كۆرۈش: 98|ئىنكاس: 0

2.ئاپا، مەن ئاجىز ئەمەس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2.ئاپا، مەن ئاجىز ئەمەس
مەزمۇنى:
مەشھۇر پىداگوك سۇخۇملىنىسكىينىڭ ئەسىرىدىن ئۆزگەرتىپ ئېلىنغان بۇ تېكىستنىڭ تېمىسى ساشا ئۆزىگە ئىشەنگەن ۋە ئۆزىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا مەردانىلىق بىلەن دېيىشنى ئويلىغان. شۇنداقلا ئاپتور- نىڭ ھەر بىر بالىنىڭ قەددىنى تىك تۇتۇپ ئۆزىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا مەردانىلىك بىلەن دىيىشىگە ئىلھام بەرگەن. بىر جۈملە سۆزىدۇر. «مەن ئاجىز ئەمەس، چۈنكى مەن ئۆزۈمدىن ئاجىزلارنى قوغدىيالايمەن. ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغان كىشىلەرگە ۋە سەبىيلەرگە ياردەم بېرەلەيمەن» دېگەن جۈملىگە مەركەزلەشكەن.
مۇھىم نۇقتا:
تېكىستنى توغرا، راۋان، ھېسياتلىق ئوقۇش ئاساسىدا تېكىست مەزمۇنىنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشىنىش.
قېيىن نۇقتا:
تېكىستتىكى يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋىلىش ۋە ئۇلارنى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش.
كۆرسەتمە:
كاپىيەن، رەسىم.
ۋاقتى:        
ئىككى سائەت ئۆتۈلىدۇ.

ئوقۇتۇش جەريانى:

ئوقۇتقۇچى پائالىيتى:
ساۋاقداشلار بىز 2-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئاتا-ئانىمىزنىڭ ۋە ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ نەزىرىدە ئاجىزمۇ؟
ساشا ئەمدىلا بەش ياشقا كىرىپتۇ. ئۇنى ئاپىسى باتۇر دەپ ماختىدى. بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلىشنى خالامسىلەر؟ دېگەندەك سوئاللارنى قويۇش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن.
كىتاپنى ئىختىيارى ئوقۇشقا تەشكىللەيمەن.
تەلەپ: تېكىستتىكى چۈشىنەلمىگەن سۆزلەرنىڭ ئاستىغا سىزىڭ.
تېكىستنى ئوقۇشقا تەشكىللەيمەن.
دىئالوگلار بويىچە ئوقۇشقا يېتەكلەش.
تېكىستتىكى يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە يېتەكلەش


ئوقۇغۇچى پائاليىتى:
ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.



دەرس تېمىسىنى كوللىكتىپ ئوقۇيدۇ.

قولىغا قەلەم ئېلىپ، يېڭى سۆزلەرنىڭ ئاستىغا سىزىدۇ.
شەخىسلەر بويىچە ئوقۇپ بىر-بىرىنى باھالايدۇ.
كىچىك گورۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئوقۇيدۇ.
.ئازغان-ئەتتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇر ماق تاشلايدىغان چاتقال، غولى ئىنچىكە بولىدۇ.
قوغداش-
شۈمشىيىپ قىلىش-


ئۆزلىرى ياقتۇرغان جۈملىلەرنى ئوقۇشقا يېتەكلەش.
كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنى ئوقۇش. ھەم بوغۇمغا ئايرىش مەشىقى ئېلىپ بارىمەن.


ساشا ئاتا-ئانىسى بىلەن قەيەرگە باردى؟
ئۇلار بارغان ئورمانلىقنىڭ مەنزىرىسى قانداقكەن؟
ئورمانلىقنىڭ مەنزىرىسىنى يەنە قانداق سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەشكە بولىدۇ؟


ئۈچ سوئال جۈملىنى ئوقۇتۇش ئار- قىلىق ساشانىڭ روھىي ھالىتىنى چۈشىنىشكە يېتەكلەيمەن.
قاتتىق يامغۇردا قالغان ئازغان چېچىكى تەسۋىرلەنگەن جۈملىلەرنى ئوقۇشقا يېتەكلەش.
پارتىداشلار ئۆز-ئارا ئوقۇپ نۇمۇر قويۇش.



ئورمانلىققا باردى.

كىتاپتىن تېپىپ ئوقۇيدۇ، جۈملە شەكلىدىن پايدىلىنىپ جۈملە تۈزىدۇ.

ئورمانلىق شۇنچە گۈزەل، ھاۋاسىمۇ شۇنچە ساپ.
ــــ شۇنچەـــــ، شۇنچەـــــ

كوللىكتىپ ئوقۇيدۇ. شەخىسلەر بويىچە جاۋاپ بېرىدۇ.

ئوقۇغۇچىلار بۇ ئابزاسنى پارتىداشلار ئاۋا چۈشەنچىسىنى سۆزلەيدۇ.



تاپشۇرۇق:
يامغۇردا قالغان ئازغان چېچىكى تەسۋىرلەنگەن جۈملىنى كۆچۈرۈپ كېلىش.
2-سائەتلىك ئۆگىنىش نىشانى

1.تېكىستنى ئورتاق ئەدەبىي تىلدا ئوقۇشنى ئۆگىنىۋىلىش، «؟»،«!» بەلگىسى قويۇلغان جۈملىلەرنى باشقا جۈملىلەر بىلەن پەرقلەندۈرۈپ ئوقۇشنى بىلىۋىلىش.
2.تېكىستتىكى يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋىلىش ۋە ئۇلارنى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش.
3.ئاجىزلاردىن بولۇپ قىلىشنى خالىمايدىغان بولۇش، ئۆزىدىن ئاجىز- لارنى قوغداش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش.
مۇھىم نۇقتا:
ئاجىزلاردىن بولۇپ قىلىشنى خالىمايدىغان بولۇش، ئۆزىدىن ئاجىز- لارنى قوغداش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش.
قېيىن نۇقتا:
تېكىستتە ئازغاننى تەسۋىرلەپ يېزىشنىڭ رولىنى بىلىش.
كۆرسەتمە:
رەسىم، كاپىيەن


ئوقۇتۇش جەريانى:



ئوقۇتقۇچى پائالىيىتى:
ساشا قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق ئازغاننى قوغدىيالىدى؟ سوئاللار ئاساسىدا

ئوقۇغۇچى پائالىيتى:
ئوقۇغۇچىلار سوئاللار ئاساسىدا مۇزاكىرىلىشىپ جاۋاپ بېرىدۇ.
سۆزلەشكە يېتەكلەش.
دېئالوگلارنى پەرقلەندۈرۈپ ئوقۇشقا يېتەكلەش.
جۈملە شەكلىدىن پايدىلىنىپ  جۈملە تۈزۈش.
ئورمان مەنزىرىسىنى ۋە ئازغان چېچىكىنى كونكرېت تەسۋىرلەپ يازغان جۈملىلەرنى چىقىرىۋىتىپ، ئۆزگەرتىلگەن تېكىستنى ئىكراندىن كۆرسىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى قانداق ئوخشىماسلىقنىڭ بارلىقىنى سۆزلەشكە تەشكىللەيمەن.
يامغۇردا قالغان ئازغان يېزىلغان جۈملىنى ئوقۇتىمەن.
بۇ چىرايلىق ھەم ئاجىز ئازغان بولمىغان…
دېمەك ساۋاقداشلار ساشا ئاجىزلارغا كۆيۈنۈش ۋە ئۇلارنى قوغداشنى ئۆگەندى.
ساشانىڭ ئۈچىنجى سوئالىنى ئوقۇشقا تەشكىللەش.
سىلەر ئۆزۈڭلاردىن ئاجىزلارنى قانداق قوغداشنى ئويلاۋاتىسىلەر؟
كىچىك گورۇپپىلار ئارا روللارغا بۆلۈنۈپ ئوقۇيدۇ.
ساشا ئاۋۋال يامغۇرلۇق چاپانغا، ئاندىن ئانىسىغا قاراپ ھەيران بولغان ھالدا سورىدى.
ــــــ ئاۋۋال ــــــ،ئاندىن ــــــــ.
ئىكراندىن كۆرۈپ، پارتىداشلار مۇزاكىرىلىشىدۇ.




ئوقۇتۇش جەريانىدىكى تەسىراتىنى سۆزلەيدۇ.
ئىكراندىن بۇ جۈملىلەرنى كۆرسىتىپ داۋاملاشتۇرىمەن.
پارتىداشلار ئوقۇش ئارقىلىق ساشانىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاجىز ئەمەسلىكىنى، ئۆزىدىن ئاجىزلارنى قوغدىيالايدىغانلىقىنى ھېس قىلغىنىدەك روھىي ھالىتىنى چۈشىنىشكە يېتەكلەش.
كىچىك گورۇپپىلار مۇزاكىرە قىلىدۇ.

بۇ دەرسنى ئۆگىنىش ئارقىلىق قانداق تەسىراتقا كەلدىڭىز؟ قانداق ماقال-تەمسىل بىلەن ئىپادىلەشكە بولىدۇ؟
ياخشى، بۇ ماقال تەمسىللەرنى چوقۇم يادلىۋىلىڭلار.


ئاجىزلاردىن بولۇپ قىلىشنى خالىمايدىغان بولۇش، ئۆزىدىن ئاجىزلارنى قوغداش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش.

ئاجىزلارغا ئاتا بول،
يېتىملارغا يۆلەك بول.
ئاجىزغا ئېشىڭنى بەر،
مۇساپىرغا نېنىڭنى بەر.  
ئىدىيىۋى تەربىيە:
ئاجىزلارغا كۆيۈنۈش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش لازىم.
تاپشۇرۇق:
مېھرىبانلىق توغرىسىدىكى ماقال-تەمسىل ۋە ئەقلىيە سۆزلەردىن بىر نەچچىنى يېزىپ كىلىش.

دوسكا لاھىيىسى
2.ئاپا مەن ئاجىز ئەمەس
چۈنكى ــ مەن ئۆزۈمدىن ئاجىزلارنى قوغدىيالايمەن. ياردەمگە ئىھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم بېرىمەن.
دەرستىن كېيىنكى ئويلىنىش:
بۇ سائەتلىك دەرسىمىز بالىلار تۇرمۇشىغا يېقىن بالىلار تىلىدا بولغاچقا، دەرسخانا كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى بولدى.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش