كۆرۈش: 62|ئىنكاس: 0

دەرستە ئارقىدا قېلىشنى مەڭگۈلۈك دېيىشكە بولمايدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دەرستە ئارقىدا قېلىشنى مەڭگۈلۈك دېيىشكە بولمايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچى دەرستە ئەڭ ئالدىدا مېڭىشى مۈمكىن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستە ئارقىدا قېلىشى قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇقى ئۇلارنى كەمسىتىش، ئۇلارغا كۆيۈنمەسلىك، سەمىمىيلىك بىلەن ياردەم قىلماسلىقتۇر.
    ئوقۇتۇش، تەلىم- تەربىيە ئىلمىي، شۇنداقلا سەنئەت بولۇپ، بىلىم، ئىقتىدار، قابىلىيەت، ئەخلاق-پەزىلەت تەربىيەدىن كېلىدۇ. مېنىڭچە دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشتە:& O' ~5 ?, y2 w) u$ [! q' Y& q4 `
    ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىگە تېنچ – ئىتتىپاقلىق ئائىلە ۋە ئۆگىنىش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىشى، ئاتا-ئانىلار مەكتەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ، بالىلارنى تەلەپچان باشقۇرۇشى، بالىلىرىنىڭ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، لاياقەتلىك تەربىيەلىنىشىگە كۆڭۈل بولۇشى كېرەك. ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلەر بىلەن باراۋەرلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، ياخشى ئائىلە كەيپىياتى بەرپا قىلىپ، ھەممە ئىشتا پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولۇپ، تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشتە ياخشى ئادەت شەكىللەندۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.
    ئوقۇتقۇچى ‹‹ئۈچ ئالدىدا بولۇش››نى ئورۇنداش كېرەك. يەنى: ئوقۇتقۇچى دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن دەرسخانىدا سۆزلىتىشتە ئالدىدا، تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرۈشتە ئالدىدا، ئايرىم يېتەكلەشتە ئالدىدا بولۇش كېرەك. ئۇلارنى ‹‹دۆت››، ‹‹مىڭ ئەجىر قىلغان بىلەنمۇ ئۆزگەرمەيدۇ››، ‹‹ئالغا ئىلگىرىلىشىدە ئۈمىد يوق›› دەپ قارىماي، ئۇلارنى سەۋرچانلىق، ئىنچىكىلىك بىلەن يېتەكلىشى، دەرسخانىدىكى مەشىق، دەرستىن سىرتقى مەشىق ۋە تاپشۇرۇقلاردا باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش تەلەپ قويماي، ئۇلارغا ئۆزىنى ئىپادىلەش پۇرسىتى بېرىپ، ياخشى تەرەپلىرىنى ۋاقتىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، مۇۋەپپەقىيەت شادلىقىدىن بەھرىمەن قىلىشى كېرەك. بالىلاردا تېرىشچانلىق، ئىشچانلىق، چىدامچانلىق، ئىنتىلىشچانلىق ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيەسى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئۈمىدلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەشتە، بالىلارغا ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشى ۋە ئۇلارغا ئىلھام بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل ئۆگىنىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئوقۇغۇچىنى مەلۇم بىر دەرسكە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىدا كۈچلۈك جەلپ قىلىش مېتودى بولۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچى دەرسخانا ۋە دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا كۆپرەك دىققەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش پوزىتسىيەسى، ئادىتى ۋە ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە قانداق مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ئىگىلەپ، نىشانلىق يېتەكلەپ، ئۆگىنىش پوزىتسىيەسىنى توغرىلاپ، توغرا بولغان ئۆگىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈشىگە ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئوقۇتقۇچى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئاساسەن توغرا بولسا ئۇنى قوللاپ، رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئېشىپ، مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان، مۇھىمى مۇستەقىل ئۆگىنەلەيدىغان، ئوقۇتقۇچىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلىشىپ، دۇچ كەلگەن مەسىلىلەردە ياردەم تەلەپ قىلىدىغان بولىدۇ.
    قىسقىسى، ئوقۇتقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا توغرا ئىدىيە، يۈكسەك مەسئۇلىيەت، قىزغىن مۇھەببەت بولسىلا، دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلار قاتارىغا كىرگۈزگىلى بولىدۇ.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش