| ىپ، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقايلى تىنىچ مەكتەپ بەرپا قىلىش ئۆلچىمى 1. مەكتەپ مۇدىرى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولغان مەكتەپ ئامانلىق مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىش تولۇقلانغان بولۇش. تېنچلىق بەرپا قىلىش خىزمىتىگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇش. مەكتەپتە جەمئىيەت ئامانلىقىنى تۈزەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان ھەم ئىشخانا تەسىس قىلىنىپ، مەخسۇس خادىم قويۇلغان بولۇپ، مەكتەپنىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان بولۇش. تۈزۈملىرى مۇكەممەل، ئارخىپ ماتېرىياللىرى تولۇق، خىزمەتنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى نورمال بولۇش. 2. مەكتەپتە مەخسۇس ئامانلىق مۇداپىئە خادىمى قويۇلغان بولۇش، مەخسۇس دىجۈرنىخانىسى بولۇش ( باشقا ھەرخىل مەكتەپلەردە كۈزەتچى، دىجۈرنى بولغان بولۇش ). ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساس قىلغان مەكتەپ قوغداش ئەترىتى ۋە چارلاش ئەترىتى قۇرۇپ چىقىپ، تۈزۈمى مۇكەممەل، مەسئۇلىيىتى ئايدىڭ بولۇشنى ۋە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇش. 3. شۇ يىلدا بەش بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يەنى چوڭ جىنايى ئىشلار دېلوسى بولماسلىق، ئامانلىق بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغانلار بولماسلىق، كوللىكتىپ يۇقۇرىغا ئەرز قىلىش ۋە دەرىجە ئاتلاپ ئەرز قىلىش ئەھۋاللىرى بولماسلىق، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى بولماسلىق، ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىش ئەھۋاللىرى بولماسلىق. 4. مەكتەپلەردە قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسى دەرسىنى ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش، قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى تەلەپ بويىچە ئورۇنداش، قانۇن-تۈزۈم مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ياكى قانۇن-تۈزۈم يىتەكچىسى تەكلىپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسى ۋە ئىچكى قىسىمدىكى باشقۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشتۇرۇش، ھەر مەۋسۈمدە دەرس ئۆتۈشى بىر قېتىمدىن كەم بولماسلىق. مەكتەپلەرگە ياردەملىشىپ مەكتەپ ئەتراپى رايۇنلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش. 5.مەكتەپ ئەتراپى رايۇنلىرىنىڭ تەرتىپى ياخشى بولۇش، مەكتەپنىڭ ۋە مەكتەپ ئەتراپى رايۇنلىرىدىكى ئىجارە ئۆيلىرىنى باشقۇرۇش تەرتىپلىك بولۇش. مەكتەپ ئەتراپى رايۇنلىرىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ تىجارەت قىلىدىغان يايمىلار بولماسلىق. مەكتەپنىڭ « ئۈچ ئالدىنى ئېلىش » تەدبىرى ئەمەلىيلەشكەن بولۇش. زۆرۈر بولغان بىخەتەر ئالدىنى ئېلىش ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇش. 6. يېنىك بولغان قانۇنسىز قىلمىشى ۋە ناچار ئادىتى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ئېنىق بولۇش. باشقۇرۇش قاتتىق بولۇش. كونكىرت ياردەم-تەدبىرى بولۇش. مەكتەپنىڭ سىرتىدا ئولتۇرۇشلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكتى ئېنىق، ئەھۋالى ئايدىڭ بولۇش. باشقۇرۇشتىن چۈشۈپ قالماسلىق. 7. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىش. پىداكارلىق كۆرسىتىشكە ۋە قانۇنسىز جىنايەتچىلەر بىلەن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەتلىك بولۇش. 8. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈچەيگەن، ئامانلىقتىن رازى بولۇش نىسبىتى ٪95 تىن يۇقۇرى بولۇش. 9. مەكتەپتە « سېرىق شەھۋانىيلىق، قىمار، زەھەرلىك بۇيۇم » قاتارلىق ناچار ھادىسە بولماسلىق. « فالۇن گۇمپىسى »، « قانۇنسىز دىنى پائالىيەت »، « مىنتۇخۇي » قاتارلىق بىدئەت تەشكىلاتچىلىرىنىڭ پائالىيىتى بولماسلىق. مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار دىنى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق.
|
|