شۇڭا بىز ئىنكاس يازالمايمىز
بايقاشقا كىردىغانلار ھەمىمىز ئوقۇتقۇچىمىز، بىلىدىغىنىمىزنى قالدۇرماي ئۆگىتىۋەتتۇق، كاللىمىزدە ھېچ نەرسە قالمىدى. شۇڭا بىز ئىنكاس يازالمايمىز. ھەمىمىز ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تەربىيە ئالغان ئەمما مەكتەپتە ئەزەلدىن ئىنكاس يېزىش دەرس ئۆتۈلۈپ باقىمىغان شۇڭا بىز ئىنكاس يازالمايمىز. ئۆزىمىزگە لازىملىق ماتىرىياللارنى ئەمدىلا چۈشۈرۈپ تۇرىشىمىزغا تور ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، شۇڭا بىز ئىنكاس يازالمايمىز. كىنو كۆرۈشكە ۋاقىت يەتمەي قالارمىكىن دەپ، بۇ تور بەتتىن ئىش تۇگىسىلا قۇيۇنندەك قاچىمىز. شۇڭا بىز ئىنكاس يازالمايمىز. ئىسىمىزدە ساقلىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى كىنو، كۆڭۈل ئېچىش بىكەتلىرىنىڭ بىكەت نامىلىرى بولغاچقا، مائارىپ تورىلىرىنىڭ ناملىرىنى تېپىپ بولغىچە ئىشقا بارىدىغان ۋاقىتىمىز تۇشۇپ قالىدۇ. شۇڭا بىز ئىنكاس يازالمايمىز. بايقاشتا باشقىلارنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىدىغان، جەمئىيەتتىكى مىش-مىش گەپلەر يوق،ئىنكاس يېزىپ تالىشىش، غۇلغۇلا قىلىشنىڭ ئورنى يوق، شۇڭا بىز ئىنكاس يازالمايمىز. بىز تېما يوللىساقمۇ ئىنكاسسىز قالغاندىكىن باشقىلارنىڭكىنىمۇ غېرىپ قالدۇرۇشمىز كېرەك، شۇڭا بىز ئىنكاس يازالمايمىز. تېمىغا ئاتامان ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەپتۇ، بۇ تېما چۇقۇم ياخشى ئەمەس، شۇڭا بىز ئىنكاس يازالمايمىز. بىز ئادەتتىكى ئادەملەر ئەمەس بۇنداق ھېچكىم كىرمەيدىغان مائارىپ بەتلىرىدىن پايدىلىنىپ قويساقلا بولدى. كونوپكا تاخسىتىسىنى ئۇپۇرتۇپ ئىنكاس يېزىشنىڭ ئورنى يوق، شۇڭا بىز ئىنكاس يازالمايمىز. بىزنىڭ كىينىكى تەرەققىيات نىشانىمىز كىنوچىلىقنى تەرەققىتى قىلدۇرۇش كىنو بەتلىرىگە كۆپ كىرىپ ئۇلار تەكلىپ بەرمىسەك بولمايدۇ، مائارىپ ئىشلىرى بىلەن نېمە ئىشىمىز. شۇڭا بىز ئىنكاس يازالمايمىز. بۈگۈن چ چ رىمدا مانچە دوستۇم بوپتۇ ئۇلار بىلەن تىزدىن يېقىنلىشىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۈرۈشمىسەك بولمايدۇ. مائارىپ تور بەتلىرىگە قارىغۇدەك نەدە ۋاقىت، شۇڭا بىز ئىنكاس يازالمايمىز. توردىكى ئويۇنلارنىڭ سەرخىللىقىنى دېمەيسىز. ئوينىمىغانلارنىڭ جېنىغا ۋاي، بىر كۈن كەچكىچە ئوينىساقمۇ قانماي كىچىنى تاڭغا ئۇلاپ ئوينايمىز، شۇڭا بىز ئىنكاس يازالمايمىز. مائارىپ تورى قۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسى قىلغىلى ئىش تاپالمىغان ساراڭلار خالاس، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ساراڭ بىلەن تەڭ بۇلامدۇق؟ شۇڭا بىز ئىنكاس يازالمايمىز. قىسقىسى بىزنىڭ ئىنىق ھەم ئۇلۇغۋار نىشانىمىز بار، مائارىپ بىكەتلىرىنىڭ بۇلۇش-بولماسلىقى بىلەن بىزنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتىمىز يوق. بىز بىلىم-ھېكمەتكە تويۇنۇپ كەتكەن شۇڭا بىزنىڭ ئۇنداق يەرگە كىرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئىنكاس يېزىشنىڭغۇ ئەسلا ھاجىتى يوق! |