مۇكاپاتلىق تېپىشماق(3)

 بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر يۇرتتا بىر يىگىت بولغان ئىكەن، بىر كۈنى بۇ يىگىت مەھەللىدىكى بىر نەچچە ياشانغان مويسىپىتلارنىڭ ئۆز ئارا قىلىشقان گەپلىرىدىن نەچچە تاغنىڭ نېرىسىدا ئەقىل-پاراسەت، ئەخلاق-پەزىلەتتە كامالەتكە يەتكەن، مال-مۇنيالىرى ھەددى-ھىساپسىز بىر دانىشمەننىڭ بارلىقىنى، ياش، تېمەن بولغان بولسا ئۆزلىرىنىڭ شۇ دانىشمەندىن تەلىم ئېلىپ كەلگۈسى بارلىقىنى ئارمان قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىۋاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يىگىت تاغ-داۋانلارنى ئېشىپ، دەريا ئېقىنلارنى كېچىپ، ئۈچ يول يۈرۈپ، ئاخىرى ھېلىقى دانىشمەننىڭ يېنىغا بېرىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا شاگىرت بوپتۇ. دانىشمەن ئۇنى تەربىيەلاپتۇ، ئۇ يىگىت نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرگە چىداپ، دانىشمەندىن ئۈچ يىل تەلىم ئاپتۇ. ئۈچ يىل توشقاندا دانىشمەن ئۇ يىگىتنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا بىر خالتا ئەقىل-پاراسەت، بىر خالتا ئەخلاق-پەزىلەت ۋە بىر خالتا مال-دۇنيا قاتارلىق نەرسىلەرنى سوۋغا قىپتۇ ۋە: ـ ئوغلۇم، مەن ساڭا ئۈگىتىشكە تېگىشلىك ھەممە نەرسىنى ئۈگىتىپ بولدۇم، سەن بۇ خالتىلاردىكى ئۈچ خىل نەرسىنى ئېلىپ قايتساڭ بۇلىدۇ، بۇ نەرسىلەر ساڭا بىر ئۆمۈر ئەسقاتىدۇ - دەپ يىگىتنى ئۇزۇتۇپ قويۇپتۇ. يىگىت يۇرتىغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ، نۇرغۇن تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپتۇ. بىر يەرگە كەلگەندە ناھايىتى كەڭ، چوڭقۇر ۋە ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان بىر دەريا ئۇنىڭ ماڭار يولىنى توسۇپتۇ. ئۇ يىگىت دەريادىن ئۆتۈشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ تۇرغاندا بىر بېلىقچى كېمە ھەيدەپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ قاپتۇ. يىگىت بېلىقچىغا ئۆزىنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيقان ئىكەن، بېلىقچى ماقۇل بوپتۇ. بىراق بېلىقچى يىگىتنىڭ ئۈچ خالتىدىكى نەرسىلىرىنى كۆرۈپ: ـ بالام، مەن بۇ دەريادىن كۈنىگە پەقەت بىر قېتىملا ئۆتىمەن، يۈك-تاقلىرىڭ بەك جىق ئىكەن، ھەممىنى كېمىگە سالساڭ كېمە كۆتۈرەلمەي، بۇ دولقۇنلۇق دەريادا چۆكۈپ كېتىدۇ، ئۇ چاغدا ھەممىمىز ھالاك بۇلىمىز، سەن ھازىر بۇ ئۈچ خالتىنىڭ ئىككىسىنى تاللىۋېلىپ، بىرسىنى تاشلىۋەت، ئاندىن يولغا چىقايلى - دەپتۇ. يىگىت ناھايىتى مۈشكۈل تاللاشقا دۇچ كەپتۇ. ئۇ ئەقىل-پاراسەت خالتىسىنى قولىغا ئېلىپ: « ياق، بۇنى تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى بۇنى تاشلىۋەتسەم، مەن دۇنيادىكى ئەڭ ئەخمەق، ئەڭ دۆت بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىمەن» دەپ ئويلاپتۇ. ئەخلاق-پەزىلەت خالتىسىنى قولىغا ئېلىپ: « ياق، بۇنى تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى بۇنى تاشلىۋەتسەم، مەن دۇنيادىكى ئەڭ پەزىلەتسىز، ئەڭ ئەخلاقسىز بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىمەن» دەپ ئويلاپتۇ. مال-دۇنيا خالتىسىنى قولىغا ئېلىپ: « ياق، بۇنى تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى بۇنى تاشلىۋەتسەم، مەن دۇنيادىكى ئەڭ نامرات، ئەڭ يالاڭتۆش بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىمەن» دەپ ئويلاپتۇ ۋە ئۈچ خالتىنىڭ ھەممىسىنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ، بېلىقچىغا: ـ بوۋا، مەن بۇ نەرسىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى تاشلىۋېتەلمەيمەن، بۇلار مېنىڭ دانىشمەننىڭ ھوزۇرىدا ئۈچ يىل جاپالىق تەلىم ئالغىنىمنىڭ نەتىجىلىرى. بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمدا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىلەردۇر، مەن بۇ نەرسىلەرنىڭ ھېچقايسىسىدىن ۋاز كېچەلمەيمەن - دەپ تۇرۇۋاپتۇ –دە، خالتىلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، كېمىگە چىقىپتۇ. ئامالسىز قالغان كېمىچى بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ، كېمىنى ھەيدەپتۇ. راست دىگەندەك، كېمە دەريانىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە بىر دولقۇننىڭ كېمىگە قاتتىق ئۇرۇلۇشى بىلەن كېمە پاچاقلىنىپ كېتىپ، دەرياغا چۆكۈپ كېتىپتۇ. ھېلىقى يىگىتمۇ، كېمىچىمۇ ھاياتىدىن ئايرىلىپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن خەلق ئارىسىدا ‹‹ۋاز كېچىشمۇ بىر خىل ئاقىلانىلىق›› دىگەن ھېكمەت تارقالغان ئىكەن. سۇئال: سىز ھېلىقى يىگىتنىڭ ئورنىدا بولسىڭىز، ھېلىقى ئۈچ خىل سوۋغىنىڭ قايسىلىرىنى تاللىۋېلىپ، قايسىسىنى تاشلىۋەتكەن بۇلاتتىڭىز؟ ياكى سىزمۇ سوۋغىنىڭ ئۈچىلىسىنى تاللامتىڭىز؟!! باشقىلارنى قايىل قىلارلىق ھالدا جاۋاپ بەرگەن تۇنجى تورداشقا 5 تىللا مۇكاپات بېرىلىدۇ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-15 06:19
|