مۇكاپاتلىق تېپىشماقلار(1)
ھەر بىر تېپىشماق بىر تىللالىق قىلىپ تەڭشەلدى، جەمئى ئون تىللا. كىم بۇرۇن توغرا تاپالىسا شۇ كىشىگە مۇكاپات بېرىلىدۇ. قېنى دوستلار ئەمىسە تەپەككۇرىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ بېقىڭلار، قېنى كىم ئەڭ ئەقىللىق؟!!
1.ئالا-يېشىل تونى بار، قانغا تولغان قورسىقى، قاپ-قارادۇر بالىلىرى، شۇنچە نۇرغۇن سانىقى.
2.بىر كىتابىم بار، ئۈچ يۈز ئاتمىش بەت، كۈندە ئوقۇيمەن، ئارانلا بىر بەت، ئىشخاناڭدا بار، تاپالمىساڭ سەت.
3.ئاجايىپ بىر ئەلچى بار، پۇتسىز، مېڭىپ كېلىدۇ، قۇلىقىغا سۆزۈڭنى، دىسەڭ ئېلىپ كېتىدۇ.
4.پۇتى يوق، ماڭىدۇ، تىلى يوق، سۆزلەيدۇ.
5.تۆت چاسا ئۆزى، ئاپپاقتۇر يۈزى، يوقتۇر ھېچ كۆزى، شىرىندۇر سۆزى.
6. ئوق تەگسە تۆشۈك قالماس، تىغ تەگسە ئىزى قالماس، بولقا بىلەن يانچىپ بولماس، جاندار ئاڭا زادى قانماس.
7.سېپى زەھەر، بېشى ئوت، چىقار ئۇندىن سېسىق دۇت، ساغلام بەدەن بۇلالماس، كىمكى قىلسا ئۇنى دوست.
8.قول بىلەن تۇتۇپ بولماس، كۆز بىلەن كۆرۈپ بولماس، كىچىكىدە دەرەخ لىڭشىتار، چوڭايغاندا ئۇنى يىقىتار.
9.كۆز ئېچىپ كۆرەلمەيسىز، قول سۇنۇپ تۇتالمايسىز، سىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، بىر مىنۇت ياشالمايسىز.
10.كۆتۈرۈلۈپ دېڭىزدىن، كۆككە ئۇچۇپ بارىدۇ، كۆكتىن قايتىپ چۈشكەندە، ھەممە گىياھ قانىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-15 04:31
|