| . مەكتەپ مەسئۇلى شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپى ئالاھىدىلىكى، بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە قابىلىتىيىگە ئاساسەن قايسى پەن دەرسلىرىنى تەستىقلاشقا مۇۋاپىق كەلسە شۇ پەن دەرسىنى تەستىقلاشقا بەلگىلىنىدۇ. 2. دەرس تەستىقلاشتا چوقۇم يۈكسەك دەرىجىدە مەسئۇلىيەتچان بولىشى، ئەستايىدىل بولىشى، دەرس تەستىقلاشتىكى كونكرتنى تەلەپلەرنى تەپسىلى كۆرۈپ ئاندىن تەستىق سېلىنىدۇ. 3. دەرس تەستىقلىغۇچى تەستىقلىماقچى بولغان دەرسنىڭ ئۆتۈلۈش ۋاقتىنى ئىنىق بىلىشى، چوقۇم ئۆتۈشتىن ھەپتە بورۇن دەرسنى تەستىقلاپ بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ. 4. دەرس تەييارلىقىنى تەستىقلىغاندا دەرس تەييارلىقىنىڭ خەت سۈپىتىگە، نىشانلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بويىچە ھەر قايسى باسقۇچتىكى تەلەپلەرنىڭ تولۇق تولدۇرىلىشىغا، ھەر بىر باسقۇچتىكى مەزمۇنلارنىڭ توغرا ھەم مۇۋاپىقلىقىغا، ۋاقىتنىڭ مۇۋاپىق ئۇرۇنلاشتۇرىشىغا، يىڭى ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى جەھەتتىن ئىزلىنىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، ھەر قايسى باسقۇچلار ۋە تەلەپلەر مۇۋاپىق ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بولسا ئاندىن تەستىق سالىدۇ. ئەگەر يۇقارقى تەلەپلەر ئۇرۇنلانمىسا قايتا تەييارلاشقا بويرىلىدۇ. 5. دەرس تەييارلىقىدا مەسىلە كۈرۈلسە ياكى دەرسنى ئۆتۈشتىن ھەپتە ئىلگىرى تەستىقلاتمىسا قەتئى تەستىق سالمايدۇ. 6.دەرس تەستىقلىغۇچى رۇخسەت سورىسا ياكى كىسەل بولۇپ يېتىپ قالسا مەكتەپ مەسئۇلىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ، دەرس تەستىقلاشنى ۋاقىتلىق مۇۋاپىق كىشىگە ئۆتكۈزۈپ بىرىدۇ، ھەمدە كەلگەندىن كىيىن ئۆتكۈزىۋالىدۇ. 7. دەرس تەستىقلىغۇچى دەرس تەييارلىقىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگەللىمەي، قارىسىغا دەرس تەييارلىقىغا تەستىق سالسا، كۈرۈلگەن مەسلىنىڭ %20تىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 8. ھەر ھەپتىنىڭ 1-،3-كۈنى ھەپتىلىك دەرسنى تەستىقلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
|
|