| دەرس تېمىسى: 1-دەرس چوڭ دەرەىنىڭ خاسىيىتى (1-دەرس سائىتى ) ئوقۇتۇش نىشانى: بىلىم ئىقتىدار نىشانى:ئەسەرنى توغرا ،راۋان ھىسىياتلىق ئوقۇپ ،(مەن )نىڭ ھىسىيات ئۆزگىرىشىنى ئىگەللەش . جەريان ۋە ئۇسۇل : ئەسەردىكى مەنىسى چوڭقۇر سۆز جۈملىلەر ھەققىدە پىكىرلىشىپ ،ئۇلارنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ھېسىيات قىممەت قارىشى:دەرەخ توغىرسىدا ئېيتىلغان سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ ،ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەتنى مۇھىتنى قوغداش ئىڭى ۋە ئادىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە بىلىۋىلىش .ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەبىئەتنى قوغداش ئىڭىنى يىتىلدۈرۈش . مۇھىم نوقتا: ئاپتۇرنىڭ يىزىش مۇدداسىنى بىلىش ،دەرەخنىڭ رولىنى چۈشىنىش . قىين نوقتا:ئەجداتلىرىمىزنىڭ مۇھىتنى قوغداش ئىڭى ۋە ئادىتىنى چۈشىنىش. ئوقۇتۇش قوراللىرى:قىستۇرما رەسىملەر . ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: كۈزتۈش ئۇسۇلى، مۇلاھىزە قىلىش ئۇسۇلى، ھەمكارلىشىپ ئۆگۈنۈش ئۇسۇلى. ئوقۇتۇش جەريانى: يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: ساۋاقداشلار سىلەر دەرەخ توغىرسىدا ھېكايە بىلەمسىلەر ؟ قىنى ئەيتىپ بېقىڭلار ؟ دىيىش ئارقىلىق يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن . ئوقۇتۇش مەزمۇنى : دەرسلىك كىتاپتىكى 2-بەتتىن 6-بەتكىچە بولغان مەزمۇنلار ئوقۇغۇچىلار دوسكىغا يىزىلغان تىمىنى بىر قىتىم كوللىكتىپ ئوقۇيدۇ . خاسىيىتى دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلىدىغانلار بارمۇ ؟ ئوقۇغۇچىلار خىسلىتى ،ئالاھىدىلىگى دەپ جاۋاپ بەرسە بولىدۇ .ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق دەرەخ ؟ بىز ھېكايىنى ئوقۇش ئارقىلىق بۇ سۇئالغا جاۋاپ تاپايلى .دىيىش ئارقىلىق تېكىستنى ئىختىيارى ئوقۇشقا يىتەكلىنىدۇ . تەلەپ : مەھەللىدە نىمە ئىشلار يۈز بەردى ؟ ئوقۇغۇچىلار يۇقارقى تەلەپكە ئاساسەن تېكىستنى كىتاپ ئوقۇش قائىدىسىگە ئاساسەن بىر قىتىم ئوقۇپ چىقىدۇ .تېكىست مەزمۇنىنى تىخىمۇ چوڭقۇر ئىگەللەش ئۈچۈن ،تېكىستنى شەخسلەر بويىچە ئوقۇشقا يىتەكلىنىدۇ ،ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنى يىڭى سۆزلەرنى تىپىشقا يىتەكلىنىپ ،يىڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى چۈشەندۈرلىدۇ . قىيان :-قاتتىق ياققان يامغۇر ياكى قار سۇلىرىنىڭ توپلىشىشىدىن ھاسىل بولغان لاتقا (لاي) ئارىلاش سۇ . تەخسىسىمان :- تەخسىگە ئوخشاش ،تەخسىدەك تېكىستتە مەھەللە تەسۋىرلەنگەن جۈملىلەرنى تىپىپ چىقىڭلار ؟ دىگەن سۇئال ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى مەھەللە تەسۋىرلەنگەن جۈملىنى تىپىپ چىقىشقا يىتەكلىنىدۇ . بىرىنچى ئابزاسنى كۆتىرەڭگۈ ئىنتوناتسىيە بىلەن ھاياجانلىنىش ھېسىياتى بىلەن ئوقۇيدۇ . كىتابتىكى رەسىمنى تەپسىلى كۈزىتىشكە يىتەكلەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى رەسىمدىكى مەزمۇننى بايان قىلىشقا يىتەكلىنىدۇ . تاپشۇرۇق :تېكىستنى ئوقۇپ كىلىش دوسكا لاھىيەسى 1-چوڭ دەرەخنىڭ خاسىيىتى خاسىيىتى –خىسلىتى ،ئالاھىدىلىگى قىيان :-قاتتىق ياققان يامغۇر ياكى قار سۇلىرىنىڭ توپلىشىشىدىن ھاسىل بولغان لاتقا (لاي) ئارىلاش سۇ . بەھەيۋەت :- ھەيۋەتلىك
1- دەرس چوڭ دەرەىنىڭ خاسىيىتى (2-دەرس سائىتى ) ئوقۇتۇش نىشانى: بىلىم ئىقتىدار نىشانى: ئەسەردىكى مەنىسى چوڭقۇر سۆز جۈملىلەر ھەققىدە پىكىرلىشىپ ،ئۇلارنىڭپىكىرلىشىش ئۈنۈمىنى ھېس قىلىش . جەريان ۋە ئۇسۇل :ئوقۇغۇچىلارنى ھىس قىلغانلىرىنى سۆزلەشكە يىتەكلەش ،ئوقۇتقۇچى چۈشەندۈرۈش . ھېسىيات قىممەت قارىشى:دەرەخ توغىرسىدا ئېيتىلغان سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ ،ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەتنى مۇھىتنى قوغداش ئىڭى ۋە ئادىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە بىلىۋىلىش .ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەبىئەتنى قوغداش ئىڭىنى يىتىلدۈرۈش . مۇھىم نوقتا: ئوقۇغۇچىلارغا تىل –يىزىق مەشقى ئىلىپ بىرىش جەريانىدا ئاپتۇرنىڭ يىزىش مۇدداسىنى چۈشەندۈرۈپ ،«مەن» نىڭ ھېسىياتى بىلەن ئورتاقلاشتۇرۇش . قىين نوقتا:ئەجداتلىرىمىزنىڭ مۇھىتنى قوغداش ئىڭى ۋە ئادىتىنى چۈشىنىش. ئوقۇتۇش قوراللىرى:قىستۇرما رەسىملەر . ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: كۈزتۈش ئۇسۇلى، مۇلاھىزە قىلىش ئۇسۇلى، ھەمكارلىشىپ ئۆگۈنۈش ئۇسۇلى. ئوقۇتۇش جەريانى: «بۇ دەرەختە جىن بار ،شاخنى سۇندۇرسا قولى تۇتماس ،پۇتى باسماس ،بولۇپ قالىدۇ .كەسسە دەرەختىن قان ئاقىدۇ.»بۇ سۆز زادى راستمۇ يالغان؟ دىگەن سۇئاللار ئارقىلىق مۇلاھىزە قىلىشقا تەشكىللەپ يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ . ئوقۇتۇش مەزمۇنى : 1. دەرسلىك كىىتابتىكى 2-7- بەتكىچە بولغان مەزمۇنلار 2. «بۇ دەرەخلەردە جىن بار ،شاخلىرىنى سۇندۇرسا قولى تۇتماس ،دەرەخكە چىقسا پۇتى باسماس بوپ قالىدۇ ،كەسسە دەرەختىن قان ئاقىدۇ » ساۋاقداشلار بۇ سۆز بۈگۈن ئۈگەنمەكچى بولغان ئەسەردىكى سۆزلەردۇر . 3. بۇ سۆز زادى راستمۇ ياكى يالغانمۇ ؟ ئۇنى كىم نىمە مەخسەتتە ئوتۇرغا قويغاندۇ ؟ بۇنىڭغا ئەسەرنى ئوقۇش ئارقىلىق جاۋاپ تىپىپ باقايلى دىگەن سۇئال ئاساسىدا مۇلاھىزە قىلىشقا يىتەكلىنىدۇ ھەمدە يۇقارقى جۈملە دوسكىغا يىزىلىپ ،ئوقۇغۇچىلارنى بىر قىتىم ئوقۇشقا يىتەكلىنىدۇ .گۇرۇپىلار ئارا مۇنازىرىگە ئۇيۇشتۇرىلىدۇ . مەن دەرەختە تۇرۇپ نىمىلەرنى ئويلىغاندۇ ؟ دەرەختىن چۈشكەندىن كىيىن نىمىلەرنى ئويلىغاندۇ ؟ دىگەن مۇلاھىزە ئاساسىدا تېكىستنىڭ ئاخىرقى قىسمىنى تەپسىلى ئوقۇشقا يىتەكلەپ ،بوۋىسىنىڭ سۆزىنى تىپى چىقىشقا يىتەكلەيمەن ھەمدە دوسكىغا يازىمەن . بالام ،بۇ بىزدە ئەۋلادمۇ –ئەۋلاد دىيىلىپ كىلىۋاتقان گەپ ،شۇڭا مەنمۇ سىلەرگە دىگەن ئىدىم . دەل –دەرەخنىڭ خاسىيىتى كۆپ ،ئەقدالىرىمىز ئەزەلدىن دەل –دەرەخ ئۆستۈرۈشنى ئادەت قىلغان .ئەگەر گەپ ئاشۇنداق دىيىلمىگەن بولسا بۇ تىرەكلەر بۈگۈنگىچە مۇشۇنداق كۆكلەپ تۇرالىشى ناتايىن ئىدى . ئاخىردا ئوقۇغۇچىلارغا ئەجدادلارنىڭ دەل –دەرەخلەرنى ئاسراش تەبىئەتنى سۆيۈش ھىسىياتنىڭ نەقەدەر چوڭقۇر ئىكەنلىگىنى ۋە ۋە بىز ياش ئۆسمۈرلەرنىڭمۇ ھازىردىن باشلاپ تەبىئەتنى سۆيۈش ،دەل –دەرەخلەرنى ئاسراش ئىڭىمىزنى يۇقۇرى كوتۈرۈشىمىزنىڭ لازىملىقىنى ئەمەلى مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ دەرسنى تاماملايمەن تاپشۇرۇق يانداشما مەشىق دوسكا لاھىيەسى 1-چوڭ دەرەخنىڭ خاسىيىتى دەل –دەرەخلەرنىڭ مۇھىتنى ئاسراش ،شاۋقۇننى پەسەيتىش ،مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش جەھەتتە رولى چوڭ
-يىل -ئاينىڭ - كۈنى دەرس تېمىسى 3. قارلىغاچ مەخسۇس پويىزى (1-سائەتلىك) ئوقۇتۇش نىشانى: بىلىم ۋە ئىقتىدار نىشانى: ئوقۇغۇچىلار تېكىستنى توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇيالايدىغان بولۇش. تېكىست ئىچىدىكى يېڭى سۆزلەرنى تېپىپ چىقالايدىغان ھەمدە مەنىسىنى چۈشىنەلەيدىغان بولۇش، دەرس مەزمۇنىنى پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش. ئۇسسۇل ۋە جەريان: تېكىست ئىچىدىكى رەسىمنى ئىنچكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، كۆزەتكىنى بويىچە ئۆز چۈشەنچىسىنى سۆزلەپ بېرەلەيدىغان بولۇش. ھېسسيات پوزىتىسيە ۋە قىممەت قارىشى نىشانى: كۆنۈكمە سوئاللىرى ئاساسىدا مۇلاھىزە ئېلىپ بارالايدىغان، بېرىلگەن سوئاللارغا توغرا جاۋاپ بېرەلەيدىغان بولۇش. قۇشلارنى ئاسراش ھەققىدە ئەخلاق تەربىيە بېرىلىدۇ. مۇھىم نۇقتا: تېسىكتىنى ھېسىسىياتلىق ئوقۇيالايدىغان، يېڭى سۆزلەرنى چۈشىنەلەيدىغان بولۇش. قىيىن نۇقتا: رەسىمنى كۆزىتىپ ئۆز چۈشەنچىسىنى سۆزلەپ بېرەلەيدىغان، بېرىلگەن سوئاللار بويىچە مۇلاھىزە ئېلىپ بارالايدىغان بولۇش. ئوقۇتۇش قورالى: دەرسلىك ئۈچۈن بېرىلگەن قىستۇرما رەسىم. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: كۆزىتىش، بايان قىلىش، سۆزلەش، چۈشەندۈرۈش، گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە قىلىش ئۇسسۇلى. ئوقۇتۇش جەريانى: يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: ساۋاقداشلار، قۇشلارنى ياخشى كۆرەمسىلەر؟ قايسى قۇشلارنى ياخشى كۆرسىلەر؟ قۇشلارنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟ قۇشلار نېمە ئۈچۈن باھار پەسلىدە بىزنىڭ يۇرتىمىزغا ئۇچۇپ كېلىدۇ؟ قېنى قايسىڭلار جاۋاپ بېرىپ باقىسلەر؟ ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئىختىيارى جاۋاپ بېرىدۇ، ياخشى جاۋاپ بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قالغان ساۋاقداشلارغا ئۈلگە كۆرسىتىپ رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. كام قالغان جايلارنى ئوقۇتقۇچى تۇلۇقلاپ بېرىدۇ. يېڭى بىلىم ئىگەللىتىش: ئوقۇتقۇچى دەرس تېمىسىنى دوسكىغا يازىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئەگىشىپ ئوقۇيدۇ. ساۋاقداشلار تېكىستنى قايسىڭلار ئوقۇپ باقىسلەر؟ ئوقۇغۇچىلارنى گۇرۇپپىلار بويىچە بەسلەشتۈرۈپ كىتاپ ئوقۇشقا تەشكىللىنىدۇ. ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن قايسى گۇرۇپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئوقۇغۇنلىقىنى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە باھالاپ كىتاپ ئوقۇش ماھىرلىقىغا تاللىنىدۇ. ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى ئۈلگە كۆرسىتىپ ئوقۇپ بېرىدۇ. تېكىستنى ئوقۇپ چىقتۇق، ئەمدى تېكىست ئىچىدىكى يېڭى سۆزلەرنى تېپىپ چىقىڭلار. ئوقۇغۇچىلار يېڭى سۆزلەرنى تېپىپ چىقىدۇ. ئوقۇتقۇچى دوسكىغا يازىدۇ. ئاندىن بىرلىكتە مەنىسى يېشىلىدۇ. يېڭى سۆزلەرنى چۈشىنىش پەرۋا قىلماسلىق-پىسەنىت قىلماسلىق دەرھال-ئىتتىك، چاققان ئاۋارىچىلىق-بىرەر ئىشتا جاپا تارتىش ۋىچىرلاش-سايراش ھەقىقەتەن-راسىت، چوقۇم مۇزلاپ كېتىش-توڭلاپ كېتىش ساۋاقداشلار، ئەمدى كىتابىڭلارنىڭ 12-بېتىنى ئېچىپ بېرىلگەن رەسىمنى ئىنچكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، كۆزەتكىنىڭلار بويىچە ئۆز چۈشەنچەڭلارنى سۆزلەپ بېقىڭلار. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى رەسىمنى كۆزىتىشكە، كۆزەتكىنى بويىچە سۆزلەشكە يېتەكلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار كۆزىتىپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، ھەمدە سوئالغا جاۋاپ بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. رەسىمدە قايسى پەسىلدىكى مەنزىرىلەر تەسۋىرلەنگەن؟ كىم بار ئىكەن؟ نېمە ئىش قىلىۋېتىپتۇ؟ ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارى جاۋاپ بېرىدۇ. ئوقۇتقۇچى كام قالغان جايلارنى تۇلۇقلاپ بېرىدۇ. مۇستەھكەملەش ۋە خۇلاسىلەش: ساۋاقداشلار، ئەمدى بىز چۈشەنچىمىزگە ئاساسەن دەرس مەزمۇنىنى بىرلىكتە خۇلاسىلەپ باقايلى. بۇ تېكىست مەزمۇنىدىن قانداق چۈشەنچىگە كەلدىڭلار؟ نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭلار؟ قېنى قايسىڭلار ھېس قىلغانلىرىڭلارنى سۆزلەپ باقىسىلەر؟ ئوقۇغۇچىلار جاۋاپ بېرىدۇ، يېتەرسىز دەپ قارالغان تەرەپلەرنى ئوقۇتقۇچى تۇلۇقلاش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ تېكىستتە بىر يىلى باھار كۈنلىرىنىڭ بىرىدە قارلىغاچلار جەنۇپتىن شىمالغا قايتىپ كېلىۋاتقاندا شىۋىسارىيە چېگرىسى ئىچىدە ئاۋارىچىلىككە يۇلۇققانلىقى، ئۇ يەرنىڭ ھاۋاسى بىردىنلا تۆۋەنلەپ قار-شىۋىرغان توختىمغانلىقى، ھاشارەتلەرنىڭ ھەممىسى توڭلاپ ئۆلۈپ قالغانلىقى، ھالىدىن كەتكەن قارلىغاچلار ئۇزۇقلۇق تاپالمىغانلىقى، بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان شىۋىتسارىيە ھۆكۈمىتى قارلىغاچلارنى مەخسۇس پويىز بىلەن ئىسسىق رايونلارغا ئاپىرىپ قويۇشنى قارار قىلغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بارلىق كىشلەر ھەرىكەتكە كېلىپ قارلىغاچلارنى ئىزدەپ تېپىپ قۇتقۇزۇۋالغانلىقى، بېتتى ئىسىملىك بىر قىزچاق بىر كۈن ئىچىدە 10 نەچچە قارلىغاچنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقى سۆزلەنگەن. بىزمۇ ھەر ۋاقىت قۇشلارنى ئاسىرىشمىز لازىم. تاپشۇرۇق مەزمۇنى: 1.نېمە ئۈچۈن شىۋىتسارىيە ھۆكۈمىتى قارلىغاچنى مەخسۇس پويىز بىلەن ئىسسىق رايونلارغا ئاپىرىپ قويۇشنى قارار قىلدى؟ 2.تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى يېزىڭ. پەرۋا قىلماسلىق- دەرھال- ئاۋارىچىلىق- ۋىچىرلاش- ھەقىقەتەن- مۇزلاپ كېتىش- دوسكا لاھىيەسى 3-قارلىغاچ مەخسۇس پويىزى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ،ئاھالىلەر لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قار ۋە ئاچچىق سوغۇققا قارىماي ،مۇزلۇق تاغ يوللىرىدا يۈرۈپ ،مۇزلاپ قېتىپ قالاي دېگەن قارلىغاچلارنى تەرەپ –تەرەپتىن ئىزدەشكە باشلىدى .
دەرس تېمىسى 3. قارلىغاچ مەخسۇس پويىزى (2-سائەتلىك) ئوقۇتۇش نىشانى: بىلىم ۋە ئىقتىدار نىشانى: تېكىست مەزمۇنىنى رەسىم مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەپ بېرەلەيدىغان ھەمدە تېكىست ئىچىدىكى يېڭى سۆزلەرگە جۈملە تۈزىيەلەيدىغان بولۇش. ئۇسسۇل ۋە جەريان: تېكىست مەزمۇنىنى رەسىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز چۈشەنچىسىنى تەپسىلى بايان قىلىپ بېرەلەيدىغان بولۇش. ھېسسىيات پوزىتسىيسى ۋە قىممەت قارىشى نىشانى: كۆنۈكمە سوئاللىرىغا ئەستايىدىل جاۋاپ بېرەلەيدىغان، قارلىغاچنى نېمە ئۈچۈن مەخسۇس پويىزدا توشۇغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولۇش. قۇشلارنى ئاسراش ھەققىدە ئەخلاق-تەربىيە بېرىلىدۇ. مۇھىم نۇقتا: تېكىست مەزمۇنىنى رەسىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەپ بېرەلەيدىغان بولۇش. قىيىن نۇقتا: تېكىست ئىچىدىكى يېڭى سۆزلەرگە جۈملە تۈزىيەلەيدىغان بولۇش. ئوقۇتۇش قورالى: دەرسلىك ئۈچۈن بېرىلگەن قىستۇرما رەسىم. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: كۆزىتىش، بايان قىلىش، سۆزلەش، چۈشەندۈرۈش، گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە قىلىش ئۇسسۇلى. ئوقۇتۇش جەريانى: يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: ساۋاقداشلار، سىلەر قارلىغاچنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى بىلىسلەر؟ ئەگەر باھار پەسلىدە قارلىغاچلار كەلگەندە بىز تۇرۇۋاتقان جايدا سوغۇق بولۇپ قار يېغىپ كەتسە قارلىغاچلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ قۇشلارنى قوغداش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارى جاۋاپ بېرىدۇ، ياخشى جاۋاپ بەرگەن ئوقۇغۇچىلارغا نومۇر قويۇش ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ ھەمدە قىزىلگۈل سوۋغا قىلىنىدۇ، كام قالغان جايلارنى ئوقۇتقۇچى تۇلۇقلاپ بېرىدۇ. يېڭى بىلىم ئىگەللىتىش: ساۋاقداشلار تېكىستنى ئالدىنقى سائەتتىمۇ ئوقۇغان، يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ باقايلى، ئوقۇغۇچىلار كىتاپ ئوقۇشقا تەشكىللىنىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئۈلگە كۆرسىتىپ ئوقۇپ بېرىدۇ. ئالدىنقى سائەتتە رەسىمنى كۆزىتىپ، ئۆز چۈشەنچىمىزنى سۆزلەپ چىققانىدۇق. بۇ سائەتتە يەنە رەسىم مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تېكىست مەزمۇنىنى سۆزلەپ باقايلى. ئوقۇغۇچىلار جاۋاپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن يېتەرسىز دەپ قارالغان تەرەپلىرىنى ئوقۇتقۇچى تۇلۇقلايدۇ. ساۋاقداشلار، چارچىدىڭلارمۇ؟ ئەمدى بىز بىردەم ئويۇن ئوينايلىمۇ؟ ئويۇن ئويناشنى خالامسىلەر؟ مەن بىلەن بىرلىكتە ئويۇن ئويناشنى خالىساڭلار بىرلىكتە ئويۇن ئوينايلى. قېنى ئېيتىڭلار، قايسى ئويۇننى ئوينايمىز. ئوقۇغۇچىلار كۆڭلىدىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئاندىن ‹‹ئا، ئە›› ھەرىپىدىن باشلانغان سۆز ئويۇنى ئويناشقا تەشكىللىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار شۇنداق قىزىقارلىق ئوينايدۇ. ساۋاقداشلار، ئويۇنىمىز قىزىقارلىقمىكەن؟ قىزىقساڭلار داۋاملىق ئوينايلى. ئەمدى تۆۋەندىكى جۈملىنى ئوقۇپ، ھېس قىلغانلىرىمىزنى سۆزلەپ باقايلى. ئاھالىلەر نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغاندۇ؟ بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاھالىلەر لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قار ۋە ئاچچىق سوغۇققا قارىماي مۇزلۇق تاغ يوللىرىدا يۈرۈپ مۇزلاپ قېتىپ قالاي دېگەن قارلىغاچلارنى تەرەپ-تەرەپتىن ئىزدەشكە باشلىدى. ئوقۇغۇچىلار جۈملىنى ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. كام قالغان جايلارنى ئوقۇتقۇچى تۇلۇقلاپ بېرىدۇ. ئەمدى تېكىست ئىچىدىكى يېڭى سۆزلەرگە جۈملە تۈزۈپ باقايلى. پەرۋا قىلماسلىق- بېتتى ئىسىملىك قىزچاقنىڭ قوللىرى سوغۇقتا قېتىپ قالايلا دېگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇلارغا پەرۋا قىلمىدى. دەرھال-بېتتى ئىسىملىك قىزچاق دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ قارلىغاچلارنى ئىزدەپ تاپتى. مۇستەھكەملەش ۋە خۇلاسىلەش: تۆۋەندىكى بوش ئورۇننى تولدۇرۇپ باقايلى. 1.بىر يىلى باھار كۈنلىرىنىڭ بىرىدە (شىۋىتسارىيە) نىڭ بىر ۋوگزالىدا (ھاۋا تەڭشىگۈچ) ئورنىتىلغان چىرايلىق، ئازادە بىر پويىز (قوزغىلىش) ئالدىدا تۇراتتى. 2.شۇ يىلى باھاردا (مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن) قارلىغاچلار جەنۇپتىن شىمالغا قايتىپ كېلىۋاتقاندا (شىۋىتسارىيە) چېگىرىسى ئىچىدە (ئاۋارىچىلىككە) يولۇقتى. ئۇ يەرنىڭ (ھاۋا تېمپىراتۇرىسى) بىردىنلا تۆۋەنلەپ، (ھاشارەتلەر) نىڭ ھەممىسى توڭلاپ ئۆلۈپ كەتتى. 3.ئۇزاق يول بېسىش جەريانىدا (ھالىدىن كەتكەن قارلىغاچلار) بۇ يەردە ئۇزۇقلۇق تاپالمىدى. بۇ چاغدا بارلىق كىشلەر (قارلىغاچلار) نى ئىزدەپ ئاخىرى قۇتقۇزۇۋالدى. 4.بىز ھەر ۋاقىت (قۇشلار) نى ئاسىرىشمىز لازىم. تاپشۇرۇق مەزمۇنى: 1.تۆۋەندىكى سۆزلەرگە جۈملە تۈزۈڭ. پەرۋا قىلماسلىق- دەرھال- ئاۋارىچىلىق- مۇزلاپ كېتىش- 2.بىز قۇشلارنى ئاسراش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز لازىم؟ ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشىنى سۆزلەپ بېقىڭ.
دەرس تېمىسى 7. بىر كەنىت ھەققىدە ھېكايە (1-سائەتلىك) ئوقۇتۇش نىشانى: بىلىم ۋە ئىقتىدار نىشانى: تېكىستنى توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇيالايدىغان، يېڭى سۆزلەرنى چۈشىنەلەيدىغان ھەمدە تېكىست مەزمۇنىنى بايان قىلىپ بېرەلەيدىغان بولۇش. ئۇسسۇل ۋە جەريان: رەسىمنى كۆزىتىپ، ئۆز چۈشەنچىسىنى سۆزلەپ بېرەلەيدىغان، گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بارالايدىغان، بېرىلگەن سوئاللارغا ئەستايىدىل جاۋاپ بېرەلەيدىغان بولۇش. ھېسسىيات پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى نىشانى: كۆنۈكمە سوئاللىرىغا توغرا جاۋاپ بېرەلەيدىغان، رەسىم مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دەرس مەزمۇنىنى سۆزلەپ بېرەلەيدىغان بولۇش. تەبىئەتنى قوغداش، تەبىئەتنى سۆيۈش، كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش ھەققىدە ئەخلاق تەربىيە بېرىلىدۇ. مۇھىم نۇقتا: تېكسىتنى توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇيالايدىغان، يېڭى سۆزلەرنى چۈشىنەلەيدىغان بولۇش. قىيىن نۇقتا: رەسىمنى كۆزىتىپ، كۆزەتكىنى بويىچە چۈشەنچىسىنى سۆزلەپ بېرەلەيدىغان بولۇش. ئوقۇتۇش قورالى: دەرسلىك ئۈچۈن بېرىلگەن قىستۇرما رەسىم. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: كۆزىتىش، بايان قىلىش، چۈشەندۈرۈش، جاۋاپ بېرىش، گۇرۇپپىلار بويىچە مۇلاھىزە قىلىش ئۇسۇلى. ئوقۇتۇش جەريانى: يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: ساۋاقداشلار، سىلەر كۆچەت تىكىشنى ياخشى كۆرەمسىلەر؟ كۆچەت تىكىپ باققانمۇ؟ كۆچەتلەرنى قانداق پەرۋىش قىلىشىمىز لازىم؟ تەبىئەتنى كۆكەرتىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز لازىم؟ ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئىختىيارى جاۋاپ بېرىدۇ، ياخشى جاۋاپ بەرگەن ئوقۇغۇچىلار نومۇر قويۇش ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ، ھەمدە قىزىلگۈل سوۋغا قىلىنىدۇ، كام قالغان جايلارنى ئوقۇتقۇچى تۇلۇقلاپ بېرىدۇ. يېڭى بىلىم ئىگەللىتىش: ئوقۇتقۇچى دەرس تېمىسىنى دوسكىغا يېزىپ، ماۋزۇنى چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. كىتابىڭلارنى ئېچىپ تېكىستنى ئۆزەڭلار بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىڭلار. ئوقۇغۇچىلار كىتاپ ئوقۇشقا تەشكىللىنىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئۈلگە كۆرسىتىپ ئوقۇپ بېرىدۇ، ئاندىن تېكىست ئىچىدىكى يېڭى سۆزلەر چۈشەندۈرۈلىدۇ. كىتابىڭلارنىڭ 32-33-بەتلىرىنى ئېچىپ رەسىمنى تەپسىلى كۆزىتىپ چىقىڭلار، ئاندىن كۆزەتكىنىڭلار بويىچە چۈشەنچەڭلارنى سۆزلەپ بېقىڭلار. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى رەسىمنى كۆزىتىشكە، كۆز قارىشىنى سۆزلەشكە يېتەكلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە ئىككى پارچە رەسىمنى كۆزىتىپ چىقىپ چۈشەنچىلىرىنى سۆزلەيدۇ. ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى تۇلۇقلاش ئېلىپ بارىدۇ. تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاپ بېرىپ باقايلى. 1.تەبىئەتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن باھار پەسىلى كەلگەندە قانداق ئىشلارنى قىلىشمىز كېرەك؟ 2.كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟ ئۆز مەكتىپىڭلارنى، ئائىلەڭلارنى كۆكەرتىش ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلدىڭلار؟ ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارى جاۋاپ بېرىدۇ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەپ بېرىدۇ. مۇستەھكەملەش ۋە خۇلاسىلەش: ساۋاقداشلار، دەرس مەزمۇنىدىن نېمىنى ھېس قىلدىڭلار؟ نېمىنى چۈشەندىڭلار؟ كۆز قارىشىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىڭلار. ئوقۇغۇچىلار جاۋاپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى تۇلۇقلاش ئېلىپ بارىدۇ، بۇ تېكىستتە بىر كەنىت ھەققىدە ھېكايە سۆزلەنگەن بولۇپ، بۇ كەنىتتە دەسلەپ كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلغاندا ئەتراپ يېشىللىققا تولغانلىقى، كېيىن كېسىپ كۆچەت تىكىشنى بىلمەي بۇ كەنىت قاقاسلىققا ئايلىنىپ قالغانلىقى، ئاخىرىدا بوران، كەلكۈن ئاپىتى بىلەن بارلىق نەرسىلىرى غايىپ بولغانلىقى سۆزلەنگەن. بۇنىڭدىن شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، تەبىئەتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن كۆچەت تىكىشىمىز، ئورمانلارنى قالايمىقان كەسمەسلىكىمىز، ئەگەر بىرنىڭ ئورنىغا 10 نى تىكىشىمىز لازىم. تاپشۇرۇق مەزمۇنى: 1.كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟ تەبىئەتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ 2.كەلكۈن ئاپىتىدىن باشقا سىز يەنە قانداق ئاپەتلەرنى بىلىسىز؟ دوسكا لاھىيەسى 7-بىر كەنىت ھەققىدە ھېكايە بۇ كەنىت ئەسلىدە ناھايىتى گۈزەل ئىدى ، بۇ كەنىتتە دەسلەپ كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلغاندا ئەتراپ يېشىللىققا تولغانلىقى، كېيىن كېسىپ كۆچەت تىكىشنى بىلمەي بۇ كەنىت قاقاسلىققا ئايلىنىپ قالدى . دەرس تېمىسى 7. بىر كەنىت ھەققىدە ھېكايە (2-سائەتلىك) ئوقۇتۇش نىشانى: بىلىم ۋە ئىقتىدار نىشانى: تېكىست مەزمۇنىنى رەسىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەپ بېرەلەيدىغان، بىر كەنىتنىڭ ۋەيران بولۇشى ھەققىدىكى ھېكايە ئارقىلىق ئۆز يۇرتىنى قوغداش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. ئۇسسۇل ۋە جەريان: رەسىم مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بىر كەنىت ھەققىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بېرەلەيدىغان بولۇش. ھېسسىيات پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى نىشانى: كۆنۈكمە سوئاللارغا توغرا جاۋاپ بېرەلەيدىغان، گۇرۇپپىلار بويىچە مۇلاھىزە ئېلىپ بارالايدىغان بولۇش. تەبىئەتنى قوغداش، تەبىئەتنى سۈيۈش ھەققىدە ئەخلاق تەربىيە بېرىلىدۇ. مۇھىم نۇقتا: تېكىست مەزمۇنىنى بايان قىلىپ بېرەلەيدىغان بولۇش. قىيىن نۇقتا: تېكىست ئىچىدىكى يېڭى سۆزلەرنى جۈملە ئىچىدە قوللىنالايدىغان بولۇش. ئوقۇتۇش قورالى: دەرسلىك ئۈچۈن بېرىلگەن قىستۇرما رەسىم. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: كۆزىتىش، بايان قىلىش، چۈشەندۈرۈش، جاۋاپ بېرىش، گۇرۇپپىلار بويىچە مۇلاھىزە قىلىش. ئوقۇتۇش جەريانى: يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: ساۋاقداشلار، كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟ تەبىئەتنى قوغداش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ ئۆزىمىزنىڭ ئازغىنە پايدىمىزنى دەپ باشقىلارغا زىيان سالساق بولامدۇ؟ ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئىختىيارى بويىچە جاۋاپ بېرىدۇ. ئوقۇتقۇچى كام قالغان جايلارنى تۇلۇقلايدۇ. يېڭى بىلىم ئىگەللىتىش: ئالدى بىلەن تېكستنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقڭلار. ئوقۇغۇچىلار كىتاپ ئوقۇشقا يېتەكلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئۈلگە كۆرسىتىپ بىر قېتىم ئوقۇپ بېرىدۇ. تېكىستنى قايتا ئوقۇپ چىقتۇق، ئەمدى تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاپ بېرىپ باقايلى. بۇ كەنىتتە قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن؟ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن؟ ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارى جاۋاپ بېرىدۇ، ئوقۇتقۇچى تۇلۇقلاش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ كەنىتتە تىككەن كۆچەتلەرنى پەرۋىش قىلماقتا يوق تولا كېسىپ، ئاخىرى ئورمانلارتۈگەپ قاقاسلىققا ئايلىنىپ قالغان، ئورمان كېسىشنى بىلىپ، كۆچەت تىكىشنى بىلمىگەن، شۇڭا بوران، كەلكۈن ئاپىتىدە ۋەيران بولغان. گۇرۇپپىلار بويىچە بۇ كەنىتتە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى؟ نېمە ئۈچۈن بۇنداق چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلىپ بېقىڭلار؟ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى مۇزاكىرىگە تەشكىللەيدۇ، ئوقۇغۇچىلار مۇزاكىرىسىدىن كېيىن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە دەرسە مەزمۇنىنى تۇلۇقلاش ۋە خۇلاسىلەش ئېلىپ بارىدۇ. مۇستەھكەملەش ۋە خۇلاسىلەش: ساۋاقداشلار، سىلەر بۇ كەنىتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ قانداق ھېس-تۇيغۇغا كەلدىڭلار؟ بۇ تېكىستتىن نېمىنى چۈشەندىڭلار؟ ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى بىر-بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئوقۇتقۇچى تۇلۇقلاش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ كەنىتتىكى كىشلەر كۆچەت تىكىشنى بىلمەي، ئورمان كېسىشنى بىلگەچكە ئاشۇنداق ۋەيرانچىلىققا قېلىپ، ئاخىرى بۇ كەنىت غايىپ بولغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشىمىز كېرەككى، كەنتىمىزنى، مەكتىپىمىزنى، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ساقلاپ قالىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىشىمىز، بىر تۈپ ئورمان كەسسەك، چوقۇم ئورنىغا كۆچەت تىكىشىمىز، تەبىئەتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئورمان بىنا قىلىشىمىز، تەبىئەتنى قوغدىشىمىز لازىم. ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكى جۈمىللەرنىڭ توغرا، خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىپ باقايلى. 1.ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى كۆچەت تىكىش بايرام كۈنى. (√) 2.تەبىئەتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن گۈللەرنى كۆپ تېرىساقلا بولىدۇ. (×) تاپشۇرۇق مەزمۇنى: دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن: ‹‹كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلايلى›› دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە يېزىڭ. دوسكا لاھىيەسى 7-بىر كەنىت ھەققىدە ھېكايە كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلغاندا ئەترامىزدىكى مۇھىت گۈزەللىشىدۇ ئەگەردە دەل –دەرەخلەر قالايمىقان كىسىلسە ،خۇددى مۇشۇ كەنىتكە ئوخشاش چۆللىشىپ يوقىلىپ كىتىدۇ . -يىل -ئاي -كۈن دەرس تېمىسى 8. سوپسوپىياڭ ۋە تاغ قۇشقىچى (بىر سائەتلىك) ئوقۇتۇش نىشانى: بىلىم ۋە ئىقتىدار نىشانى: تېكىستنى پىششىق ئوقۇپ سوپسوپىياڭ بىلەن تاغ قۇشقىچىنىڭ قانداق قۇشلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قانداق قۇرتلارنىڭ كۈشەندىسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىش. تېكىست ئىچىدىكى يېڭى سۆزلەرنى چۈشىنىۋېلىش. ئۇسسۇل ۋە جەريان: رەسىمنى تەپسىلى كۆزىتىپ، كۆزەتكىنى بويىچە سۆزلەپ بېرەلەيدىغان، سوپسوپىياڭ ۋە تاغ قۇشقۇچىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان بولۇش. ھېسسىيات پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى نىشانى: كۆنۈكمە سوئاللىرىغا توغرا جاۋاپ بېرەلەيدىغان، سوپسوپىياڭ ۋە تاغ قۇشقىچىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆزىتىپ، چۈشەنچىسىنى سۆزلەپ بېرەلەيدىغان بولۇش. قۇشلارنى ئاسراش ھەققىدە ئەخلاق-تەربىيە بېرىلىدۇ. مۇھىم نۇقتا: تېكىستنى توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇيالايدىغان، تېكىست ئىچىدىكى يېڭى سۆزلەرنى چۈشىنەلەيدىغان بولۇش. رەسىمنى كۆزىتىپ، كۆزەتكىنى بويىچە ئۆز چۈشەنچىسىنى سۆزلەپ بېرەلەيدىغان بولۇش. ئوقۇتۇش قورالى: دەرسلىك ئۈچۈن بېرىلگەن قىستۇرما رەسىم. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: كۆزىتىش، بايان قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش، چۈشەندۈرۈش، خۇلاسە قىلىش ئۇسۇلى. ئوقۇتۇش جەريانى: يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: ساۋاقداشلار، سىلەر قۇشلارنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ قايسى قۇشلارنى بىلىسىلەر؟ بىلىدىغانلىرىڭلارنى ئېيتىپ بېرەلەمسىلەر؟ ئوقۇغۇچىلار بەس-بەس بىلەن بىلىدىغانلىرىنى ئېيتىشىدۇ. ياخشى جاۋاپ بەرگەنلەر تاللىنىپ نومۇر قويۇپ ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەپ بېرىدۇ. يېڭى بىلىم ئىگەللىتىش: ساۋاقداشلار، تېكىستنى ئۆزەڭلار بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىڭلار. ئوقۇغۇچىلار كىتاپ ئوقۇشقا يېتەكلىنىدۇ، ئوقۇتقۇچى ئۈلگە كۆرسىتىپ ئوقۇپ بېرىدۇ. ئەمدى تېكىست ئىچىدىكى يېڭى سۆزلەرنى چۈشىنىپ باقايلى. ھىيلىگەر-قۇۋ، تۈلكە ھەيران بولۇش-ھاڭ-تاڭ بولۇپ قېلىش بۈك-باراقسان-يېشىللىققا پۈركەلگەن جاي مەيىن شامال-ئىللىق شامال كىتابىڭلارنىڭ 37-بېتىنى ئېچىپ رەسىمنى تەپسىلىي كۆزىتىپ چىقىڭلار. ئاندىن كۆزەتكىنىڭلار بويىچە سۆزلەپ بېرىڭلار. ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىلار بويىچە رەسىمنى كۆزىتىپ چىقىدۇ. رەسىم مەزمۇنىنى سۆزلەشكە يېتەكلىنىدۇ. كام قالغان جايلارنى ئوقۇتقۇچى تۇلۇقلايدۇ. تېكىست مەزمۇنىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاپ بېرىپ باقايلى. 1.سوپسوپىياڭ ۋە تاغ قۇشقىچى قايسى مېۋىلىك دەرەختىكى قانداق زىيانداش قۇرتنى يوقىتىدۇ. 2.يۇپۇرماق قۇرتى ۋە سېرىق قوڭغۇز مېۋىلىك دەرەخلەرگە قانداق زىيان سالىدۇ؟ 3.مېۋىلىك دەرەخلەر سوپسوپىياڭ ۋە تاغ قۇشقىچىغا نېمە دەپ رەھمەت ئېيتىدۇ؟ ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئىختىيارى جاۋاپ بېرىدۇ، ئوقۇتقۇچى تۇلۇقلاپ بېرىدۇ. تاپشۇرۇق مەزمۇنى: دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن: تۆۋەندىكى بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ. 1.سوپسوپىياڭنىڭ ( ) دەرەخ ئاچىمىقىدا ئىكەن. ( ) دا بالىلىرى ئۇخلايدىكەن. ئۆزى يېنىدىكى شاختا ئولتۇرىدىكەن. 2.يۇپۇرماق قۇرتى ( ) قۇرت بەك ( ) ئۇ دائىم ( ) يەيدۇ. دەرستە ئاجىز ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن: تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ قارشى مەنىسىنى يېزىڭ. كىچىك- ئاستا- ئەسكى- ئىچى- ئېگىز- كېلىش 11- دەرس : يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس 1- سائەتلىك ئوقۇتۇش نىشانى: بىلىم ۋە ئىقتىدار نىشانى:تېكىستنى ئوقۇپ ئۆز تىلىغا ئايلاندۇرۇپ سۆزلەپ بىرەلەيدىغان بۇلۇش. تېكىستتە ئۇچىرغان يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى ۋە تېكىستىنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى پۇختا ئېگەللەش . جەريان ۋە ئۇسۇل : تېكىسىتمەزمۇنىنى پۇختا ئىگەللەپ ،مەسەلگە يۇشۇرۇنغان قائىدنى تۇرمۇش ئەمەلىيىتىمىزگە بىرلەشتۈرۈپ چۈشۈنۋېلىش. ھىسيات پوزۇتسىيە نىشانى: ئوقۇغۇچىلارغا كىچىگىدىن باشلاپ ھەر قانداق ئىش قىلغاندا ئويلىنۋېلىپ ئاندىن ئىش قىلىش،باشقىلرنىڭمۇ مەسىلىھەتىنى ئاڭلاش، ئىش قىلغاندا ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق توغىرىسىدا تەربىيە بىرلدۇ. مۇھىم نۇقتا: تېكىستنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى ۋە تېكىست ئىچىدىكى يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى پۇختا ئىگەللەش . قىيىن نۇقتا: تېكىستتە ئالغا سۈرۈلگەن ئىدىينى ئىگەللۋېلىش. ئوقۇتۇش قورالى: دەرسلىك ئۈچۈن بىرلگەن قىستۇرما رەسىم . ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: بايان قىلىش ،مۇلاھىزە قىلىش، چۈشەندۈرۈش ئىلھاملاندۇرۇش،گۇرۇپپىلار بۇيىچە مۇزاكىرە قىلىش.ھەمكارلىشىپ ئۈگۈنۈش. ئوقۇتۇش جەريانى : يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش:ساۋاقداشلار سىلەر مەسەل ئېيتلامسىلەر؟ قانداق مەسەللەرنى ئاڭلاپ باققان ۋە ئوقۇپ باققان؟قېنى قايسى ساۋاقداش ئۆزى ئاڭلىغان ۋە ئوقۇغان مەسەللەرنى ئېيتىپ باقىسىلەر؟ ئوقۇغۇچىلارنى ئىختىيارى ھالدا مەسەل ئېيتشقا تەشىكىللەش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلدۇ. يېڭى بىلىمنى ئىگەللىتىش: ساۋاقداشلار سىلەر مەسەل ئاڭلاشنى ياخشى كۆرەمسىلەر؟ئۇنداقتا بىز ‹‹ يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس›› دىگەن مەسەلنى بىرلىكتە ئۈگۈنەيلى بولامدۇ؟ دەرىس تىمىسى دوسكىغا يېزلدۇ. ساۋاقداشلار ئالدى بىلەن تېكستنى بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ چىقايلى بولامدۇ؟ ئوقۇتقۇچى ئۈلگە قىلىپ بىر قېتىم ئوقۇپ بېردۇ.ئارقىدىن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشقا يېتەكلىندۇ. ساۋاقداشلار يۇقىردا بىز تېكستنى بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ چىقتۇق.تېكىستتە سىلەر چۈشەنمەيدىغان ، سىلەرگە ناتۇنۇش بولغان قانداق يېڭى سۆزلەر بار ئىكەن؟ ئوقۇغۇچىلار ئاۋال ئۆزى چۈەنمىگەن يېڭى سۆزلەرنى ئوتۇرغا قۇيىدۇ. ئوقۇتقۇچى چۈشەندۈرۈو خۇلاسىلەش ئېلىپ باردۇ. يېڭى سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈش: چوت----كەكە رەندىلەش -------ياغاچنى قىرىش . شۇ ھامان ----دەرھال، ناھايتى تېز. ساۋقداشلار يۇقىردا بىز يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسنى ئىگەللىۋالدۇق.قېنى قايسىڭلار تېكىستنى ئۆز تىلىڭلارغا ئايلاندۇرۇپ بايان قىلىپ باقىسىلەر؟ بۇتېكىستتە قانداق مەزمۇن بايان قىلىنغان؟ ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارى ھالدا جاۋاپ بېردۇ، ئوقۇغۇچىلارنى پىكىر قاتناشتۇرۇشقا ، كۆپرەك سۆزلەپ تىل قابىليىتنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرلدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارى ھالدا سۆزلەپ بېقىشقا يېتەكلندۇ.ئاخىردا ئوقۇتقۇچى تۇلۇقلاپ خۇلاسىلەش ئېلىپ باردۇ. مۇستەھكەملەش ۋە خۇلاسىلەش: ساۋاقداشلار بۇتېكىستتە قانداق مەزمۇن بايان قىلىنغان؟ سىلەر بۇ تېكىستتىن نېمىنى چۈشنىۋالدىڭلار؟ بۇ تېكىستتە بىر ياغاچچى بالنىڭ يوغان بىر ياغاچنى ئۆيگە تۈۋرۈك قىلماقچى بولۇپ كېسىپ ئەكەلگەنلىكى ،ئىشنى ئويلىنىپ ئەستايدىل قىلماي بۇ ياغاچنى قايتا-قايتا كېسىپ رەندىلەش سەۋەبىدىن بۇ يۇغان ياغاچ ئاخىردا چىش كولىغۇچىلىك بولۇپ قېلىپ چىش كولاشقىمۇ يارىماي سۇنۇپ كەتكەنلىگى بايان قىلىنغان . بىز بۇ تېكىستتىن ھەر قانداق ئىش قىلغاندا ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق،باشقىلارنىڭ مەسلىھىتنى ئاڭلاپ،ئويلىنىپ ئىش قىلىش لازىملىقنى چۈشنىۋالدۇق. تاپشۇرۇق: بىلىم ۋە ئەقىل پاراسەتكە دائىر ماقال تەمسىلدىن بەشنى يېزىپ كېلىڭ دوسكا لايھىسى: 11- يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس تېكىستتە ئالغا سۈرۈلگەن ئىدىيە--- ھەر قانداق ئىش قىلغاندا ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق،باشقىلارنىڭ مەسلىھىتنى ئاڭلاپ،ئويلىنىپ ئىش قىلىش . -يىل -ئاينىڭ -كۈنى 11- يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس 2- سائەتلىك ئوقۇتۇش نىشانى: بىلىم ۋە ئىقتىدار نىشانى:تېكىستنى ئوقۇپ ئۆز تىلىغا ئايلاندۇرۇپ سۆزلەپ بىرەلەيدىغان بۇلۇش. تېكىستىنىڭ ئاساسى مەزمۇننى پۇختا ئىگەللەش. جەريان ۋە ئۇسۇل: تېكىسىت مەزمۇننى پۇختا ئىگەللەپ ،مەسەلگە يۇشۇرۇنغان قائىدنى تۇرمۇش ئەمىليىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چۈشۈنۋېلىش. ھىسيات پوزۇتسىيە نىشانى: ئوقۇغۇچىلارغا كىچىگىدىن باشلاپ ھەر قانداق ئىش قىلغاندا ئويلىنۋېلىپ ئاندىن ئىش قىلىش،باشقىلرنىڭمۇ مەسلىھىتنى ئاڭلاش، ئىش قىلغاندا ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق توغىرىسىدا تەربىيە بىرلدۇ. مۇھىم نۇقتا: تېكىستنىڭ ئاساسى مەزمۇننى ۋەتېكىستتىكى مۇھىم جۈملىلەرنىڭ مەنىسنى پۇختا ئىگەللەش. قىيىن نۇقتا: تېكىستتە ئالغا سۈرۈلگەن ئىدىينى ئىگەللۋېلىش. ئوقۇتۇش قورالى: دەرسلىك ئۈچۈن بىرلگەن قىستۇرما رەسىم . ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: بايان قىلىش ،مۇلاھىزە قىلىش، چۈشەندۈرۈش ئىلھاملاندۇرۇش،گۇرۇپپىلار بۇيىچە مۇزاكىرە قىلىش.ھەمكارلىشىپ ئۈگۈنۈش. ئوقۇتۇش جەريانى: يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش:ساۋاقداشلار بىز ئالدىنقى سائەتلىك دەرىستە قايسى تېكستنى ئۈگۈنۈپ ئۆتكەن ئىدۇق؟قېنى قايسى ساۋاقداش ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇننى ئەسلەپ باقىدۇ؟ ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارى ھالدا جاۋاپ بېرشكە يېتەكلىنىش ئارقىلىق ئالدنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن دەرىس ئەسلەتكۈزلۈپ يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلدۇ . يېڭى بىلىم ئىگەللىتىش: ساۋاقداشلار بىز ئالدىنقى سائەتلىك دەرسىمىزدە‹‹ يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس››دىگەن تېكىستنى ئۈگۈنۈپ ئۆتكەن ئىدۇق، بۇ تېكىستتە بىر ياغاچچى بالنىڭ ئىش قىلغاندا كاللا ئىشلەتمەي، باشقىلارنىڭ مەسلىھىتىنىمۇ ئاڭلىماي ئۆزى بىلگەننى قىلدىغانلىقى ، ئاخىردا بىر تۈپ يوغان دەرەخنى بىر چىش كولىغىچقىمۇ يارتالمىغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ ، سىلەر بۇ تېكىستنى ئوقۇغاندىن كېيىن قانداق تەسىراتقا كەلدىڭلار؟ياغاچچى بالىغا نېمە دىگۈڭلار بار؟ بۇندىن كېيىن ئىش قىلغاندا قانداق قىلىشنى ئويلاۋاتىسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن بۇ تېكىستكە‹‹يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس›› دەپ ماۋزۇ قۇيۇلۇپتۇ؟ ‹‹يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس›› دىگەن سۆز راستىنلا يەتتە قېتىم ئۆلچەپ بىر قېتىم كەس دىگەن مەنىنى بىلدۈرەمدۇ؟قېنى قايسى ساۋاقداش ئۆزنىڭ چۈشەنچىسنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقىدۇ؟ ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىلار بۇيىچە مۇزاكىرە قىلىپ چۈشەنچىسنى ئوتتۇرغا قۇيۇشقا يېتەكلنىدۇ. ئاخىردا ئوقۇتقۇچى يېتەرسىز كام جايلارنى تۇلۇقلاپ چۈشەندۈرۈپ خۇلاسىلەش ئېلىپ باردۇ. مۇستەھكەملەش ۋەخۇلاسىلەش: ‹‹يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس›› دىگەن سۆز راستىنلا يەتتە قېتىم ئۆلچەپ بىر قېتىم كەس دىگەن مەنىنى بىلدۈرەمدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ تېكىستكە‹‹يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس›› دەپ ماۋزۇ قۇيۇلغان؟ ‹‹يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس›› دىگەن سۆز يەتتە قېتىم ئۆلچەپ بىر قېتىم كېسىش دىگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ .بۇ سۆز ئوبدان ئويلىنىپ ئاندىن ئىش قىلىش، باشقلارنىڭ ماسلىھىتنىمۇ ئاڭلاش، ئىش قىلىشتا ئالدىراقسانلىق قىلما دىگەن مەنىنى چۈشەندۈردۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇتېكىستكە يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس دەپ ماۋزۇ قۇيۇلغان. تاپشۇرۇق: تېكىستنى چىرايلىق بىر قېتىم كۆچۈرۈپ يېزىڭ دوسكا لايھەسى: 11- يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس-----يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس دىگەن سۆز يەتتە قېتىم ئۆلچەپ بىر قېتىم كېسىش دىگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ .بۇ سۆز ئوبدان ئويلىنىپ ئاندىن ئىش قىلىش، باشقلارنىڭ ماسلىھىتنىمۇ ئاڭلاش، ئىش قىلىشتا ئالدىراقسانلىق قىلما دىگەن مەنىنى چۈشەندۈردۇ.
9.دەرس ؛ سەۋەپ قىلساڭ سىۋەتتە سۇ توختايدۇ 1- سائەتلىك ئوقۇتۇش نىشانى: بىلىم ۋە ئىقتىدار نىشانى: تېكىستنى پىشىق ئوقۇپ تېكىستنىڭ ئاساسى مەزمۇننى ۋە بوۋاي ئېيتقان سۆزنى ئەستە ساقلىۋېلىش. جەريان ۋە ئۇسۇل : تېكىست ۋەقەلىكنى ئۆز تىلىغا ئايلاندۇرۇپ تەرتىپلىك بايان قىلىپ بېرەلەيدىغان بولۇش. ھىسيات پوزۇتسىيە نىشانى: ئەقىل ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇش، ئەقىل ئىشلەتسىلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىشنىڭ يوقلىقىنى بىلۋېلىش. مۇھىم نۇقتا: تېكىستنىڭ ئاساسى مەزمۇننى، ‹. سەۋەپ قىلساڭ سىۋەتتە سۇ توختايدۇ ›› دىگەن ماقالنىڭ مەنىسنى پۇختا ئىگەللەش. قىيىن نۇقتا: تېكىست ۋەقەلىكنى ئۆز تىلىغا ئايلاندۇرۇپ تەرتىپلىك بايان قىلىپ بېرەلەيدىغان بولۇش . ئوقۇتۇش قورالى : دەرلىكتىكى مۇشۇ تېكىست ئۈچۈن بېرلگەن قىستۇرما رەسىم. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: كۈزتۈش ، بايان قىلىش، گۇرۇپپىلار بۇيىچە مۇزاكىرە قىلىش،ئىلھاملاندۇرۇش. ئوقۇتۇش جەريانى: يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش: ساۋاقداشلار مەن ئالدىنقى سائەتتە سىلەرگە ئەقىل ئىشلىتىشكە دائىر ماقال تەمسىللەرنى توپلاپ كېلىش تاپشۇرۇق بەرگەن ئىدىم قېنى قايسىڭلار ئۆزەڭلار توپلاپ كەلگەن ماقال- تەمسىللەرنى ئېيتىپ باقىسىلەر؟ ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى توپلاپ كەلگەن ماقال تەمسىللەرنى ئىختىيارى ھالدا ئېيتىپ بېردۇ. ساۋاقداشلار ئەقىل ئىشلىتىشكە دائىر ماقال-تەمسىللەرنى خېلى كۆپ بىلۋاپسىلەر ،لېكىن بۇ ماقال-تەمسىللەرنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقنى بىلەمسىلەر؟ قانداق كېلىپ چىققانلىقى توغىرىسىدا ئويلىشىپ باقتىڭلارمۇ؟ بىز بۈگۈن دەل مۇشۇنداق بىر ماقال تەمسىلنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن بىر مەسەلنى ئۈگەنمەكچى، بىلۋېلىشنى خالامسىلەر؟ يېڭى بىلىم ئىگەللىتىش: ‹‹سەۋەپ قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ››دىگەن دەرىس تېمىسى دوسكىغا يېزلدۇ. ساۋاقداشلار ماۋزۇنى ئوقۇدۇڭلار‹‹سەۋەپ قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ››دەپتۇ، تېكىستتىكى بالىلار قانداق قىلىپ سېۋەتتە سۇ توختاتقاندۇ؟ئۇنداقتا بىز تېكستنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىپ مەزمۇننى ئىگەللەپ باقايلى بولامدۇ؟ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى تېكىستنى ئوقۇشقا تەشكىللەپ ئۆزى بىر قېتىم ئۈلگە قىلىپ ئوقۇپ بېردۇ، ئاندىن ئوقۇغۇچىلەرنى كۈچ ئۇلاپ ئوقۇشقا يېتەكلەيدۇ. ساۋاقداشلار بىز تېكستنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتۇق ،ئۇندقتا قېنى قايسى ساۋاقداش تېكىست مەزمۇننى ئۆز تىلىغا ئايلاندۇرۇپ بايان قىلىپ بېرەلەيدۇ؟ ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرنىڭ چۈشەنچىسنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ، ئاخىردا ئوقۇتۇقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەرگەن جاۋاپلىرنى تۇلۇقلاپ خۇلاسىلەش ئېلىپ باردۇ. مۇستەھكەملەش ۋە خۇلاسىلاش: ‹‹سەۋەپ قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ›› دىگەن بۇ ماقالدا بۇرۇنقى زاماندا ئۆتكەن بىر بوۋاينىڭ كېسەل بۇلۇپ ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندا چوڭ ئوغىلنى چاقىرىپ ، سېۋەتتە سۇ ئەكىرشكە بۇيرىغانلىقى ، لېكىن چوڭ ئوغىلنىڭ سېۋەتتە سۇنى توختىتالماي ئەكىرەلمىگەنلىكى ، بوۋاي كىچىك ئوغىلنى سېۋەتتە سۇ ئەكىرشكە بۇيرىغاندا ، كىچىك ئوغىلنىڭ سېۋەتنى سېغىز لاي بىلەن سۇۋاپ ، سېۋەتتە لىق سۇ ئەكىرگەنلىكى ،بۇنى كۆرگەن بوۋاينىڭ رازىمەنلىك بىلەن كىچىك ئوغىلنىڭ پەم- پاراسىتىگە ئاپرىن ئوقۇپ ؛ مەن ئۆلەر ھالەتتە ياتمان ، مېنىڭ ۋەسىيتىم ئەقىل ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇڭلار ، سەۋەپ قىلساڭلار سېۋەتتە سۇ توختايدۇ،دىگەنلىكى ۋە ئۇزاق ئۆتمەي ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ، ئىككى ئوغىلنىڭ دادىسىنىڭ ۋەسىيتنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ ھەممە ئىشتا ئەقىل ئىشلىتىپ ئۆمۈرنىڭ ئاخىرغىچە بەخىتلىك ياشىغانلىقى،‹‹سەۋەپ قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ›› دىگەن ماقالنىڭ ئەنە شۇنىڭدىن قالغانلىقى سۆزلەنگەن. تاپشۇرۇق: ئۆزىڭىز ياخشى كۆردىغان ماقال- تەمسىلدىن بەشنى يېزىپ كېلىڭ دوسكا لاھيەسى: 9. ‹‹ سەۋەپ قىلساڭ سىۋەتتە سۇ توختايدۇ›› بۇ تېكىستتە- ئىككى ئوغىلنىڭ دادىسىنىڭ ۋەسىيتنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ ھەممە ئىشتا ئەقىل ئىشلىتىپ ئۆمۈرنىڭ ئاخىرغىچە بەخىتلىك ياشىغانلىقى،‹‹سەۋەپ قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ›› دىگەن ماقالنىڭ ئەنە شۇنىڭدىن قالغانلىقى سۆزلەنگەن. 9. ‹‹ سەۋەپ قىلساڭ سىۋەتتە سۇ توختايدۇ›› 2- سائەتلىك ئوقۇتۇش نىشانى: بىلىم ۋە ئىقتىدار نىشانى: تېكىستنى پىشىق ئوقۇپ تېكىستنىڭ ئاساسى مەزمۇننى ۋە بوۋاي ئېيتقان سۆزنى ئەستە ساقلىۋېلىش. جەريان ۋە ئۇسۇل : تېكىست ۋەقەلىكنى ئۆز تىلىغا ئايلاندۇرۇپ تەرتىپلىك بايان قىلىپ بېرەلەيدىغان بولۇش. ھىسيات پوزۇتسىيە نىشانى: ئەقىل ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇش، ئەقىل ئىشلەتسىلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىشنىڭ يوقلىقىنى بىلۋېلىش. مۇھىم نۇقتا: تېكىستنىڭ ئاساسى مەزمۇننى ‹‹ سەۋەپ قىلساڭ سىۋەتتە سۇ توختايدۇ ›› دىگەن ماقالنىڭ مەنىسنى پۇختا ئىگەللەش. قىيىن نۇقتا: تېكىست ۋەقەلىكنى ئۆز تىلىغا ئايلاندۇرۇپ تەرتىپلىك بايان قىلىپ بېرەلەيدىغان بولۇش . ئوقۇتۇش قورالى : دەرلىكتىكى مۇشۇ تېكىست ئۈچۈن بېرلگەن قىستۇرما رەسىم. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: كۈزتۈش ، بايان قىلىش، گۇرۇپپىلار بۇيىچە مۇزاكىرە قىلىش،ئىلھاملاندۇرۇش. ئوقۇتۇش جەريانى: يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: ساۋاقداشلار بىز ئالدنقى سائەتتە قايسى دەرسنى ئۈگۈنۈپ ئۆتكەن ئىدۇق؟ قېنى قايسى ساۋاقداش ئالدنىقى سائەتتە ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇننى بىزگە سۆزلەپ بېرەلەيدۇ؟ ئوقۇغۇچىلارنى ئىختىيارى ھالدا ئالدنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن دەرس مەزمۇننى سۆزلىتىپ ئەسلەتكۈزۈش ئارقىلق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرلدۇ . يېڭى بىلىم ئىگەللىتىش: ساۋاقداشلار بىز ئالدنقى سەئەتلىك دەرسىمىزدە‹‹ سەۋەپ قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ›› دىگەن تېكستنى ئۈگۈنۈپ ئۆتكەن ئىدۇق ،ئۇندقتا قېنى قايسى ساۋاقداش تېكىست مەزمۇننى قايتا بايان قىلىپ بېرەلەيدۇ؟ گۇرۇپپىلار بۇيىچە مۇزاكىرە قىلىپ ھەربىر گۇرۇپتىن بىردىن گۇرۇپ ۋەكىلى ئوتتۇرغا قۇيۇپ بېقىڭلار قايسى گۇرۇپ ۋەكىلى ئەڭ ياخشى ئوتتۇرغا قۇيلايدۇ؟ ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىلار بۇيىچە مۇزاكىرە قىلىپ ،ھەر بىر گۇرۇپتىن بىردىن ۋەكىل تېكىست مەزمۇننى قايتا بايان قىلىپ گۇرۇپپىلار ئارا مۇسابىقىلەشتۈرلدۇ،ھەمدە ياخشى بايان قىلىپ بەرگەن گۇرۇپپا ئالقىشلىنىپ رىغبەتلەندۈرلدۇ. ئاخىردا ئوقۇتقۇچى كام يېتەرسىز جايلارنى تۈزتىپ خۇلاسە قىلىپ بېردۇ. مۇستەھكەملەش ۋە خۇلاسىلەش: ساۋاقداشلار ‹‹ سەۋەپ قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ›› دىگەن بۇ ماقالدا قانداق مەزمۇن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن؟ بۇ ماقالدا ھەر قانداق ئىشقا يولۇققاندا كاللىمزنى ئىشلىتىشىمىزنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلىگى ، كاللا ئىشلەتسەكلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىشنىڭ يوقلىقى سۆزلەنگەن . تاپشۇرۇق: دوسكا لاھيەسى: 9- سەۋەپ قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ ‹‹سەۋەپ قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ ›› دىگەن بۇ سۆزنىڭ مەنسى--- ئەقىل ئىشلەتسەڭ ھەر قانداق قىيىن ئىشنىڭ ئامالى تېپىلدۇ.
11-ياخشى چارە ئشنىڭ يېرىمى (1-سائەتلىك) ئوقۇتۇش نشانى : بىلىم ئىقتىدار نشانى : تېكستىنى دىئالوگلار غا دېققەت قىلدىغان ئاساستا پىششق ، ھېسياتلىق ئوقۇش تېكستىنىڭ مەزمۇننى پۇختا ئگەللەش ئۇسۇل ۋە جەريان : ئوقۇغۇچىلار كۈزۈتۈش، تەسەۋۋۇر قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلق تېكستە ئۇچۇرغان يېڭى سۆزلەرنى چۈشۈنۋېلىش ۋە ئالاقىدا قولنالايدىغان بولۇش . ھېسيات ۋە قىممەت قارىشى نشانى : ياخشى چارە تېپىپ جۈرئەتلىك ئشلگەندىلا ئاندىن ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولدىغانلىقىنى بېلېۋېلېش يەنە تېكستە قۇلنلدىغانلىقىنى چۈشنىش ئوقۇغۇچلارغا جۈرئەتلىك بۇلۇش باتۇر بۇلۇش ھەققدە تەربيە بىرىلىدۇ. دەرىس سائىتى: 1-سائەتلىك دەرىس لاھىيەسى. مۇھىم نوقتا: تېكستىنى ئۆز تىلىغا ئايلاندۇرۇپ ، سۆزلەپ برەلەيدىغان بۇلۇش . قىيىن نوقتا : تېكستە ئپادىلەنگەن ئدىۋى ھسياتنى چۈشىنىش . ئوقۇتۇش قۇرالى : كتابتىكى قىستۇرما رەسىم . ئوقۇتۇش ئۇسۇلى : تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى ،ھەمكارلىشىپ ئۆگۈنۈش ئۇسۇلى. ئوقۇتۇش جەريانى: يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش : بىز ئالدىنقى سائەتلەردە بىر قانچە ئبرەتلىك ھېكايلەرنى ئۆگنىپ ئۆتتۇق . ئەمدى بۈگۈنكى بۇھېكايىدە يەنە قانداق مول مەزمۇنلار باردۇ ؟ ئوقۇپ باقايلىمۇ ؟ ئوقۇغۇچلار تېكستنى ئوقۇشقا رەسملەرنى كۈزىتشكە ئويۇشتۇرۇلدۇ.قىننى قايسىڭلار ئغزچە بايان قىلىپ برەيسلەر ؟ ئوقۇغۇچلار دىن بىر قانچىنى سۆزلەپ باقىدۇ . ئوقۇتقۇچى تېكستنى جانلىق ئەدەبى تىلدا بىرقېتىم ئوقۇپ بىرىدۇ ۋە مەزمۇنى چۈشەندۇرۈلدۇ . بىر پارچە پىشىق ئوقۇش تېكستى بولۇپ تېكستە چاشقانلارنىڭ مۈشۈكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر ئامال تاپقانلقىنى يەنى مۈشۈككە قوڭغۇراق ئسپ قۇيۇپ مۈشۈك چاشقانلارغا يېقنلاشقاندا قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازنى ئاڭلاپ بەدەر تكۋەتمەكچى بولغانلغى لېكىن قوڭغۇراقنى مۈشۈكنىڭ بوينىغا قوڭغۇراقنى ئسپ قۇيۇشقا جۈرئەت قلغۇدەك برسمۇ چىقماي مۈشۈكلەرمۇ بۇرۇنقدەكلا چاشقانلارنى يېۋەتكەنلىكى سۆزلەنگەن .ئوقۇغۇچلارغا ياخشى چارە بولغان بلەن ئورۇنداشقا جۈرئەت قىلالمسا ھچقانداق ئشنى ۋۇجۇتقا چقارغىلى بۇلمايدىغانلقى شۇڭا جۈرئەتلىك بولۇش ھەققىدە تەربىيە بىرىلدۇ . تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنسنى چۈشنۋالايلى . مەككار –قۇۋ ۋىجىك – ئۇرۇق . چارە – ئامال. بەس سېلىش – ھۇرۇنلۇق قلىش بەدەر تكۋېتىش –قېچىپ كېتىش . مۇستەھكەملەش : ساۋاقداشلار چاشقانلار مۈشۈككە تاقابىل تۇرۇشنىڭ قانداق چارسنى ئويلاپ تاپتى ؟ كىم تاپتى ؟ ئوقۇغۇچلار بلگەنلىرى بويچە جاۋاپ بېرىدۇ .ئوقۇتقۇچى چۈشەندۈرۈپ خۇلاسە قىلىدۇ . تاپشۇرۇق : دوسكا لاھيەسى :
-يىلى -ئاينىڭ -كۈنى 11- ياخشى چارە ئشنىڭ يېرىمى بىلىم ئىقتىقدار نشانى :تېكستنى دىئالوگلارغا دېققەت قلغان ئاساستا پىششق ھھېسياتلىق ئۇقۇش . تېكستنىڭ مەزمۇننى پۇختا ئگەللەش . ئۇسۇل ۋە جەريان :ئوقۇغۇچىلار كۈزتىش، تەسەۋۋۇر قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلق تېكستە ئۇچۇرىغان يېڭى سۆزلەرنى چۈشۈنۋېلېش ۋە ئالاقدا قولنالايدىغان بۇلۇش. ھېسيات پوزتىتىسيە ۋە قىممە قارىشى نشانى :ياخشى چارە تېپىپ ئشلگەندىلا ئاندىن نەتىجنى قولغا كەلتۈرگلى بولدىغانلقنى بلۋېلى-ش. ئوقۇغۇچلارغا جۈئەتلىك بولۇش ،باتۇر بۇلۇش ھەققدە تەربىيە بېرىلدۇ . دەرىس سائىتى: 2-سائەتلىك دەرىس لاھىيەسى. مۇھىم نۇقتا :تېكستنى ئۆز تلغا ئايلاندۇرۇپ سۆزلەپ بېرەلەيدىغان بۇلۇش . قىيىن نوقتا :تېكستە ئپادلەنگەن ئدىۋى ھېسياتنى چۈشۈنۈش . ئوقۇتۇش قۇرالى : كتابتىكى قىستۇرما رەسىم : كۈزتىش ئۇسۇلى : تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى ،ھەمكارلىشىپ ئۆگۈنۈش ئۇسۇلى ، يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش : بىز ئالدىنقى سائەتلەردە ياخشى چارە ئشنىڭ يېرىمى دېگەن دەرسنى ئۆگەنگەن ئىدۇق . ئۆگەنگنىمىز بويچە تۆۋەندىكى سوئاللارىغا جاۋاپ بىرىپ باقايلى . چاشقانلار نېمە ئۈچۈن قوڭغۇراقنى مۈشۈكنىڭ بوينىغا ئېسپ قويالمدى ؟ ئوقۇغۇچلار ئختيارى پىكىر قىلىدۇ ؟ ساۋاقداشلار مەشقلەرنى ئشلەپ باقايلى . قايسڭلار بوش ئورۇننى تولدۇرالايسلەر ؟ چاشقانلار مۈشۈكنىڭ بوينىغا قوڭغۇراق ئسپ قويايلى ،دەپ مەسلھەتلىشپتۇ . مۈشۈك بەك (مەككار) ئۇنىڭدىن قۇتۇلغىلى بولماسمىكىن . چاشقانلار بىر – بىرىگە (بەس سېلشقا ) باشلاپتۇ . ئوقۇغۇچلار مۇستەققىل تولدۇرۇپ باقىدۇ .ئۇقۇتقۇچى تۇلۇقلاپ تۇزتىدۇ .ئەمدى تۆۋەندىكى بوش ئورونلارغا سۆز تۈزۈپ باقايلى . قۇتلۇق –ئىش مۈكۈپ – تۇرۇش ئامال – تېپىش ۋەسيەت –قىلىش ئالتۇن – قوڭغۇراق ئەمگەك – قىلىش يۇقارقى سۆز بىرىكمىلىرىنى ئاۋال ئوقۇغۇچلار ئۇيلاپ تاپدۇ .ئوقۇتقۇچى تۇلۇقلايدۇ . مۇستەھكەملەش :چاشقانلارنىڭ ھازىرغىچە مۈشۈكتىن قۇتۇلالمغانلىقىنىڭ سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ بېقىڭ .ئوقۇغۇچلار ئختيارى پىكىر قىلىدۇ . ئوقۇتقۇچى تۇلۇقلاپ چۈشەندۈرۈپ خۇلاسە قلىدۇ . ئوقۇغۇچلارغا جۈرئەتلىك بولۇش ، باتۇر بۇلۇش ھەققدە تەربىيە بېرىلدۇ. تاپشۇرۇق: يانداشما مەشىق دوسكا لاھىيەسى:
|
|