ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتى تۈزۈمى ھەر ئوقۇش يىلىنىڭ بېشىدا مەكتەپ ئۇقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە مەكتەپ ئىلمى بۆلۈم قارمىقىدا ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىلىدۇ. بۇ گۇرۇپپا پەن تۈرى بويىچە تۈرگە ئايرىلىدۇ. گۇرۇپپا ئەزالىرى ھەر بىرى ئۆزىنىڭ كەسىپ ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلغان ھالدا بىردىن پەننى نوقتىلىق تۇتىدۇ. 2. ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسى ھەر ماۋسۇم بېشىدا ئالدىنقى ماۋسۇملۇق خىزمەتلەردىكى تەجىرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئاساسىدا پىلان تۈزۈپ، خىزمەتلەرنى پىلان بويىچە قانات يايدۇرىدۇ. 3. ھەر قايسى مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن ئۆز مەكتىپىمىدە يىللىقلار ۋە ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلغان ھالدا تۈرلۈك شەكىلدىكى مۇھاكىمە ۋە تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزلىنىدۇ. 4. ھەر قايسى يىللىقلارنىڭ، پەنلەرنىڭ ئۆزلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئاجىز ھالقىلارنى تېپىپ چىقىپ، بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، يىتەكلەش ئاساسىدا ھەر ھەپتە بىر مەكتەپنى بىرلىك قىلىپ ئۈلگىلىك ئوچۇق دەرس ئۆتۈش، دەرس تەستىقلاش، مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ئارقىلىق تەجىرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يىڭىلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە ئىجاتچانلىق ۋە ئاكتىپچانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يىتەكلەش. 5. ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنى ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم شەخسى دەرس ئاڭلاش، بىر قېتىم كوللىكتىپ ئوچۇق دەرس ئاڭلاشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يىڭىلاش. ھەمدە دەرستىن كىيىن ئاڭلىغان دەرسنى ئەستايىدىل خۇلاسە قىلىپ، يەكۈنلىشى كىرەك. ئەگەر بىر سائەت شەخسى دەرس ئاڭلاش كەم قالسا شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر سائىتىگە توغرا كەلگەن ئىش ھەققىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. مەكتەپتە ھەپتىسىگە بىر سائەتلىك كوللىكتىپ دەرس ئاڭلاشقا تەشكىللەنمىسە مەكتەپ مەسئۇلى ۋە ئىلمى زۇجاڭنىڭ سائىتىگە توغرا كەلگەن ئىش ھەققىنىڭ ئۈچ ھەسسىسى بويىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. مەكتەپتە كوللىكتىپ دەرس ئاڭلاشقا ئۇيۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ ئوقۇتقۇچى قاتناشمىسا، شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر سائىتىگە توغرا كەلگەن ئىش ھەققىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. 6. ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزى بىرىۋاتقان پەنلەر ئۈستىدە پائال ئىزلىنىش، تەجرىبە توپلاش، ئىجادى تەجىرىبىلەرنى خۇلاسىلاش ئاساسىدا ھەر ماۋسۇمدا ئاز دېگەندە بىر پارچىدىن ئىلمى ماقالە يېزىپ، ئۆز مەكتىپىدە كېڭەيتىكەندىن باشقا، مەكتەپ ئىلمى بۆلۈمگە يوللاپ بىرىش بىلەن بىرگە مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلدۇرۇش. مەكتەپ ئىلمى بۆلۈم ماقالىلارنى باھالاش ئارقىلىق ئىجابى قىممەتكە ئىگە تەجىرىبىلەرنى كېڭەيتىش. 7. ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يىڭىلاش، تەجىرىبە ئۆگۈنۈش ۋە كېڭەيتىش جەھەتتە ئىلغار ئۇرۇنلارنىڭ تەجىرىبىلىرىنى ئۆگۈنۈشكە تەشكىللەش. 8. ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتى جەھەتتە نەتىجىسى كۈرىنەرلىك بولغان ئوقۇتقۇچىلار خىزمەر ئىلغارى، مۇنەۋۋەرلەرنى تۇرغۇزۇشتا ئالدىن ئويلاپ كۆرىلىدۇ. تەجىرىبىلىك، كۆرسەتمىلىك، ئىلىكتىرلىك، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىش تۈزۈمى؛ 1. تەجرىبىخانا، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئەت، مۇزىكا سايمان ئۆيى ۋە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ مۈلۈك ھىساۋى ئىنىق بولۇش، ھەر ماۋسۇمدا بىر قېتىم تەكشۈرپ دەلىللەش، مەسئۇل خادىم ئالمىشىشقا توغرا كەلگەندە ئۆتكۈزۈپ بىرىش-ئۆتكۈزىۋېلىش رەسمىيىتىنى ئىنىق بىجىرىش، سايمان –ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈشكە ياكى چىقىم قىلىشقا توغرا كەلگەندە كىرىم-چىقىم ھىساۋى ئىنىق بولۇش. 2. تەرجىرىبىخانا، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۆيى ۋە تۈرلۈك ئەسلىھە-ئۈسكۈنە ئۆيلىرىنىڭ تازىلىقى ياخشى، سايمانلار پاكىزە، رەتلىك بولۇش. ئەگەر تەجىرىبىخانا ۋە تۈرلۈك سايمان ئۆيلىرىنىڭ تازىلىقى ياخشى بولمىسا ياكى سايمانلار رەتلىك، پاكىزە بولمىسا ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە ئاساسەن 50يۇەندىن 100يۇەنگىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. 3. تۈرلۈك سايمانلارنى ئوقۇتۇش ئىھتىياجىغا قولايلىق، رەتلىك ئۇرۇنلاشتۇرۇش، سايمانلارغا نومۇر قويۇپ تۈرگە ئايرىپ رەتلىك باشقۇرۇش، سايمانلارنى ئاسراش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش، سايمانلارنىڭ يۇقاپ كىتىشىنىڭ، بۇزۇلۇپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بۇزۇلغانلىرىنى ۋاقتىدا ئىنىقلاپ ئورنىغا كەلتۈرۈش ياكى قايتىدىن سېتىۋېلىپ تولۇقلاش. 4. كۆرسەتمىلىك، تەجىرىبىلىك، ئىلىكتىرلىك دەرس ئۆتۈشتىن ئاۋۋال تەجرىبە، كۆرسەتمىلىك ئوقتۇرۇش قەغىزى تولدۇرۇش، سايمان باشقۇرغۇچىلار ئوقتۇرۇش قەغىزىگە ئاساسەن سايمانلارنى تەييارلاپ قويۇش. سايمانلارنى بەرگەندە ئارىيەت بىرىش-قايتۇرىۋېلىش رەسمىيىتى بىجىرىپ خاتىرە قالدۇرۇش. ئەگەر ئارىيەت بىرىش-قايتۇرىۋېلىش رەسمىيىتىنى ياخشى بىجىرمەي يۇقۇتۇپ قويسا، ئەسلى باھاسىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە تۆلىتىۋېلىنىدۇ. 5. تەجىرىبىلىك دەرسلەرگە نىسبەتەن تەجرىبە ئىشلەشتىن ئاۋۋال تەجىرىبە مەزمۇنىنى ئالدىن تاييارلاش، مەخسەت، تەلەپ، ئۇسۇل، قەدەم-باسقۇچلار ۋە ئاساسى قائىدە قانۇنىيەتلىرىنى پۇختا ئىگەللەش. 6. سايمان ئۆيلىرىدە بار بولغان سايما-ئۈسكۈنىلەرنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىش، يوق بولغان سايمانلارنى ياساپ ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى بولسا ئوقۇتقۇچى ئۆزلىرى ياساپ ئىشلىتىش. پەيت تاللارپ ئەۋرىشكە يىغىپ ئىشلىتىش. 7. تەجىرىبىلىك، ئىلىكتىرلىك، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش پىلانىنى تۈزگەندە سايمانلارنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈش مەخسەت قىلغان ھالدا ئەمەلىيەتچىل بولۇش، تۈرلۈك ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىىنىش جەھەتتە ئەتراپلىق ئىزلىنىش. 8. يىراق مۇساپىىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى ياخشى باشقۇرۇش، ئاسراش، كومپىيوتىر، دايىنجىلارنى خالىغانچە شەخسى ئىشقا ئىشلەتمەسلىك، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش سىتكىسى بويىچە قوبۇل قىلغان دەرسلىكلەرنى ۋاقتىدا رەتلەپ، دىسكىغا ئويۇپ، ۋاقتىدا تەييار قىلىش. ئەگەر يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرىدىغان خادىم مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، دەرسلىكلەرنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلمىسا ياكى رەتلەپ ئىشلىتىشكە تەييار ھالەتتە قىلمىسا، بىر سائەتلىك دەرس ئۈچۈن شۇئوقۇتقۇچىنىڭ بىر سائەتلىك ئىش ھەققىگە توغرا كەلگەن سومما بويىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. ئەگەر باشقۇرغۇچى دەرسلىكلەرنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىپ، دىسكىغا ئويۇپ تەييار قىلغان بولسىمۇ، دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭدىن پايدىلانمىسا، شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر سائەتلىك ئىش ھەققىگە توغرا كەلگەن سومما بويىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. 9. يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرىنى باشقۇرغان خادىملار ئۈسكۈنىلەرنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بەرمەي، بەلگىلەپ بەرگەن ئشلىتىش مۇددىتدىن بۇرۇن بۇزۇلۇپ كەتسە، ئۆزلىرى رىمۇنىت قىلىپ ئىشلىتىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا asrar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-16 19:28
|