بارلىقىنى مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلىغان بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر تۆھپىكار باغۋەن

مىللىي مائارىپ قوشۇنىمىزدا ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ياش ئەۋلادلارنى نۆۋەتتىكى كەسكىن رىقابەت ۋە كۈچلۈك خىرىسنىڭ سىناقلىرى ۋە يېڭى دەۋرنىڭ ئۇنىۋېرسال تەلىپىگە ماس ھالدىكى ياراملىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىشتىن ئىبارەت تولىمۇ جاپالىق، ئەمما ئىنتايىن شەرەپلىك ئىشقا بېغىشلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى ۋە يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، بۇ جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتقان تۆھپىكار باغۋەنلىرىمىز ئاز ئەمەس. ئۆزىنىڭ خىزمەت تارىخىدا قولغا كەلتۈرگەن خېلى كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلىرى، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى، دەرسخانا ئوقۇتۇشى ۋە ئارخىپ خىزمىتى، ئۇچۇر-تەشۋىقات ئىشلىرى جەھەتتىكى ئۆزگىچە ئىقتىدارى ئارقىلىق تەشكىلنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە، كەسپداشلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە، جەمئىيەت ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەقىقىي ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان ئاقسۇ شەھەرلىك 9-باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى، ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىسى سەمەت خېلىل ئەنە شۇنداق تۆھپىكار باغۋەنلىرىمىزنىڭ بىرى. سەمەت خېلىل 1965-يىلى 25-ئاۋغۇست ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1983-يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، ناھىيىلىك كادىرلار ئىدارىسىنىڭ كادىر قۇبۇللاش ئىمتىھانىسىغا قاتنىشىپ، 1984- يىلى 3-ئايدا مائارىپ سېستىمىسىغا تەقسىم قىلىنىپ، ناھىيە بازىرىدىن 45 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قاتنىشى يوق، چەت چىگرا رايون يېڭىئاۋات يېزا غوڭرات كەنت مەكتىۋىگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان. 1986-يىلى 9-ئايدىن 1988-يىلى 7-ئايغىچە ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن چوڭلار ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپىدا ئىككى يىل ئوقۇپ، 1988- يىلى 9-ئايدىن، 1992- يىلى 9-ئايغىچە يېڭىئاۋات يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىۋىدە سىنىپ مۇدىرى، باش ئەترەت تەربىيىچىسى، ئالاھىدە پەن ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن 1992- يىلى 9- ئايدا ئۇچتۇرپان ناھىيە ئوتبېشى يېزا قۇمبۇلۇڭ كەنىت مەكتىۋىگە يۆتكۈلۈپ، 1996-يىلى 5- ئايغىچە مەكتەپنىڭ باش ئەترەت تەربىيىچىسى، ئىلمى مۇدىر، نىشانلىق ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1995- يىلى 5- ئايدا ئاقسۇ شەھەرلىك 9-باشلانغۇچ مەكتەپكە يۆتكۈلۈپ كېلىپ مەكتەپ تارمىقىدىكى شۆبە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مەسئولى، ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، سىنىپ مەسئولى، پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ سېكىرتارى، ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىمى، ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ كەلگەن. سەمەت خېلىل 1996- يىلى شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش بۇيىچە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپىنىڭ مەخسۇس كۇرس گۇۋانامىسى، 2000-يىلى شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش بۇيىچە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپىنىڭ تولۇق كۇرس گۇۋانامىسىغا ئىگە بولغان. سەمەت خېلىل ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 28 يىلدىن بۇيان، بارلىقىنى پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، خىزمەت ئورنىنى قەدىرلەپ ، ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ، ھەر ۋاقىت ئۆزى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تىرىشىپ جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق، بىر قاتار ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەشكىلنىڭ ئىشەنچىسى، مەكتەپنىڭ، خىزمەتداشلارنىڭ، ئاتا- ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىنىڭ بىرى. ئۇ 28 يىل مابەينىدە، ئىلگىرى- ئاخىرى بولۇپ باشلانغۇچ سىنىپلارنىڭ مۇزىكا، گۈزەل- سەنئەت، تىل- ئەدەبىيات، ماتىماتىكا، جەمىيەت ۋە ئەخلاق، مىللەتلەر ئىتىپاقى دەرسىنى ئۆتۈش، سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى ۋە مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ سېكىرتارى، تەشۋىقات خىزمىتى، ئىشچىلار ئويۇشما ئارخىۋى، قوشۇن قۇرلىشى ئارخىۋىنى ئىشلەش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى. بۇ جەرياندا ھەپتىسىگە 8 سائەتتىن 12 سائەتكىچە دەرس ئۆتۈپ ۋە كونسۇلتاتسىيە قىلىپ، مەكتەپنىڭ تىل- ئەدەبىيات كۇرۇژۇك يېتەكچىسى، ئالاھىدە پەن ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، مەكتەپنىڭ تەشۋىقات- ئۇچۇر خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆز خىزمەت دائىرىسىگە قوشۇپ ئىشلەپ، خىزمەتنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىدا كۆزگە كۆرىنەرلىك ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. سەمەت خېلىل سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىشلەش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىدىيىۋى -سىياسىي خىزمەتنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ كەلدى. بۇ ئارقىلىق ئۇلاردا پارتىيەنىڭ يول- يۆنىلىش، سىياسەتلىرىگە تولۇق ئەھمىيەت بېرىدىغان، قەھرىمان- نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىشنى ئۆز ئادىتىگە ئايلاندۇرىدىغان، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان ياخشى ئىستىلنى بارلىققا كەلتۈردى. خىزمەت ئاكتىپلىقىنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يىلسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك مەشغۇلىيىتىگە قارىتا تۈزۈم بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن سەمەت خېلىل باشقۇرىدىغان سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىناق- ئىتتىپاق، دوستانە ھالدا تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان، خەنزۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن دوستانە ئۆتىدىغان، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات مەيدانغا كېلىپ، «ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى» گە ۋە « باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت ئۆلچىمى»گە خىلاپلىق قىلىدىغان، ئىدىيە-سىياسىي، ئەخلاقىي-پەزىلەت جەھەتتە مەسىلە سادىر قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولماسلىقى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. سەمەت خېلىل ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2001-2002-يىلى شۆبە مەكتەپتىكى 45 نەپەر ئوقۇغۇچىسى بار داۋاملىق تۇراقسىز، ئوقۇش قىزغىنلىقى تۆۋەن بىر سىنىپنى ۋە 2009- يىلى ئىنتىزامى نىسبەتەن ناچار، ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەن، سىنىپ مۇدىرلىرى تولىراق ئالماشقانلىقتىن قۇرۇلمىسى چۇۋالچاق، تەشكىللەش ئەپسىز بولغانلىقتىن باشقىلار سىنىپ مۇدىرلىقىنى ئىزچىل قىلىشتىن يالتايغان 41 نەپەر ئوقۇغۇچى بار يەنە بىر سىنىپنى مەكتەپ مەمۇرىيىتىگە ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا سەۋرچانلىق بىلەن ئەتراپلىق، ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك تەربىيەلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كۆپلەپ ئەھۋال ئىگىلەش ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى تىرىشىپ ئۆگەنسىلا، چوقۇم ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئاتا- ئانىسىنىڭ ياخشى پەرزەنتى، مەكتەپتىكى ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن بولغىلى بولىدىغانلىق ھەققىدە زېرىكمەي-تىرىكمەي ئەمەلىي سۆزلەپ قايىل قىلىش ئارقىلىق، بۇ سىنىپلارنىڭ ئەسلىدىكى چۇۋالچاق، چېچىلاڭغۇ، مۇقىمسىز، ئوقۇتقۇچى دەرسكە كىرىشكە ئامالسىز قالغان ھالىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈچ تەرەپ تەربىيىسى ئاستىدا ئوقۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىش بىلەن بىرگە، «ئۈمىدسىز، چېچىلاڭغۇ سىنىپ» تىن، تەشەببۇسكار، ئىتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان، پائالىيەتچان ياخشى بىر سىنىپ كوللىكتىۋىنى بارلىققا كەلتۈردى. سەمەت خېلىل ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۆزىگە ۋە ئوقۇغۇچىلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنلاش، تەشكىلنىڭ، ئاتا- ئانىلارنىڭ، جۈملىدىن يېڭى دەۋرنىڭ ئۆزىدىن كۈتىۋاتقان چوڭ- چوڭ، پارلاق ئۈمىدلىرىنى تولۇق ئاقلاپ، خىزمىتىدە ئەمەلىي نەتىنجە يارىتىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممە ئىجابىي ئىشلاردا باشقىلارغا باشلامچى بولۇشقا ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىپ ماڭغانلىقى ئۈچۈن مەيلى نەتىجە، مەيلى تەشكىلى تۈزۈم ياكى تۈرلۈك ئىجىتمائىي پائالىيەتلەردە بولسۇن، باشقا سىنىپلاردىن روشەن پەرقلىق ھالدا ئىزچىل ياخشى نەتىجە يارىتىپ كەلدى. سىنىپ باشقۇرۇش، تەلىم- تەربىيە خىزمىتىدە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نەتىجە يارىتىشتا قوشقان تۆھپىلىرى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، سەمەت خېلىل ئىزچىل ھالدا ئاتا- ئانىلار پەرزەنىتلىرىنى ئوقۇتۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان، سىنىپ مۇدىرلىرى ئۆز سىنىپلىرىغا دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىدىغان، ئوقۇغۇچىلار قىزغىن ھىمايە قىلىدىغان، مەكتەپ ھەرقانداق بىر خىزمەتكە يۈكسەك ئىشەنچ بىلەن دادىل قويالايدىغان، نۆۋەتتىكى يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارالايدىغان ياراملىق ئوقۇتقۇچى شەرىپىگە مۇيەسسەر بولالىدى. ئۇدا ئون نەچچە يىل مەكتەپنىڭ ئالاھىدە پەن ئوقۇتۇشى، شۇنداقلا باشقىلار قىلىشقا چامى يەتمىگەن ئىشلارنى قىلىش، باشقىلار قىينىلىپ قالغان پەنلەردىن دەرىسلەرنى ئۆتۈش ۋە مەكتەپ ئارخىپ خىزمىتى ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، بۇ مەكتەپكە يېڭىدىن تەقسىم بولۇپ كەلگەن، نەزەرىيىۋىي بىلىمى مول، ئەمما ئەمەلىي ئوقۇتۇش تەجرىبىسى كەمچىل بولغان سەككىز نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مول ۋە يېڭىچە نەزەرىيىۋىي بىلىمىنى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا بىلىمخومار غۇنچىلارنىڭ تەشنا قەلبىگە نەتىجىلىك يەتكۈزۈشى ئۈچۈن يېتەكچى بۇلۇپ، ئەمەلىي باشلامچى بولدى ۋە 1997-يىلدىن بۇيان ھەر يىلى مەكتەپ، شەھەر، ۋىلايەت، ئاپتونۇم رايۇننىڭ مۇسابىقىلىق دەرىس پائالىيەتلىرگە ئىزچىل قاتنىشىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى ياخشى نەتىنجىلەرگە ئېرىشىپ، بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى مەكتەپ، شەھەر، ۋىلايەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئېچىلغان بىر قانچە قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئەتراپلىق تونۇشتۇردى. ئىككىنجى دەرىسخانا كۇرۇژۇك پائالىيىتى يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلەش داۋامىدا، ھەر ۋاقىت ئوقۇغۇچىلارغا تەلەپچان، ئەستايىدىل بولۇپ، ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىنىڭ سىنىپ ئىچىدىكى ئوقۇتۇشنىڭ تولۇقلانمىسى ئىكەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ مول ئەمەلىي يېزىقچىلىق ماھارىتى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق تۈرلۈك ئىمتىھانلىرىدا يۇقىرى نومۇرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆز ئىستىقبالىغا يول ئاچالايدىغانلىقىنى ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقىي تونۇتتى. كۇرژۇك ئەزالىرىغا ھەرخىل ماقالە- ئەسەرلەرنى يېزىشنىڭ قائىدە- پىرىنسىپلىرىنى ئىنچىكە سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈش يولىدا دادىل ئىزدەندى. ئۆز ئىجادچانلىقى ئارقىلىق ئۇلارغا ئۈلگە بولۇپ، ئۇلارنى نىشانلىق تەربىيەلىدى. سەمەت خېلىل كۆپ يىللاردىن بېرى مەكتەپنىڭ تەشۋىقات-ئۇچۇر خىزمىتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ئۆزى باشلامچى بولۇپ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىق ۋە تىرىشىپ ئۆگىنىپ ياراملىق ئىز باسارلاردىن بولۇپ چىقىشقا پايدىلىق بولغان تەربىيەۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك تەشۋىقات مەزمۇنلىرىنى ئىزچىل تەشۋىق قىلىپ ئاڭلاتتى، مەكتەپتىكى ياخشى ئادەم، ياخشى ئىشلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى، ئىزچىل تۈردە ئۇچۇر-تەشۋىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، توغرا بولغان جامائەت پىكرى يۈنىلىشىنىڭ شەكىللىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپتىكى ياخشى ئىش- پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ھەم ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى ئۇرغۇتتى ھەم ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىغا زور دەرىجىدە مەدەت بەردى. سەمەت خېلىلنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا دەرسخانا ئوقۇتۇشى ۋە ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىنى ياخشى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭغا ئىزچىل دېگۈدەك ئۆزى باشلامچى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق جەھەتتىكى ئەمەلىي ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش يولىدا ئەمەلىي تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، ئولارغا مانا مۇشۇنداق ئەمەلىي يېتەكلەش ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋاد چىقىرىش، تىل- ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆگىنىش ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش قىزغىنلىقى تېخىمۇ ھەسسىلەپ ئېشىپ، مەكتەپ، شەھەر ۋە ۋىلايەت بويىچە قەرەرلىك ئۆتكۈزۈلىدىغان ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت، نۇتۇق سۆزلەش، زېھىن سىناش ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار بۇ خىل پائالىيەتلەردە ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى ياراتتى. سەمەت خېلىل كەسپىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ئەمەلىي نەتىجە يارىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ، ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، كەسپىي ماتېرىياللارنى كۆپلەپ كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش يولىدا ھارماي- تالماي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بۇ جەرياندا ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، بىر تەرەپتىن تەشكىلنىڭ ئۆزىگە زور ئىشەنچ بىلەن تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى تەلەپكە لايىق تولۇق ئورۇنلاش ئۈچۈن، يېڭىچە ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ھەققىدە كۆپلەپ ئىزدەندى، ئەمەلىي تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ باردى. يەنە بىر تەرەپتىن خىزمەتداشلار ئارا ھەمكارلىشىپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش يوللىرى ئۈستىدە كۆپلەپ ئىزدىنىش بىلەن بىرگە، ئوقۇتۇش مېتودىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن، پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى كۆپ ئاڭلاپ ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە بولۇش ئارقىلىق، باشقىلارنىڭ دەرس ئۆتۈش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى پائال قوبۇل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش يولىدا كۆپلەپ ئىزدەندى. ئۇلار بىلەن ئوقۇتۇشنى نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىشنىڭ كونكرېت يوللىرى ئۈستىدە كۆپ سىرداشتى ۋە ئەمەلىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ھەر تەرەپلىمە ئىزدەندى ھەمدە ياش ئوقۇتقۇچىلارغا كۆپ دەرس ئاڭلاتتى، ئۇلارغا ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە مېتودى ھەققىدە زېرىكمەي باشلامچى بولدى، بۇنىڭ بىلەن بۇ مەكتەپكە يېڭىدىن تەقسىم بولۇپ كەلگەن، گەرچە نەزەرىيىۋى بىلىم-ئىقتىدارى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىي ئوقۇتۇشتا تەجرىبىلىرى كەمچىل بولغان يېڭى، ياش بىرنەچچە كەسىپدىشىنى ھەرقايسى جەھەتتىن يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز كەسپىدە پىشىپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئەمەلىي ياردەمدە بولغاچقا، نۆۋەتتە ئۇلار ھەر قايسى يىللىقلارنىڭ دەسلىك تەلىپىنىڭ ھۆددىسىدىن بىمالال چىقالايدىغان تايانچ ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ قالدى. سەمەت خېلىل مەكتەپ، شەھەر، ۋىلايەت، ئاپتونۇم رايۇن بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان قاراتمىلىققا ۋە كېڭەيتىپ ئەمەلىي پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولغان مۇسابىقە دەرس، ئوچۇق دەرس، ئۈلگىلىك دەرس ۋە كۆپ ۋاسىتىلىك دەرسلەرنى كۆپ قېتىم ياخشى ئۆتۈپ، 1-لىكنى قولدىن بەرمەي، بۇ جەھەتتە باشقىلارغا ئۈلگە بولدى. ئۇ خىزمەتكە قاتناشقان 28 يىلدىن بۇيان مەيلى قەيەردە ، قايسى خىزمەتكە مەسئۇل بولسۇن، تەشكىلگە قەتئىي ئارتۇقچە تەلەپ قويماي، ۋاقتىنى ۋە زېھنى كۈچىنى ياش ئەۋلادلارنى ئىقتىدارلىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىشتىن ئىبارەت ئەھمىيەتلىك، مۇقەددەس ئىشقا نەتىنجىلىك سەرپ قىلدى. ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۇلارنىڭ سىرداش دوستى، تەلەپچان ئۇستازى، قابىل ياردەمچىسى بولۇشقا تىرىشتى. ئوقۇغۇچىلارغا نەچچە ئون پارچە پايدىلىنىش ماتېرىيالى ۋە ھەر خىل ئوقۇشلۇقلارنى ياردەم قىلدى. تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ئالقىشلايدىغان، ياراملىق ئوقۇتقۇچىغا ئايلاندى. سەمەت خېلىل مەكتەپ، مائارىپ سىستېمىسى ۋە ۋىلايەت، ئاپتونۇم رايۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن كۆپ قېتىملىق دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى تولۇق نامايەن قىلىپ ئۇدا 1- لىكنى قولدىن بەرمەي. دەرس مەزمۇنىغا نۇتۇقشۇناسلىق ھەققىدىكى بىلىملەرنىمۇ قوشۇپ سۆزلەپ، ئوقۇغۇچىلاردا ئەمەلىي ئىقتىدار يېتىلدۈردى. بۇ جەھەتتە ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ئۆزىنىڭ ۋە ئون نەچچە نەپەر ئوقۇتقۇچىنىڭ مەكتەپ، شەھەر بۇيىچە ئېلىپ بېرىلغان دەرىس مۇسابىقىلىرىدا نەتىجىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشتى. سەمەت خېلىل ئۆز كەسپىگە ھەقىقىي ئىشتىياق باغلاپ، پۇرسەت ئىچىدىن پۇرسەت چىقىرىپ، كەسىپكە دائىر ماتېرىياللارنى كۆپلەپ كۆرۈپ، پىلانلىق ھالدا ئوقۇتۇش تەجىربىسىگە دائىر بىلىملەرنى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، بۇ مەزمۇنلاردىن خاتىرە قالدۇرۇپ، ئۆز بىلىم ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. ھەرقايسى پەن ئوقۇتۇش پروگراممىسنى ۋە « تىل-ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى»نى ماھىيىتى بىلەن ياخشى ئۆگىنىپ، دەرسلەرنى شۇ تەلەپ بويىچە ئەستايىدىل تەييارلاپ، چۈشىنىشلىك ئۆتۈپ، تاپشۇرۇقنى پىلان بويىچە تولۇق بېرىپ، ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى ۋە دەرس ئۆزلىشىش نىسبىتىنىڭ ئىزچىل تۈردە %95 تىن يۇقىرى بۇلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۆزىنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى ۋە ئوقۇتۇش مېتودىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىن ساغلام يېتىلگەن ياراملىق ئىز باسارلارنى يەنىمۇ كۆپلەپ يېتىشتۈرۈشكە ئاساس سېلىش مەقسىتىدە پىسخولوگىيە، مېتودىكا، پېداگوگىكا، خەنزۇ تىلى، كومپيۇتېر بىلىملىرىنى كۆپلەپ ئۆگىنىپ، ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى جاسارەت بىلەن يېڭىپ، ئەمەلىي ئىقتىدارى ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا ھارماي- تالماي ئىزدەندى. سەمەت خېلىل 1990- يىلى جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر قابىلىيەتنى ئۆزىدە يېتىلدۈرۈپ، جاپالىق ئەمگىگى ئارقىلىق، خەلق ئۈچۈن، ئەۋلاتلار ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاپ، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇپ كەلدى. ئۇ 1996-يىلىدىن باشلاپ ساپا مائارىپى ئىسلاھاتىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، تەجىربىلىك ئوقۇتۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش سىنىقىنى تەجىربە قىلىش ئارقىلىق مۇكەممەل بولغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ياراتتى. ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىلمى ماقالىلىرى شەھەرلىك، ۋىلايەتلىك مائارىپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىلىرى تەرىپىدىن باھالىنىپ 1-2-3- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. بىر پارچە تەتقىقات ماقالىسى 1999-يىلى شىنجاڭ مائارىپ گېزىتىدە مۇكاپاتلىق ماقالە بۇلۇپ ئېلان قىلىندى. 2005- يىلى ئۇنىڭ «دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ رېتىمى» تېمىسىدىكى بىر پارچە ئىلمىي ماقالىسى مەملىكەتلىك ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ژورنىلىدا ئېلان قىلىنىپ، مۇنەۋۋەر ماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ 1996- يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى مەكتەپ دەرىجىلىك مۇناۋەر ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ باھالىنىپ كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ نەچچە يىللىق ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن تۈزۈپ تەييارلىغان «باشلانغۇچ مەكتەپ ئېلىپبە دەرىسلىگى»ناملىق 70 سائەتلىك ئوقۇتۇش لاھىيىسىنى تەييارلاپ، 1998-يىلى ئاقسۇ شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات ئىشخانىسى، ۋىلايەتلىك مائارىپ تەتقىقات ئىشخانىسى ۋە ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ پايدىلىنىشىغا تارقىتىلدى. 1999- يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاپتونۇم رايۇنلاق مائارىپ ئىلمىي جەمىيىتى 5- قېتىملىق مائارىپ ئىلمى تەتقىقات مۇھاكىمە يىغىنىدا « ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن يېڭىچە ئۇسلۇبتىكى ئوقۇتۇش، ساپا مائارىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچ» دېگەن ماقالىسى 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. « دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك» قاتارلىق نەچچە ئون پارچە ئوقۇتۇش تەتقىقات ماقالىسى يېزىپ، مەتبۇئاتتا ئېلان قىلدۇردى، مۇناسىۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئوقۇدى، «دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ رېتىمى» دىگەن ماقالىسى 2005-يىلى 9-ئايدا مەملىكەتلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ژورنىلىدا ئېلان قىلىنىپ، مۇنەۋۋەر ماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ۋە كەسىپداشلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇپ، يېڭى دەرس ئىسلاھاتى قەدىمىنىڭ تېخىمۇ نەتىجىلىك بېسىلىشنى تېزلەتتى. ئۇ 1998- يىلى ئاپتونۇم رايۇنى بۇيىچە شىنجاڭ ئونۋېرسىتتا تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان تىل-ئەدەبىيات، ماتىماتىكا، تەبىئەت، ئىدىيە-ئەخلاق قاتارلىق دەرىسلەرنىڭ مۇسابىقىلىق كۆرەك دەرىسىنىڭ، تىل-ئەدەبىيات پېنىگە باھالىغۇچى بولۇپ تەكلىپ قىلىندى. 2000- يىلى يەنە بىر قېتىم ئاپتونۇم رايونى بۇيىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئېنىستىتوتىدا ئېلىپ بېرىلغان تىل-ئەدەبىيات، ماتىماتىكا دەرىسلىرىدىن ئوقۇتۇش ماھىرى تاللاش مۇسابىقىلىق دەرىسىنىڭ تىل-ئەدەبىيات پېنىگە باھالىغۇچى بولۇپ تەكلىپ قىلىندى. سەمەت خېلىل ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئۆزىدە بىر كومپارتىيە ئەزاسىدا ۋە بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك كەسپىي ئىقتىدار ۋە سالاھىيەتنى تولۇق ھازىرلاپ، ئوقۇتۇشنى، دەرسلىك ماتېرىيالىنى، ئوقۇغۇچىنى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئوقۇتۇش تەجرىبىسى ۋە مېتودىنى دەۋر تەلىپىگە، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە، ئوقۇتۇش قانۇنىيىتى ۋە پروگراممىسنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشتى. ئوقۇتۇشتا تەشكىلگە ئارتۇقچە شەرت قويماي، تەشكىل تاپشۇرغان ھەرقانداق بىر ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنداش يولىدا جاپالىق ئەجىر سىڭدۈردى. سەمەت خېلىل بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە ھەممە جەھەتتە ئىزچىل يۇقىرى ۋە قاتتىق تەلەپ قويۇپ تىرىشىپ ئىشلىدى. تەجىربە-ساۋاقلارنى تولۇق يەكۈنلەپ، ئوقۇتۇشتا تېخىمۇ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن سەمەت خېلىل ئىشلىگەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ نەتىجىسى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. مەكتەپنىڭ قەرەرلىك ھالدا ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئېلىپ بارىدىغان راي سىناش تەكشۈرۈشىدىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەمەت خېلىلدىن، بولۇپمۇ سەمەت خېلىلنىڭ دەرس ئۆتۈشىدىن، ئىشلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلىشىدىن رازى بولۇش نىسبىتىمۇ ئىزچىل تۈردە %95 تىن يۇقىرى بولدى. سەمەت خېلىل 1996-يىلدىن بۇيان، ھەريىلى مەكتەپ ، شەھەر، ۋىلايەت، ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك ماتىماتىكا، تىل-ئەدەبىيات، ئىدىيە-ئەخلاق، جەمىيەت، مۇزىكا، شۇنداقلا ئېلىپبە دەرىسلىرىدىن ئوچۇق دەرس، ئۈلگۈلۈك دەرس، مۇسابىقىلىق دەرىس ئۆتۈپ مەكتەپ دەرىجىلىك ئوقۇتۇش ماھىرى، ئېلىپبە ئوقۇتۇشىدا شەھەر بۇيىچە 1- دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، ئىدىيە-ئەئەخلاق دەرىسىدە شەھەر دەرىجىلىك ئوقۇتۇش ماھىرى، ۋىلايەت بۇيىچە ئوقۇتۇش ماھىرى بۇلۇپ مۇكاپاتلىنىپ، 2001- يىلى ئاپتونۇم رايونى بۇيىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىدىيە-ئەخلاق، تەبىئەت، جەمىيەت، دەرىسلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تەجىربىلىرىگە ئاساسەن قايسى پەن ئوقۇتقۇچىسى، قايسى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇشتىن قەتئى نەزەر، ئېھتىياجى چۈشكەندە ئۇلارغا ۋاقتىم يوق دىمەستىن ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى دەم ئېلىش كۈنلىرىنى قۇربان قىلىپ ۋاقىت ئاجىرتىپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆزىنىڭ تەجىربە ساۋاقلىرى ئۈستىدە سېلىشتۇرۇش، تەھلىل قىلىش، چۈشەندۇرۈش ۋە يېتەكلەش قاتارلىق جەھەتلەردە كەمتەرلىك بىلەن يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاقسۇ مائارىپى ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز زىرىكمەستىن كۈچ قوشۇپ كەلدى. ئۇنىڭ ئەنە شۇنداق نەتىنجىلىرى ئارقىلىق 2004- يىلى ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى شەرىپىگە ئىگە بۇلۇپ، ئۇنىڭ تەرجىمەھالى جۇڭگو مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار قامۇسىغا كىرگۈزۈلۈپ، دۆلەت تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولدى. ئۇ 2001- يىلى شەھەر دەرىجىلىك مۇنەۋەر سىنىپ مۇدىرى، 2008- يىلى شەھەر دەرىجىلىك مۇنەۋەر پارتىيە ئەزاسى بۇلۇپ، مۇكاپاتلاندى. ئۇ 2010- يىلى شەھەر دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى دەرىس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئاپتونۇم رايۇن بۇيىچە غۇلجا شەھرىدە ئېلىپ بېرىلغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئىدىيە- ئەخلاق ۋە جەمىيەت پەنلىرىنىڭ نەق مەيداندا ئېلىپ بېرىلغان دەرىس لاھىيە، دەرىس كېجىەن، دەرىس بايانى ۋە دەرىسخانا ئوقۇتۇشىدا 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، ئىدىيە- ئەخلاق ۋە جەمىيەت پېنىنىڭ 1- دەرىجىلىك يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى دىگەن شەرىپىگە ئېرىشتى. 2011-يىلى 6-ئايدا ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇيىچە ئېلىپ بېرىلغان باشلانغۇچ مەكتەپ مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى دەرىس مۇسابىقىسىدە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، يىراق مۇساپىلىق ئۈلگۈلۈك دەرىسلەرنى نەق مەيداندىن تارقىتىش دەرىسى ئۆتۈپ ئوقۇتۇش تەجىربىلىرى كەڭ مائارىپچىلارغا سۇنۇلدى. سەمەت خېلىل مەسئول بولغان خىزمەتلەردىن كوللىكتىپ تۈردە، ئىشچىلار ئويۇشما خىزمىتى 2003- يىلى شەھەر دەرىجىلىك ئىلغار كوللىكتىپ، 2008-يىلى شەھەر دەرىجىلىك ئۈلگىلىك ئىشچى خىزمەتچىلەر ئائىللىسى، شەھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئويۇشما خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللىكتىپ، ۋىلايات دەرىجىلىك ئۈلگىلىك ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئائىلىسى، 2009-يىلى شەھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئويۇشما خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللىكتىپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك ئۈلگىلىك ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئائىلىسى نەمۇنىسى دىگەن شەرەپلەرگە ۋە 2011-يىلى ئاپتونۇم رايۇن بۇيىچە ئۈلگىلىك ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئائىلىسى دىگەن كوللىكتىپ شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەكتەپ ئۈچۈن كوللىكتىپ شان- شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ خىزمەتلەر جەريانىدا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپلەرنى قويۇپ، تەشكىل ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بەجاندىل ئورۇندىدى. مەكتەپتە سىنىپلار ئارا مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى قاتارلىق تۈرلۈك ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇردى. «ئوقۇغۇچىلاردىن ياخشى ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلىشتا، ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن ياخشى ئۆگىتىشى، ئوقۇغۇچىلاردىن تەلەپ قىلغاننى، ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن ئۆزى ئىشقا ئاشۇرىشى كېرەك» مانا بۇ ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى سەمەت خېلىلنىڭ ئەۋلاتلارنى تەربىيلەشتە يەكۈنلىگەن سۆزى. ئۇنىڭ شەرەپ گۇۋانامىلىرىنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ، «مەن چوقۇم ئىنسانلار روھىنىڭ ئېنژېنېرى بۇلۇپ، دۆلەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن مىڭلىغان ئىقتىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا تۆھپە قوشىمەن» ئويلىغاننى دىيىش ئاسان بولغىنى بىلەن، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. ئەمما ئۇ دىگىنىنى قىلىدىغان تىرىشچان، ئىرادىلىك ئوقۇتقۇچى بولغاچقا ئاخىر بۇ گۈزەل ئارزۇسىغا يەتتى. ئۇ 29 يىللىق خىزمەت تارىخىدا پۈتۈن ياشلىق باھارىنى مائارىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتى، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ تەربىيلىنىشى ئۈچۈن سەرىپ قىلىپ، مۇشۇ يولدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى. ئۇ خىزمەت ۋە دەرستىن كېيىنكى بوش ۋاقىتلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى، گۈزەل-سەنئەت ئىجادىيىتى، ئاخبارات- خەۋەرچىلىك ئىشلىرى بىلەنمۇ ئىزچىل شۇغۇللىنىپ بۇ جەھەتتىمۇ بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. سەمەت خېلىل يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، دەۋر تەرەققىياتىغا ماس ھالدا كۈنسېرى تەرەققىي قىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ماسلىشىش ۋە ئىنتېرنېت تور بىلىملىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋرگە ماس ھالدىكى ئەتراپلىق يېتىلگەن ئىختىساسلىق خادىملاردىن بولۇپ چىقىش مەقسىتىدە، خىزمەتتىن كېيىنكى بوش ۋاقىتلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، تور تېخنىكا بىلىملىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۆزى يازغان تۈرلۈك ژانېردىكى500 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە-ئەسەر، ئوبزور-ئىنكاس ۋە فوتۇ سۇرەت، سىن فىلىم، باھا-تەكلىپلىرىنى ئىنتېرنېت تورىدا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، بۇ جەھەتتە خېلى ياخشى ئىجابىي تەسىر ۋە توغرا جامائەت پىكرى پەيدا قىلىپ، مۇنبەرداشلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە مۇيەسسەر بولدى. سەمەت خېلىل خىزمەت تارىخىدا ئىزچىل تۈردە ئىزدىنىپ، ئوقۇتۇشتىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆزى قول سېلىپ نۇرغۇنلىغان ئوقۇتۇش كۆرسەتمە سايمانلىرىنى ياساپ چىقىپ ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسەتمىلىك دەرىس ئۈتۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ خىزمەتداشلىرىنىڭ، مەكتەپنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ، پارتىيىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئىشچىل سادىق بۇلۇپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيلەشنى ئۆزىنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىغا ئايلاندۇردى. ئۇنىڭدا مەكتەپنى ئۆز ئائىلەم، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز پەرزەنتىم دەپ بىلىدىغان مائارىپقا ئۆزىنى بېغىشلاشتەك روھ بولغاچ، ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دىگەندەك، كۆپ قېتىم مەكتەپ، شەھەر، ۋىلايەت، ئاپتونۇم رايۇن ۋە مەملىكەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. ئەنە شۇنداق بىر قاتار خىزمەت نەتىنجىلىرى ۋە ئەمەلىيىتى بىلەن مەكتەپ، شەھەر ۋە ۋىلايەتكە ئۆچمەس شان- شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ھەقىقەتەن بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچى بۇلۇشقا مۇناسىپ باغۋەن. ئاقسۇ دىيارىدىكى بۇ ئىجتىھاتلىق تەلەپچان ياش باغۋەن سەمەت خېلىل نۆۋەتتە ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتى، ئۇقۇتۇش تەتقىقاتى، ئۇچۇر-تەشۋىقات ۋە ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى مۇنبەر سەھىپىسىدە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە بىلىم-ئىقتىدارىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە زور ئەمەلىي تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس ھالدىكى تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلىق ئىزباسارلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش، ئەدەبىي ئىجادىيەت، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ساھەلىرىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ياشلىق باھارىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئۆزىگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپلەرنى قويۇپ، ھارماي-تالماي تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە.
يولداش سەمەت خېلىلنىڭ تەتقىقات ۋە خىزمەت پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا XAM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-16 00:20
|