كۆرۈش: 147|ئىنكاس: 0

تاپشۇرۇقنى مۇنداق ئىشلەڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تاپشۇرۇقنى  مۇنداق  ئىشلەڭ
________________________________________
مەكتەپتە بىر كۈن جاپالىق ئوقۇپ، ئۆيدە يەنە تاپشۇرۇق ئىشلەشنى ئويلىسا، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېشى قاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز پەقەت تاپشۇرۇق ئىشلەش ئادىىتىنى ياخشى يېتىلدۈرسەك ۋە تاپشۇرۇق ئىشلەشنىڭ ئاسان، ئەپچىل ئۇسۇللىرىنى  ئىگلىۋالساقلا ئۇنىڭدىن خوشاللىققا ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن.
تاپشۇرۇقنى مۇستەقىل ئىشلەڭ.
ئالدى بىلەن تاپشۇرۇقنى مۇستەقىل ئىشلەش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ. مەسىلىنى مۇستەقىل ھەل قىلىش ئىشەنچىڭىزنى تىكلەڭ ھەمدە ئۆگەنگەن بىلىمىڭىزدىن پايدىلىنىپ تاپشۇرۇقنى مۇستەقىل ئىشلىيەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ. بۇ تاپشۇرۇقنى مۇستەقىل ئىشلەشتىكى پىسخىكىلىق ئاساستۇر.
تاپشۇرۇق ئىشلەشتىكى مەقسەت ئۆگەنگەن بىلىمنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە پىششىقلاش. تاپشۇرۇقنى مۇستەقىل ئىشلىگەندىلا،  كىتابتىكى بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرگىلى بولىدۇ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىڭىزمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ.
ئالدى بىلەن ئۆتۈلگەن دەرسنى تەكرارلاپ، ئاندىن تاپشۇرۇق ئىشلەڭ
تاپشۇرۇق ئىشلەش بىر تۈرلۈك يەككە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۆگىنىش پائالىيىتى ئەمەس، ئۇ مەكتەپتىكى باشقا ئۆگىنىش پائالىيىتى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىدۇ. خۇددى ئۆي سالغانغا ئوخشاش ئالدىدىكى ئىش تەرتىپىدە مەسىلە كۆرۈلسە كەينىدىكى ئىش تەرتىپى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
ئەگەر ۋاقتىدا تەكرار قىلماي، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئالدىراپ-تىنەپ تاپشۇرۇق ئىشلىسەك ، دەرسخانىدا سۆزلەنگەن بىلىملەرنى كاللىمىزدا چوڭقۇر ۋە سېستىمىلىق چۈشىنىشىمىز ۋە ئەستە ساقلىشىمىز كەمچىل بولىدۇ-،دە تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە قېينىلىمىز. بۇ زېھنىمىز ۋە،ۋاقتىمىزنى خورىتىدۇ. بىز بەزى ساۋاقداشلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە بىر دەم كىتاب ۋاراقلاپ، بىردەم فورمۇلا ئىزدەپ، ئۈلگىلىك مىسالنى كۆرىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىردەم باشقىلاردىن سوراپ ئىشلىسىمۇ، نەتىجىدە يەنە نۇرغۇن خاتالىقلارنىڭ كۆرۈلىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلار تاپشۇرۇق ئىشلەشتىن بۇرۇنقى تەييارلىقنى ياخشى قىلمىغان.
تاپشۇرۇقنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل چۇشىنىش ئادىتىنى يېتىلدۇرۇڭ تاپشۇرۇقتا ھەل قىلماقچى بولغان مەسلىنىڭ تەلىپىنى تەپسىلىي ئىگىلەڭ. بىرىنچىدىن، سوئالدا قانداق مەسلىنى ھەل قىلىش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئەستايىدىل چۈشىنىڭ. شۇندىلا سورالغان سوئالغا توغرا جاۋاب بەرگىلى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، سوئالدا بېرىلگەن شەرتلەرنى ئېنىق چۈشىنىڭ. بولۇپمۇ بىر قىسىم ئۇنىۋېرسال سوئاللادا بېرىلگەن شەرتلەرنى تېخىمۇ ئەستايىدىل تەھلىل قىلىڭ. سوئالنى چۈشىنىش سوئال ئىشلەشتىكى ئەڭ مۇھىم  ھالقا. ئاۋۋال مەسلە-مىساللارنى يېشىشكە كېرەكلىك ماتېرىيالنى تولۇق تەييارلىۋالساق، سوئالنى ئوڭايلا يېشەلەيمىز.
ئەستايىدىل تەكشۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۇرۇڭ
بەزى ساۋاقداشلار تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن،ئىشلىگىنىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىغا ئىشەنچ قىلالمايدۇ-،دە ھەمىشە ئۆگىنىشتە بىر قەدەر ياخشى ساۋاقداشلار بىلەن جاۋابنى سېلىشتۇرۇپ باقىدۇ. ھەتتا باشقىلارغا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ ئەسلىدىلا توغرا ئىشلىگىنىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.  يەنە بەزى ساۋاقداشلار توغرا-خاتاغا ھۆكۈم قىلىش مۇئەللىمنىڭ ئىشى دەپ قاراپ، مەسئوليەتسىزلىك قىلىدۇ. بۇ مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۆگىنىشكە بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشقا پايدىسىز.
كونكېرىت پەن ۋە سوئالغا ئاساسەن ئوخشاش بولىمىغان تەكشۈرۈش ئۇسۇلنى قوللىنىڭ
ئاددىي سوئاللارنى يەشكەندە، ئەگەر ۋاقىت يار بەرسە يەنە بىر قېتىم ئىشلەڭ. بىر قىسىم ئۇنىۋېرسال سوئاللارنى ئىشلىگەندە سوئالنى چۈشىنىپ، بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ، خاتالىقنى بايقىغان ھامان دەرھال تۈزىتىڭ.
تاپشۇرۇق تەكشۇرۇشنى دائىملىق ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ، بۇ مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىڭىزنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۆگىنىش ئىشەنچىڭىزنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشىڭىزگە پايدىلىق

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش