كۆرۈش: 141|ئىنكاس: 0

كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90يىللىقىنى تەبرىكلەش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز
بۈگۈن بىز بۇ يەردە داغدۇغىلىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىللە، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، يۈكسىلىش يولىدىكى ئۇلۇغ مۇساپىسىنى ئەسلەپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، گۈللىنىش يولىدىكى پارلاق ئىستىقبالىغا نەزەر تاشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتىمىز.
90 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانىدى. بۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ۋەقە. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگو خەلقى مىللىي مۇستەقىللىقنى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلغان پارلاق يولغا قەدەم بېسىپ، دۆلەتنى بېيىتىپ قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى باياشات قىلىش ئۇلۇغۋار سەپىرىنى باشلىۋەتتى.
90 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھاتنىڭ زور غەلىبىلىرىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، ھاياتىي كۈچكە تولغان سوتسىيالىستىك جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈردى، 1مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش يولىغا ماڭماقتا.
جۇڭگۇ تارخىنى ئەسلەيدىغان بولساق جۇڭگونىڭ 1840 –يىلىدىكى ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن بۇيانقى 170 نەچچە يىللىق تارىخىنى يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز ئازاب – ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، ئۇلۇغ مىللىتىمىز ئىنتايىن تەسىرلىك كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارغان، ئۇلۇغ خەلقىمىز تارىخ سەھىپىسىدە يالتىراپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ ئىشلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن تارىخ بولدى.
ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، جۇڭگو پەيدىنپەي يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئايلاندى، كۈچلۈك دۆلەتلەر جۇڭگوغا قەدەممۇقەدەم قىستاپ تاجاۋۇز قىلدى، فېئودال ھۆكۈمرانلىق كۈندىن – كۈنگە چىرىكلەشتى، ۋەتىنىمىزنىڭ تاغ – دەريالىرىغا چاك كەتتى، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى بېسىقمىدى، خەلق ئاچ –يالىڭاچلىقتا، ئاسارەتتە قالدى. ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت مىللىي بۇرچنى ئادا قىلىش قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالدى. مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنى بېيىتىپ قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى باياشات قىلىش جۇڭگو خەلقى ئورۇنداش زۆرۈر بولغان تارىخىي ۋەزىپە بولۇپ قالدى.
جۇدۇن –چاپقۇنلۇق ئاشۇ زۇلمەتلىك يىللاردا، جۇڭگو خەلقى ۋە سانسىزلىغان زەكىي زاتلار جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش يولىدا مىڭبىر جاپا – مۇشەققەتتە ئىزدەندى ۋە ئېگىلمەي – سۇنماي كۈرەش قىلدى. تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتى، ۋۇشۈينىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى ۋە يىخېتۇەن ھەرىكىتىدە، باش ئەگمەس جۇڭگو خەلقى كەينى – كەينىدىن كۈرەش قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسىدە مەغلۇپ بولدى. جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان سۇن جۇڭشەن رەھبەرلىكىدىكىشىنخەي ئىنقىلابى جۇڭگودا نەچچە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرگەن پادىشاھلىق مۇستەبىت تۈزۈمگەخاتىمە بەردى، لېكىن جۇڭگونىڭ يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق ئىجتىمائىي خاراكتېرىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى بۇ ئىنقىلابمۇ ئۆزگەرتەلمىدى.
ئەمەلىيەت شۇنى چۈشەندۈردىكى، فېئودالىزمنىڭ ئۇلىغا چېقىلمىغان ئۆزىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتى ۋە ئىسلاھاتچىلىق، كونىچە دېھقانلار ئۇرۇشى، بۇرژۇئا ئىنقىلابچىلىرى رەھبەرلىك قىلغان ئىنقىلابلارمۇ، غەرب كاپىتالىزمىنىڭ خىلمۇخىل باشقا لايىھەلىرىنى شۇ پېتى قوللانغاندىمۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇپ قېلىشتىن ئىبارەت مىللىي بۇرچنى ۋە جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇندىغىلى بولمايتتى. جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۈكسەلدۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇش ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىلغار نەزەرىيەنى تېپىش، جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان ئىلغار ئىجتىمائىي كۈچنى تېپىش شەرت ئىدى.
1921 –يىلى ماركسىزم – لېنىنىزمنى جۇڭگونىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەنبىرلەشتۈرۈش جەريانىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەزىيەت تەقەززاسى بىلەن دۇنياغا كەلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامان تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتەننىمۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشى داۋامىدا قەيسىرانە ئىزدەنگەنلىكىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگو ئىنقىلابى توغرا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ئىگە بولدى، جۇڭگو خەلقى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچكە ئىگە بولدى، جۇڭگونىڭ تەقدىرىدە پارلاق تەرەققىيات ئىستىقبالى بارلىققا كەلدى.
90 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز قەدىمىي جۇڭگو زېمىنىدا خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ،ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا يەر –جاھاننى زىلزىلىگە سالغان ئىنتايىن تەسىرلىك، سەلتەنەتلىك داستانلارنى يازدى، بۇ مۇنداق ئۈچ چوڭ ئىشنى ئورۇنداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ.
بىرىنچى چوڭ ئىش، پارتىيەمىز خەلققە چىڭ تايىنىپ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنى ئورۇنداپ، مىللىي مۇستەقىللىقنى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. شىمالغا يۈرۈش ئۇرۇشى، يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە ئازادلىق ئۇرۇشىدا، پارتىيەمىز ۋە خەلقىمىز 28 يىل قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى يېڭىپ، گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن، خەلق دۆلەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ۋە ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى، جۇڭگودا نەچچە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرگەن فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمدىن خەلق دېموكراتىيەسى تۈزۈمىگە ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ ھالقىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، جۇڭگونىڭ يۈكسەك بىرلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ مىسلىسىز ئىتتىپاقلىقى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، كونا جۇڭگونىڭ يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەت تارىخىغا تەلتۆكۈس خاتىمە بېرىلدى، كونا جۇڭگونىڭ قۇمدەك چېچىلاڭغۇ ھالىتى ئۈزۈل – كېسىل ئاخىرلاشتۇرۇلدى، كۈچلۈك دۆلەتلەر جۇڭگوغا زورلاپ تاڭغان تەڭسىز شەرتنامىلەر ۋە جاھانگىرلىكنىڭ جۇڭگودىكى بارلىق ئىمتىيازلىرى تەلتۆكۈس بىكار قىلىندى. جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇردى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يېڭى تارىخىي دەۋر باشلاندى.
ئىككىنچى چوڭ ئىش، پارتىيەمىز خەلققە چىڭ تايىنىپ سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنى ئورۇنداپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورناتتى. بىز يېڭى دېموكراتىزمدىن سوتسىيالىزمغا ئۆتۈشنى ئىجادىي ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئاھالىسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان چوڭ شەرق دۆلىتىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئېلىپ كىرىپ،جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. بىزمۇستەقىل، بىرقەدەر مۇكەممەل سانائەت سىستېمىسى ۋە خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگودەك مۇشۇنداق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيەسى ئىنتايىن قالاق چوڭ شەرق دۆلىتىدە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشتىكى مۇھىم تەجرىبىلەرنى جۇغلىدۇق.
ئۈچىنچى چوڭ ئىش، پارتىيەمىز خەلققە چىڭ تايىنىپ، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلابنى ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلدى،داۋاملاشتۇردى ۋە راۋاجلاندۇردى. پارتىيە11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، بىز ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتىكى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقئارادىكى تەجرىبىلەرنىمۇ ئۆرنەك قىلىپ، زور سىياسىيجاسارەت، نەزەرىيەۋى جاسارەت ۋە ئەمەلىيەت جاسارىتى بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، جاپالىق ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق، پارتىيەمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي پىروگراممىسى ۋە ئاساسىي تەجرىبىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشىكنى سىرتقا ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.
بۇ ئۈچ چوڭ ئىش جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى، بۇنىڭ بىلەن يېقىنقى زاماندىن كېيىنكى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئەنسىزلىك ۋە تاشقى تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچراش ھەم نامرات، ھەم ئاجىز بولۇشتەك ئېچىنىشلىق تەقدىرىگە ئەكسىگە قايتمايدىغان دەرىجىدە خاتىمە بېرىلدى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ زورىيىپ بارىدىغان، ئۇلۇغ گۈللىنىشكە ئاتلىنىدىغان تارىخىي سەپىرى ئەكسىگە قايتمايدىغان دەرىجىدە باشلاندى، 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە جۇڭگونىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈس ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن پارلاق مەنزىل نامايان بولدى.
90 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو جەمئىيىتىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش، جۇڭگو خەلقىنىڭ تەقدىرىدە بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە دەرىجىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى جەھەتتە، ئۇنىڭ سىياسىي تەسىرى ۋە ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى جەھەتتە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئىنتايىن كەم ئۇچرايدۇ.
ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يېقىنقى زاماندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار مۇساپىسىدە، تارىخ ۋە خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىدى، ماركسىزمنى تاللىدى، سوتسىيالىزم يولىنى تاللىدى، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنى تاللىدى.
ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا ماركسىزملىق پارتىيە بولۇشقا مۇناسىپ، جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدىغان يادرولۇق كۈچ بولۇشقا مۇناسىپ.
يولداشلار، دوستلار!
90 يىلدىن بۇيان،بىز قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلق بىلەن بىرلىكتە قەيسىرانە ئېلىشىپ،توختىماي كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. پارتىيەمىزنىڭ يولداش ماۋ زېدۇڭ يادرولۇقىدىكى بىرىنچى ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغغەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورناتتى، بۇنىڭ بىلەن ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ بارلىق تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈپ سىياسىي شەرت ھازىرلاندى ۋە تۈزۈم ئاساسى سېلىندى. پارتىيەمىزنىڭ يولداش دېڭ شياۋپىڭ يادرولۇقىدىكى ئىككىنچى ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىنى باشلىدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ دەۋر سىگنالىنى ياڭرىتىپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەزگىلىنى باشلىدى. پارتىيەمىزنىڭ يولداش جياڭ زېمىن يادرولۇقىدىكى ئۈچىنچى ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش كېمىسىنى توغرا يولنى بويلاپ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 21 – ئەسىرگە ئېلىپ كىردى.پارتىيەنىڭ 16 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكەۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئەمەلىيىتىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەتتى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، بىز جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرى ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى، مۇستەھكەملىنىشى ۋە راۋاجلىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ماۋ زېدۇڭ، جۇ ئېنلەي، ليۇ شاۋچى، جۇ دې، دېڭ شياۋپىڭ، چېن يۈن قاتارلىق پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز، يېڭى جۇڭگونى بەرپا قىلىش، قوغداش ۋە قۇرۇش يولىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز، يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن قەيسىرانە كۈرەش قىلغان بارلىق پېشىۋالارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز. ئۇلارنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئۇلۇغ تۆھپىسى تارىخ سەھىپىسىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالىدۇ!
مەن بۇ يەردە،جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلارغا، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە– گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، ھەر ساھەدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلارغا، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە، قوراللىق ساقچى قىسىمىغا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن! شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا، ئاۋمېنئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا ۋە تەيۋەندىكى قېرىنداشلار شۇنىڭدەك كەڭ مۇھاجىر قېرىنداشلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن! جۇڭگو خەلقى بىلەن دوستانە ئۆتۈۋاتقان، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە ئۇنىقوللاۋاتقان ھەرقايسى ئەللەر خەلقىگە ۋەدوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!
يولداشلار، دوستلار!
90 يىل كۈرەش قىلىش، ئىجاد قىلىش، جۇغلاش ئارقىلىق قولغا كەلگەن مۇۋەپپەقىيەت شۇكى∶ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئېچىلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى شەكىللەندى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئورنىتىلدى. ئۇنى پارتىيەمىز ۋە خەلقىمىز ھەسسىلەپ قەدىرلىشى، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشى، ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشى شەرت.
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، شۇنداقلا خەلققەگۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ بېرىشنىڭ مۇقەررەر يولى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى دېگىنىمىز،جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۆلەتنىڭ تۈپ ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتاچىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات– ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، باي،قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.


90 نەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز ئاممىۋى لۇشيەننى پارتىيەنىڭ جان تومۇرى، دەپ بىلىپ قەتئىي داۋاملاشتۇرغانلىقى ۋە ئىزچىللاشتۇرغانلىقى ئۈچۈنلا، خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تەرەققىيات يولىدىكى قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ – خەتەرلەرنى يېڭىپ، ئالەمشۇمۇل ‹‹جۇڭگو مۆجىزىلىرى››نى يارىتالىدى. مەيلى ئىنقىلاب يىللىرىدىكى ‹‹ئىشچى – دېھقانلارنى سەپەرۋەر قىلىش››، ‹‹ھەقىقىي مۇستەھكەم قورغان بەرپا قىلىش››تا بولسۇن ۋە ياكى ئىسلاھات مەزگىلىدە خەلقنىڭ ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولىدا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتا بولسۇن، ئاممىۋى لۇشيەن پارتىيەمىز چىڭ تۇتىدىغان ھەم تولۇق پايدىلىنىدىغان مۇھىم ئەڭگۈشتەر، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ باشتىن – ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىدىكى مۇھىم رېتسېپ بولۇپ كەلدى.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش