كۆرۈش: 112|ئىنكاس: 0

13.مەڭگۈلۈك ئەسلىمە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تېما
13.مەڭگۈلۈك ئەسلىمە
مەزمۇنى:
بۇ ئەسلىمە خارەكتېرلىك بايانى ئەسەر بولۇپ، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ شىخۇغا كېلىپ«مەن» ئوقۇۋاتقان مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىغانلىقى، پىداگوكلارغا خاس ئۇسلۇپتا بالىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئاددىي سۆزلەر بىلەن ئۇلارنىڭ بىلىم ئىلىش ئىستىكىنى قوزغاپ، غايىسىنى، ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى چوڭقۇر ھاياجانغا سالغانلىقىدەك تەسىرلىك ۋەقە «مەن»نىڭ تىلى ئارقىلىق بايان قىلىنغان.
ۋاقتى: ئىككى سائەت
كۆرسەتمە:
ئاسما رەسىم، كىتاپتىكى رەسىم
1-سائەتلىك ئۆگىنىش نىشانى:
1)تېكىستنى ئورتاق ئەدەبىي تىلدا توغرا، راۋان، ھېسياتلىق ئوقۇشنى ئۆگىنىۋىلىش.
2)تېكىستتە ئۇچرىغان يېڭى سۆزلەرنى قۇرال
ئۆگىنىش ئۇسۇلى:
1. تېكىستنى توغرا، راۋان، ھېسياتلىق ئوقۇش.
2.قۇرال كىتاپتىن پايدىلىنىپ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش.
3.سۆزلەرنى چۈشىنىش ئاساسىدا تېكىستنى چۈشىنىش




ئوقۇتۇش جەريانى:
ئوقۇتقۇچى پائالىيىتى:
1.دەرسكە باشلاپ كىرىش.
1)ساۋاقداشلار، سىلەر ئەخمەتجان قاسىمى دېگەن بۇ ئىسىمنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟
ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىلەر؟ قېنى كىم ئۆزىنىڭ بىلىدىغانلىرىنى سۆزلەپ باقىدۇ؟
مەنمۇ سىلەرگە ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنى سۆزلەپ باقاي.


ئوقۇغۇچى پائالىيىتى:

بىلىدىغانلىرىنى سۆزلەيدۇ.






دىققەت بىلەن ئاڭلاپ ئولتۇرىدۇ.

ئەخمەتجان قاسىمى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مەشھۇر رەھبىرى. ئۇ 1914-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ناھايىتى جاپالىق شارائىتتا ئاجايىپ قەيسەرلىك بىلەن بىلىم ئالغان. تاغىسىدىن ئەينەك سېلىشنى ئۆگىنىۋالغان. ئەخمەتجان قاسىمى ئەينەكچى قىياپىتىدە ئۆيمۇ-ئۆي يۈرۈپ، كىشىلەرگە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. شۇ سەۋەپتىن تۈرمىگە سولانغان. 1944-يىلى نويابىردا غۇلجىدا قوزغالغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا ئالدىنقى قاتاردا قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان.
ئۇ ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى. بالىلارنى ياخشى كۆرەتتى. بالىلارمۇ ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ دائىم «ئۆسمۈرلەر-ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى، كەلگۈسىدىكى قۇرۇلۇشنى پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ ئورۇندايمىز» دەيتتى. دائىم دارىلئىتامغا ۋە مەكتەپلەرگە بېرىپ، بالىلارنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئىلىپ تۇراتتى. ئۇلارغا ئوبدان تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىشكە كۈچ چىقىراتتى.
لېكىن، شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ تۇرىۋاتقان ئەخمەتجان قاسىمى 1949-يىلى ئاۋغۇستتا جۇڭگۇ خەلق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كېتىۋاتقاندا، ئايروپىلان ۋەقەسى بىلەن بەختسىزلىككە ئۇچرايدۇ.
ئۇلۇغ ۋەتەن تۇپرىقىدا ياشاۋاتقان ھەر بىر پۇقرا يولداش ئەخمەتجان قاسىمىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئىپتىخارلىنىدۇ ۋە ئۇنى قىزغىن ھېسيات بىلەن ئەسلەيدۇ، سېغىنىدۇ. ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە نۇرغۇن تەسىرلىك ئەسلىمىلەر بار. بۈگۈن بىز ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدىكى بىر ئەسلىمىنى ئۆگىنىمىز. ئۇنىڭدا ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە قانداق ئىشنىڭ يېزىلغانلىقىنى بىلگۈڭلار بارمۇ؟ ئەمىسە تېكستنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىڭلار.

1)تېكىستنى ئالدىن ئوقۇپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۈلگە قىلىپ ئوقۇتۇش.
2)ئۆز ئالدىغا ئىختىيارى ئوقۇپ ۋەقەلىك بىلەن تونۇشۇپ چىقىش.






كىتاپنى مۇستەقىل، ئىختىيارى ئوقۇيدۇ.


3)مەن ئۈلگە قىلىپ ھېسياتلىق ئوقۇپ بېرىمەن. مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئوقۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ بالىلارغا كۆيۈنۈش، بالىلارنى سۆيۈشتەك ئېسىل پەزىلىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھېس قىلدۇرىمەن.
4)تېكىستنى ئاڭلاپ بولدۇڭلار. سىلەردە قانداق تەسىرات پەيدا بولدى؟
5)پارتىداشلار ئارا مۇزاكىرىلىشىپ ئوقۇپ، ئۆزى ئەڭ ياقتۇرغان ئابزاس ۋە مۇھىم جۈملىلەرنى تېپىپ چىقىشقا تەشكىللەيمەن. يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرىمەن.


ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغان مەزمۇنلارنى پىكىر ئالماشتۇرۇشقا يېتەكلەيمەن.




مەن ئوقۇغان تېكستنى ئاڭلاپ كىتاپ ئوقۇشتن زوقلىنىپ ئولتۇرىدۇ. ھەم تەسەۋۋۇر قىلىپ ئويلىغانلىرىنى سۆزلەيدۇ. مېنى باھالايدۇ.



پارتىداشلار ئاڭلىغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى ئالماشتۇرىدۇ.
يېڭى سۆزلەرنىڭ قۇرال كىتاپتىن پايدىلىنىپ چۈشىنىدۇ.
1.تەبەسسۇم-كۈلۈمسىرەش
2.مەمنۇن بولۇش-رازى بولۇش
3.ئىنژېنېر-لاھىيىلىگۈچى
4.ئۈچ ۋىلايەت-ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي
كىچىك گۇرۇپپىلار مۇزاكىرە قىلىدۇ.






تاپشۇرۇق:
ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئالىيجاناپ پەزىلىتى ئىپادىلەنگەن جۈملىلەرنى كۆچۈرۈپ ئەستە ساقلاش.
دوسكا لاھىيىسى
13.مەڭگۈلۈك ئەسلىمە
1947-يىلى ئۆكتەبىر كۆرۈشكەن «مەن» ھازىرغىچە ئەسلەيدۇ.
ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رەسىمى
«مەن»دە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى
مەشىق
ئاستى سىزىلغان سۆزلەرنىڭ ئورنىغا يەنە قانداق سۆزلەرنى قويۇشقا بولىدۇ؟
1)ئەخمەتجان ئەپەندى خۇش تەبەسسۇم بىلەن قارىدى.
2)ئۇنىڭ ئىلھامبەخىش سۆزلىرى قەلبىمىزگە ئورناپ قالدى.
3)ئۇ بىزگە مەمنۇنلۇق بىلەن قارىدى.
سۆز بېرىكمىسى تۈزەلەيمەن
سۆيۈملۈك   ئىللىق       باتۇر     مىھرىبان
چىراي      ئەزىمەت     داھىي    تەبەسسۇم
جۈملە تۈزەلەيمەن
مەمنۇن بولۇش-
ئىلھامبەخىش-
تەبەسسۇم-
مىھرىبان-
مەڭگۈلۈك


2-سائەتلىك ئۆگىنىش نىشانى:

ئوقۇتۇش جەريانى:
ئوقۇتقۇچى پائالىيىتى:
1)ساۋاقداشلار، ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە قانداق ماتىرىيال توپلاپ كەلدىڭلار؟
2)تېكىستنى ھېسياتلىق ئوقۇتۇش.
3)مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈرىنى قوزغايمەن.
1.«مەن»قاچان ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن كۆرۈشتى؟
2.ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سىرتقى كۆرىنىشى ئىپادىلەنگەن جۈملىلەرنى تىپىپ بېقىڭ؟
«مەن» ئەخمەتجان ئەپەندىنى كۆرگەندە نېمىلەرنى ئويلىغاندۇ؟
بالىلار ئەخمەتجان ئەپەندىنى كۆرۈپ قانداق قىلدى؟



ئوقۇغۇچى پائالىيىتى:
توپلاپ كەلگەن ماتىرىياللارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش

پارتىداشلار ھەمكارلىشىپ روللارغا بۆلۈنۈپ ئوقۇيدۇ.




كىتاپتىن تىپىپ ئوقۇيدۇ.


تەسەۋۋۇر قىلىپ سۆزلەيدۇ.

كىتاپتىن تىپىپ ئوقۇيدۇ.


ئەخمەتجان ئەپەندى «ئىككى كەررە ئۈچ» بىلەن «ئۈچ كەررە ئىككى»نىڭ ئوخشاشلىقىنى قانداق قىلىپ ئوڭايلا چۈشەندۈرۈپ قويدى؟
بالىلارنىڭ ئورنىدا سىلەر بولغان بولساڭلار ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ «بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟» دېگەن سوئالىغا قانداق جاۋاپ بېرەتتىڭلار؟
بالىلار ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ نېمە ئۈچۈن بىر ھازاغىچە ئۆزىنى باسالماي قالىدۇ؟ شۇ چاغدا بالىلار نېمىلەرنى ئويلىغاندۇ؟
«مەن»نىڭ ئەخمەتجان ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى «مەڭگۈلۈك ئەسلىمە» دېيىشتىكى سەۋەپ نېمە؟
ساۋاقداشلا «مەن» ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئۆزىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بىر ئىشنى ناھايىتى تەسىرلىك يېزىپ چىقىپتۇ. ئائىلىدە، مەكتەپتە ياكى مەھەللىدە  سىزدىمۇ مۇشۇنداق تەسىر قالدۇرغان، ھازىرغىچە ئېسىڭىزدىن چىقمايدىغان ئىشلار بولغانمۇ؟كىم سۆزلەپ باقىدۇ؟
پارتىداشلار تەھلىل قىلىدۇ.



كىچىك گورۇپپىلار مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.



ئۆزلىرى مۇستەقىل ھالدا  ھېس قىلغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.


پارتىداشلار ئارا مۇزاكىرىلىشىپ، ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. ئۆزلىرىنى باھالايدۇ.
ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغان كەچۈرمىشنى سۆزلەپ بېرىدۇ.



بۇ دەرسنى ئۆگەنگەندىن كېيىن سىزدە قانداق تەسىرات پەيدا بولدى؟

كىچىك گۇرۇپپىلار مۇزاكىرە قىلىدۇ

دەرس خۇلاسىلىنىدۇ.

ئەخلاقىي تەربىيە:
ئەخمەتجان ئەپەندىگە بولغان ھۆرمەت ھېسيستىنى كۈچەيتىش ھەم ئۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ، ئۆگىنىش ئىرادىسىنى كۈچەيتىش.
تاپشۇرۇق:
تەسىرلىك ئىشلىرىدىن بىرەرىنى ئەسلەپ بىر پارچە يېزىش.
دوسكا لاھىيىسى
13.مەڭگۈلۈك ئەسلىمە
ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ رەسىمى
بالىلارغا، مائارىپقا كۆيىنىدىغانلىقى. بىلىمنى قەدىرلەيدىغان. ئادەم تەربىيىلەشكە ماھىر. ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلىتىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
دەرسكە دائىر مەشىق
بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ.
1.(      )يىل(     )ئاخىرى ئىدى. مەن (      )ئوقۇيتۇم.
2.بىر چاغدا ئىىشك ئىچىلىپ (       )،(       ) دوپپا كېيگەن، (        )، (        ) (        ) چامىسىدىكى (        ) كىرىپ كەلدى.
3.بىز (     ) تۇرۇپ بۇ (                  ) بەردۇق.
4.ئەخمەتجان ئەپەندى بىز بىلەن (                  )كەتتى. ئۇنىڭ (                  )، (                  ) قەلبىمىزگە (                  ).
دەرستىن كېيىنكى ئويلىنىش.
بۇ سائەتلىك دەرستە ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر قىلىشى، تەسەۋۋۇر قىلىپ سۆزلىشىشى، كۆز قاراشلىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويىشى ياخشى بولدى.
ئاخىرىدا تېكىستنىڭ يېزىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارنى «مەن»گە ئوخشاش ئۆزىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بىرەر ئىشنى سۆزلەپ بېقىشقا تەشكىللەش ئارقىلىق، بىرەر پارچىنى ئەسلەپ يېزىش.


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش