كۆرۈش: 212|ئىنكاس: 0

پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى
1. پارتىيىنىڭ لۇشىيەن- فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن- تۈزۈملىرىنى ئىزچىل ئىجىرا قىلىپ، يۇقۇرى دەرىجىلىك پارتكوم ۋە مەمۇرى تارماقلارنىڭ قارارلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆلۈنۈشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپنىڭ ھەر تۇرلۇك خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش، يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛
2. پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۇزلۇك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەلىم- تەربىيە قانۇنىيىتىنى ياخشى ئىگەللەپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيىسىنى توغۇرلاپ، ئەتىراپلىق پىلانلاپ، بىرلىكتە ئىسلاھات لاھىيىسىنى تۇزۇپ چىقىش ھەمدە ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش، مۇھىم قائىدە- تۈزۈملەرنى تۇزۇش، ئاساسلىق كادىرلارنى ئالماشتۇرۇش، يىللىق خامچوت  تۈزۈش، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى موكاپاتلاش ۋە جازالاش ئۇنىڭدىن باشقا مۇھىم ئىشلارنى، مۇھىم مەسىلىلەرنى قارار قىلىش؛
3. پارتىيىنىڭ كادىرلارنى باشقۇرۇش، پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى باشقۇرۇش ھوقۇق چىكى بويىچە، ھەم ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك كادىرلارنى يېتىشتۇرۇش، «تۆت لەشتۈرۇش» فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئاساسىدا ئۇلارنى سىناپ باھالاپ چىقىش، ئۇلارنى تەربىيلەپ يېتىشتۇرۇش ھەم ئۇلارنى ياخشى باشقۇرۇش ۋە سىناپ تەكشۇرۇش؛
4. مەكتەپنىڭ سىياسىي- ئىدىيە خىزمىتى ۋە ئەخلاق خىزمىتى ھەمدە مەدەنىيەتلىك مەكتەپ قۇرۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىدۇ، شۇنداقلا «ئۇچكە ۋەكىللىك قىلىش» نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۇتۇن نىيەت، پۇتۇن قەلب بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان ھالدا كەڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارغا غايە، ئىشەنچ ۋە ئاساسىي مەقسەتنى چۆرىدىگەن ھالدا تەربىيە ئېلىپ بېرىش، سىياسىي ئۆگىنىش تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئەخلاق تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەتلىك قۇرۇلۇشىدا نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، مەكتەپ مۇدىرى ۋە مەمۇرى سېستىمىلار ئارىسىدىكى ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى قۇرۇپ ۋە پەيدىن- پەي ياخشىلاپ، ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيۋى ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، مەكتەپنىڭ ئامانلىقىنى ئۇنۋېرسال تۈزەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش، ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ تەرتىپىنى ياخشىلاپ كېلىچەك ئەۋلادلارنى تەربىيلەش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشكە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش؛
5. مەكتەپ پارتىيە تەشكىلىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تەشكىلىي قۇرۇلۇشنى ۋە پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئەزالىرىنى نەزەرىيە ئۆگىنىشكە، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئەستايدىل ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيۋى ساپاسىنى ۋە نەزەرىيە جەھەتتىكى ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى نىشانلىق باشقۇرۇش، پارتىيە تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى چىڭىتىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ھەمدە پارتىيە ئەزالىرىغا بولغان تەربىيىنى، باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئاساسىدا پارتىيە بىلەن ئاممىنىىڭ مۇناسىۋىتىنى قۇيۇقلاشتۇرۇپ، باشقىلارنى چۇشىنىش، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، باشقىلارغا ياردەم بېرىش ۋە باشقىلارنى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ تۇردە قانات يايدۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئوقۇتۇتشنىڭ بېرىنچى سېپىدە ئىشلەۋاتقان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ پارتىيىگە قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش؛
6. مەكتەپ رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئىدىيىۋى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەركىزىي گۇرۇپپا ئۆگىنىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك ئاپپاراتىدىكى ئەزالارنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ساپاسىنى ۋە نەزەرىيە جەھەتتىكى ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، دېموكراتىيە مەركەزلەشتۇرۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ھەم مۇكەممەللەشتۇرۇش، رەھبىرى كادىرلارنىڭ تەشكىلىي جەھەتتە ۋە ھەرىكىتىدە بىردەك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە رەھبەرلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىش، كادىرلار بىلەن ئامما ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قۇيۇقلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئىشلەش روھىنى جارى قىلدۇرۇش؛
7. پارتىيە ئىستىلى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىنتىزام تەكشۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، پارتىيە ئەزالىرى ئاممىنى پارتىيىنىڭ تۈزۈمىگە، دۆلەت قانۇنىغا ۋە تۇرلۇك قائىدە- تۈزۈملەرگە بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلىش، ھەر تۇرلۇك پاسىپ ھادىسلەرنى قەتئىي تۇگىتىش ھەمدە ناچار خاھىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇش؛
8. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار  تەشكىلاتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ قانۇن بويىچە پائالىيەت ئىلىپ بىرىشىنى قوللاش، ئۇلارنىڭ تەلىم-تەربىيە جەريانىدىكى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش رۇلىنى جارى قىلدۇرۇش.
9. بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە تەشكىلىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن رەھبەرلىك قىلش رولىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، دېموكراتىيىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پىكىر- تەلەپلىرىنى ئەستايدىل ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ئۆز نىزامنامىسى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى قوللاش؛




پارتىيە ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇھاكىمە دائىرىسى
1. پارتىيىنىڭ لۇشىيەن، فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى ۋە يۇقۇرى دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە يۇقۇرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش ۋە ئۆگىنىش، ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۇرۇشنىڭ كونكرېت چارە- تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىش؛
2. ئىددىيۋى-سىياسىي تەربىيە ۋە مۇقىملىق قاتارلىق خىزمەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلش.
① پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى
② مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى
③ جەمىئىيەت ئامانلىقىنى ئۇنۋېرسال تۈزەش
④ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي-ئىددىيۋى تەربىيسى.
3. مۇدىر ۋە مۇئاۋىن مۇدىرلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالى ھەققىدىكى مەلۇماتىنى ئاڭلاش، باشقا ياچېيكا ھەيئەتلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش؛
4. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ جەمىئىيەتكە، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە چېتىلىدىغان تۆۋەندىكىدەك مۇھىم مەسىللەرنى قارار قىلىش؛
① مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك پىلانى
② تەلىم- تەربىيە، ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ لاھىيىسى
③ مەكتەپنىڭ يىللىق خام چوت، نەق چوت ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش پىلانى
④ ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرىنى ۋەزىپىگە قويۇش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، موكاپاتلاش ۋە جازالاش
5. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە تەستىقلاش؛
6. پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ قانۇن- ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىللەرنى مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش؛
7. ھەر خىل قائىدە- تۈزۈم، بەلگىلىمىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىش؛
8. ياچېيكا ھەيئەتلىرى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان باشقا مۇھىم مەسىللەرنى مۇزاكىرە قىلىش؛

ياچېيكا ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر بىلەن ئالاقە باغلاش تۈزۈمى
1. پارتىيە ياچېيكا ھەيئەتلىرى ئاممىۋى لۇشىيەندە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىك خىزمەت ئۇسۇلى، رەھبەرلىك ئىستىلىنى ياخشىلاپ، بيۇكراتلىققا ۋە شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇشى، ئومۇمىيلىق قارشىنى تۇرغۇزۇپ، ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىشى لازىم؛
2. ياچېيكا ھەيئەتلىرى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋاللىرىنى ئىگەللەپ، ھەق گەپ قىلىپ، ئەمەلىي ئىش بىجىرىپ، كۆرۈلگەن مەسىللەرنى توغرا ھەل قىلىشى كېرەك؛
3. پارتىيە ياچېيكا ھەيئەتلىرى ئالاقىلىشىش نۇقتىلىرى تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۇقتىلارغا چۇشۇپ، خىزمەتلەرنى تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى- خىزمەتچىلەر، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلەرنىڭ پىكىر- تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىللەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش، ھەل قىلىش مۈمكىنچىلىكى بولمىغان مەسىللەرگە قارىتا چۇشەنچە بېرىپ تونۇشنى ئايدېڭلاشتۇرۇش لازىم؛
4. پارتىيە ياچېيكىسى ھەيئەتلىرى ئوتتۇرا قاتلام بىلەن سۆھبەتلىشىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مۇناسىۋەتنى قۇيۇقلاشتۇرۇپ خىزمەتنى ئىلگىرى سۇرۇش لازىم. ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالماسلىقى، سۆھبەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، قەتئىي ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، سۆھبەت خاتىرىسىنى تولۇق يېزىشى لازىم؛
5. پاك- دىنايەتلىك بولۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئاساسلىق تەدبىر ھېساپلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ياچېيكا ھەيئەتلىرى باشلامچىلىق بىلەن جاپاغا چىداپ كۆرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى- خىزمەتچىلەردىن تەلەپ قىلغانلىكى ئىشلارنى ئالدى بىلەن ياچېيكا ھەيئەتلىرى ئۆزلىرى باشلامچى بولۇپ ياخشى ئىشلىشى، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ، ئوقۇتقۇچى- خىزمەتچىلەرنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى لازىم؛





پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە تۇرمۇشى ئۆتكۈزۈش، دېموكراتىك باھالاش تۈزۈمى
پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاش ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشى__ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى، ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش، شۇنداقلا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
1. پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاش پائالىيىتى يىلدا ئىككى قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ، يەنى ھەر ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ ئاخىرىدا بىر قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؛
2. پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاشتىن ئىلگىرى مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىلىرى مەخسۇس ئادەم بەلگىلەش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن پىكىر ئېلىش ھەمدە ئوقۇتقۇچى، ئىشى- خىزمەتچىلەرنىڭ پىكىرلىرى ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىغا يەتكۈزۈلۈشى شەرت. دېموكراتىك باھالاشتىن ئىلگىرى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈش ئاساسىدا تەنقىد ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى ھەقىقىي قانات يايدۇرۇپ، پارتىيىلىك بۇرچىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى خۇلاسە قىلىپ چىقىشى لازىم؛
3. دېموكراتىك باھالاشقا بارلىق پارتىيە ئەزالىرى تولۇق قاتنىشىشى، ئالاھىدە ئەھۋال بىلەن قاتنىشالمايدىغانلار خۇلاسە ماتېرىيالىنى يەتكۇزۇپ بېرىشى كېرەك؛
4. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش پائالىيىتى ئايدا ئىككى قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ؛
5. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشى مەزگىلىدە باشقا ھەرقانداق ئىش ئورۇنلاشتۇرماسلىق، رۇخسەت سورىماسلىق، ۋاقتىدا تولۇق قاتنىشىشى كېرەك. پارتىيە تۇرمۇشىغا قاتنىشىش ئەھۋالىنى يوقلىما قىلىش يولغا قويۇلىدۇ، سەۋەپسىز قاتناشمىغانلار قاتتىق سۇرۇشتە قىلىنىدۇ، ئىلغار قىلىپ سايلانمايدۇ؛
6. پارتىيە تۇرمۇشى پائالىيىتىدە پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر مۇھىم ھۆججەت، قارارلار ئۆگىنىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆگىنىش خاتىرىسى تۇتۇپ، تولۇق خاتىرە قالدۇرۇپ مېڭىش لازىم. ئۆگىنىش خاتىرىسى قەرەلسىز تەكشۇرۈلۇپ تۇرۇلىدۇ؛
7. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە تۇرمۇشى پائالىيىتىنى تەربىيىلىنىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ بىلىپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، ئىددىيۋى- سىياسىي ساپاسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ بېرىشى كېرەك؛
بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بۇ تۈزۈمگە قەتئىي رېئايە قىلىپ، ئىسمى- جىسمىغا لايىق كومپارتىيە ئەزالىرىدىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ؛

مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيىگە ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇش خىزمەت تۈزۈمى
پارتىيىگە ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇش__ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى دائىملىق مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بېرى، شۇنداقلا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئاساسلىق خىزمەتلىرىنىڭ بېرى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيىگە ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ساقلاش، جەڭگىۋارلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن پارتىيە نىزامنامىسىدىكى ۋە مەركىزىي تەشكىلات كومىتېتىنىڭ «پارتىيگە ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ تەپسىلىي پىرىنسىپى» دىكى بەلگىلىمىلەر ئاساسىدا بۇ تۈزۈم تۇزۇپ چىقىلدى.
1. پارتىيىگە ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇش خىزمىتىنى «ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇش، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش، قۇرۇلمىنى ياخشىلاش، تەرەققى قىلدۇرۇشتا ئېھتىياتچان بولۇش، پاكلىقتا چىڭ تۇرۇش» نى ئاساس قىلىپ، پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىش كېرەك؛
2. تەلىم- تەربىيە، ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىشلەۋاتقان ئاكىتىپلارنى پارتىيىگە تەرەققى قىلدۇرۇش، 35 ياشتىن تۆۋەن ئاكىتىپ ياشلارنى قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؛
3. پارتىيىگە ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇشتا ھەر قايسى بۆلۈم، ئىشخانىلاردا پارتىيە ئەزاسى بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، تىرىشچان، ياخشى پەزىلەتلىك، سىياسىي ساپاسى يۇقۇرى ئوقۇتقۇچىلارنى بايقاپ تەربىيلەپ پارتىيىگە قوبۇل قىلىش لازىم؛
4. پارتىيىگە ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇشتا قىزغىنلىقى، ئىختىيارلىقى بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بىرى شەرت ھازىرلىسا بىرنى قوبۇل قىلىش لازىم. پارتىيىگە ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى زورايتىش لازىم؛
5. پارتىيىگە كىرىدىغان ئاكىتىپلارنى تەربىيلەش، چېنىقتۇرۇش، تەكشۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم؛
① ھەر قايسى بۆلۇم تارماقلارپارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، پارتىيىنىڭ سىياسىي مەيدانىنى تەشۋىق قىلىش، سىياسىي ئىدىيۋى خىزمەتنى كۈچەيتىپ، پارتىيە سىرتىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ پارتىيىگە بولغان تونۇشىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، پارتىيىگە كىرىشنى تەلەپ قىلغان ئاكىتىپلار قوشۇنىنى كېڭەيتىش لازىم.
② پارتىيىگە كىرىشنى تەلەپ قىلغۇچىلار پارتىيىگە كىرىش ئىلتىماسى سۇنىدۇ. تەربىيلەش ئوبېكتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ، ئىتتىپاق ئەزاسى بولسا ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەكشۇرۇشى ئارقىلىق پارتىيىگە قوبۇل قىلىنغۇچى بېكىتىلىدۇ.
③ پارتىيىگە قوبۇل قىلىش ئوبېكتىغا ئىككى نەپەر رەسمىي پارتىيە ئەزاسى تونۇشتۇرغۇچى قىلىپ بېكىتىلىپ، تەربىيىنى سېستىمىلاشتۇرۇش لازىم. تېزىملاش جەدىۋىلىنى تونۇشتۇرغۇچى تولدۇرىدۇ.
④ تەربىيلەنگۈچىلەر بىر يىلدىن كۆپرەك تەربىيلەنگەندىن كېيىن، تونۇشتۇرغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى- خىزمەتچىلەرنىڭ پىكىرىنى ئېلىش ئاساسىدا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى مۇزاكىرە قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى يىغىنىدا بېكىتىلىپ، تەرەققى قىلدۇرۇش ئوبېكتى قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ. تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلارنىڭ تەربىيلىنىش ۋاقتىنى قىسقارتىشقا بولىدۇ.
⑤ تەرەققى قىلدۇرۇش ئوبېكتىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى تەكشۇرۈلىدۇ.
⑥ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى چاقىرىپ، پارتيىنىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىش قارارى چىقىرىدۇ. كۆپ ساندىكى پارتىيە ئەزالىرى قوشۇلغاندىن كېيىن ، ياچېيكا قارار چىقىرىپ بېكىتىدۇ.
6. پارتىيە ياچېيكىسى ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ پارتىيىگە كىرىشىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، چوقۇم ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىشى ھەمدە ئاۋازغا قويۇشى لازىم. يىغىنغا قاتناشقان رەسمىي پارتىيە ئەزاسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قوشۇلغاندا ئاندىن كاندىدات پارتىيە ئەزاسى دەپ قارار چىقىرىشقا بولىدۇ؛
7. بېكىتىلگەن تونۇشتۇرغۇچىلار پارتىيىگە كىرگۈچى ئوبىكتلارغا پارتىيىنىڭ پروگراممىسىنى چۇشەندۇرۇشى، پارتىيىگە كېرىش مۇددىئاسىنى، سىياسىي ئېڭىنى، ئىدىيۋى پەزىلىتىنى، خىزمەت ئىپادىسىنى، ئاساسلىق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللىشى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقىنى ئىزاھلاپ چۇشەندۇرۇشى، تونۇشتۇرۇلغۇچىنىڭ پارتىيىگە كېرىش تەلەپنامىسىنى توشقۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ھەمدە ئۆزىنىڭ تونۇشتۇرۇش پىكىرىنى ئەستايدىل توشقۇزۇپ، تونۇشتۇرۇلغۇچىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى يىغىندا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تونۇشتۇرۇش لازىم. تونۇشتۇرغۇچى پارتىيە ئەزالىرى تونۇشتۇرۇلغۇچى كاندىدات پارتىيە ئەزاسى بولغاندىن كېيىنمۇ، يەنە داۋاملىق تەربىيلەش ۋە ياردەم بېرىش لازىم؛
8. پارتىيە ياچېيكىسى ياچېيكا يىغىنىنىڭ قارارىنى پارتىيىگە كېرىش تەلەپنامىسىگە تولدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ پارتىيىگە كېرىش ئىلتىماسىنى تەكشۇرۇش ماتېرىيالى بىلەن قوشۇپ، ئۆزى قاراشلىق پارتكومنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش لازىم؛
9. كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنى شۇ مەكتەپ قاراشلىق پارتكوم تەستىقلايدۇ، تەستىقلاشتىن ئىلگىرى مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ، پارتىيە ئىچى- سىرتىدىكى ئاممىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلايدۇ؛
10. كاندىدات پارتىيە ئەزاسى ھەر پەسىلدە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ ئىدىيۋى ئەھۋالىنى، خىزمەت، ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئەھۋاللىرىدىن دوكلات قىلىپ، تەربىيىنى، نازارەتنى قوبۇل قىلىشى لازىم؛
11. كاندىدات پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى بىر يىل بولىدۇ، كاندىداتلىق مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ۋاقتىدا رەسمىيلەشتۇرۇش لازىم، رەسمىيلەشتۇرۇش ياكى كاندىداتلىق مۇددىتىنى ئۇزارتىش ياچېيكا چوڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ تەستىقلىنىشى لازىم. پارتىيە ئەزالىرى رەسمىيلەشكەندىن كېيىن، بارلىق ماتېرىيالى ئارخىپقا سېلىنىپ شۇ مەكتەپ قاراشلىق پارتكوم تەشكىلى تارماقلىرى تەرىپىدىن ئارخىپتا ساقلىنىدۇ.






















«ئۇچ يىغىن، بىر دەرس» تۈزۈمى
مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى مەركىزىي كومىتېتنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيىنى قاتتىق باشقۇرۇش فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۇرۇپ، ياچېيكا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىنى ساغلاملاشتۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيىلەش، باشقۇرۇشنى تېخىمۇ چىڭىتىش ئۈچۈن، «ئۇچ يىغىن، بىر دەرس» تۈزۈمىنى تۇزۇپ چىقتى.
1. پارتىيە ئەزالىرى چوڭ يىغىنى
بۇ يىغىن بارلىق پارتىيە ئەزالىرى (پىنسىيىگە چىققانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تولۇق قاتنىشىدىغان، بىر مەۋسۇمدا ئىككى قېتىم ياكى پەسىلدە بىر قېتىم ئېچىلىدىغان مۇھىم يىغىن. بۇ يىغىندا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇھىم ئىشلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى باھالاش، پارتىيىگە ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇش قاتارلىق ئىشلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
2. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى
بۇ يىغىن پارتىيە ئىككى ھەپتىدە بىر ئېلىپ بېرىلىدىغان پارتىيە تۇرمۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يىغىندا ئاساسلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر ھۆججەتلەر، پارتىيىنىڭ مۇھىم قارار، بەلگىلىمىلىرى، دېڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيىسى، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ مۇھىم سۆزلىرى ئۆگىنىلىدۇ، خىزمەتلەرنى تەكشۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.
3. ياچېيكا ھەيئەتلەر يىغىنى
ياچېيكا ھەيئەتلەر يىغىنى ئايدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ. بۇ يىغىندا مەكتەپنىڭ مۇھىم ئىشلىرى مۇزاكىرە قىلىنىپ قارار چىقىرىلىدۇ، مەكتەپنىڭ ئومۇمىي خىزمەتلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ياچېيكا ھەيئەتلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىدۇ.
4. پارتىيە دەرسى
پارتىيە دەرسى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ۋە پارتىيىگە تەربىيلىنىۋاتقان ئاكىتىپلارغا ئېلىپ بېرىلىدىغان دائىملىق تەربىيىنىڭ مۇھىم بىر شەكلى بولۇپ، پارتىيە دەرسى پەسىلدە بىر قېتىم، يىلدا تۆت قېتىم ئۆتۈلىدۇ. پارتىيە دەرسىدە پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر بىلىملەر ئاساسىي مەزمۇن قىلىنىپ، پارتىيىنىڭ مۇھىم قارارلىرى، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم سۆزلىرى بىلەن بىرلەشتۇرلىدۇ. پارتىيە دەرسى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سېستىمىلىق تەربىيە ئېلىشنىڭ، پارتىيىۋىلىكنى كۈچەيتىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى، شۇنىڭ ئۈچۈن، پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە دەرسىگە تولۇق قاتنىشىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىش لازىم.
«ئۇچ يىغىن، بىر دەرس» تۈزۈمى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ئەمەل قىلىش زۆرۈر بولغان تۈزۈم. شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق پارتىيە ئەزالىرى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن بۇ تۈزۈمگە قەتئىي رېئايە قىلىشى كېرەك.
پارتىيە دەرسىنى ئەستايدىل ئورۇنلاشتۇرۇش، دەرس ئۆتكۈچى، دەرس مەزمۇنىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، دەرس ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم.
پارتىيە بەدەل پۇلىنى يىغىش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى
1. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە ئەزالىق بەدەل پۇلىنى چوقۇم ئۆلچەم بويىچە ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇرۇش، ئەگەر ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كاماندىروپكىغا چىقىپ كېتىپ، پارتىيە بەدەل پۇلىنى ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇرۇش قېيىن بولسا، ياچېيكىغا بەدەل پۇلىنى ئالدىن تاپشۇرۇشقا بولىدۇ. پارتىيە بەدەل پۇلىنى سەۋەپسىز ھالدا ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇرمىغانلارغا قارىتا پارتىيە ئەزالىرىنى نىشانلىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە نۇمۇر تۇتۇلىدۇ، سەۋەپسىز ھالدا ئۇدا ئالتە ئاي پارتىيە بەدەل پۇلىنى تاپشۇرمىغانلار پارتىيىدىن ئۆزلىگىدىن چېكىنگەن دەپ قارىلىدۇ، تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمىسە ياچېيكا چوڭ يىغىنىدا قارار چىقىرىلىپ رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىدۇ، ھەمدە يۇقۇرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللىنىدۇ؛
2. ياچېيكىنىڭ تەشكىلى ھەيئىتى پارتىيە بەدەل پۇلىنى يېغىشقا مەسئۇل بولۇپ، قەرەللىك يىغىش، قەرەللىك تەكشۇرۇش ۋە ئىلان قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛
3. پارتىيە بەدەل پۇلىنى چوقۇم ئۆزى تەشكىلگە تاپشۇرۇش كېرەك. ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا پارتىيە بەدەل پۇلىنى ئۆزى تاپشۇرۇش ھەقىقىي قېيىن بولغاندا باشقا يولداشلار ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرىنى تاپشۇرۇپ قويۇشقا ھاۋالە قىلىشقا بولىدۇ؛
4. پارتىيە بەدەل پۇلىنى يېغىشقا مەسئۇل ھەيئەت پارتىيە بەدەل پۇلىنى يېغىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك. پارتىيە بەدەل پۇلىنى ياچېيكىنىڭ ئۆز ئالدىغا قالدۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، پارتىيە بەدەل پۇلىنى ياچېيكا ھەر پەسىلدە بىر قېتىم يۇقۇرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا تاپشۇرىدۇ، يېرىم يىلدا بىر قېتىم پارتىيە ئەزالىرىغا ئېلان قېلىپ بېرىدۇ؛






پارتىيە ئاساسى قاتلام تەشكىلىنىڭ ۋەزىپىسى
1. پارتىينىڭ لۇشىيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزى كومتېتى، يۇقۇرى دەرىجىلىك تەشكىل ۋە يەرلىك تەشكىلنىڭ قارارىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغار، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئامما بىلەن ئىتتپاقلىشىپ، ئۈستىگە ئالغان بارلىق ۋەزىپلەرنى ياخشى ئورۇنلاش؛
2. پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىغا بولغان سىياسى ئىدىيۋى تەربىينى بولۇپمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيسى، ئاتېئىزىم تەربىيىىنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنىسز دىنى پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ قورغانلىق رولىنى ھەقىقى جارى قىلدۇرۇش؛
3. ئاساسى قاتلام تەشكىلاتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، ماركىسىزىم، لېننىزىم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيسىنى، دېڭ شىياۋپىڭنىڭ جۇڭگۇچە سوتىسيالىزىم قۇرۇش نەزەرىيسىنى ۋە پارتىينىڭ لۇشىيەن، فاڭجىن، سىياسەت ۋە قارارلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، پارتىينىڭ ئاساسى نەزەرىيسىنى، ئىلىم- پەننى، مەدەنىيەت ۋە كەسپى بىلىملەرنى ئۆگىنىش؛
4. پارتىيە ئەزالىرىغا نېسبەتەن تەربىيلەش، باشقۇرۇش ۋە كۈزىتىش ئىلىپ بېرىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، پارتىينى كۈچەيتىش، پارتىينىڭ تەشكىلى تۈرمۇشىدا قەتئى چىڭ تۇرۇپ، تەنقىد ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغداپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئىجىرا قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىيتىنى تولۇق ئىجىرا قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىنى دەخلى- تەرۇزگە ئۇچراتماسلىق؛
5. ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش، داۋاملىق ئاممىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى، پارتىيە خىزمىتىگە بولغان تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى ئىگىلەش، ئاممىنىڭ نۇرمال ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداش، ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە سىياسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛
6. پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ ئاكتىپچانلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇنەۋۋەر، ئىقتىساسلىقلارنى بايقاش، تەربىيلەش ۋە كۆرسىتىش، ئۇلارنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋىتىش ۋە سوتىسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۆزىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئېلھاملاندۇرۈرۈش ۋە قوللاش؛
7. پارتىيىگە كىرگەن ئاكتىپلارنى تەربىيلەش، يېتىشۈرۈشكە تەلەپ قويۇشتا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دائىملىق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئوقۇتۇش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچى ئاكتىپلارنى پارتىيىگە قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىش؛
8. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە باشقا ھەر قانداق خىزمەتچى خادىملارنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇن، سىياسەت، تۈزۈملىرىگە رېئايە قىلىش ئەھۋالىنى كۈزىتىش كىرەك. دۆلەتنىڭ مالىيە- ئىقتىساد قانۇنى ۋە كادىرلار تۈزۈمىگە قاتتىق رېئايە قىلىش، دۆلەتنىڭ، كوللىكتىپنىڭ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش؛
9. پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار قانۇن- تۈزۈم تەربىيسىنى ئىلىپ بېرىش، ھەرخىل جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئۇنسۇرلار ۋە جىنايى پائالىيەتلەر بىلەن كۆرەش قىلىشقا چىڭ تۇرۇش؛























ياچېيكا شۇجىسىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى
ئۆزىگە قاراشلىق ئورۇننىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە ئومۇميۇزلۇك مەسئۇل بولىدۇ. شۇ ئورۇن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ۋە باشقۇرىدىغان ئىشخانا- بۆلۈملەرنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە مەسئۇل بولىدۇ.
① پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش، تەكشۇرۇشكە مەسئۇل بولىدۇ.
② رەھبەرلىك كوللىكتىپىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە مەسئۇل بولىدۇ.
③ «ئۇچكە ۋەكىللىك قىلىش»نى مۇھىم مەزمۇن قىلغان پارتىيىۋىلىك،پارتىيەئىستىلى،پارتىيە نىزامنامىسى تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، پاك- دىيانەتلىك بولۇش توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە، ئۆلچەملەرنى تەشۋىق قىلش، ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
④ رەھبىرى كادىرلارنىڭ پاك- دىيانەتلىك بولۇش، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىش، دېموكراتىك ئاساستا قارار چىقىرىش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە كادىرلارنى دېموكراتىك باھالاش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىش، ئەمەلىيلەشتۇرۇشكە مەسئۇل بولىدۇ.
⑤ رەھبىرى كادىرلارنىڭ ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىشخانا- بۆلۈملەرنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۇرۇش ئەھۋاللىرىنى نازارەت قىلىدۇ ۋە تەكشۇرۇشكە مەسئۇل بولىدۇ. ئىنتىزامغا خىلاپ، ناتوغرا قىلمىشلارنى تەنقىد قىلىدۇ ۋە ناھىيىلىك مائارىپ سېستىمىسى ئىنتىزام تەكشۇرۇش كومىتېتىغا دوكلات قىلىپ، بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇشكە مەسئۇل بولىدۇ.
⑥ كادىرلارنى تەكلىپ قىلىش، كادىرلار (ئوقۇتقۇچىلار) نى ئۆستۈرۈپ ۋەزىپىگە قويۇش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئۇنۋان باھالاش، ھەق ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەردە نازارەتنى كۈچەيتىپ، ئۆتكەلنى ياخشى ئىگەللەپ، ناتوغرا ئىستىللارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.





تەشۋىقات ھەيئىتىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى
ئەخلاق تەربىيە ئىشخانىسى ۋە سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىش.
① مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى تارماقلارنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى نىشانىنىڭ تولۇق ئەمەلىيلىشىشىگە مەسئۇل بولىدۇ.
② مەكتەپ مۇدىرىغا ماسلىشىپ، سىنىپ مۇدىرلىرى ئارىسىدىكى ناتوغرا ئىستىللارنى چەكلەش، ئالدىنى ئېلىش، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ناتوغرا كەيپىياتلارنى تۇگىتىش، ئىدىيە، ئەخلاق تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
③ ھەق ئېلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ تولۇق ئەمەلىيلىشىشىگە مەسئۇل بولىدۇ.
④ ئەخلاقتا ۋە ئۆگىنىشتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەش، ئۆزگەرتىش خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
⑤ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسىگە ياردەملىشىپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە- سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ، ھەر خىل تەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
⑥ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسىگە ماسلىشىپ، مەنىۋى مەدەنىيىلىك قۇرۇلۇشى ۋە ھەر خىل تەشۋىقات خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
⑦ ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ، رەھبەرلىك كوللىكتىپىنىڭ ئىدىيە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ياخشىلايدۇ.










تەشكىلات ھەيئىتىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى
ئىلمىي بۆلۈم، ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى، ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلىرىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۇستىگە ئالىدۇ.
① مەسئۇل بولغان تارماقنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ نازارەت قىلىدۇ ۋە تەكشۇرىدۇ.
② مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى تارماقلارنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت نىشانىنىڭ تولۇق ئەمەلىيلىشىشىگە مەسئۇل بولىدۇ.
③ مەكتەپ مۇدىرىغا ماسلىشىپ، ئۇنۋان باھالاش، ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش، سىناپ تەكشۇرۇش،  ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىدا ناتوغرا ئىستىللارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
④ ھەر خىل ئېمتىھانلارغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ناتوغرا ئىستىللارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئېمتىھان سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
⑤ مەكتەپ ئىستىلى، ئوقۇتۇش ئىستىلى، ئۆگىنىش ئىستىلى تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇچ خىل ئىستىلنىڭ ياخشى ئەمەلىيلىشىشىگە مەسئۇل بولىدۇ، تەكشۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ناچار ئىستىللارنى چەكلەيدۇ.
⑥ مەكتەپ مۇدىرىغا ياردەملىشىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا كەسپىي ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ۋە ئەمەلىيلەشتۇرۇشكە، كەسپىي ئەخلاققا خىلاپ ناتوغرا ئىستىللارنى تەكشۇرۇپ تۇزىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ.
⑦ ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رەھبەرلىك كوللىكتىپىنىڭ ئىدىيە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاشتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.














پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇش تەدبىرلىرى

پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىكى ۋەزىپىلەرنىڭ تولۇق ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئەمەلىيلەشتۇرۇش تەدبىرلىرى تۈزۈپ چىقىلدى.
1. رەھبىرى كادىرلار (مەكتەپ دەرىجىلىك ۋە ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرى) مەركەز، ئاپتونۇم رايون ۋە ۋىلايەت- ناھىيىلىك ئىنتىزام تەكشۇرۇش كومىتېتىلىرىنىڭ پاكلىق قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ھۆججەت- بەلگىلىمىلىرىنى ئەستايدىل ئۆگىنىپ، ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۇرۇشى، نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىقنى ھەقىقىي تونۇپ، بەلگىلىمىلەرگە رېئايە قىلىش ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈش لازىم.
2. مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدە بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت دائىرىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىشى، مەسئۇل بولغان تارماقلارنىڭ پاكلىق قۇرۇلۇشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە تولۇق مەسئۇل بولۇپ، ئىنتىزامغا خىلاپ ئىشلارنىڭ يۇز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
3. مەسئۇل خادىملار مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى تارماقلار ۋە خادىملارنىڭ پاكلىق قۇرۇلۇشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۇرۇپ، نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
4. ھەر خىل ئۈسكۈنە، ماتېرىيال سېتىۋىلىشتا، ئادەم سانى ئۇچتىن كەم بولماسلىق، سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
5. ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى، كىتاپ- ژورنال زاكاز قىلىشتا باشقۇرۇشنى نازارەت قىلىش، تەستىقلىتىش تۈزۈمىنى ئەستايدىل ئەمەلىيلەشتۇرۇپ، ناتوغرا ئىستىللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجىرا قىلىش لازىم، مەسىلە كۆرۈلسە مەسئۇل خادىمنىڭ جاۋاپكارلىقى سۇرۇشتە قىلىنىدۇ.
6. قۇرۇلۇش، رېمۇنت ئىشلىرىدا ئاشكارا خىرىدار چاقىرىشتا چىڭ تۇرۇش، سۈپىتىگە قاتتىق مەسئۇل بولۇش، ھېسابات ئېنىق بولۇش لازىم.
7. ھەق يىغىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى قاتتىق ئىجىرا قىلىپ، قالايمىقان ئېلىنغان ھەق بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ھەر قانداق ئادەمنىڭ خالىغانچە ھەق ئېلىشىغا بىردەك رۇخسەت قىلىنمايدۇ، مەسىلە كۆرۈلسە مەسئۇل بولغان رەھبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۇرۇشتە قىلىنىدۇ.
8. ئۇنۋان باھالاش، يىللىق سىناپ تەكشۇرۇش ۋە ئىلغارلارنى سايلاش ئوچۇق ئاشكارا بولۇپ، دېموكراتىيىنى جارى قىلدۇرۇش، ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇش، ھېسياتقا بېرىلىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتماسلىق لازىم.
9. كادىر قوبۇل قىلىش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىدا ئادىل بولۇپ، ئورۇنسىز تەستىق سالماسلىق، ئۆز ئالدىغا ئىش قىلماسلىق، بىر تۇتاش باشقۇرۇشقا ئەمەل قىلىش لازىم.
10. مەكتەپنىڭ مۈلۈكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماسلىق، ماشىنا ئىشلىتىش، ئالاقىلىشىش قوراللىرىنىڭ چىقىمىنى ئاتچوت قىلىش ۋە باشقا ھەر خىل چىقىملارنى ئاتچوت قىلىشقا مالىيە پىرىنسىپى ۋە بەلگىلىمىنى ئىجىرا قىلىش كېرەك.
11. بارلىق رەھبىرى كادىرلار ۋە پارتىيىلىك كادىرلار دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش تەربىيە پائالىيىتىدە مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى  رۇشەن بولۇشى، تەلىم- تەربىيە، ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ ساغلام ئېلىپ بېرىلىشىغا باشتىن- ئاخىر كاپالەتلىك قىلىش، رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى لازىم.
12. قىزىق نۇقتىلىق چوڭ مەسىللەردە يەنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، كادىرلار ئىشلىرى قاتارلىق مەسىللەرنى قارار قىلىشتا دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئادىل، ئاشكارە بولۇش، بىر ئادەمنىڭ دېگىنى ھېساپ بولۇشتەك ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
13. رەھبىرى كادىرلار ئۆزىنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش لازىم.
14. كادىرلار مەركىزىي گۇرۇپپىنىڭ ئۆگىنىشىگە تولۇق قاتنىشىش ۋە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بولغان تونۇشنى ئايدېڭلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى ياخشى كونترول قىلىشى لازىم.
15. ئىستىل قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ئەستايدىل ئەمەلىيلەشتۇرۇپ، دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئامما بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەت باغلاپ، بيوروكراتلىق، ئالدىراقسانلىق، قوپاللىقتىن، مەنمەنچىلىكتىن ۋە گۇرۇھۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن جان دىلى بىلەن خىزمەت قىلىشنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشى كېرەك.
16. رەھبىرى كادىرلار ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ مەسئۇلىيەتنامىدىكى تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۇرۇش ئەھۋالى، يىللىق سىناپ تەكشۇرۇش، ئاممىنىڭ رايىنى سىناش ۋە كادىرلارنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا بىرلەشتۇرۇپ تەكشۇرلىدۇ ھەمدە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ قەرەلسىز تەكشۇرۇلىدۇ.


پارتىيىنى نىشانلىق باشقۇرۇش تۈزۈمى
1. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى، جايلىشىشى (تارقىلىش ۋە يۆتكىلىش) ئەھۋالىغا ئاساسەن پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش؛
2. پارتىيە ئەزالىرىغا قارىتا تەبىيلەش، تەكشۇرۇش ۋە باھالاش ئېلىپ بېرىش؛
3. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى تەرتىپكە سېلىش؛
4. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىنى مۇكاپاتلاپ، پارتىيە ئىچىدىكى چىرىك ئۇنسۇرلارنى تازىلاش، لاياقەتسىز پارتىيە ئەزالىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش؛
پارتىيە قۇرۇلۇشىنى نىشانلىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرىدىغان پىرىنسىپلار:
① پارتىيىنى قاتتىق باشقۇرۇش پىرىنسىپى
② ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش پىرىنسىپى
③ تۈزۈمنى قېلىپلاشتۇرۇش پىرىنسىپى
④ تەشكىلىي باشقۇرۇش بىلەن ئىدىيۋى تەربىيىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۇرۇش پىرىنسىپى
⑤ ۋارسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۇرۇش پىرىنسىپى



baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش