كۆرۈش: 199|ئىنكاس: 1

ئەخلاق ۋە تۇرمۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  باشلانغۇچ مەكتەپ5– يىللىقلارنىڭ 2  - ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە جەمئىيەت دەرسنىڭ 10- سائەتلىك تەييارلىقى      
        دەرس تەييارلىغۇچى                 تەييارلىغان ۋاقتى        2011-يىلى  -ئاينىڭ  -كۈنى
ئۈتىدىغان ۋاقتى        2011-يىلى3-ئاينىڭ 29-كۈنى        ئوقۇتۇش تۇرى         
دەرس تېمىسى        2-بۆلەك .1-دەرس .قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان يېمەك-ئىچمەك،كىيىم –كېچەك ۋە تۇرالغۇ توغرىسىدا پاراڭلار(1)
ئوقۇتۇش نىشانى
1- بىلىم ۋە ماھارەت :جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يىمەك-ئچمەك مەدىنىيىتىنى بىلىۋېلىش  
2- ئىقتىدار نىشانى: ئېلىمىزنىڭ يىمەك-ئچمەك مەدىنىيتىنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان بولۇش
3- ھىسيات ۋە پۇزۇتسىيە:  قەدىمكىلەرنىڭ يېمەكلىك ئەھۋالىنى چۈشۈنۈش، ئىنسانلارنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتىنى بىلىش.  
مۇھىم نوقتا: جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ يېمەك ئىچمىكىدە قانداق ئوخشىماسلىق بارلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان بولۇش
قىيىن نوقتا:  قەدىمكىلەرنىڭ يېمەكلىك ئەھۋالىنى چۈشۈنۈش، ئىنسانلارنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتىنى بىلىش.   
ئوقۇتۇش قۇرال         
ئوقۇتۇش جەريانى
1.يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش : ساۋاقداشلار ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن باشقا مىللەتلەر نىڭ يېمەك-ئىچمىكىدە قانداق ئوخشىماسلىقلار بار ؟بىلىدىغانلىرىڭلارنى ئېيتىپ بېقىڭلار ؟ دېگەن سوئالنى سوراپ جاۋاب بېرىشكە يېتەكلەش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ .
2.يېڭى دەرسنى يەتكۈزۈش جەريانى :1)ساۋاقداشلاركىتابنىڭ 31-32-33-بېتىدىكى رەسىملەرنى كۆزىتىپ  ھەم مەزمۇنلارنى ئوقۇپ بېقىڭلار .(ئوقۇغۇچىلار بىر قېتىم رەسىمنى كۆزەتكەچ مەزمۇننى ئوقۇپ چىقىدۇ)
ساۋاقداشلار« تائام مەدەنىيىتى » قانداق شەكىللەنگەن ؟ئېلىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تائام مەدەنىيىتىدە قانداق ئوخشىماسلىقلار بار ؟دېگەن سوئال ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئارا مۇھاكىمە قىلىشقا ،سۆزلىشىشكە ،ھېس قىلغانلىرىنى    ئوتتۇرىغا قويۇشقا يېتەكلەپ  ھەربىر مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى،تارىخى ۋە مەدەنىيىتى پەرقلەنگەنلىكى ئۈچۈن ،ھەرخىل تائام مەدەنىيىتى شەكىللەنگەن ،ئېلىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ئۇن تاماقلىرىنى ،گۈرۈچ تاماقلىرىدىن پولو قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىدۇ،خەنزۇلار گۈرۈچ تاماقلىرى ۋە سەي تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ،بېلىقلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىدۇ  دېگەنلەرنى خۇلاسىلاپ چىقىشقا يېتەكلىنىدۇ.
2)31-32-بەتتىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇشقا يېتەكلەش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى ياراتقانلىقى،تاماق ئۈستىلىدىكى ئەقىل –پاراسەتنىڭ نەقەدەر ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ،ئېلىمىز بىلەن غەربنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنىڭ قانداق پەرقلىنىدىغانلىقىنى كىتابنى ئوقۇش ،رەسىملەرنى كۆزىتىش ،ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق خۇلاسىلاپ چىقىلىدۇ.  
نىشانغا يېتىشنى سىناش باسقۇچى :
تاڭزۇڭزا بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى ئېيتىپ بېرىڭ؟   دېگەن سوئال ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارنى    مۇلاھىزە قىلىشقا ،ھېس قىلغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا يېتەكلەش ئارقىلىق تاڭزۇڭزا بايرىمى قەدىمكى دەۋردىكى چۈيۈەننى خاتىرىلەش ئۈچۈن بارلىققا كەلگەنلىكىنى كىتابتىكى ماتىرىيالنى ئوقۇش ئارقىلىق   خۇلاسىلاپ چىقىشقا يېتەكلىنىدۇ.
خۇلاسە:بۇ سائەتلىك دەرس ئارقىلىق ھەربىر مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى،تارىخى ۋە مەدەنىيىتى پەرقلەنگەنلىكى ئۈچۈن ،ھەرخىل تائام مەدەنىيىتى شەكىللەنگەن ،ئېلىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ئۇن تاماقلىرىنى ،گۈرۈچ تاماقلىرىدىن پولو قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىدۇ،خەنزۇلار گۈرۈچ تاماقلىرى ۋە سەي تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ،بېلىقلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىدۇ دېگەنلەرنى  ئىگەللىۋالىدۇ،ھەم قەدىمقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېسىل-ئەخلاقىي پەزىلىتىدىن ئۆگىنىپ تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ كەلگۈسى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىلىدۇ.
مەشق     لاھىيەسى
تېمىسى: ئۆزۈڭلار بىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ قانداق ئۆزگىچە تائام مەدەنىيىتى بار ؟
مەخسەت: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىش روھىنى يىتىلدۈرۈش.
تەلەپ: دەرستىن سىرتقى ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىش
تەكشۇرۇش ۋە خۇلاسە: تاللاپ تەكشۈرۈپ ،خۇلاسىلىنىدۇ.
تەستىقلىغۇچى                -يىلى- ئاينىڭ- كۈنى

  مەكتەپ5– يىللىقلارنىڭ 2  - ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە جەمئىيەت دەرسنىڭ 11- سائەتلىك تەييارلىقى      
        دەرس تەييارلىغۇچى                 تەييارلىغان ۋاقتى        2011-يىلى  -ئاينىڭ  -كۈنى
ئۈتىدىغان ۋاقتى        2011-يىلى4-ئاينىڭ 1-كۈنى        ئوقۇتۇش تۇرى        ئېلىكتىرلىك  
دەرس تېمىسى        2-بۆلەك .2-دەرس .قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان يېمەك-ئىچمەك،كىيىم –كېچەك ۋە تۇرالغۇ توغرىسىدا پاراڭلار(2)
ئوقۇتۇش نىشانى
1- بىلىم ۋە ماھارەت : قەدىمكىلەرنىڭ كىيىم-كېچك ئەھۋالىنى بىلىش  
2- ئىقتىدار نىشانى: قەدىمدىن ھازىرغىچە كىشىلەر كىيىم-كېچەككە ئىشلەتكەن رەختلەرنىڭ تەرەققىياتىنى بىلش   
3- ھىسيات ۋە پۇزۇتسىيە: قەدىمقى زاماندىكى ھايۋانات تېرىسى ۋە يوپۇرماقلار بىلەن بەدىنىنى يېپىشتىن ھازىرقى پارلاق كىيىم –كېچەك مەدەنىيىتىنى  ياراتقانلىقىنى ھېس قىلىش ھازىرقىدەك تۇرمۇشنى قەدىرلەش توغرىسىدا تەربىيىگە ئىگە قىلىش
مۇھىم نوقتا: قەدىمدىن ھازىرغىچە كىشىلەر كىيىم-كېچەككە ئىشلەتكەن رەختلەرنىڭ تەرەققىياتىنى بىلش   
قىيىن نوقتا:   ئىنسانلارنىڭ ھازىرقى پارلاق كىيىم –كېچەك مەدەنىيىتىنى ياراتقانلىقىدىن ئىنسانلارنىڭ ئەقىل –پاراسىتىنى چۈشىنىش   
ئوقۇتۇش قۇرال         كومپيۇتېر،تېلىۋىزور ،ئوپتىك دىسكا
ئوقۇتۇش جەريانى
1.يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش : ساۋاقداشلاركىيىم –كېچەكتىن تارىخقا نەزەر سالساق بۇرۇنقى ئەجدادلار بىلەن ھازىرقى ئۆزىمىزنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىشتۇرساق قانداق تەرەققىياتلار بولدى  ؟بىلىدىغانلىرىڭلارنى ئېيتىپ بېقىڭلار ؟ دېگەن سوئالنى سوراپ جاۋاب بېرىشكە يېتەكلەش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ .
2.يېڭى دەرسنى يەتكۈزۈش جەريانى :1)قەدىمدىن ھازىرغىچە كىشىلەر كىيىم-كېچەككە ئىشلەتكەن رەختلەردە قانداق تەرەققىياتلار بولدى ؟ھازىر كىشىلەر قانداق رەختتىن كىيىم كىيىۋاتىدۇ؟دېگەن سوئال ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئارا مۇھاكىمە قىلىشقا ،سۆزلىشىشكە ،ھېس قىلغانلىرىنى    ئوتتۇرىغا قويۇشقا يېتەكلەپ  قەدىمقى زاماندا كىشىلەر  ھايۋاناتلا تىرىسىدىن كىيىم  تىكىپ كىيگەن ،ياۋا كەندىر غولىدىن يىپ ئىگىرىپ كاناب توقۇغان ،كېيىن يىپەك رەختلەرنى توقۇشنى بىلگەن ھەم تىكىپ كىيگەن(ساۋاقداشلار ئېكرانغا قاراڭلار  بۇ نېمىدىن پايدىلىنىپ تىكىلگەن كىيىملىكىنى كۆزىتىپ بېقىڭلار )،پاختا تېرىپ پاختىدىن يىپ ئىگىرىپ ،رەخت توقۇپ كىيىم تىكىپ كىيگەن .ھازىر بولسا پاختا ،يىپەك ،كاناب كىيىملەردىن سىرت يەنە يۇڭ ،خېمىيىۋى تالا ،نانو ماتىرىياللاردىن تىكىلگەن كىيىملەر بار ،قەدىمدە قولدا توقۇشتىن ھازىر ماشىنا ئارقىلىق توقۇشقا تەرەققىي قىلغان .دېگەنلەرنى خۇلاسىلاپ چىقىشقا يېتەكلىنىدۇ.
2)كىشىلەر نېمە ئۈچۈن يېڭى كىيىم –كېچەك ماتىرىياللىرىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرىدۇ؟ئوقۇغۇچىلارنى 34-35-بەتلەردىكى رەسىملەرنى كۆزىتىش ،ئوقۇش ،گۇرۇپپىلار بويىچە مۇھاكىمە قىلىشقا يېتەكلەپ كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقان ئېھتىياجنى قامداش ،سۈپەتنى تېخىمۇ ياخشىلاش ،زىيانسىز مەھسۇلاتلارنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن پارلاق كىيىم –كېچەك مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرماقتا .دېگەنلەرنى  خۇلاسىلاپ چىقىشقا يېتەكلىنىدۇ.

خۇلاسە:بۇ سائەتلىك دەرس ئارقىلىق قەدىمقى زاماندا كىشىلەر  ھايۋاناتلا تىرىسىدىن كىيىم  تىكىپ كىيگەن ،ياۋا كەندىر غولىدىن يىپ ئىگىرىپ كاناب توقۇغان ،كېيىن يىپەك رەختلەرنى توقۇشنى بىلگەن ھەم تىكىپ كىيگەن ،پاختا تېرىپ پاختىدىن يىپ ئىگىرىپ ،رەخت توقۇپ كىيىم تىكىپ كىيگەن .ھازىر بولسا پاختا ،يىپەك ،كاناب كىيىملەردىن سىرت يەنە يۇڭ ،خېمىيىۋى تالا ،نانو ماتىرىياللاردىن تىكىلگەن كىيىملەر بار ،قەدىمدە قولدا توقۇشتىن ھازىر ماشىنا ئارقىلىق توقۇشقا تەرەققىي قىلغان دېگەنلەرنى  ئىگەللىتىش ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارغا ھازىرقىدەك گۈزەل ،بەختىيار ،باياشاتلىققا تولغان دەۋرنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئۆگىنىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىلىدۇ.
مەشق     لاھىيەسى
تېمىسى:چوڭلارنىڭ بۇرۇن قانداق كىيىملەرنى كىيگەنلىكىنى سوراپ كېلىڭلار  ؟
مەخسەت: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىش روھىنى يىتىلدۈرۈش.
تەلەپ: دەرستىن سىرتقى ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىش
تەكشۇرۇش ۋە خۇلاسە: تاللاپ تەكشۈرۈپ ،خۇلاسىلىنىدۇ.
تەستىقلىغۇچى                -يىلى- ئاينىڭ- كۈنى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-2-7 14:29:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەييارلىقىنى تەييارلاش ئۇچۇن  كۆپ ئەجىر قىلىپىسز،تەشەككۇر
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش