بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-25 00:10
مۇئەللىم
ئابدۇرېھىم ئابدۇراخمان
سەبىلەرنى يۈرەكتىن سۆيەلىگەن مۇئەللىم. مىللەت ئۈچۈن لاۋىلداپ كۆيەلىگەن مۇئەللىم.
پەرزەنت دېگەن دەۋىرنىڭ كېلەچىكى ،بەختى دەپ، كەلگۈسىنى ۋەتەننىڭ كۆرەلىگەن مۇئەللىم.
قاراڭغۇ دىل يورىسا،تاپسا ئەل-يۇرىت ئاسايىش، شۇ خوشلۇقنى مېنىڭ دەپ بىلەلىگەن مۇئەللىم.
جاپا چېكىپ ئۆتسىمۇ شۇ كوي بىلەن بىر ئۆمۈر، ئۆز ئەجرىدىن شادلىنىپ كۈلەلىگەن مۇئەللىم.
ھالال ئىشلەپ تەر تۆكۈپ ئاسان قىلىپ مۈشكۈلنى، بارلىقىنى ئەل ئۈچۈن بېرەلىگەن مۇئەللىم.
ئەل تىلەيدۇ سەن ئۈچۈن ياشىشىڭنى توغراقتەك، ئەل قەلبىدە بېخ سۈرۈپ ئۈنەلىگەن مۇئەللىم.
ئاپتۇر ؛(قەشقەر يېڭسار ناھىيە توپلۇق باشلانغۇچ مەكتەپتە) |