| ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارى ھەققىدە يەشمە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن تۇرمۇشىمىزدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟ ئاقىدىغان قانۇن ئارقىلىق توغرا ئىدارە قىلىش خەلقنىڭ بەختى. ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى›› قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگونىڭ ‹‹قۇرۇلۇش چېرتيوژى›› بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇرمۇشىمىزغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟قوغداش تېخىمۇ قاتتىق، تېخىمۇ تولۇق بولىدۇ ]قاراردىكى يارقىن نۇقتا[ مال - مۈلۈك تېخىمۇ ياخشى قوغدىلىدۇ ‹‹مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ ئادىللىقنى يادرولۇق پىرىنسىپ قىلغان تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىقتىسادىي تەشكىلات ۋە تەبىئىي شەخسلەرنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك›› كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ ‹‹چىڭ قانۇن - تۈزۈملەر ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداپ، ئېچىش قىلمىشلىرىغا ئۈنۈملۈك چەك قويىدىغان ۋە يېشىل تەرەققىيات، ئايلانما تەرەققىيات، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى تېزلىتىدىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىگە ئائىت قانۇن - تۈزۈملەرنى تېزرەك ئورنىتىپ، ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مۇھىت قوغداشتىكى قانۇن جاۋابكارلىقىنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى زور دەرىجىدە بەدەل تۆلىتىش كېرەك››. ئومۇمنىڭ ھوقۇقى بىلەن شەخسىي ھوقۇقنىڭ چېگراسى تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ ‹‹مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ قانۇندىن سىرت ھوقۇق تەسىس قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، قانۇن، قانۇن - نىزام ئاساسى بولمىغان ئەھۋالدا پۇقرا، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئەتنى ئازايتىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى كۆپەيتىدىغان قارارلارنى چىقىرىشىغا بولمايدۇ››. قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ ‹‹سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، دېلو ئېچىشنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى دېلو ئېچىشنى تىزىملاش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىپ، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك دېلو بولسىلا قوبۇل قىلىش، دېلولارنىڭ ھەممىسىدە دېلو بولسىلا ئېچىش، دەۋا بولسىلا قاراپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك››. ‹‹لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئىناۋىتىنى نازارەت قىلىش، تەھلىكە كۆرسىتىش ۋە جازالاشقا دائىر قانۇن - تۈزۈم ئورنىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. دەۋادا ئۇتقان دەۋالاشقۇچىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ ۋاقتىدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك›› ھوقۇقنى قانۇن بويىچە قوغداش ۋە زىددىيەت - ماجىرالارنى ھەل قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ ‹‹ئىجتىمائىي زىددىيەت ئاگاھ مېخانىزمى، مەنپەئەتنى ئىپادىلەش مېخانىزمى، كېڭىشىش - ئالاقىلىشىش مېخانىزمى ۋە پاناھلاندۇرۇش - قۇتقۇزۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى ماسلاشتۇرىدىغان، ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان قانۇن يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك››. ‹‹ئىجتىمائىي زىددىيەت - ماجىرالاردىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ماجىرا ھەل قىلىشنىڭ مۇرەسسە قىلىش، كېسىم قىلىش، مەمۇرىي ھۆكۈم چىقىرىش، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش، دەۋا قىلىش قاتارلىقلارنى ئورگانىك باغلايدىغان ۋە ئۆزئارا ماسلاشتۇرىدىغان كۆپ مەنبەلىك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك›› ھەر ۋاقىت خاتىرجەملىك يار بولىدۇ ‹‹جەمئىيەت ئامانلىقى تەرەپلىمە مۇداپىئە - كونترول سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك››. ‹‹زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى، قارا جەمئىيەتكە چېتىشلىق جىنايەت، بىدئەتچىلىك، شەھۋانىيلىق، قىمارۋازلىق، زەھەرلىك چېكىملىك سېتىش قاتارلىق جىنايى قىلمىش سادىر قىلغانلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك››. ‹‹يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر يەتكۈزۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بۇزۇش، تور بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى تۈزەشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش كېرەك››. ]مۇتەخەسسىسلەر باھاسى[ جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى دەۋا تۈزۈمى ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېڭ لېي ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىش جەمئىيەتكە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىدۇ. قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتنىڭ قوغدىلىشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ھەر بىر پۇقرانىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەلىپى. سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەتتە خەلق ئىنسانىي ھوقۇقى، مال - مۈلۈك ھوقۇقى، ئاساسىي سىياسىي ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىنى، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي تەرەپلەردىكى ھوقۇقىنىڭ ھۆرمەتلىنىشىنى، ئومۇمنىڭ ھوقۇقى بىلەن شەخسىي ھوقۇقنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە يۈرگۈزۈلۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدىكى كونكرېت تەدبىرلەردىن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاممىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، ھوقۇق - مەنپەئەت، پۇرسەت، بەلگىلىمە ئادىللىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قانۇن - تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. دۆلەت ئورگانلىرى ۋە باشقا خادىملارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەتلەش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئېڭى تېخىمۇ كۈچەيتىلىدۇ، ئاممىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش يوللىرى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇلىدۇ. مۇلازىمەت تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرۇلىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ ]قاراردىكى يارقىن نۇقتا[ جامائەت مۇلازىمىتى كۈچەيتىلىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ ‹‹جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قانۇنى تۈزۈپ، ئاساسىي جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، باراۋەرلەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك›› ‹‹مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىم تەقسىماتى، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، نامراتلارنى يۆلەش، خەير - ساخاۋەت، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار، مېيىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەرگە ئائىت قانۇن - نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك›› مۇكەممەل قانۇن مۇلازىمىتى ھازىرلىنىدۇ ‹‹ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغان كېسىمىگە، قارارىغا قايىل بولماي قىلىنغان دەۋالارنى ئادۋوكات ۋاكالىتەن بېجىرىش تۈزۈمىنى تەدرىجىي يولغا قويۇش كېرەك. ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشقا قۇربى يەتمىگەن ئەرز قىلغۇچىلارنى قانۇن ياردىمى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك››. ‹‹شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنى قاپلىغان ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى قانۇن مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. قانۇن ياردىمى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياردەم دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، قانۇن ياردىمى بېرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇن مەسىلىلىرىگە يولۇققاندا ياكى ھوقۇق - مەنپەئىتى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغاندا دەل ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك قانۇن ياردىمىگە ئېرىشەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك›› ‹‹ئادۋوكاتلىق، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قاتارلىق قانۇن مۇلازىمەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، شەھەر - يېزا، رايونلارنىڭ قانۇن مۇلازىمىتى بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، چەتكە چېتىشلىق قانۇن مۇلازىمەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك›› ‹‹ساھە جەمئىيىتى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى تۈرىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ساھە تەلەپچانلىقى ۋە كەسپىي مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك›› مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ ‹‹پۇقرالار، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا چېتىلىدىغان ھۆججەتلەرنى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش تەلىپى ۋە تەرتىپى بويىچە ئېلان قىلىش كېرەك. مەمۇرىي قانۇننى ئىجرا قىلىشنى ئۇقتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقە تورىدا ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرى سانلىق مەلۇماتلار مۇلازىمەت سۇپىسى ۋە خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك›› ]مۇتەخەسسىسلەر باھاسى[ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى جامائەت باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى يۈ ئەن ‹‹ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا جامائەت مۇلازىمىتىنى ياخشىلاشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇلۇشى ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىش ئۈچۈندۇر. مەسىلەن <ئاشكارا بولۇشنى نورماللاشتۇرۇش، ئاشكارىماسلىقتىن مۇستەسنا بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش>نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاشنىڭ مەزمۇنى ۋە دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىدۇ. بۇ قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ جامائەت مۇلازىمىتىنى ئۆستۈرۈشىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، شۇنداقلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە زور سىياسىي جاسارەت بىلەن بىۋاسىتە يۈزلىنىپ چىقارغان مۇھىم قارارى. قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىجتىمائىي قانۇن ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاساسىي شارائىت ھازىرلاپ، قانۇن بايلىقى تارقىلىشىنىڭ تەكشىسىزلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھەر بىر كىشىنى تېخىمۇ ياخشى قانۇن مۇلازىمىتىدىن بەھرىلەندۈرىدۇ››. تېخىمۇ كەڭ ۋە چوڭقۇر دائىرىدە ئىشتىراك قىلغىلى بولىدۇ ]قاراردىكى يارقىن نۇقتا[ قانۇن چىقىرىشقا قاتناشتۇرۇلىدۇ ‹‹ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن - نىزام چىقىرىش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مەمۇرىي نىزام، قائىدىلەرنى تۈزۈش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جامائەتنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن - نىزام چىقىرىشىغا قاتنىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك››. ‹‹قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەر قانۇن چىقىرىشقا تەرتىپلىك قاتنىشىدىغان يول ۋە ئۇسۇللارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك››. ‹‹پۇقرالارنىڭ قانۇن چىقىرىشقا تەرتىپلىك قاتنىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، قانۇن - نىزام، قائىدە لايىھەلىرىگە ئاشكارا پىكىر قىلىش ۋە جامائەتنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇشىنى كەڭ كۆلەمدە مۇجەسسەملەش كېرەك››. ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم تەدبىر بەلگىلىشىگە قاتناشتۇرۇلىدۇ ‹‹قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. جامائەت قاتنىشىش، مۇتەخەسسىسلەر دەلىللەش، خەۋپ - خەتەرنى باھالاش، قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش، كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار چىقىرىشنى چوڭ - چوڭ مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەشنىڭ مۇھىم قانۇنىي تەرتىپى قىلىپ بەلگىلەپ، تەدبىر بەلگىلەش تۈزۈمىنىڭ ئىلمىي بولۇشى، تەرتىپىنىڭ نورمال بولۇشى، جەريانىنىڭ ئاشكارا بولۇشى، مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېنىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك››. قانۇن يۈرگۈزۈشكە قاتناشتۇرۇلىدۇ ‹‹ئەدلىيەلىك مۇرەسسە، ئەدلىيەلىك ئىسپات ئاڭلاش، دەۋاغا چېتىلىدىغان ئەرزىيەت قاتارلىق قانۇن يۈرگۈزۈش پائالىيەتلىرىدە ئاممىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق زاسېداتېللىرى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ زاسېداتېللىق ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، زاسېداتېللارنىڭ دېلونى سوت قىلىشقا قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىختىيارىي تاللاپ قاتناشتۇرۇش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق زاسېداتېللىرى تۈزۈمىنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلق زاسېداتېللىقى قانۇنى تەتبىقلاش مەسىلىسىنى قاراپ چىقماستىن، پاكىتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش مەسىلىسىنىلا قاراپ چىقىشقا قاتنىشىش تۈزۈمىنى تەدرىجىي يولغا قويۇش كېرەك››. ‹‹خەلق نازارەتچىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتكە قارىتا دېلو ئېچىش، قاماپ قويۇش، مال - مۈلكىنى تۇتۇپ قېلىش ۋە توڭلىتىش، ئەيىبلەش قاتارلىق ھالقىلاردىكى قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيەتلىرىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىش كېرەك››. جەمئىيەتنى تۈزەشكە قاتناشتۇرۇلىدۇ ‹‹شەھەر ئاھالىسى ئەھدىنامىسى، يېزا ئاھالىسى ئەھدىنامىسى، ساھە قائىدىسى، تەشكىلات نىزامنامىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي مىزانلارنىڭ جەمئىيەتنى تۈزەشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك››. ‹‹ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلارغا قاتنىشىش، جامائەت مەنپەئىتىنى قوغداش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش، ئالاھىدە توپقا ياردەم بېرىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىش مېخانىزمى ۋە تۈزۈم يوللىرىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك››. ]مۇتەخەسسىسلەر باھاسى[ جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى خۇاڭ جىڭپىڭ ‹‹ئومۇمىي يىغىندا پۇقرالارنىڭ ئىشتىراك قىلىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈشكە بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى. بۇ، قانۇن يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىگە، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. جامائەتنى قانۇن چىقىرىشقا كۆپرەك قاتناشتۇرغاندا، قانۇن چىقىرىش جەريانىنى تېخىمۇ ئاشكارىلاپ، جامائەتنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ ياخشى قانۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇ ھەم خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىنىڭ نامايان قىلىنىشىنىڭ ئىپادىسى. جامائەت تەدبىر بەلگىلەش تۈزۈمى مەنپەئىتى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنىڭ كېڭىشىش جەريانى بولۇپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، كۆپچىلىكنى تولۇق مۇزاكىرىگە تەشكىللەش ئارقىلىق جامائەت ئىشلىرىدا تەدبىر بەلگىلەش ۋە ھۆكۈمەت ھەرىكىتىنى تېخىمۇ قانۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇ ھەم قانۇن ئىدارە قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىم جەريانى››. مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەت تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ ]قاراردىكى يارقىن نۇقتا[ ھەر ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا قانۇنغا رىئايە قىلىش كېرەك ‹‹ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسلەر ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن قانۇن دائىرىسى ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشى، ھوقۇقى ياكى ئىمتىيازى، مەسئۇلىيىتى ياكى مەجبۇرىيىتىنى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىن ھالقىغان ئىمتىيازى بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ››. ‹‹ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىش، كۈچكە ئىگە ھۆكۈم ۋە قارارنى ئىجرا قىلماسلىق، سوت كوللېگىيەسىنىڭ نوپۇزىنى كۆزگە ئىلماسلىققا ئوخشاش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارنى جازالايدىغان قانۇن - بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك››. ‹‹ساختا ئەرز ۋە يامان غەرەزدە ئەرز قىلىش، يولسىز ئەرز قىلىش قىلمىشلىرىنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك››. كىچىكىدىن باشلاپلا قانۇن ئۆگىنىش ۋە بىلىش كېرەك ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسىنى خەلق مائارىپى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسىنى ياشلار، ئۆسمۈرلەردىن باشلاپ تۇتۇش، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قانۇن ئىدارە قىلىش بىلىملىرى دەرسى تەسىس قىلىش كېرەك››. لەۋزىدە تۇرغانلار تەقدىرلىنىدۇ، لەۋزىدە تۇرمىغانلار جازالىنىدۇ ‹‹ئىجتىمائىي سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىش ئىناۋىتى خاتىرىسىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ سەمىمىي بولغانلارنى تەقدىرلەش - مۇكاپاتلاش ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك››. ]مۇتەخەسسىسلەر باھاسى[ بېيجىڭ گۇەنداۋ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى چېڭ بىن ‹‹قانۇننىڭ نوپۇزى خەلقنىڭ چىن يۈرىكىدىن قوللىشى ۋە سەمىمىي ئېتىقادىدىن كېلىدۇ. خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى قانۇن ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ، قانۇننىڭ نوپۇزىنى تىكلەشتە خەلقنىڭ ھىمايىسىگە تايىنىلىدۇ. ئامما ئەمەلىي تۇرمۇش جەريانىدا ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش بىلەن بىللە، يەنە ھەرىكىتىگە قانۇن بويىچە چەك قويۇپ، قانۇننى كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك. ھەممىمىز قانۇن ئىدارە قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئاكتىپلىقىمىز ۋە تەشەببۇسكارلىقىمىزنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىش شەرەپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش نومۇس دەيدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ سادىق ئەمەلىيەتچىلىرى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىلىرى، قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك››.
|
|