ئېرىشكلى بولىدۇ.چۈنكى،دۇنيادىكى مۇۋاپپەقيەتلەر مەغلۇبيەتسىز قولغا كەلگەن ئەمەس!
بۇ تۇغرىسدا غەرب ئەللىرى ئارسىدا مۇنداق بىر ھېكمەتلىك ھېكايەت تارقالغانىكەن.غەرب دۆلەتلىرنىڭ بىردە ياشايدىغان بىر ئادەم ئالتۇن قېزىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن مەزگىلىدە باي بولۇش ئارزۇسى بىلەن ھەيۋەتلىك بىر تاغقا ئالتۇن قازغىلى كەپتۇ.ئۇ بىر پارچە يەرىنى چۆرىدەپ،كەتمەن-گۈرجەكنى ئېلىپ باش چۆكۈرۈپ ئۆزى ئارمان قىلغان ئالتۇنلارنى قېزىشقا باشلاپتۇ.
بىر نەچچە ھەپتە جاپالىق ئشلگەندىن كېيىن ئۇ ئاخىر ۋاللىداپ تۇرغان مەدەننى كولاپ چىقىپتۇ.لېكىن بۇ مەدەنلەرنى يەر يۈزگە ئېلىپ چىقىدىغان ئۈسكۈنە بولمغاچقا،ئۇ مەدەن بار جاينىڭ ئۈستنى يېپىپ يۇشۇرۇپ قوپتۇ-دە،ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتپتۇ.ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،بۇ زور بايقاشنى ئۇرۇق-تۇغقان،دوست-بۇرادەرلىرىگە،قۇشنا-قولۇملىرىغا ئېيتىپ بېرىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۇل يىغىپ،مەدەننى تارتىپ چىقىرىدىغان ئۈسكۈنە سېتىۋىلىپ،ئۇنى مەدەن چىققان جايغا ئاپىرىپتۇ.ھەمدە داۋاملىق قېزىشقا باشلاپتۇ.
تۇنجى تۈركۈمدىكى مەدەنلەر تاۋلاش زاۋۇتىغا ئاپىرىلىپ تاۋلانغاندىن كېيىن ئۇلار تاپقان كاننىڭ ئۆزى تۇرۋاتقان شىتاتدىكى ئەڭ مول كان ئىكەنلىكىى ئسپاتلىنپتۇ.
بۇ كان قۇدۇقى ئەگەر يەنە بىر نەچچە ماشنا كولانسا،ئۇ ئادەمنىڭ بارلىق قەرزنى قايتۇرۇپ بولۇشىغا يېتىپلا قالماستىن،بايلىق خۇددى سۇدەك ئېقىپ كېلىدىكەن.
لېكىن كان قۇدۇقى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ،ئۇ ئادەمنىڭ ئۈمىدى بارغانسېرى كۈچيۋاتقان پەيتتە،ئالتۇن كان تۇيۇقىسز غايىب بولۇپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەمنىڭ بارلىق ئۈمىدىمۇ كۆپۈككە ئايلىنىپتۇ.ئۇ ئادەم جېننىڭ بېرىچە قازغان بولسمۇ،ئالتۇن كان قايتا پەيدا بولماپتۇ.
ئاخىرى ئۇ ئادەم ئۈمىدسىزلىنىپ،ۋاز كېچشىكە مەجبۇر بولۇپتۇ.ئۈسىكۈننى بىرلىشىپ سېتۋالغانلار ئۈسكۈننى نەچچە يۇز دوللارلىق تۆۋەن باھادا بىر براك ماللار دۇكىنغا سېتۋىتىپ،پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتىپ كېتىشپتۇ.ھېلىقى براك ماللار سودىگىرى بىر كان قېزىش ئىنژېنېرى تەكلىپ قىلىپ كان رايوننى تەپلسى كۆزتىپتۇ ۋە ئېنچىكە ھېسابلاتقۇزۇپتۇ.ئىنژېنېر ئەسلىدىكى كان ئىگىسنىڭ مەغلۇب بولۇشى ئۇنىڭ ‹‹ئۈزۈك قاتلام››نى بىلىمگەنلىكىدىن بولغان،دەپ يەكۈن چىقىرپتۇ.ئۇ يەنە ئۈچ ئىنگلىزچىسى كولىغان بولسا ئالتۇن كاننى قايتا تاپقان بولاتتى،دەپ مۆلچەرلەپتۇ.ئالتۇن كان ئۈچ ئىنگلىزچىسى ئاستدا بولسىمۇ،لېكىن ئۇ ئادەم ئۇنىڭىدىن ئاللىقاچان ۋاز كەچكەن.
راسىت!كان قېزىش بىر چۇڭقۇرلاش جەريانى بولۇپ،كان كولىنىپ مەلۇم چۇڭقۇرلۇقغا يەتكەندە،ھەر قانچە كۆپ تىرشچانلىق كۆرسەتكەن بىلەنمۇ ئۇنىڭ ھېچقانداق رولى بولمايدۇ.بۇنداق چاغدا،ۋاز كېچىشنى تاللاشنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ خاتالىق.چۈنكى،كاننى بىر مەزگىل چۇڭقۇر كولاپ ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرمەي ئاسانلا ۋاز كەچكەندە،تەييار بولاي دېگەن بايلىقغا باشقلار ئىگە بولىدۇ.
شۇنداق!ھەر قانداق مۇشكلات،قېينچلىقغا ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىشنىڭ ئۆزى مۇۋاپپەقيەت.تۇسسالغۇلار قانچە چوڭ،قېينچلىق قانچە ئېغىر بولۇشىدىن قەتئنەزەر ئاخىرقى مىنۇتقچە بەرداشلىق بەرگەندىلا مۇۋاپپەقيەت قازانغلى بولىدۇ.نۇرغۇن كشلەرنىڭ ئۆزى تاللىغان ۋە قىلىۋاتقان ئشىدىن ئاسانلا مەغلۇپ بولۇشى ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرلمىگەنلىكىدىن  بولغان.
كشلەرنىڭ ئۆز ھايات مۇساپسىدا تاللىۋالغان مۇئەييەن بىر  نىشاننى بولىدۇ.ھەمدە بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تېىنم تاپماي كۆرەش قىلىدۇ،ئشلەيدۇ،ئىزىندۇ،تەتقىق قىلىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى مۇۋاپپەقيەت قازىنىدۇ،بەزىلىرى بولسا يېرىم يولىدا توختاپ قالىدۇ ياكى ئىنساندىن ۋاز كېچىدۇ.ھەقىقەت شۇكى،ھەر قانداق بىر ئشتا ئىزدىنىش روھىغا باي،بەرداشلىق بېرىش كۈچى كۈچلۈك،ئىرادىلىك ئادەملەر ھامان مۇۋاپپەقيەت قازىنىدۇ.ئەكسچە،ئىزدىنىش روھى كەمچىل،بەرداشلىق بېىش كۈچى ئاجىز،ئىرادىسى تۇراقسىز كشلەر ھەر قانداق ئشتا مۇۋاپپەقيەت قازنالمايدۇ.
ئادەم ھەر قانداق بىر ئشتا بىر نشاننى تاللىغان ئىكەن،مەڭگۈللۈك ۋاز كەچمەسلىكى،قەتئى ئىرادىسى،بەرداشلىق بېرىش كۈچى كۈچلۈك بولۇشى كېرەك.ھەرگىز تاللىۋالغان نىشاندىن يېرىم يولدا ۋاز كەچمەسلىكى،رۇھىيتىدە قەتئىيلىك بولۇشى كېرەك.چۈنكى ھەر قانداق بىر ئشنىڭ مەيدانغا كېلىش جەريانى بولىدۇ.پەقەت ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ بەرداشلىق بەرگەندىلا،كۆزلىگەن نىشانغا يەتكلى بولىدۇ.يېرىم يولدا ۋاز كېچىش بولسا كۆرسەتكەن تىرشچانلىقلارنىڭ ھەممىسنى بىكار قىلىدۇ.
ھاياتلىقىتىكى ھەر قانداق بىر ئشتا مۇۋاپپەقيەت قازىنىش ئۈچۈن كشى باشتىن-ئاخىر تېنماي تىرىشپ،يىراقنى كۆزلەپ،ئاخىرقى دەققىلەرگىچە كۆرەش قىلغاندىلا مۇۋاپپەقيەت قازانغلى بولىدۇ.
شۇڭا،كشلىك ھايات سەپىرىڭىزدە مەڭگۈللۈك ئولۇغۋار نىشانڭىزدىن بىرسى بولۇشى،شۇنى رۇياپقا چىقارغۇدەك يېقلماس-سۇنماس ئىردىڭىز بولۇش،ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىش روھىڭىز كۈچلۈك بولۇشى، ئۆتكۈر ئەقىل-پاراستىڭىز بولۇشى كېرەك.


ئەسەرنى ئۆزگەرتىشكە قوشۇلىمەن
ئاپتۇر:يەكەن ناھىيە كاچۇڭ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە
ئالاقىلشش تېلېفۇنى:13657507458


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

38

تېما

14

دوست

5766

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1736 سەر
تىللا
224 دانە
تۆھپە
884 سەر
شۆھرەت
784 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 17:24:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئېيتقاندەك بىزدە ،ھەممىمىزدە بەرداشلىق كۈچ ،چىدام -غەيرەت، ئالغا ئىلگىرلەيدىغان روھ بولسۇن !
ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 02:39, Processed in 0.177381 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش