كۆرۈش: 88|ئىنكاس: 0

مەكتەپنىڭ ئۈنۈملۈك دەرىسخانا ئۇقۇتۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سايرام بازارلىق يېڭباغ مەكتەپنىڭ ئۈنۈملۈك دەرىسخانا ئۇقۇتۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش
دەرىسلىك ئىسلاھاتىنىڭ يولغا قۇيۇلىشىغا ئەگىشىپ ئۇقۇتقۇچلارنىڭ دەرىسلىك چوڭقۇر تەھلىل قىلىشى يىتەرلىك بولمايۋاتىدۇ چۈنكى ئۇقۇتقۇچى دەرىسلىكتىكى بىرىلگەن مەزمۇنلار پىششىقلاپ ئۇقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بىرىشتە ئالدىن تەييارلايدىغان دەرىس تەييارلىغىغا خېلى كۆپ كۈچ سەرىپ قىلغان بولسىمۇ ئۈنۈملۈك دەرىسخىانا ئۇقۇتۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئەھمىيەت بىرىشىمىز يىتەرلىك ئەمە ئۈنۈمى تۈۋەن بولماقتا بۇنىڭدىكى مەسىللەرنى تۈۋەندىكىدەك ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۈتۈمەن.
1.بىزنىڭ دەرىسلىك ماتىريالىنى ئانالىز قىلىپ دەرىسلىكتە بىرىلگەن مەزمۇنلارنى ئۇقۇغۇچىلارغا پىششىقلاپ يەتكۈزۈپ بىرىشىمىز يىتەرلىك ئەمەس.
2.بىزنىڭ دەرىسلىك ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ دەرىس تەييارلاشقا ئەھمىيەت بەرمەي،ئىزدەنمەي كونا دەرىس تەييارلىغدىن پايدىلنىپ دەرىس تەييارلاش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇش ئارقىلىق دەرىس تەييارلاشتىن ئىبارەت شەرىتنى ئادا قىلىش،رەسمىيەتچىلىك بىلەن دەرىس تەيارلاش ئېلىپ بېرىشىمىزدىكى شەكىلۋازلىق.
3.باشلانغۇچ مەكتەپلەردە پەن ئۇقۇتقۇچلىرنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ئۇقۇتقۇچلار كەسىپ بۇيچە دەرىس ئۈتۈش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىش دەرىسخانا ئۇتۇششىدا ئىزدىنىشنىڭ كەمچىللىكى،دەرىسخانا ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىدا يېڭىچە ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى بارلىققا كەلتۈرەلمەسلىك جەھەتتىكى مەسىللەر.
5. 40مىنۇتلۇق دەرىس ۋاقتىنى ئۇقۇتقۇچى دەرىس سۆزلەشكە ئىگەللىۋېلىپ ئۇقۇغۇچىلارنى مەشىقلەندۈرۈش ئېلىپ برىشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك 40مىنۇت ئۇقۇتقۇچى سۆزلىگەن دەرىسنى ئۇقۇغۇچىلار ھەزىم قىلالماسلىق مەسىللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش كەمچىل.
6.ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدە ئۇقۇتۇش خىزمىتى مەكتەپ خىزمىتىدىكى مەركىزى خىزمەت بولسىمۇ قۇشۇمچە ئىشلەيدىغان خىزمەتلەرنىڭ كۆپلۈگىدىن ئۇقۇتقۇچلار ئۇقۇتۇش خىزمىتىدە دەرىس ئۈتۈش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئۇقۇغۇچىلارنى ئۈگۈنىشكە يىتەكلەش،كۇنسۇلتاتسىيە قىلىش.چۈشۈنەلمىگەن نۇقتىلارنى قايتا چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ۋاقىت يىتۈشتۈرەلمەسلىك سەۋەبىدىن دەرىسخانا ئۇقۇتۇش جەھەتتە ئىزدىنىشى يىتەرلىك ئەمەس.
7.مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ دەرىسلىك ئىسلا قىلنىپ تېمىشماق خارەكتىرلىك مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن بۇلۇپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈرىنى قوزغاشنى مەقسەت قىلغان ئاساستا تۈزۈلگەن بۇلۇپ ئۇقۇتقۇچلارنىڭ يىتەكلەشكە ۋاقىت يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن دەرىسخانا ئۇقۇتۇشىدا يېڭىچە ئۇقۇتۇش ئەندىزىسنى پايدىلنىشقا ئەھمىيەت بىرىشى يىتەرلىك بولمايۋاتىدۇ.
8.ھازىرقى دەرىسخانا ئۇقۇتۇش ئەندىزىدە تەكىتلەۋاتقىنى ئۇقۇتقۇچى20مىنۇت دەرىس ئۈتۈش قالغان20مىنۇتتا ئۇقۇغۇچىلارنى مەشىقلەندۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يىتەكلەش دىگەن تەلەپكە ماسلىشالماي 40مىنۇتتا ئۈزى سۆزلەپ بىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىدۇ
9.ئۇقۇتقۇچلارنىڭ دەرىس تەييارلىغنىڭ كۆپلۈگىدىن دەرىس تەييارلاش،تاپشۇرۇق بىرىپ تەكشۈرۈش خاتاسىنى قايتا ئىشلەتكۈزۈشكە كوپ ۋاقتى كىتىپ دەرىسخانا ئۇقۇتۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ  قوللۇنۇپ بېقىپ ئۈنۈمى قانداق بۇلۇدۇ بۇ جەھەتتە ۋاقىت ئاجىرتالماسلىق تۈپەيلىدىن بىزنىڭ دەرىسخانا ئۇقۇتۇشىدا يېڭىلىق يوق دىيەرلىك.
10.ئۈنۈملۈك دەرىسخانا ئۇقۇتۇشنى يولغا قويمىغاندا ئۇقۇتۇش ئۈنۈمىنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ يەنى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە تۇردىغان ۋاقتىدىن ئۆيدە تۇردىغان ۋاقتى كۆپ ئائىلىگە بىرىلگەن تاپشۇرۇقنى ئۇقۇغۇچىلار ئائىلدە ھەل قىلالماي كىلدىغان ئەھۋال ئېغىر چۈنكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى دىھقان-چارۋىچى بولغاچقا ھازىرقى دەرىسلىكنىڭ تەلىۋىنى چۈشۈندىغانلار 10%گە يەتمەيدۇ شۇڭا ئائىلگە بىرىلگەن تاپشۇرۇقنى ئۇقۇغۇچلار ھەل قىلالماي قالسا ئاتا-ئانىسى ياردەم بىرەلمىگەنلىكتىن ئۇقۇتۇش ئۈنۈمى تۈۋەن.
11.ئۈنۈملۈك دەرىسخانا ئۇقۇتۇشنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇقۇتقۇچى 40مىنۇتلۇق دەرىس ۋاقتىدا دەرىسنىڭ ئاساسى مەزمۇنى سۇئال شەكلىدە ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۇقۇغۇچىلارنى مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللەپ سۇئال ئۈستىدە مۇلاھىزە يۇرگۈزۈپ ئۆزىنىڭ مۇلاھىزىدىنكى قاراشلىرنى ئوتتۇرغا قويغۇزۇش ئاخردا ئۇقۇتقۇچى شۇ سائەتلىك دەرىستىن بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك زۈرۈر بىلىملەرنى خۇلاسىلاش ئاساسىدا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت دەرىسخانا ئۇقۇتۇش ئەندىزىسنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمىز.
12.ئۈنۈملۈك دەرىسخانا ئۇقۇتۇش ئەدىزىسدە تۈۋەندىكى نۇقتىلار ئۈستىدە ئەتراپلىق ئويلۇنۇش كىرەك يەنى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ھالدا قوزغاتقىلى بۇلىدۇ؟
1) ئوقۇتقۇچى ئاۋال ئوقۇتۇش ئوسۇلى ۋە ئوقۇتۇش جەريانى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.
ئوقۇتۇش ئوسۇلى بولسا   ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش مەقسىتى توغرىسىدىكى ۋەزىپىلەرنى ئۇرۇنلاش ئۈچۈن قوللانغان پائالىيەت شەكلى بۇلۇپ، ئۇ ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەقسىتىنى ئشىقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان بارلىق ئوقۇتۇش ۋاستىسى ،ئوقۇتۇش   تېخنىكىسى ،ئوقۇتۇش  قوراللىرى  ۋە ئوقۇتۇش يوللىرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملىرى  ۋە ئوقۇتۇشتىكى ئاساسى تەلەپلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ نەتىنجىلىك بۇلۇش-بولماسلىقىغا، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە ۋە ئوقۇغۇچىلارنى قانداق ئادەم قىلىپ تەربىيلەشكە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.شۇنىڭ  ئۈچۈن  ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىش-بەرمەسلىك، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش-پايدىلىنالماسلىق   ئوقۇتۇش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئوقۇتۇش ۋەزىپىلىرنى ئۇرۇنداش- ئۇرۇندىيالماسلىقتىكى مۇھىم ھالقا  ھىساپلىنىدۇ . ئوقۇغۇچىلارغا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپرەك بىلىم - ماھارەت ئىگەللىتىپ، چوڭقۇر ئىدىيۋى تەربىيگە ئىگە قىلىپ، ئەتراپلىق تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك بولغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش لازىم. شۇڭا ئوقۇتقۇچى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئوقۇتۇش جەريانى توغرىسىدا ئەتىراپلىق ئىزدىنىپ، ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى، پىسخىكىلىق ساپاسى، قىزىقىشى، بىلىم قۇرۇلمىسىغا ماس كېلىدىغان ئوقۇتۇش جەريانىنى تېپىپ چىقىشى لازىم ئۇنداق قىلالمايدىكەن ئوقۇغۇچىلارنى قوزغىتىشتىن سۆز ئاچقىلى، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ
2) ئوقۇتقۇچى دەرىس ئۆلچىمى، دەرسلىك ۋە دەرسلىك مەزمۇنىنى ياخشى چۈشىنىپ، ئوقۇتۇش نىشانى ۋە ئوقۇتۇش جەريانىنى پۇختا لاھىيەلەش، ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم، قىيىن نۇقتىلارنى ئېنىق ئايرىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش چارىسىنى پۇختا ئىگەللەش كېرەك.
3)بۇ مەزمۇنلار ئوقۇتۇش نىشانى- ئوقۇتۇشتىكى مەقسەت ياكى ئومۇمىي نىشاندىن ئىبارەت بۇلۇپ، مۇرەككەپ ئوقۇتۇش پائاليىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يالغۇزلا تومتاق ھالدىكى پىرىنسىپاللىق نىشان بۇلۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. نىشاننى پۈتكۈل ئوقۇتۇش پائاليىتى سېستىمىسىدىكى ھەر قايسى تارماقلارغىچە ئەمىللەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئەمەلىي ئوقۇتۇش پائاليىتىگە ماسلاشتۇرۇش كېرەك. بۇ يەردە شۇنى كۆرسىتىپ ئۈتۈش كېرەككى، ئوقۇتۇش نىشانى گەرچە ئالدىن بەلگىلەنگەن كونكىرت نەتىنجە ۋە ئۆلچەم بولسىمۇ ئۇ ھامان بەلگىلىك دەرس مەزمۇنىنى ۋاستە قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئوقۇتۇش نىشانىنىڭ بىكىتىلىشى بىلەن دەر مەزمۇنلىرنىڭ تاللىنىشى ئۆز-ئارا زىچ مۇناسىۋەلتىك بۇلىدۇ. ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنىڭ ئۇرۇنلىنىشى ئوقۇتۇش نىشانىنىڭ ئىشقا ئاشقان ياكى ئىشقا ئاشمىغانلىقىنى ياكى قايسى دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ
4) سۇئاللارنىڭ تەكرار سورىلىشى، دوگما، قاتمال بۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش، دەرسكە مۇناسىۋەتسىز سۇئاللارنى دەرسخانا ئىچىگە سۆرەپ كىرمەسلىكى، قىزىقارلىق سۇئاللارنى سوراشقا ماھىر بۇلۇشى، سۇئاللارنى پارچىلاشقا ۋە پارچە سۇئاللارنى يىغىشقا ماھىر بۇلۇشى لازىم.
5) سۇئال سوراش ئۇسۇلى  بولسا  ئوقۇغۇچىلارنى قوزغىتىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەمۇھىم شەكلىىرنىڭ بىرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە دەرس مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى چىقىش قىلىپ، ئىجادى سۇئاللارنى ئوتتۇرغا قۇيۇش، ئۇلارنى قوزغۇتۇشقا بىۋاستە يېتەكلەش ئۇسۇلىدۇر . ئەڭ مۇھىمى ئوقۇتقۇچى سۇئاللارنى پارچىلاپ پارچە سۇئاللار ئاساسىدا دەرس مەزنىنى خۇلاسە قىلالىسا ئوقۇغۇچى ئەڭ كەڭ دائىردىكى پىكىر قىلىش سۇرۇنىغا ئىگە بولالايدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ ئۈنۈملۈك قوزغىتىشتا سۇئال ئوتتۇرغا قۇيۇشقا ماھىر بۇلۇش كېرەك.
6)ئوقۇتقۇچى  ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق بەرگەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى چىقىش قىلىپ تاپشۇرۇق بىرىشكە ماھىر بولىشى كېرەك .
يىغىپ ئېيىتقاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى، پىسخىكىلىق ساپاسى، قىزىقىشى، ھەۋىسى، ئىندۇۋدال ئالاھىدىلىكى بىلەن دەرسلىك مەزمۇنلىرىنى زىچ ماسلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش پىروگراممىسىنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ، ئوقۇتۇش نىشانىنى ئەتراپلىق لاھىيەلەپ، سۇئاللارنى كونكىرتلاشتۇرۇشقا ماھىر بولغاندىلا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ ئۈنۈملۈك قوزغاتقىلى بۇلىدۇ


سايرام بازارلىق يېڭباغ مەكتەپ
2015-يىل12-ئاينىڭ22-كۈنى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش