كۆرۈش: 133|ئىنكاس: 0

8 .ساۋات چىىقىرىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
8 .ساۋات چىىقىرىش
(2014-يىلى 3-ئينىڭ    كۇنى      (2-سائىتى)
1.بىلىم ۋە ئىقتىدار نىشانى : تېكىستنى تېز سۈرئەتتە  ئوقۇپ ، سۇئاللار ئاساسىدا لوتپۇللانىڭ بالىلىق  چاغلىرىدىكى ئوتتەك  قىزغىنلىق بىلەن  ساۋادىنى چىقىرۋېلىش  جەريانىنى بىلىۋېلىش.
2.ئۇسۇل ۋە جەريان:
قوزغۇتۇش،يىتەكلەش ،ئىلھاملاندۇرۇش،سۇئاللارنى مۇھاكىمە قىلىش،رەسىمنى كۈزىتىش،ئۇسۇلىرى ۋە جەريانى ئارقىلىق ئۇقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ .
3.ھېسيات پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى:لوتپۇللاغا ئوخشاش تىرىشىپ ئۆگىنىش، ساۋات چىقىرىشقا ئوتتەك قىزغىن مۇئامىلە تۇتۇش تەربىيەسى بېرىلىدۇ .
موھىم نۇقتا: لوتپۇللانىڭ بالىلىق  چاغلىرىدىكى ئوتتەك  قىزغىنلىق بىلەن  ساۋادىنى چىقىرىش  جەريانىنى ۋە بالىلىق پائالىيىتىنى بىلىش.
قىيىن نۇقتا: لوتپۇللانىڭ بالىلىق ھاياتى ھەم ساۋات چىقىرىش جەريانىدىكى قىزغىنلىقىنى  ئورتاق ئەدىبىي تىلدا ئپادىلەپ بېرىش.
ئوقۇتۇش ئوسۇلى :
تېكىتنى ئوقۇتۇش ، قىستۇرما رەسىمنى ئېكراندا  كۈزىتىش ، يىتەكلەش ، ئوقۇتۇش مەزمۇنى:بۇ<<ساۋات چىقىرىش>>دىگەن دەرس مۇشۇ  سائەتلىك  دەرىسنىڭ 2-سائىتى بۇلۇپ ، سۇئاللار ئاساسىدا لوتپۇللانىڭ باللىق ۋاقتىدىكى خەت ساۋادىنى چىقىرىشتىكى ئوتتەك  قىزغىنلىقىنى ئىگەللەش ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ساۋات چىقىرىشتىكى قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئاساسى مەزمۇن قىلىدۇ.
ئوقۇتۇش مەزمۇنى: سۇئاللارنى مۇلاھىزە قىلىشقا ئويۇشتۇرۇش ، مۇستەھكەملەش مەشىقىگە  تەشكىللەش ، خۇلاسە  قىلىش ئۇقۇتۇش ئۇسۇللىرى قوللىنىدۇ.
ئوقۇتۇش قوراللىرى: دەرىسلىككە بېرىلگەن 54-بەتتىكى قىستۇرما رەسىمنى كۈزەتكۈزۈش ئېكراندا كۆرسىتىش، دەرس دېتالىدىن پايدىلىنىش شەكىللىرى قاتارلىق ئوقۇتۇش قورالى ئىشلىتىلىدۇ.
ئوقۇتۇش جەريانى:
1.باشلاپ كىرىش: ساۋاقداشلار  ئېكرانغا  قارايلى ،ئېكراندا كىملەر بار ئىكەن؟ (ئېكراندا لوتپۇللا ۋە ئۇنىڭ دادىسىنىڭ رەسىمى كۆرسىتىلىدۇ ) ئۇلار نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ ؟ دىگەن سۇئاللارنى سوراش ھەم ئوقۇغۇچىلاردىن جاۋاپ ئېلىش شەكىلى ئارقىلىق  يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىمەن .
2.يېڭى بىلىم ئۈستىدە ئىزدىنىش:ساۋاغداشلار بىز بۈگۈن <<ساۋات چىقىرىش>>دىگەن  دەرىسنىڭ تېكىستنى بىر قېتىم ئوقۇپ ، ئاندىن سۇئاللار ئاساسىدا لوتپۇللانىڭ بالىلىق ھاياتى پائالىتى ھەم ئۇنىڭ خەت ساۋادىنى چىقىرىش يولىدىكى ئوتتەك قىزغىنلىقىنى سۇئاللار ئاساسىدا مۇھاكىمە قىلىش ئېلىپ بارايلى.
ئوقۇتقۇچى تېكىستنى پويىز  سۈرئىتىدە بىر قېتىم ئوقۇشقا يىتەكلەش ئېلىپ بارىدۇ.
ئۇنداقتا  سۇئاللارنى مۇھاكىمە قىلايلى ، لوتپۇللا  كىچىكىدىن تارتىپلا  نىمىنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىدى؟
ئوقۇغۇچىلار قول كۆتىرىپ جاۋاپ بىرىدۇ.
چۆچەك   ئاڭلاشقا ئامراق ئىدى.
بىر ئاخشىمى دادىسى ئۇنىڭغا كىمنىڭ ھىكايىسىنى .ېيتىپ بەردى ؟
(ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارلىق  ئاساسىدا  جاۋاپ بىرىشكە يىتەكلىنىدۇ).
دادىسى ئۇنىڭغا  <<سادىر  پالۋان>>نىڭ  ھىكايىسىنى ئېيتىپ بەردى.
لوتپۇللانىڭ دادىسى ئېيتىپ  بەرگەن ھىكايە قانداق ئىدى؟  لوتپۇللا  دادىسى ئېيتىپ بەرگەن ھىكايىنىڭ  تۈگەپ كەتكەنلىكىنى نىمىشقا سەزمەي قالىدۇ؟
   ئوقۇغۇچىلار پارتىلار ئارا مۇزاكىرىگە تەشكىللەش ئارقىلىق جاۋاپ بىرىشكە يىتەكلىنىدۇ.
لوتپۇللانىڭ دادىسى ئېيتىپ  بەرگەن  ھىكايە بەك تەسىرلىك ئىدى .  ھىكايە بەك تەسىرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن لوتپۇللا ھىكايىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمەي قالىدۇ.
لوتپۇللا بۇ چاغدا بېشىنى كۆتىرىپ نىمە دەپ سورىدى؟ دادىسى نىمە دېدى؟
ئوقۇغۇچىلار قول كۆتىرىپ ئوقۇتقۇچىنىڭ قوزغىتىشى ئاساسىدا جاۋاپ بىرىشكە يىتەكلىنىدۇ.
  لوتپۇللا ، << دادا ھىكايە تۈگىدىمۇ ؟ >>- دەپ سورىدى . دادىسى ، <<  قانداق قىزىقمىكەن؟-دېدى.
لوتپۇلا دادىسىغا نىمە دېدى؟
ئوقۇغۇچىلار قول كۆتىرىپ جاۋاپ بىرىدۇ.
قىزىقكەن ،جىن ئالۋاستىلارنىڭ ھىكايىسىدىنمۇ قىزىق ئىكەن دېدى.
لوتپۇللانىڭ دادىسى نىمە دېدى؟
ئوقۇغۇچىلار قول كۆتىرىپ جاۋاپ بىرىدۇ.
دادىسى بۇ بولغان ۋەقە ، ئوغۇل بالا دېگەن ئەنە شۇنداق بولىشى كېرەك دېدى.
لوتپۇللانىڭ كۆڭلىدە قايسى باتۇر ئەزىمەت قەلبىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالدى؟
ئوقۇغۇچىلار پارتىلار ئارا مۇزاكىرىلىشىپ جاۋاپ بىرىشكە يىتەكلىنىدۇ.
لوتپۇللانىڭ كۆڭلىدە باتۇر ئەزىمەت،مەشھۇر قوشاقچى <<سادىر پالۋان>>ئۇنىڭ  قەلبىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالدى.
بىر كۈنى لوتپۇللا  دادىسىغا يەنە ھىكايە ئېيتىپ بەر دېگەندە ،دادىسى ئۇنىڭغا نىمە دېدى؟ لوتپۇللاچۇ؟  
ئوقۇغۇچىلار قول كۆتىرىپ جاۋاپ بىرىدۇ.
ھىكايە ، ھىكايە دەيسەن ، ھىكايىلەرنىڭ  ھەممىسى كىتاپلاردا بار . سەن خەت ئۇقۇشنى ئۆگىنىۋالساڭ  ھەممىنى ئۆزۈڭ كۆرۈپ ، بىلەلەيسەن دېدى.
لوتپوللا ،بۇ يەردە مەكتەپ بولمىسا دېدى .
بۇ چاغدا لوتپۇللانىڭ دادىسى نىمە دېدى؟
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى قوزغىتىش ئاساسىدا جاۋاپ بىرىشكە يىتەكلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئسان مەن ساۋاق بېرىمەن .سەن ئۆيدە مىنىڭ بەرگەن ساۋاقلىرىم بويىچە يېزىپ ئۆگەنسەڭ بولڭدۇ.
  بۇ  گەپنى ئاڭلاپ  لوتپۇللانىڭ  كۆزلىرىدە  قانداق ئالامەتلەر  كۆرىلدى ؟ ھەم نىمە دېدى؟
ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارلىق  ئاساسىدا قول كۆتىرىپ  جاۋاپ بىرىشكە يىتەكلىنىدۇ.
ئۇنىڭ كۆزىدە ئوت چاقناپ ، ئەمىسە ھازىر ساۋاق بەر ، مەن ئۇقۇش بىلەن يېزىشنى ئۆگىنەي دېدى، دادىسنى ئالدىرتىپ .
شۇنىڭ بىلەن دادىسى شۇ  كۈنىلا  قانداق تەييارلىقلارنى ھازىرلاپ بەردى؟ ئۇ قانداق ئۆگەندى؟
ئوقۇغۇچىلار پارتىلار ئارا مۇزاكىرىگە تەشكىللىنىپ  جاۋاپ بىرىشكە يىتەكلىنىدۇ.
ئۇ  شۇ  كۈنىلا دەپتەر ياساپ ، ھەرىپلەرنى يېزىپ  ئۆگەتتى.بۇ لوتپۇللانىڭ ئالتە ياش ۋاقتىلىرى ئىدى. ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر كۈنى كەچلىك  تاماقتىن  كېيىن شىرەنىڭ يېنىغا  كېلىپ  قېرىندىشىنى چىڭ تۇتۇپ يېزىشقا كىرىشتى . تاكى ئانىسى ئۇخلاشقا زورلىغانغا  قەدەر  ئۆگەندى ، لوتپۇللا  مەيلى دادىسى بىلەن ئېتىزلىققا بارسۇن ياكى بالىلار بىلەن ئوينىغىلى بارسۇن ، ئەپچىل بىر جاينى تېپىۋېلىپ ، ئىنچىكە ياغاچ بىلەن يەرگە يېزىپ ئۆگەندى.
شۇنداق تىرىشىش ئارقىلىق لوتپۇللا ئاخىردا قانداق ئۈنۇمگە ئېرىشتى؟
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى رىغبەتلەندۈرۈپ ھەم قوزغىتىش ئېلىپ بارىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار قول كۆتىرىپ جاۋاپ بىرىدۇ.
ئۇزاققا بارمايلا ئۇ خەت ساۋادىنى چىقىرىپ ،كىتاپ ئۇقۇشقا كىرىشتى.
3.مۇستەھكەملەپ ئۆگىنىش :
سىزگە لوتپۇللا نىڭ  ساۋات چىقىرىشتىكى  قايسى ئىشى بەك  تەسىر قىلدى ؟ سىز قانداق ئۆگەنمەكچى بۇلىۋاتىسىز؟
تۆۋەندىكى جۈملىلىەرنى ئۇقۇپ كىمنىڭ ئېيتقان سۆزى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرىڭ.
(1)تۈگدى، قانداق، قىزىقمىكەن ؟
(2)بۇ يەردە مەكتەپ بولمىسا !
4.خۇلاسىلاش: لوتپۇللاغا ئوخشاش كىچىكىمىزدىن باشلاپ ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن تىرىشىش ئۆگىنىش روھىنى يىتىلدۈرۈش تەربىيەسىنى بېرىش ئارقىلىق دەرس خۇلاسە قىلىنىدۇ.
دوسكا لاھىيەسى :                8  .ساۋات چىىقىرىش                              
(2-سائىتى)
لوتپۇللا مۇتەللىپ
(1) كىچىكىدىن تارتىپلا چۆچەك ئاڭلاشقا ئامراق ئىدى .
(2)ئۇ دائىم ئەپلىك بىر جاينى تېپۋېلىپ تۇختماي  ئۆگۈندى.
              (3) ئۇ 6 ياش ۋاقتىدىلا دادسىنىڭ  ياردىمدە خەت ساۋادنى چىقىرىپ بولدى.
مانا بۇ لوتپۇللانىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ساۋات چىقىرىشىدىكى قىزغىن تىرىشىش روھىدۇر .                                                


:دەرسلىككە ماسلاشتورۇلغان مەشىقنىڭ31-بېتدىكى مەزمۇنلار                تاپشۇرۇق                           




دەرستىن كېيىنكى تەسىرات :بۇ دەرىس ياخشى لاھلەنگەن دەرىس بۇلۇپ،ئوقۇغۇچلارنىڭ سۇئاللارغا  جاۋاپ بىرشى،كىتاپ ئۇقۇش پائاليەتلىرگە تەشكىللىشى،ئوقۇغۇچلارنىڭ ئۇقۇتقۇچغا ماسلىشىشى ياخشى بۇلدى.دەرىس مەزمۇنى ئوقۇغۇچلارنىڭ ياش ئالاھدىلكىگە ماسلاشقان ھالدا ياخشى ئۆتىلگەن دەرىس بۇلدى.بۇنىڭدىن كىيىن ئۇقۇغۇچلارنىڭ ئۇقۇش بىلەن يېزىش  مەشقىنى كۆپلەپ ئېلىپ بېرىشنى ئويلدۇم.            (  3-قېتىملىقى)




baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش