كۆرۈش: 623|ئىنكاس: 1

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىدىكى 32 ھەرپنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، 10 – ئەسىرگىچە ئىسلام دىنى بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ جەنۇبىي بۆلىكىگە تارقالغان. 10 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى بىزنىڭ خەلقىمىز ئىچىدىن تۇنجى بولۇپ، ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسىملىك پادىشاھنىڭ قەبرىسى ھازىرغىچە يۇرتىمىزدا ساقلانماقتا. شۇندىن ئېتىبارەن بىزنىڭ مىللىتىمىز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن بىز يۇرتىمىز بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالاقىلىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ بارغان. شۇندىن كېيىن ئەرەب تىلى ۋە ئىسلان دىنىغا دائىر دەستۇرلاردىن بىزنىڭ تىلىمىزغا ناھايىتى كۆپ ئەرەبچە سۆز–ئاتالغۇلار كىرىپ ئۆزلەشكەن. ئەجدادلىرىمىز ئەرەب يېزىقىنى بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ فونېتىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ماسلاشتۇرۇپ، ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى 26 ھەرپنى ئىشلىتىپ، پارسلار ئۆزلەشتۈرگەن ژ، گ، پ قاتارلىق ھەرپلەردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى ياراتقان. ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى زال، ئىتقۇ، ئېزغۇ، ئېغىز ھ، سات، زات قاتارلىق ھەرپلەر ئىشلىتىلمىگەن.

      بۇ خىل يېزىق مىڭ يىلغا يېقىن ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، 1930 – يىللارغا كەلگەندە، ئەسلىدىكى ئېلىپبەنىڭ ئۇيغۇر ئېغىز تىلىغا ماسلاشمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مۇلاھىزىلەر باشلانغان. 1956 – يىلىدىن كېيىن، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ئەرەبچىگە خاس بولغان ئەيىن قاتارلىق ھەرب بەلگىلەرنى چىقىرىپ تاشلاش بىلەن بىللە ڭ ھەرىپىنى رەسمىي بېكىتكەن. شۇندىن بۇيان بىز ئىزچىل ھالدا ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىپ كېلىۋاتىمىز. ئېلىپبە كىتابىمىزدىكى 32 ھەرپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆلچەملىك تىل تاۋۇشلىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر رادىئو تورى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +3تىللا +2يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 3 + 2ياخشى تېما.

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-12-26 19:24:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇتىمىنى كۈرۈپ بەك خوش بولدۇم  ،ئەجرىڭىزگە رەخمەت
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش