كۆرۈش: 466|ئىنكاس: 5

ئادەم بولۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                        مىكرو ھىكايە
ئۇ ئاخىرى ئەمەلدار بولدى. ئۇ مەخسۇس ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ بېرىپ مۇئەللىمنى كۆرۇپ كەلمەكچى بولدى. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسى ناھايىتى ناچار ئىدى. مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن بۈگۈنكى كۈنگە كېلىپ چوڭ ئەمەلدار بولۇپ قېلىشىنى كىممۇ ئويلىغان؟ ئۇ ئەينى چاغدىكى ئوقۇتقۇچىسىنى بىر ھەيران قالدۇرماقچى بولدى.
كۆرۇشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ مۇئەللىمى كاللىسى قېيىپ قالغاندەك ئۇنىڭ قانداق ھوقۇق تۇتۇۋاتقانلىغىنى باشتىن-ئاخىر سوراپمۇ قويمىدى. ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۇنى ناھايىتى ئۈمۈدسىزلەندۇرۇپ قويدى. ئۇ ئاخىرى تاقەت قىلالماي بۇنىڭ چارىسىنى قىلدى:
مۇئەللىم ، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئىشقا ھاجىتىڭىز چۈشسە ماڭا ئېيتىڭ، سىزنىڭ تەلپىڭىزنى قاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمەن،-دېدى ئۇ ئوقۇتقۇچىسىغا. ئۇنىڭ سۆزلىرنىڭ ئورامىدىن ئۇنىڭ ھوقۇقىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى چوڭلۇقىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى.
راستما؟-دەپ سورىدى مۇئەللىم ئۇنىڭغا قىززىققاندەك.  ئەلۋەتتە راس!-دېدى ئۇ ئاۋالقىدىكلا كەسكىن مۇئەييەنلەشتۇرۇپ.
ناھايىتى ياخشى،-دېدى مۇئەللىم ئۇنىڭغا لاپپىدە بىر قاراپ. ئاندىن قەلىمىنى ئېلىپ بىر پارچە قەغەزگە بىر نەچچە خەت يازدى-دە، ئۇنى قاتلاپ ئۇنىڭغا ئۇزاتتى ۋە:  بۇنى قايتىپ بارغاندىن كېيىن كۆرگىن.- دېدى.
ئۇلار خوشلاشتى. ئۇ كۆڭلىدە:‹‹زىيالى دېگەنمۇزە، مۇشۇنداق ئۆلۇك تۈزۈت قىلىپ كېتىدۇ. ئۆزىنىڭ ھاجىتىنىمۇ ئۇدۇل دەۋېرىشكە ئۇنمىغىنىنى قارا›› دەپ ئويلىدى.
ئۇ يولدا ماشىنىدا كېلىۋىتىپ بۇ خەتنى ئېچىپ كۆرۇپ بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. خەتتە مۇنداق دەپ يېزىلغان ئىدى:‹‹مېنىڭ تەلىپىم شۇكى، سەن يەنىلا ئادەم بولۇشنى ئۆگەن››.

مەنبە:‹‹شىنجاڭ مائارىپى››1997-يىلى 3-سان.دىن

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-7-27 22:05:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيەۋى ئەھمىيىتى چوڭقۇر، ياخشى ھېكايە ئىكەن،مۇشۇنداق ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن...
ۋاقتى: 2012-7-27 23:11:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ئىيتىسىز، ئالىم بولۇشتىن ئادەم بولۇش قىيىن. ھەتتا بەزىلىرىمىز بىر ئۆمۇر ئادەم بولالماي ئۆتۇپ كىتىشىمىز مومكىن. ياخشى تىما ئىكەن، مۇشۇنداق ئادەمنى ئويغا سالدىغان تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىگەي... رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2012-7-28 09:54:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس ، ئادەم دەپ ئاتالغان بىلەن ئادەمدەك دۇرۇس ياشىماق كىرەك
ۋاقتى: 2012-7-28 12:22:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىيكايىنىڭ تەربىيەۋىي ئەھمىيتى ئىنتايىن يۇقىركەن. ياخشى تىيما يوللاپسىز رەخمەت.
ۋاقتى: 2012-8-3 20:12:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى مەنلىك ھېكايە ئىكەن رەھمە ت سىزگە
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش