| مەملىكىتىمىزنىڭ ئاساسىي مائارىپ دەرس ئىسلاھاتى 2001-يىلدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 9 يىللىق مۇساپىنى بىسىپ ئۆتتى. مۇشۇ جەرياندا مەن نۇرغۇن تەربىيلەشلەرگە قاتناشتىم. يېڭى دەرس ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى نۇرغۇن ماتىرىياللارنى كۆردۈم ھەم ئۈگەندىم ۋە باشقىلارغىمۇ تەربىيلەشلەردە سۆزلىدىم. لىكىن بۇ جەريانلاردا بىر مەسىلە تولۇق ھەل بولماي كىلىۋاتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ «دەرس ئىسلاھاتى» ئاتالغۇسى بىلەن «دەرسلىك ئىسلاھاتى» ئاتالغۇسى مەيلى بەزى رەھبەرلەرنىڭ نوتىقىدا بولسۇن، مەيلى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاتاشلىرىدا بولسۇن، ئالماشتۇرۇلۇپ قويىلىۋاتىدۇ. ھەتتا بەزى نەشىرىيات ئورۇنلىرى نەشىر قىلغان كىتاپلارنىڭ نامىدىمۇ دەرس ئىسلاھتى دىمەي دەرسلىك ئىسلاھاتى دەپ ئاتىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت. بۇگۈن ئەتىگەن پىچان مائارىپ تورىنى زىيارەت قىلىۋىتىپ، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات دىگەن سەھىپە ئىچىدىمۇ يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى دىگەن ئاتالغۇنى كۆرۈپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ يازمىنى يازاي دىگەن ئوي پەيدا بولۇپ قالدى. ھەممەيلەنگە مەلۇم بۇ قىتىمقى دەرس ئىسلاھاتى پەقەت دەرسلىكنىڭ ئىسلاھ قلىنىشى بولۇپلا قالماستىن ئۇ نۇرغۇن جەھەتلەردىكى يەنى دەرسلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى، دەرس باشقۇرۇش، دەرس، ئوقۇتۇش قارىشىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى، باھالاشنىڭ ئۆزگۈرىشى..... قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا دەرسلىك ئىسلاھاتى دىسەك بۇ پەقەت دەرسلىكتىكى ئۆزگۈرۈشنىلا بىلدۈرۈپ قويىدۇ. دەرس ئىسلاھاتى دىگەندە بۇ قىتىمقى مائارىپتىكى ئىسلاھاتنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. كەڭ مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇستازلارنىڭ يۇقارقى ئىككى ئاتالغۇنى توغرا ئىشلىتىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن تەۋىسىيە قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى ئاتالغۇلار ئۈستىدىمۇ ئويلىنىپ بىقىشىنى، ئۇلارنىڭ ئىنىقلىمىسىنى بىلىۋىلىشى سورايمەن
|
|