كۆرۈش: 171|ئىنكاس: 0

ئوقۇتقۇچىلار يېڭىچە ئوقۇتۇش ماھارىتىگە ئىگە بولۇش كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوقۇتقۇچىلار يېڭىچە ئوقۇتۇش ماھارىتىگە ئىگە بولۇش كېرەك
نۆۋەتتە، مائارىپ ئىسلاھتىنىڭ چۇڭقۇرلىششى ۋە تەرەققى قىلىشى ئەگىشىپ، ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ كەسپى بىلىم ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي،بەلكى بىر يۈرۈش يېڭىچە ئوقۇتۇش ماھارىتىگە ئىگە بولشى، بۇ ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئومۇميۈزلۈك«ئۆزگىرىش» ھاسىل قىلىشى تولىمۇ مۇھىم. مانا بۇ يىڭى دەرس ئسلاھاتىنىڭ ۋە «دەرس ئۆلچىىمى»نىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا قويغان تەلىپى. بۇ جەھەتتە نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار قىممەتلىك تەجىربىلەرنى توپلىدى ۋە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.مەن يىقىندا مەلۇم بىر سىنىپتا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئوچۇق دەرىسنى ئاڭلىدىم. دەرىستە ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشش جەھەتتىكى باھارلىق ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ ئالدىن تەييارلىۋالغان دەرس لاھىيىسى بويىچە دەرىسنى ناھايىتى ياخشى ئۆتكەچكە، مەن دەرس ۋاقتىنىڭ قانداق توشۇپ كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن.دەرس ئائوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن:«دەرسىمىز مۇشۇيەردە تۇگىدى. دەرسكە قارىتا قانداق تەكلىپىڭلار بار؟» دەپ سورىدى. بۇ چاغدا خىى كۆپ ئوقۇغۇچى ئارقا-ئارقىدىن قول كۆتۈرۈپ:«مۇئەللىم سىز بۈگۈن ئۆتكەن دەرىسنى بىز ناھايىتى ياخشى چۈشەندۇق.دەرىسنى بۇنىڭدىن كېيىنىمۇ مۇشۇنداق ئۆتۈپ بەرسىڭىز!»دىگەن تەكلىپنى بەردى. دىمەك بۇ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېچە ئوقۇتۇش ماھارىتىگە ئىگە بولۇشىنى ئارزۇ قىلدىغانىقىنى چۈشەندۈردۇ. ئۇنداقتا ئۇقۇتقۇچىلار يېڭچە ئوقۇتۇش ماھارىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن زادى قانداق قىلش كېرەك بۇنىڭ ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلار ئالدى بىلەن ئۆزى بېرۋاتقان دەرىسنىڭ «دەرس ئۆلچىمى» ۋە ئاساس مائارىپ دەرس ئىسلاھاتى پىروگىراممىسىنى قايتا-قايتا ئۆگىنىشى، قانداق قىلغاندا شاتلىققا تولغان دەرىسخانا موھىتى ياراتقىلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلش قانۇنىيتىگە ماس ئۈگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغالى بولدىغانىقى ئۈستىدە چۇڭقۇر ئىزدىنىشى، مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى كۆپرەك ئاڭلىشى، ئوقۇتۇش جەريانىنى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئۆز-ئارا سۆزلىشەلەيدىغان، پىكىر ئالماشتۇلايدىغان، ھەمكارلىشالايدىغان جەريانغا ئايلاندۇرشى كېرەك. بالىلار كارتون فىلىم كۆرۈشنى، ئويۇن ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىزنىڭ دەرسىمىزمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كارتون فىلمدەك قىزىقتۇرالىسا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. مەلۇم بىر ئوقۇتقۇچى باھار پەسلىنىڭ ئالاھىدىلگى تەسۋەرلەنگەن بىې پارچە ماقالە يېزىش يىزىش دەرسىنى ئوقۇغۇچىلارنى سىرتتىكى مەنزىرلىك جايغا ئاپىرىپ ئۆتكەن ھەم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تېلكامېرا بىلەن بارلىق مەنزىرلەرنى بىلەن بارلىق مەنزىلەرنى سۈرەتكە ئىلۋالغان. ئىككىنجى كۈنى ماقاماقالە يىزىش دەرسىدە ئوققۇتقۇچى بۇ كۆرنۈشلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا قويۇپ بەرگەن،بۇ چاغدا سىنىپ ئىچى بىردىنلا جانلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى خۇشال ھالدا بۇ كۆرنۈشلەرنى كۆرۇشكە خۇددى كارتون فىلمگە قىزىققاندەكلا قىزىققان.فلىم ئۇلارنى نەق مەيداندىكى مەنزىرلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئەسلىمىسىنى ئويغاتقاچقا، ئوقۇغۇچىلار ماقالىنى ئانچە قىينالمايلا يىزىپ چىققان. يەنە مەلۇم بىر ئوقۇتقۇچى مەزمۇننى چۈۈشىنىش قىيىن بولغان «ئولترائاۋاز ۋە ئىككىلەمچى ئاۋاز» دېگەن دەرىسنى ئۆتۈشتە، دەرس باشلىنىش بىلەنلا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى تەنتەربىيە مەيدانىغا باشلاپ چىقىپ، ئۇلارغا «شەپەرەڭ ۋە پەرۋانە»ئويۇنىنى ئويناتقۇزغان. يەنى 20ئوقۇغۇچىنى چەمبەر شەكىلدە تۇرغۇزۇپ، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كۆزىنى ئېتىپ شەپەرەڭ رولىنى ئېلشنى، 7-8 ئوقۇغۇچىنى پەرۋانە رولىنى ئىلشنى، شەپەرەڭ بولغۇچى «شەپەرەڭ»دەپ تۇۋلىسا،پەرۋانە بولغۇچىلارنىڭ «پەرۋانە»دەپ جاۋاپ قايتۇرشىنى، شەپەرەڭنىڭ پەرۋانىلەرنى تۇتۇشنى ئورۇنلاشتۇرغان.ئوقۇغۇچىلار بۇ ئويۇننى ناھايىتى قىزىقىپ ئوينىغان. ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا بۇ ئويۇن توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىپ: «سىلەر شەپەرەڭنىڭ>شەپەرەڭ< دەپ توۋلىغىنىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، ئۇ چىقارغان ئولترا ئاۋاز دولقۇنى سىلەرگە ئۇرۇلغانلىقتىن دېرەك بىرىدۇ. ئۇ، مۇشۇ سىگنال ئارقىلىق ئەتراپتىكى جىسملارغا ھۆكۈم قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئاۋازى سىلەرگە ئۇرۇلغاندىن كىيىن قايتىپ كېتىدۇ. قايتىپ كەتكەن سىگنال دەل سىلەر توۋلىغان <پەرۋانە> دىگەن ئاۋازدۇر» دېگەن. ئارقىدىنلا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا رادار ۋە ئۇنىڭ خەۋەرلىشش، ھەربى ئىشلاردىكى ئىشلىتىلشىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرگەن. ئوقۇغۇچىلارغا «شەپەرەڭ ۋە پەرۋانە» ئويۇنى ئارقىلىق ئاساس سېلىنغاچقا، ئۇلار بۇ دەرىسنىڭ مەزمۇنىنى ناھايىتى تېزلا چۈشىنىۋالغان . يۇقىرىقى ئىككى ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جەھەتتە ئىزدىنىپ دەرسخانىنى «ئېچىۋىتىپ»، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئورتاق ھەمكالرىشىپ ئۆگىنىش جەريانىنى شەكىللەندۈرەلىگەن، ئوقۇتۇشتىكى ئەنئەنىۋى دەرس ئۆتۈش ئۇۇلىنى بۇزۇپ تاشلاپ «دەرس ئۆلچىمى» نىڭ «دەرسلىكنى جانلىق ئىشلىتىش» دېگەن روھىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرگەن. ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا نىسبەتەن تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، ئىجادچانلىق بىلەن ئوقۇتۇش لايىھىسى تۈزگەن، ئوقۇغۇچىلارنى ئويۇن ئىچىگە، پائالىيەت ئىچىگە باشلاپ كىرەلىگەن، ئوقۇتۇش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشكەن. بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇشتا قوللانغان ئۇسۇللىرى يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئوقۇتۇش ئۇسلىدا «ئۆزگىرىش» ھاسىل قىلىشنىڭ ئۆرنەكلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ دېگەنلىك بارلىق دەرسنى سىرتتا ئۆتۈش لازىم دېگەنلىك ئەمەس، دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش ۋاستلىرىدىن يۇقىرىقى مىساللاردىكىگە ئوخشاش جانلىق پايدىلىنىش لازىم. «دەرس ئۆلچىمى» دىمۇ: «ئوقۇتقۇچىلار ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، بىلىمنى يېڭىلاپ، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى لازىم. دەرسلىكنى ئىجادىي ئىگىلەپ ۋە قوللىنىپ، دەرس بايلىقىنى پائال تۈردە ئېچىپ، تۈرلۈك ئوقۇتۇش تەدبىرلىرىنى جانلىق قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۆگىنىشنى ئۆگىنىۋىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دېمەك، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېڭىچە ئوقۇتۇش ماھارىتى – بىلىملەرنى ئوقۇغۇچىلارغا قانداق يەتكۈزگەندە ئەڭ كۆڭۈللۈك، ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقى ئۈستىدە قايتا – قايتا ئىزدىنىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاشقا ماھىر بولۇشى، نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈشى، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى كۆپرەك ئاڭلىشى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى ۋە تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەتكۈنلىشى ئاساسىدا بارلىققا كىلىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىدە يېڭىچە ئوقۇتۇش قارىشىنى تىكلىشى ۋە دەرس بايلىقلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشى كېرەك. يەنە شۇنىڭدەك ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى ئويۇن ئىچىدە ئۆگىنىشتەك ئازادە ئوقۇتۇش مۇھىتىغا ئېلىپ كىرىش، ھېكايە ئېيىتىش، دەرس مەزمۇنىغا ماس ھەر خىل كۆرسەتمەۋە رەسىملەرنى كۆرسىتىش ھەمدە كومپيۇتېردا ئىشلەنگەن دەرس دېتالى، كىنو ياكى كارتون فىلىمگە ئوخشاش ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغايدىغان، ئوبرازلىق، كۆپ مەنبەلىك، كۆپ خىل ۋاستلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ھەقىقىي يېڭى «ئۆزگىرىش» ھاسىل قىلىشى لازىم.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش