كۆرۈش: 475|ئىنكاس: 8

مەكتەپنىڭ ئىشچى خىزمەتچىلەر ئۇنۇم مۇئاشىنى تارقىتىش لايىھەسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
XXX مەكتەپنىڭ ئىشچى خىزمەتچىلەر نەتىجە ئۇنۇم مۇئاشىنى تارقىتىش لايىھەسى

مەكتىپىمىزنىڭ نەتىجە  ئۈنۈم مائاشىنى تارقتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، «ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىدە ئۈنۈم مائاشى تارقىتىشنى يولغا قويۇش پىكرى» (ش ئۇ ئا ر ھ ئى [2009] 144- نومۇر) ۋە «مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلارنى ئۈنۈم مائاشى بويىچە باھالاشنى يولغا قويۇش پىكرى» (ش ئۇ ئا ر م ن [2009] 53- نومۇر) نىڭ روھىغا ئاساسەن،مەكتىپىمىز  ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ مەكتىپىمىزنىڭ نەتىجە ئۇنۇم ئىش ھەققىنى تارقىتىش لايىھەسىنى تۇزۇپ چىقتۇق .
بىرىنچى، يېتەكچى ئىدىيە
ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، مەكتىپىمىزنىڭ  ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىلمىي، قېلىپلاشقان كىرىم تەقسىمات مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئۈنۈم مائاشىنىڭ پىشاڭلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچىلەرگە بولغان رىغبەتلەندۈرۈش ۋە چەكلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۇتۇرۇش .
ئىككىنچى، ئۈنۈم باھالاش پىرىنسىپى
1. قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئادەمنى ئاساس قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش. مائارىپ قانۇنىيىتىگە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيىلىشىنىڭ كەسىپچانلىقى، ئەمەلىيەتچانلىقى، ئۇزۇن مۇددەتلىكىدىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈش  .
2. ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئەمەلىي نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىش پىرىنسپىدا چىڭ تۇرۇش. ئۈنۈم باھالاش مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى ئەمەلىي نەتىجىسى، ئىپادىسى ۋە تۆھپىسىگە ئەھمىيەت بېرىش    .
3. كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ ئېلىش، نەتىجىسى ياخشىلارغا ياخشى تەمىنات بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش. بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئوقۇتۇش، ئادەم تەربىيىلەش خىزمىتىگە جان- دىل بىلەن ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش    .
4. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش. ئۈنۈم باھالاش ۋە مۇكاپات خاراكتېرىدىكى ئۈنۈم مائاشى تارقىتىشتا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇشتا، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش    .
5. ئۇبيېكتىپ، ئادىل، باراۋەر، ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش. ئۈنۈم باھالاش، تەقسىمات جەريانىدا ئاشكارا، ئادىل تەدبىر بەلگىلەپ، تەرتىپنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئادىل، باراۋەر، ئاشكارا بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش   .
ئۈچىنچى، ئۈنۈم باھالاشنى يولغا قويۇش ئوبيېكتى
مەكتىپىمىزنىڭ  شىتات ۋە ئىش ئورنىدا بار بولغان بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر .
تۆتىنچى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاش مەزمۇنلىرى
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاشنىڭ ئاساسى مەزمۇنى: «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى»، «توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى»، «مائارىپ قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، مەكتەپ بېكىتكەن ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ۋە خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتىكى ئەمەلىي نەتىجىسى. جۈملىدىن ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىقتىدارى، خىزمەت ئىپادىسى ۋە خىزمەتتىكى ئەمەلىي نەتىجىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى  ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1. ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى
ئاساسلىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ سىياسىي مەيدانى، سىياسىي ئىپادىسى؛ مائارىپقا دائىر قانۇن- نىزاملار، مەكتەپنىڭ قائىدە- تۈزۈملىرى ۋە ئوقۇتۇش ھەرىكەت قائىدىسىگە رىئايە قىلىش ئەھۋالى؛ ئۆز كەسپىگە بولغان تونۇشى، كەسىپنى ھۆرمەتلەش روھى ۋە كەسىپچانلىقى؛ شەرەپ- نومۇس قارىشى، كەسپى ئەقىدىسى ۋە باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش ئەھۋالى؛ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان پۇزۇتسىيىسى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى؛ ئومۇمىيلىق ئېڭى ۋە ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش روھى قاتارلىقلار باھالىنىدۇ. بۇ تۈردىكى باھالاشتا ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى دىنىي پائالىيەتلەرگە ۋە قانۇنسىز تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشى، ھەرقانداق سەۋەب، ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىشىنى قەتئىي مەنئى قىلىشنى شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى لاياقەتلىك قىلىپ باھالاشتىكى زۆرۈر تەلەپ قىلىش كېرەك.
2. ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىقتىدارى
بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەخلاق تەربىيە، ئوقۇتۇش خىزمىتى، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى، كەسىپ جەھەتتىكى ئەھۋاللىرى باھالىنىدۇ. بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ:
1) ئەخلاق تەربىيە ئىقتىدارى: ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋى ئەھۋالىنى بىلىش، ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارى، مەھەللە (كەنت كومىتېتى)، ئاتا- ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى، ئۆتۈۋاتقان دەرسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەخلاق تەربىيەسىنى سىڭدۈرۈپ مېڭىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.
2) ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىقتىدارى: ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسلىك ماتېرىيالىنى ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى، يېڭى دەرسلىك ئىسلاھا- تىدىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا ماس كېلىدىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ۋە زامانىۋى ئوقۇتۇش تېخنىكا ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى يولغا قويۇش ئىقتىدارى، ئۆز مەكتىپىنىڭ دەرسلىكلىرىنى دادىل تەسىس قىلىپ ۋە تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيەتلىرى ياكى تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسلەرنى تەسىس قىلىش، لېكسىيە ئويۇشتۇرۇش قاتارلىق ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.
3) تەتقىقات ئىقتىدارى: ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ۋە ئىسلاھاتى بىلەن شوغۇللىنىش، ئوقۇتۇش تەتقىقات ماقالىسى يېزىش، ئوقۇ- ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ھەمدە پىششىقلاش ئاساسىدا ئۆز كەسپى ھەققىدە ئويلىنىش ۋە باھا چىقىرىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.
4) كەسپى تەرەققىيات ئىقتىدارى: ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسىپكە دائىر ئىلمىي بىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، كەسپى ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىقتىدارى، ئوقۇ- ئوقۇتۇشتىكى يېڭى ئىدىيىلەرنى ئىگىلەش ۋە قوللىنىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.
3. خىزمەت ئىپادىسى
بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆز مەسئيۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى ھەرىكىتى، جۈملىدىن ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمەت مىقدارى، ئەخلاق تەربىيە خىزمىتى، دائىملىق ئوقۇتۇش خىزمىتى، سىنىپ مۇدىرىلىق خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىش ئەھۋالى قاتارلىقلار باھالىنىدۇ.
1) ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمەت مىقدارى: ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇ- ئوقۇتۇشتا ئۈستىگە ئالغان خىزمەت ۋەزىپىسى، مەكتەپنىڭ يوقلىما تۈزۈمىگە رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ.
2) ئەخلاق تەربىيە خىزمىتى: ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزى ئۆتۈۋاتقان دەرسنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئەخلاق تەر- بىيە خىزمىتىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ.
3) دائىملىق ئوقۇتۇش خىزمىتى: ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش ئەھۋالى، مۇھىمى دەرس تەييارلاش، دەرس ئۆتۈش، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش، دەرس تەكرارلاپ بېرىش، ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق دائىملىق ئوقۇتۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئەھۋالى، دەرسلىك ئىسلاھاتى ئەمەلىي پائالىيەتلىرى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئەھۋالىنى كۆر- سىتىدۇ.
4) سىنىپ مۇدىرىلىق خىزمىتى: ئوقۇتقۇچىنىڭ سىنىپ مۇدىرىلىق خىزمىتىنى پائال ئۈستىگە ئېلىش، سىنىپ ئىستىلى، ئوقۇتۇش ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ.
4. خىزمەت نەتىجىسى
ئاساسلىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىش ئورنى مەسئۇلىىتىنى ئادا قىلىش نەتىجىسى، جۈملىدىن تەربىيىلەش ئۈنۈمى، ئوقۇتۇش ئۈنۈمى، ئوقۇتۇش تەتقىقات نەتىجىسى قاتارلىقلار باھالىنىدۇ.
1) تەربىيىلەش ئۈنۈمى: ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى ھەرىكەت ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىشى، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى كۆرسىتىدۇ.
2) ئوقۇتۇش ئۈنۈمى: ئوقۇتقۇچىنىڭ دۆلەت بېكىتكەن ئوقۇتۇش نىشانى ۋە ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسى مائارىپ سۈپەت تەلىپىگە يېتىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ.
3) ئوقۇتۇش تەتقىقات نەتىجىسى: ئوقۇتقۇچىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى تەشكىللىگەن كۆرەك دەرسى، ئوچۇق دەرس ئاڭلاش ۋە دەرسلىك تەتقىقاتى پائالىيەتلىرى، ئۆ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقاتى، تېما تەتقىقاتىغا قاتنىشىش ئەھۋالى، دەرسلىك تەتقىقات ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىش، مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا دەرس تەكرارلاپ بېرىشتە مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ.
4) ئىلغار ياكى مۇنەۋۋەر بولۇپ باھالىنىش ئەھۋالى.
بەشىنچى، مەمۇرىي باشقۇرغۇچىلار، سىنىپ مۇدىرلىرى، ئارقا سەپ خادىملىرى ۋە ئوقۇتۇش ياردەمچىلىرىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاش
1. مەكتەپ مەسئولى ۋە ئۇتتۇرا قاتلام كادىرلېرىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاش مەزمۇنلىرى ئاساسلىقى ئەخلاق، ئىقتىدار، تىرىشچانلىق، نەتىجە، پاكلىقتىن ئىبارەت بەش تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1) ئەخلاق. بۇنىڭدا ئاساسىلىقى مەكتەپ مەسئولى ۋە ئۇتتۇرا قاتلام كادىرلېرىنىڭ ، ئىش ئورنىنى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەش، ئىدىيىۋى سىياسى ساپاسى، پەزىلىتى، كەسپى ئەخلاقى ۋە بەنزە قۇرۇلۇشى، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش، دىننىڭ مەكتەپكە سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئەھۋالى باھالىنىدۇ.
2) ئىقتىدار. بۇنىڭدا ئاساسلىقى مەكتەپ مەسئولى ۋە ئۇتتۇرا قاتلام كادىرلېرىنىڭ ئوقۇتۇش باشقۇرۇش، مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيىسى ۋە مائارىپ ئىدىيىسى؛ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، مەكتەپنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، دېمۇكراتىك باشقۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش ۋە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش، تۈزۈم قۇرۇلۇشى؛ خىزمەت تەپەككۇر يولى، تەدبىرلىرى؛ ئوقۇتقۇچىلارنى كەسىپنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش جەھەتلەردىكى ئىقتىدارى باھالىنىدۇ.
3) تىرىشچانلىق. بۇنىڭدا ئاساسلىقى مەكتەپ مەسئولى ۋە ئۇتتۇرا قاتلام كادىرلېرىنىڭ ، ئۈستىگە ئالغان مەمۇرىي خىزمەت مىقدارى، دەرس ئېلىش، قوشۇمچە دەرس ئۆتۈش ئەھۋالى ھەمدە يۇقىرىنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالى باھالىنىدۇ.
4) نەتىجە. بۇنىڭدا ئاساسلىقى مەكتەپ مەسئولى ۋە ئۇتتۇرا قاتلام كادىرلېرىنىڭ سىياسىي ئىدىيىۋى قۇرۇلۇش، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاق قۇرۇلۇشى، مەكتەپ ئىستىلى، مەكتەپ ئىنتىزامى قۇرۇلۇشى، مەكتەپ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى تۇتۇش، ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تۈزۈلمە ۋە مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش، مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاش، مەكتەپنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى تەرەققىياتقا يېتەكلەش جەھەتتىكى نەتىجىسى باھالىنىدۇ.
5) پاكلىق. بۇنىڭدا ئاساسلىقى مەكتەپ مەسئولى ۋە ئۇتتۇرا قاتلام كادىرلېرىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىغا دائىر بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىپ، مەكتەپ ئىشىدا تىرىشچان، پاك بولۇش، مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش، خىراجەت ئىشلىتىش، كادىر باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پاك، ئىنتىزامچان بولۇش ئەھۋالى باھالىنىدۇ.
2. سىنىپ مۇدىرىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاش مەزمۇنلىرى
سىنىپ مۇدىرى بىر سىنىپنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى، تەشكىللىگۈچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىدىكى ئاساسلىق كۈچ ھېسابلىنىدۇ. سىنىپ مۇدىرى بولغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى باھالىنىشتىن سىرت، يەنە سىنىپ مۇدىرىلىق خىزمىتىمۇ باھالىنىدۇ.
باھالاشتىكى ئاساسلىق مەزمۇنلار: سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەش ۋە يېتەكلەش، سىنىپ باشقۇرۇش، سىنىپ كوللىكتىپى پائالىيىتى ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئەھۋالى؛ ئوقۇغۇچىلارغا ئاتىزم تەربىيىسى، بىخەتەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك قانۇنسىز تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە  قاتنىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھۋالى؛ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ئەھۋالى قاتارلىقلار.
3. ئارقا سەپ خادىملىرى ۋە ئوقۇتۇش ياردەمچىلىرىنى باھالاش
مەكتەپلەر ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئارقا سەپ خادىملىرى ۋە ئوقۇتۇش ياردەمچىلىرىنىڭ ئىش ئورنى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىپ، ئۇلارنى ئەخلاق، ئىقتىدار، تىرىشچانلىق، نەتىجە، پاكلىق قاتارلىق جەھەتتىن باھالايدۇ.
ئالتىنچى، ئۈنۈم باھالاش ئۇسۇلى ۋە تەرتىپى
1. ئۈنۈم باھالاش ئۇسۇلى
1) مەكتەپلەر مەكتەپ مەسئۇللىرى، ئوتتۇرا قاتلام كادىرلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۈنۈم باھالاش ھەيئىتى ياكى باھالاش گۇرۇپپىسى قۇرۇشى، ھەيئەت ياكى گۇرۇپپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ نىسبىتى ٪60 تىن ئارتۇق ئىشچى خىزمەتچىنىڭ ماقۇللىغىدىن ئۇتكەن بۇلۇش  كېرەك. باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى مەكتەپ پارتىيە تەشكىلى تەرەپىدىن كۆرسىتىلگەن ياكى دېمۇكراتىك ئۇسۇلدا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر يىغىنى ياكى ئوقۇتقۇچىلار قۇرۇلتىيىدا ماقۇللاش ئۇسۇلى بىلەن ۋۇجۇتقا كەلگەن بۇلۇش .
2) مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاش  ئادەتتىكى باھالاش، مەۋسۈملۈك باھالاش، يىللىق باھالاشنى بىرلەشتۈرۈش، خىزمەت خاراكتىرى بىلەن خىزمەت مىقدارىنى بىرلەشتۈرۈش، ئوقۇغۇچىلار، ئاتا- ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار، باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن ئىبارەت باھالاش سۇبيېكتلىرىنى قاتناشتۇرۇشتەك شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
3) باھالاش تەپسىلى پىرىنسىپى ھەم ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى، دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ يۆلىنىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشى، ھەم ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرغان بولۇشى كېرەك.
4) مەكتەپلەر ئۈنۈم باھالاشنى يولغا قويۇش تەپسىلى پىرىنسىپى، مۇكاپات خاراكتېرىدىكى ئۈنۈم مائاشىنى تارقىتىش چارىسىنى تۈزۈشتە ئاممىدىن كەڭ كۆلەمدە پىكىر- تەكلىپ ئېلىشى، ئۇنى جەزمەن ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر يىغىنى ياكى ئوقۇتقۇچىلار قۇرۇلتىيىدا مۇزاكىرە قىلغان (بارلىق خادىملارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى يىغىنغا قاتناشقان، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ 3 تىن 2 قىسمى قوشۇلغان) بۇلۇش  .
5) مەكتەپلەر يولغا قويغان ئۈنۈم باھالاشنىڭ بارلىق جەريانى ئوچۇق- ئاشكارا بولۇشى، ھەرقاچان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ نازارىتى ۋە سۈرۈشتۈرمىسىنى قوبۇل  قىلىشى كېرەك. باھالاشتا تۈرلەر بويىچە قويۇلغان نومۇرغا دائىر ئەسلى ماتېرىياللار دەلىل- ئىسپات سۈپىتىدە ساقلىنىشى كېرەك.
2. ئۈنۈم باھالاش تەرتىپى
1) ۋەزىپە ئۆتەش دوكلاتى بېرىش: مەكتەپتىكى ئۇتتۇرا قاتلام كادىرلېرى ۋە بۇلۇم ئىشخانە مەسئوللېرى  بىرلىك قىلىنىپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئالدىدا  ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى، ئاساسلىق كەسپى نەتىجىلىرى ۋە ئەخلاق ئىپادىسىنى ئۇبيېكتىپ، ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن دوكلاد قىلىدۇ ھەم ئاممىنىڭ باھالاش پىكىرىنى قۇبۇل قىلىدۇ .
2) باھالاش: مەكتەپ باھالاش گۇرۇپپىسى ئادەتتىكى باھالاش خاتىرىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل باھالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلار، ئاتا- ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار، باھالاش گۇرۇپپىسى قاتارلىق باھالاش ئۇبيېكتلىرىنى باھالاشقا تەشكىللەيدۇ. مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاشقا ئوقۇغۇچىلار قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
3) باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش: باھالاش نەتىجىسى مەكتەپنىڭ ئۆزىدە ئۈچ كۈن (خىزمەت كۈنى) ئېلان قىلىنىدۇ. باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان مەزگىلدە، ئوقۇتقۇچىلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ باھالاش نەتىجىسىگە باشقىچە قارىشى بولسا، باھالاش گۇرۇپپىسى ،مەكتەپ رەھپەرلىگى ۋە مائارىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ.
3. باھالاش ھەر ئوقۇش يىلىدا ئىككى قېتىم، يەنى ھەر ئوقۇش مەۋسۈمىدە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ ،يىللىق خۇلاسە مەۋسۈملۇك خۇلاسىنىڭ ئۇتتۇرچىسى بۇيىچە ھىساپلىنىدۇ .
يەتتىنچى، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان ئوقۇتقۇ- چى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ باھالاش نەتىجىسى بىر بىلەت بىلەن ئىنكار قىلىنىپ، لاياقەتسىز قىلىپ باھالىنىدۇ نەتىجە ئۇنۇم ئىش ھەققى بېرىلمەيدۇ .
1. سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم بولمىغان، ۋەتەننى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۆز- ھەرىكەتلىرىدە بولغان، تۈرلۈك دىنىي پائالىيەتلەر ۋە قانۇنسىز تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلار؛
2. ئەرز تەلىپىنى قانۇنسىز ئۇسۇلدا ئىپادىلەپ، نورمال ئوقۇ- ئوقۇتۇش تەرتىپىگە دەخلى يەتكۈزگەن،ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالغانلار؛
3. ئەخلاقى ناچار بولغان، ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇپ، تىللاپ ياكى ھاقارە- تلەپ زور تەسىر پەيدا قىلغانلار؛
4. ھەقلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شوغۇللانغان ھەمدە ئوقۇ- ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا توسقۇن بولىدىغان باشقا ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلغانلار؛
5. دەرس (ئىش) قالدۇرغان ياكى سورىغان رۇخسىتى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىكى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلەر؛
6. پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام بويىچە چارە كۆرۈلگەن، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلغانلار؛
7. مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، ئوقۇ- ئوقۇتۇشتا ئېغىر سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلەر ياكى زور بىخەتەرلىك ھادىسىسى سادىر قىلغانلار؛
8. ئورۇنسىز سەۋەب كۆرسىتىپ مەكتەپ بەلگىلىگەن خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنمىغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان، مەكتەپ بەلگىلىگەن خىزمەت نورمىسى ۋە ئىش ئورنى ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىمىغانلار؛
9. ئىنتىزام ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازى ۋە مەكتەپنىڭ ئىناۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛
10. مەكتەپتە يۈز بەرگەن زور مەسئۇلىيەت ھادىسىسىدە بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك مەسئۇلىيىتى بارلار؛
11. ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلىپ زور تەسىر پەيدا قىلغانلار.
12.شۇ ئۇقۇش يىلىدا كىسەل ئاغرىقلاردىن ۋە رۇخسەت بېرىلگەنلەردىن سىرىت ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۇستىگە ئالمىغانلار
سەككىزىنچى، ئۈنۈم باھالاش نۇمۇر ھىساپلاش ئۇسولى .
ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ نەتىجە ئۇنۇم ئىش ھەققى ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۇنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۇنىگىچە بىر يىللىق بۇيىچە بىرلىك قىلىپ تارقىتىلىدۇ .بۇ مەزگىلىدىكى خىزمەت ئىشلەش ئەھۋالى تۇۋەندىكى نۇمۇر قۇيۇش تەرتىپى بۇيىچە باھالىنىدۇ.
1.شۇ يىلى ئالدىنقى ئۇقۇش مەۋسۈمى مەۋسۈملۇك سىناپ تەكشۇرۇش جەريانىدىكى نەتىجىنىڭ تەشكىلى تۇزۇم  تۇرىدىكى نەتىجە چىقىرۋىتىلىدۇ باشقا تۇرلەردىكى نەتىجە 100لىك نۇمۇرغا سۇندۇرۇلۇپ كىلىپ چىققان  نەتىجىسىنىڭ %50تى ۋە شۇ يىلى كىيىنكى مەۋسۈملۇك سىناپ تەكشۇرۇش جەريانىدىكى نەتىجىدىن ئۇقۇتۇش ئۇنۇمىگە بېرىلىدىغان نۇمۇر ۋە خىزمەت تەشكىلى تۇزۇم تۇرىدىكى نۇمۇر چىقىرۋىتىلىپ باشقا تۇرلەرگە بېرىلگەن نۇمۇر يىغىنچاقلىنىدۇ (يىغىنچاقلاشتا شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۇنىگىچە ۋاقىت ئاساس قىلىنىدۇ ) كىلىپ چىققان نەتىجە 50لىك نۇمۇرغا سۇندۇرۇلۇپ كىلىپ چىققان نەتىجە پۇتۇن ئىلىنىدۇ ،ئىككى مەۋسۈملۇك نەتىجە يىغىنچاقلىنىپ يىغىنچاقلانغان نەتىجىنىڭ %50تى ئىلىنىپ يىللىق نەتىجە ھىساپلىنىدۇ .
2.خىزمەت ئىشلەش ئەھۋالى ،خىزمەت نەتىجىلېرى ۋە باشقا ئۇمومى خىزمەتلەرنى باھالاش (20نۇمۇر )
1)بۇ تۇرگە بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەر قاتناشقان چوڭ يىغىندا باشقۇرغۇچىلار ۋە ئۇتتۇرا قاتلام كادىرلېرى ،بۇلۇم ئىشخانە مەسئوللېرى دوكلات بېرىدۇ ۋە بارلىق يىغىن قاتناشقۇچىلارنىڭ پىكىر تەكلىپلېرىنى قۇبۇل قىلىنىدۇ يۇشۇرۇن ئاۋاز  شەكلىدە بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەر تۇرلەر بۇيىچە پىكىر قاتناشتۇرىدۇ ۋە نۇمۇر قۇيۇپ باھالايدۇ .قاتناشقان ئىشچى خىزمەتچىلەر سانى %80دىن ئاشسا كۇچكە ئىگە بۇلىدۇ .
2)ئۇتتۇرا قاتلام كادىرى ۋە بۇلۇم ئىشخانە مەسئولى بولمىغان ئۇقۇتقۇچىلارغا تۇرلەر بۇيىچە بىۋاستە نۇمۇر قۇيۇش شەكلىدە ئىشچى خىزمەتچىلەر نۇمۇر قۇيىدۇ ۋە خۇلاسىلەپ نۇمۇر بىكىتىلىدۇ .
3)سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى باھالاش :سىنىپ مۇدىرلېرى ۋە ياردەمچى سىنىپ مۇدىرلېرىنىڭ سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى سىنىپ مۇدىرلېرىنى باھالاش بەلگىلىمىسى بۇيىچە باھالىنىدۇ ۋە ئېرىشكەن نۇمۇرى بۇ تۇرگە بېرىلگەن20نۇمۇرغا سۇندۇرۇلۇپ نۇمۇر بىكىتىلىپ  ئۇقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچىلەر بەرگەن نۇمۇر بىلەن قۇشۇلىدۇ ۋە ئۇتتۇرچىسى ئىلىنىپ سىنىپ مۇدىرى ياردەمچى سىنىپ مۇدىرىنىڭ نۇمۇرى قىلىپ بىكىتىلىدۇ .
3.خىزمەت سىجىللىقى (20نۇمۇر )
1)مەزكۆر تۇر مەزكۆر خادىمنىڭ خىزمەت ئۇنۇمىنى ئىپادىلەشتىكى ئاساسى سالماقنى ئىپادىلەيدىغان تۇر بۇلۇپ خىزمەت ئورنىدا خىزمەت قىلغان خادىم ئۇنۇم يارتالايدۇ پىرىنسىپى بۇيىچە ئىجرا قىلىنىدۇ .يىللىق خىزمەت سىجىللىق يۇقلىمىسى ئاساس قىلىنىدۇ .(1-ئاينىڭ 1-كۇنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۇنىگىچە )
2)خىزمەت سەۋەبىدىن ئىشتىن ئايرىلغان ،ئۆگىنىش تەربىلىنىشكە بارغان خادىملاردىن  نۇمۇر تارتىلمايدۇ .
3)كىسەل سەۋەبىدىن دۇختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە ياتاقتا يىتىپ داۋالانغانلارنىڭ بىر داۋالاش مۇدىدىتىدىن ئاشقان ھەر كۇنلىگى ئۇچۇن 0.3دىن نۇمۇر تارتىلىدۇ (ئالاھىدە ئېغىر كىسەللەر ئەمىلى ئەھۋالغا قاراپ مۇئامىلە قىلىنىدۇ ).
4)ياتاقتىن چىقىپ دۇختۇر ئىسپىراپكىىسى بىلەن ئۇيىدە كۇتۇنگەن ۋە ياتاقتا ياتماي ئىسپىراپكا بىلەن خىزمەت قالدۇرغانلارنىڭ كۇنلىگى ئۇچۇن 0.5دىن نۇمۇر تارتىلىدۇ .
5)ئىش رۇخسىتى بىلەن خىزمەت قالدۇرغانلارنىڭ ھەر كۇنلىگى ئۇچۇن 1دىن نۇمۇر تارتىلىدۇ .
6)خىزمەتتىن بارلدۇر قايىتقان ۋە كىچىككەنلەر خىزمەت مەسئولىيەتسىزلىك دەپ قاراپ ھەر ئون مىنۇت ئۇچۇن 0.08نۇمۇر تارتىلىدۇ .
4.خىزمەت ئىپادىسى (10نۇمۇر )
1) مەكتەپنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بوي سۇنماي  شۇ خىزمەتنىڭ ئورۇنلىنىشىغا  تەسىر كۆرسەتكەنلەرنىڭ ھەر قىتىملىقى ئۇچۇن 1دىن نۇمۇر تارتىلىدۇ .
2)مائارىپ تارماقلېرىىنىڭ ۋە مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان يىغىن ئۆگىنىشلېرىگە ۋاقتىدا قاتناشمىغان ،قاتناشقان بولسىمۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن قايتىپ ئۆگىنىشنىڭ ئۆنىمىگە مەكتەپنىڭ ئۆگىنىش جەريانىدىكى ئوبرازىغا تەسىر يەتكۇزگەن ئۇقۇتقۇچىلاردىن بىر قىتىملىقى ئۇچۇن 1دىن نۇمۇر تارتىلىدۇ .
3)خىزمەتتە مەسئولىيەتسىزلىك قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلەرنىڭ ئورۇنلىنىشىغا تەسىر يەتكۇزسە ياكى ئورۇنلانغان خىزمەت تەلەپكە يەتمىسە شۇ خىزمەتنى قايتا ئورۇنلاش بىلەن بىرگە ھەر قىتىملىقى ئۇچۇن  0.5نۇمۇر تارتىلىدۇ .
5.نۇمۇر قۇشۇش  
1)سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىگە سىنىپ مۇدىرلېرىنى باھالاش لايىھەسىدىكى ئۆلچەم بۇيىچە باھالىنىپ ئېرىشكەن نەتىجىنىڭ (100لىك نۇمۇرلۇق نەتىجە)%7تى مۇكاپات نۇمۇر قىلىپ قۇشۇلىدۇ ،ياردەمچى سىنىپ مۇدىرلېرىنىڭ ئۇخشاش ھىساپلىنىدۇ .
2)ھەر قايسى پارتىيە ياچىكا بەنزە ئەزالېرى ۋە  ئۇتتۇرا قاتلام تەشكىلى ئاپارات مەسئوللېرىنىڭ ئىشچى خىزمەتچىلەر دىمكۇراتتىك نۇمۇر قۇيۇش شەكلىدە ئېرىشكەن نەتىجىسىنىڭ %10تى ،ئۇتتۇرا قاتلام تەشكىلى ئاپارات خادىملېرىغا ئىشچى خىزمەتچىلەر دىمكۇراتتىك نۇمۇر قۇيۇش شەكلىدە ئېرىشكەن نۇمۇرىنىڭ %7تى مۇكاپات نۇمۇر قىلىپ قۇشۇپ بېرىلىدۇ .
3)مەكتەپنىڭ ئۇتتۇرچە خىزمەت مىقتارى بىكىتىلىپ خىزمەت مىقتارى ئۇتتۇرچە خىزمەت مىقتارىدىن ئاشقان ئۇقۇتقۇچىلارغا خىزمەت مىقارىدىن ئاشقان دەرس سائىتىنىڭ يېرىمى مۇكاپات نۇمۇر قىلىپ قۇشۇپ بېرىلىدۇ .

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-12-27 23:45:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-27 23:47  

مۇشۇ بىچچارە ئۈنۈم ئىش ھەققىنى ئېلىپ بولغۇچە ھەر تۈرلۈك ئىشلار بولىدىكەن ... كانتىلايدىغانلار پىچىغىنى بىلەپ تۇرغان ... نومۇر ئوغىرلىرى بىزگە بىرخىل ، كېيىنكى شۇ جۇغلانما چىقىدىغان ۋاقىتتا يەنە بىرخىل چىققان ... مۇشۇ مۇكاپاتنى مۇئاشىمىزدىن تۇتىۋالىدىغانغا چېتىلدۈرىۋالماي باشقىچە ئۇسۇللار ئارقىلىق رىقابەت ئېڭىنى ئۆستۈرگىلى بولماسمۇ ... ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۈنۈم مۇئاشىنىڭ خاپىچىلىقى ... يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار بىلەمدۇ ياكى بىلمەمدۇ ... سىنىپ مۇدىرلىق پۇلى دەپ ئۆزلىرى ئاتكاچىلىق قىلىپ سىنىپ مۇدىرلىرىغا بېرىپ قويۇپ بۇنى يىغىشتۇرۇپ بۇلالماي يەنە ئاخىرىدا بىزلەرنىڭ ئىش ئۈنۈم مۇئاشىمىزغا چاڭ سالىدىغان ئىشلار قاچانمۇ تۈگەر ... باشقا ئورۇنلاردىمۇ مۇشۇنداق قالايمىقانچىلىق بارمۇ ...
ۋاقتى: 2015-12-28 09:13:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلەن تۅزۅلگەن لاھيەكەن راستىنلا ياقتۇردۇم
ۋاقتى: 2015-12-28 11:14:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپىسز.
ۋاقتى: 2015-12-28 13:00:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  تۈزلۈپتۇ    ھارماڭ  ئەجىرىڭىزگە  تەشەككۈر
ۋاقتى: 2015-12-28 16:33:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز ،رەھمەت
ۋاقتى: 2015-12-28 16:42:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشۈرگىلى بۇلىدىغان قىلىپ يوللانغان بولسا پايدىلىنىش قىمىمىتى قانچىئە يۇقىرى بۇلا ر  ئىدى............
ۋاقتى: 2015-12-29 13:05:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، جاپا تارتىپىسز.
ۋاقتى: 2016-1-4 11:32:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىسەل سەۋەبىدىن دۇختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە ياتاقتا يىتىپ داۋالانغانلارنىڭ بىر داۋالاش مۇدىدىتىدىن ئاشقان ھەر كۇنلىگى ئۇچۇن 0.3دىن نۇمۇر تارتىلىدۇ؟بۇنىڭدىن نۇمۇر تارتمىسڭمۇ بولىدۇ ؟ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جېنى تۈمۇر ئەمەستۇ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش