كۆرۈش: 644|ئىنكاس: 5

تۆۋەندىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى دىققەت قىلىپ ئىشلەتمىسىڭىز كېسەل پە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۆۋەندىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى دىققەت قىلىپ ئىشلەتمىسىڭىز كېسەل پەيدا قىلىشى مۇمكىن
لۆڭگە، چىش چوتكىسى، يۇيۇنۇش تورچىسى، دەسمال، ئاشخانا بۇيۇملىرى قاتارلىقلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى، شۇنداقلا سالامەتلىك قاتىلى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇلار بىۋاسىتىلا تېرىڭىز، ئېغىز بوشلۇقىڭىز، بەدىنىڭىز بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقتىن، ۋىرۇسلار دەل ۋاقتىدا تازىلىنىپ، ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇلمىسا، باكتىرىيلەر تېنىڭىزگە ھۇجۇم قىلىپ، كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا قىلىدۇ.

يۇيۇنۇش تورچىسى

ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. يۇيۇنۇش تورچىسىنى ئۇزۇن ئىشلەتكەندە، ئۆلگەن تېرىلەر، كۆپەيگەن باكتىرىيلەر ئۇنىڭغا يېپىشىپ قالىدۇ. بىر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئۈزۈل-كېسىل يۇيۇپ تازىلاش، ھەر بىر پەسىلدە بىر قېتىم يېڭى يۇيۇنۇش شارچىسىغا ئالماشتۇرۇش كېرەك.

  3-4 ئايدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش. چىش چوتكىسىنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن يۇيۇپ چايقىۋېتىش ۋە ياخشى قۇرۇتۇش كېرەك. ئەگەر چوتكا تۈكچىلىرىنى چىشنى جىجىۋەتسە، دەرھال ئالماشتۇرۇۋېتىش كېرەك. ھەر بىر چىش چوتكىسىنىڭ خىزمەت ۋاقتى 6 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم چىش چوتكىلاش كېرەك، ھەر قېتىمدا ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىش بويىچە ھېسابلىغاندا، چىش چوتكىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرى تەخمىنەن 3 ئاي بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئۈچ ئاي ئىچىدە دەل ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇۋېتىش كېرەك. بولمىسا باكتىرىيە چاپلىشىپ قالىدۇ.

   لۆڭگە

  2-4 ئايدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك. لۆڭگە بولسا تالالىق توقۇلما بۇيۇم، ئىشلىتىش ۋاقتى ئۇزارغانچە، تالا يېرىقچىلىرىغا سىڭىپ كەتكەن باكتىرىيلەرنى يۇيۇپ تازىلاش قىيىنغا توختايدۇ، يۇيۇش، شامالدىتىش، يۇقىرى تېمپۇراتۇرىدا ھوردىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار پەقەت قىسقا ۋاقىتلىق باكتىرىيە سانىنى كونترول قىلىش رولىنى ئوينىيالايدۇ، ئۇزۇن مەزگىللىك باكتىرىيلەنى تازىلىيالمايدۇ. ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىتىلگەن لۆڭگە كىر پىشىپ قاتتىق بولۇپ، يېڭى بۇلغىنىش مەنبەسى بولۇپ، تېرە ساغلاملىقى ۋە ئىشلىتىلىشتىكى راھەتلىكلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئۈچ ئاي ئەتراپىدا ئىشلەتكەندىن كېينلا يېڭى لۆڭگىگە ئالماشتۇرۇۋېتىش ئەڭ مۇۋاپىق.



  سۇلياۋ تاماق قاچىسى

   سۇلياۋ قاچا يېرىقچىلىرىدا ئوڭايلا مىكروبلار ئولتۇرۇشىۋالىدۇ، ئەگەر سۇلياۋ قاچىنى يۇيۇۋېتىپ، قاچىدا يېرىقچە بارلىقىنى، رېڭى ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقىغان ھامان دەرھال تاشلىۋېتىش كېرەك ياكى ئەينەك قاچىغا ئالماشتۇرۇش كېرەك.


   بۇلۇت دەسمال

  30 كۈندە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش، بۇلۇتقا ئوڭايلا باكتىرىيە يوشۇرۇنىۋالىدىغانلىقتىن، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بۇلۇت دەسمالنى پاك-پاكىز يۇيۇپ دېزىنفېكسىيلەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ھەر قېتىم ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ئىسسىق سۇ بىلەن يەنە بىر قېتىم چايقىۋېتىش، قۇياش نۇرىدا قۇرۇتۇش، كۈن ئاتلاپ مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا قىزىتىپ، مىكروپ ئۆلتۈرۈش كېرەك.

   
ماتراس

  ماتراسنى 5__9 يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش. ماتراسنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندە، پۇرژىنىنىڭ ئېلاستىكىلىقى يوقايدۇ، دەرھال ئالماشتۇرۇۋېتىش كېرەك. بۇ بەدەن ئاغرىقلىرى ۋە بەدەن قېتىۋېلىشنى پەسەيتىشكە پايدىلىق. ماتراستا يەنە نۇرغۇن تازىلىغىلى بولمايدىغان باكتىرىيلەر ئولتۇرۇشۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئەڭ مۇۋاپىق بولغىنى 5 يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇۋېتىش كېرەك، ئۇيقۇسى ياخشى ئەمەسلەر تېخىمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك.

  ۋىتامىن تۈرىدىكى دورىلار

   ۋىتامىن تۈرىدىكى دورىلارنى ئۈنۈملۈك ساقلاشتا، سالقىن قۇرغاق جايلاردا ساقلاش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىمۇ پەقەت 2 يىللا ساقلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئەگەر ئۆيىڭىزدە مۇشۇنداق دورىلار بولسا، كاپالەت مۇددىتىدىن ئۆتمىگەن تەقدىردىمۇ، ئەڭ ياخشىسى بۇ دورىنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.


  تەنھەرىكەت ئايىقى

  تەنھەرىكەت ئايىقى ھەر 1000 كلومتېرى مۇساپىنى تاماملىغاندا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك. ھەرىكەت مىقدارىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا، بىر جۇپ تەنھەرىكەت ئايىقىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرى 8__12 ئاي ۋاقىت بولىدىكەن. ئەگەر ئىشلىتىلىش مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتسە، ئاياغنىڭ پۇت ۋە گەۋدىنى قوغداش ۋە تەۋرىنىشنى يەڭگىللىتىش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. تىزىڭىز ۋە دۈمبىڭىزنى قوغداش ئۈچۈن، ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا تەنھەرىكەت ئايىقىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشىڭىز كېرەك.

  تىڭشىغۇچ

  ھەر ھەپتىدە ئىسپىرت بىلەن دېزىنفېكسىيلەش ھەمدە چاڭ-تۇزاندىن يىراقراق قويۇش كېرەك.


  ياستۇق قېپى

   ھەر ھەپتىدە ئالماشتۇرۇپ يۇيۇش كېرەك. ياستۇققا ئوڭايلا تەر، شۆلگەي، باشتىكى كېپەك قاتارلىقلار يۇقۇشۇپ قالىدۇ، شۇڭا دەل ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.


  نەرسە كېرەك سېتىۋېلىش سومكىسى

  ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىنلا يۇيۇۋېتىش. نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش سومكىسىدا ئوڭايلا خام گۆش ۋە كۆكتاتلار باكتىرىيلىرى يۇقۇپ قالىدۇ. دەل ۋاقتىدا يۇيۇۋەتكەندە 99.9% باكتىرىيەنى تازىلىۋەتكىلى بولىدۇ.


   قاچا-قۇچا

7 ئايدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئۇزۇن ئىشلەتكەن ئاشخانا بۇيۇملىرىدا نۇرغۇن باكتىرىيە ۋە تازىلىغۇچلار تىنىپ قالىدۇ، بۇنداق بولغاندا كېسەل پەيدا قىلىش ئىمكانىيىتى چوڭراق بولىدۇ. دوختۇر، ئادەتتىمۇ دېزىنفېكسىيلەپ تۇرغاندىن سىرت يەنە ئاز بولغاندىمۇ يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك دەپ تەكلىپ بەرگەن.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-8-20 13:46:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تىمىنى ئۇقۇپ نۇرغۇن يېڭى ساۋاتقا ئىگە بولدۇم .رەخمەت بۇنداق خەلق ساغلاملىقىغا كۈڭۈل
بۆلىدىغان ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي .....
ۋاقتى: 2012-8-20 14:31:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە بۇ بىلىملەردىن ۋاختىدا ئىگە قىلغانلىڭىغا  كوپ تەشەككۈر .
ۋاقتى: 2012-8-20 18:02:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە .دىققەت قىلساق بولدىغان ئىشلاركەن.
ۋاقتى: 2012-8-20 21:37:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىققەت قىلىساق بۇلدىكەن !كۆپ رەھمەت سىزگە!
ۋاقتى: 2012-8-26 13:52:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچا-قۇچا

7 ئايدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئۇزۇن ئىشلەتكەن ئاشخانا بۇيۇملىرىدا نۇرغۇن باكتىرىيە ۋە تازىلىغۇچلار تىنىپ قالىدۇ، بۇنداق بولغاندا كېسەل پەيدا قىلىش ئىمكانىيىتى چوڭراق بولىدۇ. دوختۇر، ئادەتتىمۇ دېزىنفېكسىيلەپ تۇرغاندىن سىرت يەنە ئاز بولغاندىمۇ يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك دەپ تەكلىپ بەرگەن.

مۇشۇ ئىشقا بەك ئەھمىيەت بەرمەيمىز، بەك ياخشى تىما يوللاپسىز
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش