كۆرۈش: 134|ئىنكاس: 0

بالىلار تەربىيسىدىكى ئائىلە تەربىيسىنىڭ مۇھىم رولى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بالىلار تەربىيسىدىكى ئائىلە تەربىيسىنىڭ مۇھىم رولى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
ئائىلە-بالىلارنىڭ بىرىنجى مەكتىۋى.ئائىلە باشلىقى بالىلارنىڭ بىرىنجى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلارغا قارتا رولى تېخىمۇ زور بولىدۇ.ئاتا-ئانىلار بالىلارنى تەربىيلەشتە بالىلارغا ئۆلگە بولۇش ئاساسىدا ئاتا-ئانىنى چوڭلارنى ۋە ئۇستازنى ھۆرمەتلەيدىغان تۈيغۇنى يىتىلدۈرۈشى لازىم.بۇ بالا تەربىيلەشتىكى مۇھىم ھالقا ۋە بىرىنجى دەرىس.
ئاتا-ئانىلار بالىلاردا كىچىكىدىن تارتىپ ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ھىسىياتنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن گەپ-سۆز ،ئىش ھەركەتتە بالىلارغا ئۆلگە بولۇشى،بالىلارنى چىن دىلىدىن سۆيۈشى، ئاسىرشى، قوغدىشى ،تەلەپچان بولۇشى لازىم.شۇنداق قىلغاندىلا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلار ئالدىدىكى ھۆرمىتى ئۆسىدۇ.تەربىينىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.لىكىن ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئۇرۇش،ھاقارەتلەش، جازالاش،بېسىم ئىشىلتىش،قورقۇتۇش يوللىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى تىكلىيەلمەيدۇ.
ئابرويىنى سۇنئى يوسۇندا يارتىش،پۇل خەجلەش،مىھمان قىلىش،باشقىلارغا زورلاش ۋە تەھدىت سېلىش يوللىرى بىلەن قوبۇل قىلدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.
ئائىلە تەربىيسىدە ئاتا-ئانىلار :
1.بالىلارنى تەربىيلەش جەريانىدا بارلىق ئىش ھەركەتلەردە باشتىن ئاخىر ئۆزى ئۆلگە بولۇشى،ئاغزىدىن چىققان سۆزلىرىنى ئەمىليەتتە ئۆزلىرى كۆرسىتىشى لازىم.ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ ئۆلگىسى ،بالىلار چوڭلارنى دوراشتا ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ياخشى يامان تەرەپلىرىنى دورايدۇ.مەسىلەن قانداق كىينىدىغانلىقى، قانداق سۆزلىشىدىغانلىقى ،قانداق خۇشال بولدىغانلىقى ،قانداق ئاچچىقلىندىغانلىقى ،قانداق كۈلدىغانلىقى ،قانداق كىتاپ ئوقۇيدىغانلىقى ،قانداق ئولتۇرۇپ قوپۇپ،ماڭىدىغانلىقى ... ئاتا- ئانىلارنىڭ ئىددىيسى ،پەزىلىتى ياخشى بولسا بالىلاردىمۇ كۆپىنچە ياخشى پەزىلەت يىتىلىدۇ.ئەگەر ئاتا- ئانىلارنىڭ ئىددىيسى،سۆزى،ھەركىتى ياخشى بولمايدىكەن بالىلارنىڭمۇ يامان تەسىرگەئۇچىرىشى مۇمكىن.
2.بالىلارغا تەلەپچان بولۇش،زىيادە قانات ئاستىغا ئالماسلىق،بىزدە«ئۇستاز زالىم بولسا ،شاگىرىت ئالىم بولۇر»دىگەن ھېكمەتلىك سۆزبار.بالىنى چىڭ تۇتقانلىق ياخشى كۆرگەنلىك بوش تۇتقانلىق ھالاكەت يولىغا باشلىغانلىقتۇر.بۇبالا تەربىيلەشتىكى قانۇنىيەت.بالىلارنى تەربىيلەشتە ياخشى كۆرۈش بىلەن قاتتىق بولۇش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش لازىم.بالىلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇش ھەيۋە قىلىش،زورلاش،مەجبۇرلاش ، قورقۇتۇش ھاقارەتلەش،بېسىم ئىشىلتىش خاراكتىرىنى ئالماسلىقى لازىم.بولمىسا بالىلار ئاتا-ئانىدىن ، ئائىلدىن بىزار بولىدۇ. قورقۇنچاق ، كەم سۆز ، ئىچ مىجەز بولۇپ يالغان سۆزلەشتەك ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۋالىدۇ.بالىلارنى زىيادە ئەركىلتىش بالىلاردا جاپادىن قورقۇدىغان ئاتا-ئانىسىغا يۆلنىۋالدىغان، ئەركە-نايناق،چوڭچى،بەتخەج قىلىپ قويىدۇ.شۇڭا بالىلارغا مۇۋاپپىق قاتتىق تەلەپ قويۇش،زىيادە ئامراقلىق قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.بالىلار ياخشى ئىش قىلغاندا ئۇلارنى مۇۋاپپىق ماختاش،بالىلار يامان ئىش قىلغاندا ئۇلارنى ئۆزلايىقىدا تەنقىدلەش ئارقىلىق ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ،توغرا بىلەن خاتانى  ،ھەق بىلەن ناھەقنى پەرىقلەندۈرۈش قابىليىتىنى يىتىلدۈرۈش لازىم.بالىلارغا كىچىكىدىن تارتىپ مۇۋاپىق كىلدىغان ئورۇنداپ كىتەلەيدىغان ئىشلارنى تاپشۇرۇپ ياخشى ئورۇنداش تەلىپىنى قويۇپ بالىلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق تۈيغۇسىنى يىتىلدۈرۈشكە تۈرۈتكە بولۇش.
3.ئاتا-ئانىلار بالىلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلىش تەربىيدە ئۆزئارا ماسلىشىش،بىردەكلىكنى چوقۇم ساقلىشى لازىم.بالىلارنى تەربىيلەشتە ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇئامىلسى قوپال بولسا پىكىرى بىر يەردىن چىقمىسا تەربىيدە بالىنىڭ ئارسىغا كىرىپ ،بىر-بىرى بىلەن جىدەللەشسە بالىلار نىمە قىلارىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالىدۇ. –دە شۇنىڭ بىلەن زىددىيەتتىن پايدىلنىپ ئۆزىنىڭ كەمچىلكى ،خاتالىقىنى ياپىدىغان بولۇپ قالىدۇ.ھەتتا ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيسى بۇ قۇلاقتىن كىرىپ ئۇقۇلاقتىن چىقىپ كىتىدىغان ،پەرۋاسىز قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ .
4.قايىل قىلىش بىلەن  بالىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى بىرلەشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئۇنۇملۈك پايدىلىنىش .
بالىلارنى قايىل قىلىشتا بالىلارغا نىمىنىڭ خاتا –نىمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇرۇش لازىم .سەۋىرچانلىق بىلەن قايىل قىلىش ئاساسىدا يىتەرسىزلىكىنى تۈزىتىشكە ئەھمىيەت بىرىش .ھەدىسىلا  بالىلارنى ئەيىبلەش،ئۇرۇش،تىللاش،سىلكىش،دەشكۈشلەش قاتارلىق قوپال قالاق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئىنتايىن زىيانلىق.
بالىلارنى كىچىكىدىنلا غايىلىك ،ئەخلاقلىق،مەدەنيەتلىك،ئىنتىزامچان،ئەدەبلىك ، بىلىملىك، كىشلەردىن  قىلىپ يىتۈشتۈرۈپ چىقىشتا ئاتا-ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتى ۋە مەجبۇرىيتى بار.ئۆز پەرزەنتىنىڭ يەرەملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئارزۇ ۋە ئۈمىد قىلمايدىغان ئاتا-ئانا يوق.  شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارنى تەربىيلەشتە بالىلارغا ياخشى مۇھىت يارتىپ بىرىشى،تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بالىلارنىڭ تەربىيلىنىش بىلىم ئېلىش جەھەتتىكى ھەۋەس ئىشتىياقىنى تەلەپلرىنى قاندۇرۇشى مۇشۇ ئاساستا تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرشى كىرەك.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش