كۆرۈش: 76|ئىنكاس: 0

دەرس دىگەن نىمە؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دەرس دىگەن نىمە؟
دەرس كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئۇقۇم، لىكىن ئۇنىڭ زادى نىمىلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىملار كۆپ ئىزدەنگەن بولسىمۇ، كۆپچىلىك قوبۇل قىلغان، بىرلىككە كەلگەن ئىنىقلىما تىخى بارلىققا كەلمىدى. لىكىن، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا بارلىققا كەلگەن ئىنىقلىمىلارنى بىرلەشەشتۈرگەندە، كەڭ ۋە تار مەنىدىن تۆۋەندىكىچە ئىنىقلىما بىرىشكە بولىدۇ.
كەڭ مەنىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا، دەرس ئوقوغۇچى مەكتەپتە ئىرىشىدىغان تەجرىبىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ پەنلەرنىڭ مەقسەتلىك، پىلانلىق تەسىس قىلىنىشى، ئوقوتۇش پائالىيىتى، ئوقوتۇش جەريانى، دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ھەم مەكتەپ مۇھىتى ۋە ھاۋاسىنىڭ تەسىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يەنە بىر جەھەتتىن ئىيتقاندا، كەڭ مەنىدىكى دەرس مەكتەپ دەرس جەدىۋىلىدە (دەرس سەتكىسىدە) كۆرسىتىلگەن رەسمىي دەرسلەردىن باشقا، ئوقوغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلىرى ھەم ئوقوغۇچىلارنىڭ پۈتكۈل مەكتەپ تۇرمىشىغا ئاستا-ئاستا تەسىر كۆرسىتىدىغان مەكتەپ مەدەنىيىتىدىكى تۈزۈملەشمىگەن تەرەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدا دەرسلىك كىتاپتىكى بىلىم مەزمۇنىدىن باشقا، ئوقوغۇچىنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلىرىمۇ ئېنىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئوقوغۇچىنىڭ بىلىمى بىلەن تەجرىبىسى ئۈزلۈكسىز بىرلەشتۈرۈلىدۇ.
تار مەنىدىن ئالغاندا، دەرس ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەرنىڭ تەربىيلەش نىشانىغا يىتىش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان پەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەقسىتى، مەزمۇنى، دائىرىسى، پائالىيەت، جەريان قاتارلىقلارنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئاساسەن ئوقوتۇش پىلانى، دەرس ئۆلچىمى، دەرسلىكتە گەۋدىلىنىدۇ.
پەن دىگەن نىمە؟
پەن ئادەتتە ئوقوتۇلىدىغان پەنلەرنى، يەنى مەلۇم قۇرۇلما بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان بىلىم،ۋە تېخنىكا سىسىتىمىسىنى، تۈپ ئوقوتۇش بىرلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئوقوتۇش مەزمۇنى دىگەن نىمە؟
ئۇ مەكتەپ تەربىيىسى جەريانىدىكى تۈپ ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئوقوتۇش جەريانىدا ئوقوتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىدە ۋاستىلىك رول ئوينايدۇ. مەكتەپنىڭ ئوقوتۇش مەزمۇنى ئوقوتۇش پىلانى، ئوقۇتۇش پىروگراممىسى(دەرس ئۆلچىمى) دەرسلىك ياكى كونسىپىك، پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كونكېرت شەكىللەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان بىلىم، تېخنىكا، قىممەت قارىشى ۋە قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
ئوقوتۇش پىلانى دىگەن نىمە؟
ئۇ دەرسنىڭ سىستېما قۇرۇلمىسى، دۆلەت ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈش ئۆلچىمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۆگىنىلىدىغان پەنلەر ۋە ئۆگىنىش دائىرىسى توغرىسىدا چىقارغان ھۆججەت بولۇپ، ئۇنىڭدا ئادەتتە ئۆتىلىدىغان پەنلەر، ئوقۇتۇش تەرتىپى، پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇش ۋاقتى، ئوقۇش يىلى ۋە دەۋرى بەلگىلىنىدۇ.
دەرس ئۆلچىمى دىگەن نىمە؟
ئۇ ئالاقىدار پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇشىغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان پروگرامما خاراكتىرلىق ھۆججەت بولۇپ، ئۇنىڭدا پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇش مەقسىتى، ۋەزىپىسى، مەزمۇنى، دائىرىسى، سىستېمىسى، ئوقۇتۇش جەريانى، ۋاقىتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەلەپ ۋە تەكلىپ قاتارلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
دەرسلىك كىتاپ دىگەن نىمە؟
ئۇ دەرس سىستېمىسىنىڭ بىلىم مەزمۇنى، دەرس ئۆلچىمىدىكى تەلەپ بويىچە پەن مەزمۇنى سىسىتېمىلىق، ئىخچام بايانا قىلىنغان ئوقۇتۇش قوللانمىسىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭدا دەرس ئۆلچىمى كونكېرتلاشتۇرۇلىدۇ.
شۇڭا، دەرس پەنلەرنىلا ئەمەس، بەلكى باشقا پائالىيەت مەزمۇنلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دەرس ئوقوتۇش مەزمۇنىنىڭ ئۆزى بولۇش بىلەنلا قالماي، ئۇنىڭدا ئوقۇتۇش مەزمۇنى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئوقۇتۇش جەريانى قاتارلىقلار بەلگىلىنىدۇ. دەرسىنى ئوقوتۇش پىلانى، دەرس ئۆلچىمى ۋە دەرسلىك كىتاب بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا تىخىمۇ بولمايدۇ، دەرسنى يۇقۇرىدا تىلغا ئىلىنغان ئۇقۇملار بىلەن سىلىشتۇرغاندا، ئۇ دائىرىسى خىلىلىلا كەڭ ئۇقۇم.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش