مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2071 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 3 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 7 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 9 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • ئامان 4 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 7 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

كۆرۈش: 132|ئىنكاس: 6

يەتتە قىزلىرىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

46

تېما

0

دوست

647

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
122 سەر
تىللا
154 دانە
تۆھپە
76 سەر
شۆھرەت
121 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 08:29:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەتتە قىزلىرىم مازىرى ئۇچ تۇرپان ناھىيە بازىرىنىڭ مۆلجەر تاغ باغرىنىڭ شىمالى يان باغرىغا جايلاشقان بۇلۇپ ، يەتتە قىزنىڭ قەبرىسى ياغاچ رېشاتكا ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان . تارىخى مەنبەلەردىن قارىغاندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى چىيەنلۇڭنىڭ 30 – يىللىرى ( مىلادى 1765 – يىلى ) زۇلۇمغا قارشى ئۇچتۇرپاندا يۇز بەرگەن ئاكا – ئۇكا رەخمەتۇللا ۋە ئەسمەتۇللا باشچىلىقىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى ( جىگدە يېغىلىقى ) قاتناشچىلىرىدىن ئايال پالۋان مايسىخان باشلىق يەتتە قىز نەۋكەرنىڭ مەقبەرەسىدۇر .
ئۇچتۇرپان دېھقانلىرى رەھمىتۇللا ۋە ئەسمىتۇللا بەگلەرنىڭ رەھبەرلىكىدە يىرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن ئىلىشىپ ئاخىرى مەغلۇپ بولىدۇ ۋە قوزغىلاڭغا قاتناشقان ئىنقىلابچىلارنىڭ ئۇچتىن بىرى قىرغىن قىلىنىدۇ ، 10 مىڭدەك كىشى ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ ، بارلىق بالايى ئاپەت يۇرتتا قالغان قىزلارنىڭ بېشىغا كېلىدۇ . ئۇچتۇرپان خان ئامبىلى سۇچىڭ ۋە ھاكىمبەگ ئابدۇللا ۋەكىللىكىدىكى مانجۇ ھۇكۇمرانلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۇستىدىن دەھشەتلىك يۇرگۇزۋاتقان زۇلۇمغا چىدىمىغان بىر تۇركۇم ئەر – ئايال ئاخىرى رەخمەتۇللا بەگنىڭ سىڭلىسى مايسىخاننىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ تاغ ، جىلغا ، ئۇرمانلىقلاردا يۇشۇرۇن چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا داۋاملىق زەربە بېرىدۇ . مانا بۇ تارىختىكى مايسىخان جىڭى ئېيتىلىشچە بۇقىتىمقى جەڭ ئۇچ ئاي داۋام قىلىپ ، مايسىخان بىلەن غۇنچە قىز باشچىلىقىدىكى يەتتە نەپەر ئايال دۇشمەننىڭ قۇرشاۋىدا قىلىپ ئاخىرى تاغدىن ئۆزىنى ئېتىپ مەرتلەرچە قۇربان بىلىدۇ . كىيىن كىشىلەر بۇ يەتتە نەپەر قەھرىمان قىزلىرىمىزنىڭ خاتىرىسى ئۇچۇن مۇلجەر تىغىنىڭ غەربىي شىمالىغا يەتتە قىز مەقبەرىسىنى ياساتقان ئىكەن .
1942 – يىلى ئۇچتۇرپانغا ھاكىم بۇلۇپ تۇرغان لۇجى ( ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە قۇربان بۇلغان ) يازغان ئۇچتۇرپاندىكى ئاسارى – ئەتىقىلەر ۋە جۇڭگۇ – رۇسيە چىگرىسى تۇغرىسىدا ئىزاھات دىگەن ماقالىسىدە : يەتتە قىزىم مەقبەرىسى مۇسۇلمانچە ياسالغان ، ئۇستى يىپىقلىق ، بۇ مەقبەرنى ئۇيغۇرچە يەتتە قىزلىرىم دەپ ئاتايدۇ ، مەقبەرەنى بىر شەيىخ ساقلايدۇ ، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر كىشلىرى كىلىپ مال ئۇلتۇرۇپ نەزىر بېرىدۇ . ئاياللار دۇئا تىلاۋەت قىلىپ يىغا – زارە قىلىشىدۇ ، بۇ ئۇچتۇرپاندىكى مۇھىم ئاسەر ئەتىقىلەرنىڭ بىرى دەپ كۆرسەتكەن .دىمەك يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى 20 – ئەسىردىن بۇيان ئىزچىل تاۋاپكار ۋە زىيارەتگاھ بۇلۇپ كەلمەكتە ، بۇ تاۋاپكار ناھىيە دەرىجىلىك مۇھىم قۇغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكار ئورنى قىلىپ بىكىتىلگەن .
يەتتە قىزنىڭ ئىسمى : مايسىخان ، غۇنچە قىز ، دىلبەر قىز ، زۇھرە گۇل ، قەمبەرنىسا ، گۇلئايىم ، ئەختەرنىسا .
يەتتە قىزنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن نۇچىسى يەنە مايسىخان . قەلەمىي ۋە ئەلەمىي ئىشلارغا ماھىرلىقتا ئۇنىڭ ئالدىغا ھىچكىم يەتمەيدۇ . قايماقتەك سۇزلەپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىچ – باغرىنى مۇمىيادەك يۇمشىتىۋىتىدىغان غۇنچە قىز ئۇلار ئىچىدىكى ئەڭ زۇۋاندازلىرىدىن ، چىچەنلىك ۋە ھازىر جاۋاپلىقتا ئۇ ھەممىنى بىسىپ چۈشىدۇ . كۇپ ۋاقتىنى گۇزەل خىياللارنى سۇرۇش بىلەن ئۇتكۇزىدىغان ئۇيچان قىز دىلبەرنىڭ شائىرلىق ماھارىتىگە ھەممەيلەن تاڭ قالىدۇ . ئۇ ئۇيغا پاتقان چاغلىرىدا يىگىتلەرنىڭ كۇزىگە باشقىچە ئۇماق كۇرىنىپ كىتىدۇ .چىرايىدىن تاڭدىكى چۇلپاندەك نۇر تۇكۇلۇپ تۇردىغان زۇھرە گۇل تەققى – تۇرقى تۇپتۇز ئۇسكەن شەمشاتنى ئەسلىتىدىغان زىلۋا بۇيلۇق قەمبەرنىسا . بۇلاقتەك كۇزلىرى يىگىتلەرنى چۇكتۇرۇۋېتىشكە ئاران تۇرىدىغان شەھلا كۇزلۇك گۇل ئايىم ، دىللارنى چاڭ كەلتۇرۇپ ناخشا تۇۋلاپ تايچاقتەك قىيغىتىپ ئۇيناشقا ئادەتلەنگەن بۇيى ئۇسسىمۇ بالىلىق مىجەزى ئۇسمىگەن ئەركە قىز ئەختەرنىسالارنىڭمۇ ھەر بىرىنىڭ ئۇز ئارتۇقچىلىقلىرى بار .

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

15

تېما

0

دوست

1341

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
257 سەر
تىللا
154 دانە
تۆھپە
232 سەر
شۆھرەت
243 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 11:37:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوشۇمچە:
يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى ھەققىدە

بۇ ماتىريالنىڭمۇ پايدىلىنىش قىممىتى باركەن دەپ قاراپ چاپلىدىم، توغرا چۈشىنەرسىلەر

نەبىجان تۇرسۇن
تۇرسۇن بارات

ئۈچتۇرپاندىكى 《يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى》توغرىسىدىكى رىۋايەت ئۈچتۇرپان خەلقى ئىچىدە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كىلۋاتقان باتۇرلۇق،مەرتلىك،ۋەتەنپەرۋەرلىككە ئوقۇلغان تۈگىمەس ناخشىنىڭ نامايەندىسى.

《يەتتە قىزلىرىم》،《سەككىز قىزلىرىم》،《يالغۇز قىزلىرىم》دىگەندەك مەقبەرىلەرشىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بار،ئەمما،ئۈچتۇرپاندىكى《يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى》توغرىسىدىكى رىۋايەت باشقا رىۋايەتلەر بىلەن زادى ئوخشاشمايدۇ.《يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى》ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقتوقاي تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي يان باغرىغا جايلاشقان بۇلۇپ، ياغاچ رىشاتكا ئىچىگە ئېلىنىپ توپىسى يېيىلغان ھەيۋەتلىك مەقبەرىدۇر.تارىخىي ماتىرىياللاردىن ئىسپاتلىنىشىچە بۇ مەقبەرە مىلادى 1765-يىل (چيەنلوڭنىڭ30-يىلى) دىھقانلار ئېيى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى زۇلۇمغا قارشى كۆتۈرۈلگەن رەھمىتۇللا،ئەسمىتۇللا بەگلەر باشچىلىقىدىكى مەشھۇر ئۈچتۇرپان دىھقانلار قوزغىلىڭى(جىگدە يېغلىقى)نىڭ ئايال قاتناشچىسى پەھلىۋان- مايسىخان باشلىق يەتتە قىزنەۋكەرنىڭ قەبرىسىدۇر.

چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى 1759-يىلى شىنجاڭدىكى چوڭ-كىچىك خوجىلار توپىلىڭىنى بېسىقتۇرغاندىن كېيىن،《شىنجاڭغا نىسبەتەن ناھايتى قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزدى》.شىنجاڭدامانجۇ ئاقسۆڭەكلىرى،يەرلىك فىئودال ۋە دىنىي ئىمتىياز ئىگىلىرىدىن ئىبارەت ئۈچتەرەپنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمرانلىقنى ئورنىتىپ،خەلىق ئۈستىدىكى زۇلۇمنى كۈچەيتتى.بىرمىللەتنى يەنە بىر مىللەتكە قارشى قۇيۇپ،مىللەتلەر ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك پەيداقىلدى.يەرلىك ھاكىم- بەگلەرگە ئىشەنمەي ئۆزلىرىگە ئەڭ بۇرۇن ئىتائەتمەنلىك بىلدۈرگەن،جۇڭغارلار ئۈستىدىن غەلبە قازىنىشتا زور ياردەم كۆرسەتكەن قۇمۇل،تۇرپان،پىچانلاردىكى بىر تۈركۈم ھاكىم-بەگلەرنى ئۈچتۇرپانغا يۆتكەپ كىلىپ يەرلىك بەگلەر ئۈستىدىن نازارەت قىلدۇردى ۋە كۈچەيتتى.

ئۈچتۇرپان خەلقى شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىكى خەلىقلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ كۆپ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئازاپقا ئۇچرىدى.ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۈچتۇرپاندىكى ئەمەلدارلىرى كەيىپ-ساپاغابىرىلىپ، ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ ئىنتايىن چىرىكلەشتى.قۇمۇل ۋاڭ جەمەتىدىن بولغان ئابدۇللا ئۈچتۇرپانغا ھاكىم-بەگ قىلىپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن،ئۇ يەرلىك خەلىقنى دەھشەتلىك ئەزدى.ئۆزىنىڭ يېقىن كىشىلىرى،ئۇرۇق- تۇققانلىرىنى ئۈچتۇرپاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كىچىك بەگ قىلىپ تەيىنلىدى.بۇ بەگلەر قۇمۇل ۋاڭلىرى ئىلگىرىدىن تارتىپ قوللانغان دارخانلىق تۈزۈمنى يولغا قۇيۇپ،دىھقانلارنى ئالتە كۈنگۇڭ،ۋاڭ،بەگلەرگە،بىر كۈن ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەشكە مەجبۇر قىلدى.چىڭ ھۆكۈمىتى يەنە 《ئۈچىنچى دەرىجىلىك ھاكىم-بەگلەرگە 150 پاتمان يەر(3975 مو)،100 ئۆيلۈك ئوتاقچى تەقسىم قىلىپ بەردى،يىللىق مۇئاشى ئۈچۈن 30 مىڭ يارماق يىغۋېلىش،6- دەرىجىلىك بەگكە 30 پاتمان يەر (985 مو)،تۆت ئائىلىك ئوتاقچى تەقسىم قىلىپ بەردى،يىللىق مائاشى ئۈچۈن 5000 يارماق يىغۋېلىش》دىن ئىبارەت ئالاھىدە ئىمتىياز بەردى.مۇنداق ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولغان يەرلىك ئەمەلدارلار مانجۇ ئاقسۆڭەكلىرىنى ئارقا تېرەك قىلغان ھالدا شەخسىيەتچىلىكتەئۇچىغا چىقىپ قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىدى.جۇڭغارلار دەۋرىدە يۈرگۈزگەن كوناتۈزۈمنى تەكرار يولغا قۇيۇپ،خەلىقتىن يىغىۋالغان نەرسە-كېرەكلەرنىڭ ئوندىن ئۈچ قىسمىنى مانجۇلارغا تاپشۇردى،قالغانلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ يانچۇقلىرىغا سالدى.ئۇنىڭدىن باشقا چىڭ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى خەلىقنى زورلاپ،ھۇل كەڭلىكى بەش مىتىر،ئىگىزلىكى ئالتە مىتىر،ئۈستى كەڭلىكى بەش مىتىر، ئۇزۇنلىقى 1544 مىتىر كېلىدىغان ئامبالئىشخانىلىرى،ھەربىي گازارما، ئىسكىلات،تۈرمە،بۇتخانىلىرى بار تۆت چاسا،تۆتدەرۋازىلىق سېپىل سالدۇردى،ھەمدە شەھەرنىڭ نامىنى يۇڭنېڭ دەپ ئاتىدى،سېپىل سوقۇش ئالۋىڭى تېخىمۇ دەھشەتلىك بولدى.سېپىل سوقۇش جەريانىدا 《توختى》، 《تۇردى》،《تۇرسۇن》ئىسىملىك كىشلەرنى سېپىلگە باستى.بۇ ئالۋاڭلاردىن باشقا يەنە كەڭ خەلىق ئاممىسى مەسچىت، مەدىرىسلەرگە،ئىمام-ئاخۇنۇم، قازىلارغا ئۆشۈر-زاكات تۆلىدى،ۋەخپىلەرگەھەقسىز ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىندى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۈچتۇرپاندىكى ئىش بىجىرىش ئامبىلى-سۇچىڭ 1759- يىلى 9-ئايدىن 1765-يىلى 2-ئايغىچە ئۈچتۇرپاندا تۇرغان بەش يىل ئىچىدە ئابدۇللارغا ماسلىشىپ ۋە بەلكى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ئېشىپ خەلىققەدەھشەتلىك زۇلۇم سالدى.سۇچېڭ ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى،قول ئاستىدىكى چىرىكلىرى يەرلىك خەلىقلەرنىڭ خۇتۇن-قىزلىرىنى ئاياغ-ئاستى قىلدى.19-ئەسردە ئۆتكەن خوتەنلىك تارىخچى مەھمۇد ئەلەمنىڭ 1897- يىلى يېزىپ قالدۇرغان 《خوتەن تەزكىرسى》دىن مەلۇم بۇلۇشىچە ئۈچتۇرپان خەلىقنىڭ تۆلىگەن ئالۋاڭ-ياسىقى 《جان پۈتىگى》،《چوتا بېشى》، 《خانپۇلى》،《يەر پۇلى》،《قونالغۇ》،《ئوت پۇلى》،《پۇقرالىق》، 《باسقاق》،《ھوژدارلىق》،《مىراپلىق》،《غەللە》،《باج》،《يەم-خەشەك》،《تاپان ھەققى》،《چاي》قاتارلىق 65 خىلغا يەتكەن.

چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك بەگلەرنىڭ ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان زۇلمى ئۈچتۇرپان خەلقىنى پارتىلاش دەرىجىسىگە ئاپىرىپ قويغان ئىدى.خەلىق زۇلۇمغا چىدىماي تۇرغان بىر ۋاقىتتا 《كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال》دىگەندەك پادىشاھ چيەنلوڭ ئامبال سۇچېڭغا جىگدە يۆتكەش يارلىقى چۈشۈردى (1765- يىلى 1-ئايلاردا).بۇيرۇققا بىنائەن ئامبال سۇچېڭ ئۈچتۇرپاننىڭ 《جىگدىلىك》دىگەن يېرىدىن جىگدە كۆچىتى ئېلىپ،100ساندۇققا قاچىلاپ 240 نەپەردىن كۆپرەك ھاشارچىغا كۆتۈرگۈزۈپ كىچىك بەگ رەھمىتۇللانىڭ مەسئۇللىقى،مانجۇ چىرىكلىرىنىڭ نازارىتىدە بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ،ھاشارچىلار 1765-يىلى دىھقانلار ئېيى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى جىگدەكۆچىتى ۋە ئامبال سۇچېڭنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى كۆتىرىپ يولغا چىقىپ ئۈچتۇرپاننىڭ 《ئىلقىشدۆڭ》دىگەن يېرىگە كەلگەندە،بىر ھاشارچى ھېرىپ قالىدۇ.بۇنى كۆرگەن مانجۇ چىرىكى ھاشارچىنى چېپىپ تاشلايدۇ.بۇ ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن رەھمىتۇللاھ بەگنىڭ غەزىپى تاشىدۇ-دە،ھاشارچىلارنى《جىگدىنى تاشلاپ چىرىكلەرنى ئۇرۇڭلار!》دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن نامى مەشھۇر ئۈچتۇرپان دىھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلايدۇ.قوزغىلاڭچىلار شۇ بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا ئۈچتۇرپاننىڭ 《قارا غوجا》،《ياۋاغ》،《ئاق بوز》، 《قۇمۇچلۇق》،《جىگدىلىك》،《ئاقتوقاي》يېزىلىرىداچىڭ قۇشۇنلىرى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىپ شەھەرنى تارتىۋالىدۇ.ئامبال سۇچېڭ 《مۆلچەرتاغ》قەلئەسىدە ئۆزىنى پارتىلتىپ ئۆلىۋالىدۇ،ئابدۇللا بەگ قېچىپ كىتىدۇ.

بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان دەرتمەن دىھقانلار ئۆزلىكىدىن قوزغىلاڭچىلار سېپىگەقۇشۇلۇپ،رەھمىتۇللا ۋە ئەسمىتۇللا بەگلەرنىڭ يىتەكچىلىكىدە شەھەرنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ.بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان پادىشاھ چيەنلوڭ ئېلىدا تۇرۇشلۇق گىنرال مېڭرۈي،قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئىش باشقۇرۇش ئامبىلى ناشىتوڭ،ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق ئىش باشقۇرۇش ئامبىلى بيەن تاخەي قاتارلىقلارغا قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇش توغرىسىدابۇيرۇق چۈشۈرىدۇ.جۈملىدىن پادىشاھ چيەنلوڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك،ئەڭ تەجىربىلىك گىنرالى ئاگۇينى باش قوماندان قىلىپ ئەۋەتىدۇ.قەھرىمان ئۈچتۇرپان دىھقانلىرى رەھمىتۇللا بەگ،ئەسمىتۇللا بەگلەرنىڭ يىتەكچىلىكىدە چىڭ قۇشۇنلىرى بىلەن ئالتە ئاي جەڭ قىلغان بولسىمۇ،ئاخىرى 1765-يىلى دېھقانلار ئېيى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى سودىگەرئاقساقىلى ساۋۇت،شېرىپ دىگەنلەرنىڭ خائىنلىق قىلىشى بىلەن ئېچىنىشلىق مەغلۇپبۇلىدۇ.چىڭ قۇشۇنلىرى قوزغىلاڭچى دېھقانلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى چېپىپ تاشلايدۇ.10 مىڭ كىشىنى تۆت تۈركۈمگە بۈلۈپ ئېلىغا سۈرگۈن قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بارلىق بالايى-ئاپەت يۇرتتا قېلىپ قالغان قېرى- چۈرى،نارسىدەبالىلار،خۇتۇن-قىزلارنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.مانا مۇشۇنداق پەيىتتە،رەھمىتۇللا بەگنىڭ سىڭلىسى مايسىخان ئاتا-ئانىلىرى،سۈيۈملۈك ئەرلىرىدىن،بىگۇناھ قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلغان يەتتە ياشتىن 70 ياشقىچە ئەر-ئاياللارنى، 《گۇڭشاڭ》ئۇرۇشىدا تارقاپ كەتكەن ئەمەت بۇرغۇي،يولۋاس پەھلىۋان قاتارلىق 150 دەك ئەركەكنى قايتا تەشكىللەپ تاغ،ئورمان ئارىلىرى،يار جىلغىلارغا يۇشۇرۇنۇپ،چىڭ قۇشۇنلىرىغا قاخشاتقۇچ زەربەبىرىدۇ،ئۈچتۇرپان خەلقى ئارىسىدا ساقلىنىپ كېلۋاتقان رىۋايەت ۋە رەھمىتۇللا بەگ مايسىخان ئەۋلادلىرى ئىچىدە سۆزلىنىپ كېلۋاتقان ھېكايىلەردىن قارىغاندا《مايسىخان جېڭى》ئۈچ ئاي داۋاملاشقان،مايسىخان ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى غۇنچىخان باشلىق يەتتە نەپەرئايال قوزغىلاڭچى ئاقتوقاي ئۇرۇشىدا قورشاۋدا قېلىپ،ئاخىرى تاغدىن ئۆزىنى  ئېتىپ مەرتلەرچە قۇربان بولغان،كېيىن ھايات قالغان ئەل-يۇرت مايسىخان باشچىلىقىدىكى ئايال قوزغىلاڭچىلارنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن يەتتە قىزنىڭ قەبرىسىنى ئاقتوقاي تېغىنىڭ غەربىي شىمالىغا ياسىغان.

مەنبە:شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىنىڭ 1988-يىللىق 2-سانى



                  مەنبە:http://www.7qiz.com/
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
شاشتېكىن + 2 + 2 + 2 + 2بارىكاللا تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 2 تىللا + 2 تۆھپە + 2 شۆھرەت + 2  باھا خاتىرىسى

25

تېما

10

دوست

6645

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1018 سەر
تىللا
474 دانە
تۆھپە
2283 سەر
شۆھرەت
1046 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 22:00:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مايسىخان باشلىق يەتتە قىزلارنىڭ باتۇرلىقىغا قايىلمەن.ھازىرقى جەميەتتىكى قىزلارنىڭ ئۇلاردىن ئۇگۇنىشنى ئۇمۇت قىلمەن.

213

تېما

25

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3675 سەر
تىللا
937 دانە
تۆھپە
8477 سەر
شۆھرەت
3503 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 01:34:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ  يۇرتتىمۇ  يەتتە  قىزلىرىم  نامى  بار،  ھەتتا  بىر  كەنت    شۇنداق  نام بىلەن  ئاتىلىدۇ،  ئەمما  بىزنىڭ  يەتتە  قىزىمىزنىڭ  ئىش پائالىيەتلىرى،  يۇقارقىغا  ئوخشىمايدىكەن،     بۇمۇ  بىر   ئۇزاق  تارىخ..........
مۇنبەر  ئەھلىگە  سالام!

213

تېما

25

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3675 سەر
تىللا
937 دانە
تۆھپە
8477 سەر
شۆھرەت
3503 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 01:36:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداقلا  بولمىسۇن  بىزنىڭ  بۇرۇنقى  قىز  ئاياللىرىمىز،  ۋەتەن  ئۈچۈن،  كىشىلىك  قەدىر  قىممەت، ئار نۇمۇسنى  قوغداش  يولىدا    قان كېچىپ كۈرەش قىلغان.
مۇنبەر  ئەھلىگە  سالام!

23

تېما

7

دوست

1675

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
331 سەر
تىللا
150 دانە
تۆھپە
354 سەر
شۆھرەت
338 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 16:01:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇيغۇر قىزلىرىمىز ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ ھۆرمەتلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ

126

تېما

20

دوست

4570

جۇغلانما

مائارىپ ئاۋاڭگارتى

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
1233 سەر
تىللا
487 دانە
تۆھپە
774 سەر
شۆھرەت
687 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 17:08:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەتتە قىز

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

يەتتە قىز، قەبرەڭنى تاپتىم يەرۇ-ئاسماندىن سوراپ،
كۈندە كۈندىن، تۈندە ئايدىن، تاڭدا چولپاندىن سوراپ.

يەر دېدىم يەرنى شەھىدلەر كانى ئۈچتۇرپان بىلەن،
يەتتە دەريا ئۇيۇغان قاننى زېمىستاندىن سوراپ.

ياش تۆكەر مۆلجەر تېغىم «توققۇز بۇلاق» تەك زارۇ-زار،
چوققىلاردا لەرزىگەن روھلارنى تۇغياندىن سوراپ.

كەتتىمۇ ئافراسىياپ تۇتقان قىلىچ مايسەم بىلەن؟
غۇنچە قىزنى ئىزلىدىم بارلىقتا ۋىجداندىن سوراپ.

قايدا زۆھرەنىڭ كۆزى، چاچرايدۇ كۆزلەر تەپتىدە،
كىم تاۋاپگاھ ئەيلىگەي دىلبەرنى داستاندىن سوراپ؟

ئۈندىمۇ قەمبەرنىسا جەننەتتە شەمشادتەك گويا؟
توزۇدۇم باغرىمدا گۈلئايىمنى رەيھاندىن سوراپ.

ئاقتىمۇ ئىپپەت بىلەن كۆكتىن زىلال ئەختەرنىسا؟
يەتتە جەننەتنى تىلەيمەن ئاڭا سۈبھاندىن سوراپ...

2013-يىلى، 3-ئاي، يېڭىسار.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 02:00, Processed in 0.446749 second(s), 42 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش