كۆرۈش: 104|ئىنكاس: 0

3.قېرىنداشلىق مېھرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3.قېرىنداشلىق مېھرى
مەزمۇنى:
بۇ تېكىست قېرىنداشلىق مېھرى-مۇھەببەت ئىپادىلەنگەن چۆچەك بولۇپ،، تېكىستتە تىرىكچىلىك قىلغىلى چىققىنغىا بىر نەچچە يىل بولغان ئاتا-بالا ئۈچەيلەن يۇرتىغا قايتماقچى بولغاندا، قار- مۇز قاپلىغان داۋاندىن چۈشىۋاتقاندا ئاتىنىڭ پۇت-قولى ئۈششۈپ ماڭغۇدەك ھالى قالمىغاندا، چوڭ ئوغلى كىيىملىرىنى سېلىپ ئۇنىڭغا كىيدۈرۈپ، كىچىك ئوغۇل ھاپاش يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىراق ئۇزاق ئۆتمەي ئاتا نەپەستىن توختايدۇ. چوڭ ئوغۇل ھالىدىن كېتىپ يىقىلىدۇ. ئىنىسى كېيىملىرىنى سىلىپ ئاكىسغا كىيدۈرۈپ ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ بەدىنى بىلەن ئىسسىتماقچى بولىدۇ…
مۇھىم نۇقتا:
1.تېكىستنى توغرا، راۋان، ئەدەبىي تىلدا ئوقۇش ھەم مەزمۇنىنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشىنىش.
قېيىن نۇقتا:
تېكىستتىكى يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋىلىش ۋە ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش.
كۆرسەتمە:
كىتاپ، سىزما رەسىم، پرويىكسىيە ئاپپراتى
ۋاقتى:
ئىككى سائەت ئۆتۈلىدۇ.
1-سائەتلىك ئۆگىنىش نىشانى
1.تېكىستنى ئورتاق ئەدەبىي تىلدا توغرا، راۋان،  ھېسياتلىق ئوقۇشنى ئۆگىنىۋىلىش.
2.تېكىستتىكى يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋىلىش ۋە ئۇنى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش.
3.قېرىنداشلىق مېھرىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھېس قىلىش.
ئۆگىنىش ئۇسۇلى:
1)تېكىستنى توغرا، راۋان، ھېسياتلىق ئوقۇش.
2)كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنى توغرا، تېز ئوقۇش
3)يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسنى چۈشىنىش ۋە ئېغىزچە جۈملە تۈزۈش.
ئوقۇتۇش جەريانى:



ئوقۇتقۇچى پائالىيىتى:
ساۋاقداشلار، مەن كىچىكىمدىن ناخشا ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىمەن. سىلەرچۇ؟ بۈگۈنكى دەرسىمىزگە مەن ئۆزۈم ياقتۇرغان ناخشىنى سىلەرگە سوۋغات سۈپىتىدە ئالغاچ كەلدىم. ئاڭلاشنى خالامسىلەر؟
بىز بىرلىكتە ئاڭلايلى
تەلەپ بۇ ناخشىدا نېمە مەزمۇن ئەكس ئەتكەن؟
بۇ ناخشىنىڭ مەزمۇنى نېمە؟








ئوقۇغۇچى پائالىيىتى:
كوللىكتىپ جاۋاپ بېرىدۇ.



ناخشا ئاڭلىغاچ ناخشىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىپ ئولتۇرىدۇ.



«قېرىنداشلىق مېھرى»سۆزلەنگەن


ياخشى، بۇ سائەتلىك دەرسىمىزدە بىز قېرىنداشلىق مېھرى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولىمىز. دوسكىغا تېما يېزىلىدۇ.
«قېرىنداش»دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟ئېغىزچە جۈملە تۈزىدۇ.
ياخشى، سىلەر بىر سىنىپتىكى ساۋاقداشلارمۇ ئالتە يىل بىر سىنىپتا ئوقۇپ قېرىنداشلىق مېھرىنى شەكىللەندۈرىسىلەر.
تېكىستىمىزدىكى ئاتا-بالا ئۈچەيلەن ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق مېھرى قانداقكەن؟
تېكىستنى ئوقۇشقا تەشكىللەيمەن.
تەلەپ: تېكىستتىكى چۈشىنەلمىگەن سۆز-جۈملىلەرنىڭ ئاستىغا سىزىڭ
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېنىق تەلەپپۇزدا توغرا، راۋان ئوقۇش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرىمەن.
ئاخىرىدا ئۆزۈم ھېسياتلىق ئوقۇپ ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق تېكىست مەزمۇنىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھېس قىلدۇرىمەن.
تېمىنى ھېسياتلىق ئىككى قېتىم ئوقۇيدۇ.


قېرىنداش-ـ-بىر قورساق ئاكا-ئۇكا، تۇغقان…قېرىنداش ـــ بىز خەت يازغاندا ئىشلىتىدىغان قەلەم.



سوئال ئاساسىدا تېكىستنى ئىختىيارى ئوقۇيدۇ


قولىغا قەلەم ئىلىپ يازىدۇ.

شەخىسلەر بويىچە ئوقۇيدۇ. ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى باھالايدۇ.

ئوقۇتقۇچى ئوقۇغاننى ئەستايىدىل ئاڭلاش ھەم باھالاش.

بىر قىسىم كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەر كارتىغا يىزىلىپ، دوسكىدا ئەگەشتۈرۈپ ئوقۇشقا تەشكىللىنىدۇ.
تىرىكچىلىك
تى+ـرىكـ+ـچىـ+ـلىك
بولۇۋاتقان
بو+لۇ+ۋاتـ+ـقان
داۋاملاشتۇرۇپتۇ
دا+ۋامـ+لاش+ـتۇ+رۇپـ+ـتۇ
قېرىنداشلىق
قېـ+رىنـ+داشـ+ـلىق
تېكىستنى توغرا، راۋان ئوقۇشقا يېتەكلەيمەن.
يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە يېتەكلەيمەن.
سىنىپ دەپتىرىگە تاللاپ جۈملە تۈزۈش.





كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنى ئەگىشىپ ئوقۇش.









پارتىداشلار ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ئوقۇپ بېرىش ھەم باھالاش.
پۇرسەت-بىرەر ئىشنى بىجىرىش ئۈچۈن ئەڭ قولاي بولغان ۋاقىت. پەيت
تىرىكچىلىك-تۇرمۇش كەچۈرۈش
مېھىر-مۇھەببەت
يۇپقا-يىلىڭ


مەشىق
مۇۋاپىق سۆز تاللاپ قويۇش
(         )سوغۇق       ھاپاش(           )     (          )ئامان    مېھىر (        )
توپلاش ۋە ئىشلىتىش         تىرىكچىلىك قىلىش             كۆزى خىرەلىشىش
ھالىدىن كېتىش          قار مۇز بىلەن قاپلاش         يۇپقا      دەپنە قىلىش
تاپشۇرۇق: تېكىستنى قايتا پىششىق ئوقۇپ، ئۆزى ياقتۇرغان جۈملىلەرنى كۆچۈرۈپ يېزىش.
       

ئىككىنچى سائىتى
2-سائەتلىك ئۆگىنىش نىشانى:
1.تېكىستنى ئورتاق ئەدەبىي تىلدا توغرا، راۋا، ھېسياتلىق ئوقۇش.
2.قېرىنداشلىرى بىلەن ئىناق ئۆتۈشنى ئۆگىنىۋىلىش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەشنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھرى-شەپقىتىگە جاۋاپ قايتۇرۇشنى بىلىۋىلىش.
مۇھىم نۇقتا ۋە قېيىن نۇقتا:
قېرىنداشلىرى بىلەن ئىناق ئۆتۈشنى ئۆگىنىۋىلىش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەشنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھرى-شەپقىتىگە جاۋاپ قايتۇرۇشنى بىلىۋىلىش.
ئوقۇتۇش جەريانى:



ئوقۇتقۇچى پائالىيىتى:
ساۋاقداشلار، سىلەر ئاتا-ئانا ۋە قېرىنداشلىرىڭلارغا كۆيۈنەمسىلەر؟
ئۇنداقتا بىز «قېرىنداشلىق مېھرى» دېگەن تېكىستنى قايتا بىر قېتىم ئوقۇپ چىقايلى.
تەلەپ: ياقتۇرغان جۈملىڭىزنىڭ ئاستىغا سىزىڭ
ساۋاقداشلار،  ئىكراندىكى بۇلار كىملەر؟ ئۇلار نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ ئىكراندىن تۆۋەندىكى جۈملە چىقىدۇ.
رەسىمنى كۆزىتىپ سۆزلەيدۇ، ھەم كىتاپتىن تېپىپ ئوقۇيدۇ.
«ئۇ خىرەلەشكەن كۆزلىرىنى بالىلىرىغا تىكىپ…»
ئاستى سىزىلغان سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟
ئۇ خىرەلەشكەن چىراقنىڭ ئاستىدا تاپشۇرۇق ئىشلىدى.


ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى:
ئۆز چۈشەنچىلىرىنى سۆزلەيدۇ.




كىتاپنى ئىختىيارى ئوقۇيدۇ.

رەسىمنى كۆزىتىپ سۆزلەيدۇ، ھەم كىتاپتىن تېپىپ ئوقۇيدۇ.



شەخىسلەر مۇستەقىل ئويلىنىپ جاۋاپ بېرىدۇ.
خىرەلەشكەن - خۇنۇك، نۇرسىز.
بۇ جۈملىدە دېگەن خىرەلەشكەن، غۇۋا مەنىدە كەلگەن.



ئاتىنىڭ سۆزىنى قانداق ئاھاڭدا ئوقۇساق بولار؟
بالىلار دادىسىنىڭ سۆزىگە قانداق جاۋاپ قايتۇردى؟
بىراق ئۇزاق ئۆتمەي ئاتا نەپەستىن قاپتۇ.
تۆۋەندىكى سۆزنىڭ ئورنىغا يەنە قانداق سۆزلەرنى قويۇشقا بولىدۇ؟ بىراق ئۇزاق ئۆتمەي ئاتا قۇربان بوپتۇ دېسەك بولارمۇ؟
تېكىستتىكى ئاتا-بالا ئۈچەيلەننىڭ دىئالوگىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىكى ئىدىيىۋى ھېسياتنى ھەرىكىتى بىلەن ئىپادىلەپ بېرىش.
كىشىلەر ئاتا-بالا ئۈچەيلەننىڭ قېرىنداشلىق مېھرىگە ھەرخىل كۆز قاراشتا بولغان. سىزچە كىمنىڭ قارىشى توغرا؟ نېمە ئۈچۈن؟
تېكىستنىڭ ئاخىرقى ئابزاسىنى كوللىكتىپ ئوقۇش.


شەخسلەر ئىپادىلەپ، ھېسياتلىق ئوقۇيدۇ.
پارتىداشلار پىكىرلىشىپ جاۋاپ بېرىدۇ.


كۆز يۇمۇپتۇ، تىنىقتىن قاپتۇ، ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ…ئىختىيارى جاۋاپ بېرىدۇ

كىچىك گۇرۇپپىلار بويىچە رول ئېلىپ ئىپادىلەيدۇ.


پارتىداشلار ئۆز-ئارا پىكىرلىشىدۇ.
تېكىستتىكى ئاتا-بالا ئۈچەيلەننىڭ تۇتقان يولى توغرا دەپ قاراشقا بولمايدۇ.…




ھەركىم ھەر نېمە دەپتۇ. ئەمما ھەممەيلەن ئاتا-بالا ئۈچەيلەننى ھۆرمەت بىلەن دەپنە قىلىپتۇ.
ئاستى سىزىلغان سۆزگە جۈملە تۈزۈڭ.
ھەر كىم ھەر نېمە دەپتۇ…، نېمە دېگەندۇ؟
تەسەۋۋۇرغا يېتەكلەيمەن.
ھەركىم ھەرنېمە دېگەن بىلەن چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببەت ھەرقانداق كىشىنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايدۇ…
بۇ دەرسنى ئۆگىنىش ئارقىلىق سىزدە قانداق تەسىرات پەيدا بولدى؟
سىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، ساۋاقداشلىرىڭلار ئوتتۇرىسىدىمۇ مۇشۇنداق تەسىرلىك ھېكايە بولغانمۇ؟ سۆزلەشكە يېتەكلەيمەن.


ئېغىزچە جۈملە تۈزىدۇ.


تەسەۋۋۇر قىلىپ سۆزلەيدۇ.





كىچىك گورۇپپىلار مۇزاكىرە قىلىدۇ.

ئاۋۋال پارتىداشلار مۇزاكىرىلىشىدۇ. ئاندىن كۆپچىلىككە سۆزلەپ بېرىدۇ.


تاپشۇرۇق:
قېرىنداشلىق، مېھىرى-مۇھەببەت ئىپادىلەنگەن ھېكايە، چۆچەكلەرنى تېپىپ يىزىپ كېلىش.
دوسكا لاھىيىسى
                3.قېرىنداشلىق مېھرى
      تىرىكچىلىك قىلغىلى باردى.  
ماڭغۇدەك ھالى قالماپتۇ.      
ئاتا-بالا                  چوڭ ئوغۇل كىيىملىرىنى دادىسىغا كىيدۈردى.
كىچىك ئوغۇل ھاپاش قىلىپ يولىنى داۋاملاشتۇردى.
دەرستىن كېيىنكى ئويلىنىش:
بۇ تېكىستنىڭ تىلى ئاددى، تەسىرلىك، ۋەقەلىكى تەسىرلىك بولغاچقا، دەرسخانان كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى بولغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئەمىلىيىتىگە باغلاپ سۆزلىشىشى ياخشى بولغان.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش