كۆرۈش: 70|ئىنكاس: 0

ئاددىي كەسىرنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيتى دەرس تېمىسى : 课题

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاددىي كەسىرنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيتى        دەرس تېمىسى :   课题
ئاددىي كەسىرنىڭ ئاساسى خۇسۇسىيتىنى چۈشىنىش ۋە ئىگەللەش، ئاددى كەسىرنىڭ چوڭ-كىچىكلىگىنى سېلىشتۇرالايدىغان بولۇش        ئوقۇتۇش نىشانى :教学目标:
ئاددى كەسىرنىڭ ئاساسى خۇسۇسىيتىنى چۈشىنىش ۋە ئىگەللەش        مۇھىم نۇقتا :教学重点
ئاددى كەسىرنىڭ ئاساسى خۇسۇسىيتىگە ئاساسەن، ئاددى كەسىرنىڭ چوڭ-كىچىكلىگىنى سېلىشتۇرالايدىغان بولۇش        قىيىن نۇقتا :教学难点
ئۈلگە كۆرسىتىش چۈشەندۈرۈش ، مۇلاھىزە قىلىش، ۋە قول سىلىپ ئىشلەش         ئوقۇتۇش ئۇسۇلى :教学方法
كىتاپتىكى ئۈلگۈلىك رەسىملەر ،ئۇچۇر بايلىقى،        كۆرسەتمىلىك قۇرال: 教具
ئوقۇتۇش جەريانى:                                                              :  教学过程
دەرسكە باشلاپ كىرىش:
( ئالدىن تەيارلىۋالغان ئوخشاش چوڭلىقتىكى ئۈچ پارچە قەغەزنى ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىگىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە يېتەكلەيمەن)
ئوقۇتقۇچى پائاليىتى: ساۋاقداشلار بۇ ئۈچ پارچە قەغەز تەڭمۇ ؟
ئوقۇغۇچى پائاليىتى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابى ئاڭلاپ ئۆتىلدۇ.
ئوقۇتقۇچى پائاليىتى: بۇ قەغەزنىڭ يەنە بىر يۈزىگە قاراپ بۇيالغان قىسمىنى سېلىشتۇرۇپ كۈرۈپ،بۇيالغان قىسمىنىڭ ھەر بىر بۆلىكى مۇشۇ بىر پارچە قەغەزنىڭ نەچىدىن نەچچىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ بېقىڭلار.
             ئوقۇغۇچى پائاليىتى: بۇيالغان ئورۇننىڭ ئۆزارا تەڭ ئىكەنلىكىنى،ھەممىدە بۇ ئاددىي كەسىرنىڭ  ،  ،  ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ.
ئوقۇتقۇچى پائاليىتى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىگەنلىرىنى دوسكىغا يازىمەن.
دوسكا خېتى:              =   =  
ئوقۇتقۇچى پائاليىتى: ئېكرانغا قاراڭلار.( ئالدىن تۈزۈپ كىرگەن دەرس دېتالىدىن 2-3- پىلاستىنكىنى كۈرسىتىپ ئۆتىمەن).
2- پىلاستىنكىدا كۆرۈنگىنىنى بىر پارچە ئېتىز دەپ قارىساق ،(بۇيالغان قىسمىنى تېرىلغان يەر،بۇيالمىغان قىسمىنى تېرىلمىغان يەر دەپ پەرەز قىلۋالساق) ھەر بىر ئېتىزدىكى تېرىلغان يەر بىلەن باشقا ئېتىزدىكى تېرىلغان يەرنىڭ تەڭ ياكى تەڭ ئەمەسلىكىنى ،ھەممىدە تېرىلغان يەر ئۇمۇمى يەرنىڭ نەچچىدىن نەچچىسىنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېقىڭلار.
  ئوقۇغۇچى پائاليىتى: ھەر بىر ئېتىزدىكى تېرىلغان يەر بىلەن باشقا ئېتىزدىكى تېرىلغان يەرنىڭ تەڭ ،ھەممىدە بۇنى ئاددىي كەسىر بىلەن ئىپادىلىسە   ،  ،  بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ.
ئوقۇتقۇچى پائاليىتى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىگەنلىرىنى دوسكىغا يازىمەن.
دوسكا خېتى:      
ئوقۇتقۇچى پائاليىتى: ( 3- پىلاستىنكىنىمۇ يۇقارقىدەك چۈشەندۇرۇپ ئۆتىمەن)                  
دوسكا خېتى:              =   =  
                            =    =                           
=    =                        
ئوقۇتقۇچى پائاليىتى : يۇقارقى مىساللارنى كۆرۈپ ئۆتتۇقكى، بۇ ئاددىي كەسىرلەرنىڭ سۈرەت ھەم مەخرىجى ھەر خىل بولۇپ بۇلارنى سىزىلغان شەكىلىگە ئاساسەن بىر گۇرۇپىدىكى ئاددىي كەسىرلەرنىڭ تەڭ ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدۇق.بىراق بىۋاستە سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە قانداق سېلىشتۇرمىز؟ دىمەك، بىز بۇ سائەتتە ئاددىي كەسىرنىڭ ئاساسىي  خۇسۇسىيتى ئارقىلىق دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئېرىشىمىز.(4- پىلاستىنكىنى ئاچىمەن)
بىز  دوسكىغا يېزىۋالغان بىر گۇرۇپپا ئاددىي كەسىرلەنىڭ تەڭلىكىنى تېپىپ چىقىشتىن بۇرۇن بۆلۈنمىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك خۇسۇسىيتىنى ئەسلەپ ئۆتەيلى: .(6- پىلاستىنكىنى ئاچىمەن)
دوسكا خېتى:                                      ÷30 = 4 120
(120 ×2 )÷(30 ×2)= 4                                                
     (120 ÷10 )÷(30÷10)= 4                                               
ئوقۇتقۇچى پائاليىتى :بۇ مىسالدىن قانداق چۈشەنچىگە ئېرىشتىڭلار؟
ئوقۇغۇچى پائاليىتى:ئوقۇغۇچىلار چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ.
ئوقۇتقۇچى پائاليىتى :دىمەك،پۈتۈن سانلارنى بۆلۈشتە ، بۆلۈنگۈچى بىلەن بۆلگۈچىنى ئوخشاش بىر سانغا بۆلسەك ياكى كۆپەيتسەك بۆلۈنمە ئۆزگەرتمەيدۇ .
مۇشۇ قانۇنيەتكە ئاساسەن يۇقارقى ئاددىي كەسىرلەرنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى. .(7- پىلاستىنكىنى ئاچىمەن)
           =    =        دوسكا خېتى:                 
   =     =                                    
  =   =                                       
   =  =                                       
ئوقۇتقۇچى پائاليىتى: شۇنىڭ ئۈچۈن     =    =   بولىدۇ .ئۇنداقتا سىلەر بۇ ھىساپلاشلاردىن قانداق قانۇنيەتنى بايقىدىڭلار؟
ئوقۇغۇچى پائاليىتى:ئوقۇغۇچىلار چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ.
ئوقۇتقۇچى پائاليىتى: ئاددىي كەسىرنىڭ سۈرەت ۋە مەخرىجىگە بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش بىر سانغا كۆپەيتسەك ، ئاددىي كەسىرنىڭ چوڭ-كىچىكلىگىى ئۆزگەرمەيدۇ
دوسكا خېتى:            =    =  بۇلارنىڭ تەڭلىكىنى تېپىپ باقايلى.(8- پىلاستىنكىنى ئاچىمەن)
                                   =   =  
=  =                                      
= =                                       
ئوقۇتقۇچى پائاليىتى: شۇنىڭ ئۈچۈن    =    =  بولىدۇ .ئۇنداقتا سىلەر بۇ ھىساپلاشلاردىن قانداق قانۇنيەتنى بايقىدىڭلار؟
ئوقۇغۇچى پائاليىتى:ئوقۇغۇچىلار چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ.
ئوقۇتقۇچى پائاليىتى:ئاددىي كەسىرنىڭ سۈرەت ۋە مەخرىجىگە بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش بىر سانغا بۆلسەك ،ئاددىي كەسىرنىڭ چوڭ-كىچىكلىگىى ئۆزگەرمەيدۇ
ساۋاقداشلار يۇقۇردا بىز ناھايتى مۇھىم ئىككى قانۇنيەتنى ئوتتۇرغا قويدۇق، سىلەر ئۇنى
بىرلەشتۈرۈپ يېڭى بىر مۇكەممەل بولغان خۇلاسىنى چىقىرىپ بېقىڭلار؟
ئوقۇغۇچى پائاليىتى:ئوقۇغۇچىلار خۇلاسىلاپ چىقىدۇ.
ئوقۇتقۇچى پائاليىتى: دىمەك، ئاددىي كەسىرنىڭ سۈرەت ۋە مەخرىجىنى  بىرلا ۋاقىتتا
ئوخشاش بىر سانغا ( 0دىن باشقا) كۆپەيتسەك ياكى بۆلسەك،ئاددىي كەسىرنىڭ چوڭ-
كىچىكلىگىى ئۆزگەرمەيدۇ. .(9- پىلاستىنكىنى ئاچىمەن)
  يۇقارقى خۇسۇسىيەتنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مەشق ئىشلەپ باقايلى:  
(10- پىلاستىنكىنى ئاچىمەن)
دوسكا خېتى:                             =  =                                             
   =                                            
    =  =                 
      =                                                                                 =                                                                           
ئوقۇغۇچى پائاليىتى:ئوقۇغۇچىلاردىن بىرقانچىسى دوسكىدا ئىشلەيدۇ. قالغانلار مەشىق
دەپتىرىگە ئىشلەيدۇ .مەن ئارلاپ يۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىمەن.
ئوقۇتقۇچى پائاليىتى: ساۋاقداشلار مەن سىلەرگە بىر ھىكايە ئېتىپ بېرەي،بۇرۇن بىر بوۋاينىڭ بىر پارچە ئېتىزى بولۇپ ،ئوغۇللىرىغا بۆلۈپ بەرمەكچى بولۇپتۇ.چوڭ ئوغلىغا بۇ ئېتىزنىڭ   
نى ،ئوتتۇرانچى ئوغلىغا بۇ ئېتىزنىڭ   نى، كىچىك ئوغلىغا بۇ ئېتىزنىڭ   نى تەقسىم قىلىپ بېرىپتۇ. چوڭ ئوغلى بىلەن ئوتۇرانچى ئوغلى بۇ تەقسىماتنى ئادىل بولمىدى دەپ كىچىك ئىنىسى بىلەن ئۇرۇشۇپتۇ. بۇ چاغدا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئەپەندىم ئۇلاردىن ئۇرۇشۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ،ۋە ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن،قاقاقلاپ كۈلۈپ ئۇلارغا بىر بىر قانچە ئېغىز سۆز قىلىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاكا –ئۇكىلار ئۇرۇشۇشتىن توختاپتۇ. (11- پىلاستىنكىنى ئاچىمەن)
ساۋاقداشلار سىلەردىن سوراپ باقاي :ئەپەندىم بۇ ئاكا-ئۇكىلارغا نىمە دىگەندۇ؟
ئوقۇغۇچى پائاليىتى:ئوقۇغۇچىلار مۇلاھىزە قىلىپ چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ .ئاخىردا مەن تۇلۇقلاپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.
ئوقۇتقۇچى پائاليىتى: ساۋاقداشلار بۈگۈنكى دەرستىن قانچىلىك چۈشەندۇق بىز تۆۋەندىكى
مەشق ئارقىلىق ئۆگەنگەنلىرىمىزنى مۇستەھكەملەپ باقايلى. (13- پىلاستىنكىنى ئاچىمەن)
    دوسكا خېتى:                                (   √    )       =   =     (   ×)  =     
                                                      ( توغىرسى )            =

(   ×)  =     =     
=  =  (توغىرسى)  
(   ×)     =
  =    =

ئاددىي كەسىرىڭ سۈرەت ۋە مەخرىجىگە ئوخشاش بىر ساننى كۆپەيتىۋەتسەك ياكى بۆلىۋەتسەك ئاددىي كەسىرنىڭ چوڭ-كىچىكلىگى ئۆزگەرمەيدۇ. (   ×)
توغىرسى: ئاددىي كەسىرنىڭ سۈرەت ۋە مەخرىجىنى  بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش بىر سانغا
( 0دىن باشقا) كۆپەيتسەك ياكى بۆلسەك،ئاددىي كەسىرنىڭ چوڭ- كىچىكلىگىى ئۆزگەرمەيدۇ.
  نىڭ سۈرىتىگە 5 نى كۆپەيتىپ،مەخرىجىگىمۇ 5 نى كۆپەيتىۋەتسەك ئاددىي كەسىرنىڭ چوڭ-كىچىكلىگى ئۆزگەرمەيدۇ.    (   √    ) (14- پىلاستىنكىدىن كۆرسىتىمەن)
ساۋاقداشلار سىلەر ئېيىقچاق بىلەن ئۆشكىجانغا ياردەملىشىپ تۆۋەندىكى ئاددىي كەسىرلەر ئىچىدىن   بىلەن  گە تەڭ بولغان ئاددىي كەسىرلەرنى ئايرىپ بېقىڭلار. (15- پىلاستىنكىدىن كۆرسىتىمەن)
، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ، ،
گە تەڭ بولىدىغان ئاددىي كەسىرلەرـ--- ، ، ، ، ،
  گە تەڭ بولىدىغان ئاددىي كەسىرلەرـ--- ، ، ، ، ،
2- مىسال:  بىلەن   نى مەخرىجى 12 بولغان ،ئەمما چوڭ-كىچىكلىگى ئۆزگەرمىگەن ئاددىي كەسىرگە ئايلاندۇرايلى. (16- پىلاستىنكىدىن كۆرسىتىمەن)
ئوقۇغۇچى پائاليىتى:ئوقۇغۇچىلار مەشىق دەپتىرىگە ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن دوسكىدا بىرلىكتە ئۇمۇملاشتۇرىمىز.
ئوقۇتقۇچى پائاليىتى: ساۋاقداشلار بۇ مىسالنى دوسكىدا ئومۇملاشتۇرۇپ باقايلى
دوسكا لايھىسى:
  = =

= =
بىلەن   نى مەخرىجى 10 بولغان ،ئەمما چوڭ-كىچىكلىگى ئۆزگەرمىگەن ئاددىي كەسىرگە ئايلاندۇرايلى. (17- پىلاستىنكىدىن كۆرسىتىمەن)
ئوقۇغۇچى پائاليىتى:ئوقۇغۇچىلار مەشىق دەپتىرىگە ئىشلەپ باقىدۇ.
خۇلاسە: ئاددىي كەسىرنىڭ سۈرىتى بۈلۈش ئەمىلىدە بۆلۈنگۈچى،مەخرىجى بۆلگۈچىگە
تەڭ .بۆلۈنمىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك خۇسۇسىيتىگە ئاساسەن،بۆلۈنگۈچى ۋە بۆلگۈچىنى ئوخشاش بىر سانغا (0دىن باشقا) بۆلسەك ياكى كۆپەيتىۋەتسەك بۆلۈنمە  ئۆزگەرمەيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئاددىي كەسىرنىڭ سۈرەت ۋە مەخرىجىنى  بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش بىر سانغا ( 0دىن باشقا) كۆپەيتسەك ياكى بۆلسەك،ئاددىي كەسىرنىڭ چوڭ-
كىچىكلىگىى ئۆزگەرمەيدۇ.
دوسكا لايھىسى:
ئاددىي كەسىرنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيتى
                                                                      =   =      
   =    =                                                                     
=    =  
÷30 = 4  120  
       (120 ×2 )÷(30 ×2)= 4                                                     (120 ÷10 )÷(30÷10)= 4                                            
           =    =                                                                             =     =                                                                      =   =                                                                        =  =                                                                 =    =                                    
  =   =  
=  =  
= =
تاپشۇرۇق:
دەرسلىك كىتاپ 94-بەت 14- مەشق 6-7-8- لەرنى ئىشلەپ كېلىدۇ.
دەرستىن كېيىنكى ئويلىنىش:
مەن بۇ سائەتلىك دەرسنى ئۆتۈشتىن ئاۋال، ئالدىن تەيارلاپ كەلگەن كۆرسەتمە
رەسىمنى كۆرسىتىش ،كۆرسەتمە رەسىمدىكى بۇيالغان قىسمىنى ئاددىي كەسىر بىلەن
ئىپادىلەپ بېقىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىردىم.بۇنىڭ بىلەن
ئوقۇغۇچىلاردا ئازراق بولسىمۇ سۈرەت ۋە مەخرىجى تەڭ بولمىغان ئاددى كەسىرلەرگە
نىسپەتەن سېلىشتۇرۇش ئۇقۇمى شەكەللەندى.بۇ ئۇقۇمنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش
ئۈچۈن ئۇچۇر بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ دەرسنىڭ مۇھىم نوقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ئاساس قىلىپ.چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردىم.بۇ جەرياندا يەنە بۆلۈنمىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك خۇسۇسىيتىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ،دەرسنىڭ مۇھىم ھالقىسىنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىگە خۇلاسىلاپ بېقىشقا يېتەكلىدىم.ئوقۇغۇچىلار مەشق ئىشلەش جەريانىدا، ئاز بىر قىسىم  ئوقۇغۇچىلاردا ئاددىي كەسىرنىڭ سۈرەت ۋە مەخرىجىنى بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش بىر سانغا بۆلۈشتە ،بۆلمەي كۆپەيتىپ قۇيۇش ئەھۋالىنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدىم.مەن بۇ نوقتىنى چۈشەندۈرگەندە،كۆپەيتكۈچىلەرگە ئاجىرتىش ئۇسۇلى بويىچە سۈرەت ۋە مەخرەجنىڭ ئۇمۇمى كۆپەيتۈچىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈش،ئاندىن ھىساپلاپ بېقىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق بۇ نوقتىنىمۇ ياخشى ھەل قىلدىم دەپ قارىدىم.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش