كۆرۈش: 145|ئىنكاس: 0

1.تۇنجى قوڭغۇراق ئاۋازى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تېما
1.تۇنجى قوڭغۇراق ئاۋازى
مەزمۇنى:
بۇ تېكىست بىر پارچە تارىخىي ھېكايە بولۇپ، يازغۇچى تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ «ئايخان» ناملىق كىتابىدىن قىسقارتىلىپ ئېلىنغان. تېكىستتە 1930-يىللىرى ئۇيغۇر مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئۆزىنى ئاتىغان زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلىرى ئىچىدىكى قەيسەر ئايال ئايخان ئانىنىڭ مائارىپىمىزغا، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا، يېتىم-يسىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشتەك ئالىيجاناپ روھى سۆزلەنگەن.
مۇھىم نۇقتا:
تېكسىتنى چۈشىنىپ ئوقۇش ئارقىلىق ئايخان ئانا ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش.
قېيىن نۇقتا:
تېكىستنى روللارغا بۆلۈپ ئىپادىلەپ ئوقۇشتا قىينىلىدۇ.
ۋاقتى:ئىككى سائەت
كۆرسەتمە:
كاپىيەن، ئاسما رەسىم.
1-سائەتلىك ئۆگىنىش نىشانى:
1.تېكىستنى ئورتاق ئەدەبىي تىلدا توغرا، راۋان، ھېسياتلىق ئوقۇشنى ئۆگىنىۋىلىش.
2.يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلىۋىلىش ۋە ئەمىلىيەتتە ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش.
3.ئايخان ئانىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋىلىش.
ئۆگىنىش ئۇسۇلى:
1.تېكىستنى ئورتاق ئەدەبىي تىلدا توغرا، راۋان، ھېسياتلىق ئوقۇش
2.كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرنى يېزىش ۋە ئوقۇش
3.سۆزلەرنى چۈشىنىش، ئەستە ساقلاش.
ئوقۇتۇش جەريانى:
ئوقۇتقۇچى پائالىيىتى:                             ئوقۇغۇچى پائالىيىتى:
1. دەرسكە باشلاپ كىرىش
ئايخان ئانا توغرىسىدا قىسقىچە بىر ھېكايە سۆزلەپ دەرسكە باشلاپ كىرىمەن.
ئايخان ئانا 1930-يىللاردا ئۇيغۇر مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئاتلانغان زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلىرى ئىچىدىكى بىر قەيسەر ئايال. 1882-يىلى غۇلجا شەھرىدە شۇ دەۋىرنىڭ ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان تۇردى باينىڭ ئۆيىدە دۇنياغا كەلگەن. ئايخاننىڭ ياشلىق دەۋىرلىرى ئۆتكەن ئاشۇ يىللاردا شىنجاڭ ئەكسىيەتچىل فىئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاسارىتىدە بولۇپ، خەلق جاھالەتنىڭ يەنە بىر قارا پەردىسى بولغان ساۋاتسىزلىققا چىرمالغانىدى. ھەرقايسى جايلاردا شۇ دەۋرنىڭ مۆتىۋەرلىرىنى تەربىيىلەيدىغان موللا، قارىيلار ئاچقان « ئۆي مەكتەپلىرى » دىن باشقا زامانىۋىي ئىلىم-پەننى ئىگىلىتىدىغان پەننىي مەكتەپلەر يوق ئىدى. ئايخان ئانا ئەنە شۇ دەۋىردە ئۆزىنىڭ شەخسىي بەخت-سائادىتى تۇرمۇشى، پاراۋانلىقىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنى بالىلارنى تەربىيىلەشكە ئاتىغان قەيسەر ئانىدۇر.
بۇ سائەتلىك دەرسىمىزدە بىز مۇشۇ « قەيسەر ئانا » بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز. دەپ تېما دوسكىغا يېزىلىدۇ.



تېكىستنى ئىختىيارى ئوقۇشقا يېتەكلەش:
تەلەپ:1)ئوقۇش جەريانىدا چۈشەنمىگەن سۆزلەرنىڭ ئاستىغا بەلگە قويۇش.
2) تېكىستنى ئابزاسلارغا ئايرىش.
شەخىسلەر بىلەن ئوقۇشقا تەشكىللەيمەن.
تۆت ئوقۇغۇچىنى تۆت ئابزاسنى ئوقۇشقا يىتەكلەيمەن
كىچىك گورۇپپىلاردا ھەمكارلىشىپ تېكىستتىكى يېڭى سۆزلەرنى تېپىپ چىقىش.

گورۇپپىلار ۋەكىلى يېڭى سۆزلەرنى ئوتتۇ رىغا قويۇش. كوللىكتىپ مۇزاكىرىلىشىپ مەنىسىنى چۈشىنىشكە يېتەكلەش.
بۇ سۆزلەرنىڭ خالىغان بىرىگە ئوقۇغۇ- چىلار ئىختىيارىي جۈملە تۈزدۈرۈش.
ئىختىيارى ئوقۇپ چۈشەنمىگەن سۆزلەر نىڭ ئاستىغا سىزىدۇ، ئابزاسلارغا ئايرىيدۇ.
توغرا راۋان ئوقۇيدۇ.
ھەمكارلىشىپ ئوقۇش ئارقىلىق ئايرىم- ئايرىم باھالاش.
ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى-ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش تەشكىلاتى. قاتاڭغۇر-ئورۇق، جانسىز. پىداكار-ئۆزىنى بېغىشلىغان.



كەسكىن-جۈملە تۈزىدۇ.

       



پارتىداشلار ئارا ھەمكارلىشىپ ئوقۇپ، تېكىستكە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تەشكىللەش.
دېئالوگلارنى پەرقلەندۈرۈپ ھېسياتلىق ئوقۇشنى سىناش.

بۇ تېكىستتە نېمىلەر يېزىلغان؟



ئۆزلىرى ياقتۇرغان ئابزاسلارنى كۆچۈرۈپ يېزىش.
روللارغا بۆلۈنۈپ ئوقۇپ، بىر-بىرىنى باھالايدۇ.
پارتىداشلار ئارا پىكىرلىشىپ ئاندىن جاۋاپ بېرىدۇ.
. ئايخان ئانا ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش
سىنىپ دەپتىرىگە يازىدۇ.


تاپشۇرۇق:
1.«ئايخان ئانا» ھەققىدە ماتىرىيال توپلاپ كېلشى.
2.ياقتۇرغان جۈملە، سۆزلەرنى يادلاپ كېلىش.

دوسكا لايىھىسى

1.تۇنجى قوڭغۇراق ئاۋازى
ئايخان ئانىنىڭ رەسىمى    ــــ›  كەڭ قورساق. مەردانە، قەيسەر ئاقكۆڭۈل ئانا



دەرسكە دائىر مەشىقلەر.
ئاستىغا سىزىلغان سۆزلەرنىڭ ئورنىغا باشقا سۆزلەرنى قوشۇپ باقاي:
چىرايى ئېچىلىپ كەتكەن ھۈسەيىن ئەپەندى ئورنىدىن دىككىدە تۇرۇپ كەتتى.
قوڭغۇراق ساداسىدىن ھاياجانلانغان ئايخان ئانىنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئىختىيارسىز جۇغۇلداپ كەتتى.
-بۇ ياققا كېلىپ قاپسىز ئايخان ھەدە؟-دېدى مەتيۈسۈپ ھاجى تەنبەل ئايالغا ئوچۇق چىراي بىلەن بېقىپ.
2-سائەتلىك ئۆگىنىش نىشانى
1.ئايخان ئانىنىڭ مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن ھېچنەرسىسىنى ئايىماسلىقتەك ئالىيجاناپ روھىنى چۈشىنىۋىلىش.
2.ئۆز ئەتراپىدىكى «ئايخان»ئانىغا ئوخشاش مائارىپنى قوللايدىغان كىشىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى سۆزلەش ۋە تېكىست مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ يېزىپ چىقىش.
3.تېكىستنى ئوقۇش ئارقىلىق باشقىلارغا مىھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈشنى، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى بىلىۋىلىش.
مۇھىم نۇقتا:
ئايخان ئانىنىڭ مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن ھېچنەرسىسىنى ئايىماسلىقتەك ئالىيجاناپ روھىنى چۈشىنىش.
قېيىن نۇقتا:
ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش ۋە مىھرى-مۇھەببەت يەتكۈزۈشنى بىلىۋىلىش.
ئوقۇتۇش جەريانى:





ئوقۇتقۇچى پائالىيتى:
ئايخان ئانىنىڭ رەسىمىنى دوسكىغا چاپلاپ ، ئىش-پائالىيەتلىرىنى سۆزلىتىپ. دەرسنى ئەسلەپ ئۆتۈش.
ئايخان ئانا بالىلارنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن قانداق ياردەم قىلدى؟
ئايخان ئانىنىڭ بۇ ياردىمىدىن قانداق تەسىراتقا كەلدىڭىز؟
ئوقۇغۇچىلارنى چۈشەنمىگەن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا يېتەكلەش. (كىچىك گورۇپپىلاردا مەسلىھەتلىشىپ، ئاندىن ئوتتۇ- رىغا قويغۇزۇش)
يۇقارقى سوئاللار ئاساسىدا تەھلىل ئېلىپ بېرىش.

1)ئەڭ ئاخىرقى ئابزاسنى كوللىكتىپ ھېسسياتلىق ئوقۇتۇش.
2)«تۇنجى قوڭغۇراق ئاۋازى» بىلەن













ئوقۇغۇچى پائالىيىتى:
پارتىداشلار ئۆز-ئارا مۇزاكىرىلىشىپ جاۋاپ بېرىدۇ.
شەخسلەر بويىچە تەسىراتىنى سۆز- لەيدۇ.
1)تۇنجى قوڭغۇراق ئاۋازى نېمىگە قا- رىتىلغان؟
2)ئايخان ئانا نېمە ئۈچۈن ياش تۆكىدۇ؟
3)ئايخان ئانىدەك ئاياللار ھازىرمۇ بارمىدۇ؟
چوڭقۇر ئىدىيىۋى ھېسياتىنى چۈشىنىش.
ئايخان ئانىنىڭ يۈكسەك پەزىلىتىگە مەدھىيە ئوقۇش.
«ئايخان ئانا» ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى چۈشەندۈرۈش.
3)ئەتراپىمىزدا مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان كىشىلەردىن كىملەرنى بىلىسىلەر؟
ئۆزلىرى توپلاپ كەلگەن «ئايخان ئانا» ھەققىدىكى ماتىرىياللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئورتاقلىشىش.
بۇ دەرسنى ئۆگىنىش ئارقىلىق قانداق تەسىراتقا ئىگە بولدىڭىز؟
نۇرتاي ھاجىم، رادىل ئابلا……
ماتىرىياللارغا ئاساسەن بۇ قەيسەر ئانىدىن تەسىرلىنىش، ئىپتىخارلىنىش ھېسياتىنى سۆزلەش.
[كىچىك گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
ھەم ئۆز ئىرادىسىنى بىلدۈرۈش.


ئىدىيىۋى تەربىيە:
ئوقۇغۇچىلارغا «كىم ياردەمگە ئىھتىياجلىق بولسا شۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنۇش» كېرەكلىكى ھەققىدە تەربىيە بېرىمەن.
تاپشۇرۇق:       
ئۆزلىرىگە تونۇشلۇق بولغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى توپلاپ كېلىش.
دوسكا لايىھىسى
1.تۇنجى قوڭغۇراق ئاۋازى
ئايخان ئانا      مائارىپىمىزغا، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا، يېتىم-يېسىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش.
ئالىيجاناپ روھى سۆزلەنگەن.
دەرستىن كېيىنكى ئويلىنىش:
ئوقۇغۇچىلار بۇ سائەتلىك دەرستە شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زاماندىكى مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقتى.
ئەمما دىئالوگلارنى روللارغا بۆلۈپ ئوقۇشى ياخشى بولمىدى.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش